قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 3595 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: < < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17636
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2130
شۆھرەت: 2077 نۇمۇر
پۇل: 6905 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 < < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما manggutax تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-02-18)
        ( بۇ ئەسىرىمنى  ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ سۆيىملىك ئوغلى ، ئىستىدات ئىگىسى ، داڭلىق شائىر ،  يازغۇچى ۋە دۇسستىمىز مەرھۇم باتۇر رۇزىنىڭ قىسقا ئەمما شەرەپلىك  ھاياتىغا بېغىشلايمەن !  ) 
     
        ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ( ئەر تۇران )
  تالانىتلىق ياش شائىر ۋە يازغۇچى باتۇر روزىنىڭ << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانى ( 1- قىسمى ) نەشىردىن چىققىلى ئازغىنە كەم ئىككى يىل بولۇپ قالدى . بىزدە بۇئەسەرنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپ بولدى ، ئەمما بۇ ھەقتە لىللا  تۆت ئېغىز گەپ قىلىپ ماقالە يازىدىغانلار ئاساسەن يوق بولدى . دەرۋەقە ، ئەدەبىيات ھادىسلىرىگە نىسبەتەن ئوبۇكتىپ باھا بېرىشنى ئۆزىگە مىزان قىلغان تەنقىدچىمىز كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ روماننى << 20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يۈز مەشھۇر ئەسەر تىزىملىكى >> دە 9- رەتكە تىزغىنى ، رومان ھەققىدە ئۆتكىزىلگەن تېلىۋىزىيە مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاتاقلىق مۇھاكىمىچى ئەدىپ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ  مەزكۈر ئەسەرنىڭ پەلىسەپەۋىي مۇۋاپپىقىيىتىنى ئالدىنقى ئوتۇنغا قۇيۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ لىلا تۆت ئېغىز گەپ قىلغىنى ، داڭلىق ياش يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇئەسەر ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ قۇرقۇمسىز روھىنىڭ يېڭىۋاشتىن تارىخ سەھنىسىگە چىققىنىغا خۇش بۇلغۇنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، بۇ يىرىك نادىر ئەسەر ھەققىدە ئوبزۇرچىللىرىمىز ئاساسەن ھېچنىمە دىمەي ئۆتىپ كەتتى . ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىمىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئۇتۇق  ۋە يېتەرسىزلىكلەر سەزگۈرلىك بىلەن بايقاشنىڭ ھۆددىسىدىن ئۇدا چىقالماي كېلىۋاتقىنى بىر ئاچچىق پاكىت . بىرئاق ، ئىلگىركىگە قارىغاندا خېلىلا جانلىنىۋاتقان ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىمىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىدەك كۈچلىك ئىزلىنىش روھى بىلەن تويۇنغان ۋە كىتاپخانىللىرىمىزنىڭ سۆيىپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان بىر نادىر ئەسەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلماسلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ھادىسە .
  << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانى ھەققىدە مەيلى بەددىيلىك ، مەيلى پەلىسەپەۋىيلىك ، مەيلى ئۆزىدە ئىلەىرى سۈرىلگەن ئىتىكىلىق غايە نۇقتىسىدىن كۈزەتكەندە بولمىسۇن ، قۇۋزىمىزنى توشتۇرۇپ تۇرۇپ بىزدە خېلىدىن بېرى يېزىلىۋاتقان رومانلارنىڭ ئالدىدا ياكى قاتارىدا تۇرۇدۇ ، دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز . چۈنكى ئىلگىرىكى تارىخىي رومانلىرىمىزدا رومان قەھرىمانلىرى روھىدا پەقەت ھىسسىيات بىرلەمچە ئۇرۇندا بۇلۇپلا چىقاتتى ، ئۇلار بىرخىل قاراملىق بىلەنلا ھەممىنى قۇلغا كەلتۈرگىلى بولۇدۇ  ، دەپ قارايتتى . ئۇلار قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئۆزىگە ئەمەس ، باشقىلارنىڭ سايىسىگە ئايلىنىپ قالاتتى . ، يەنى ئۆزىگە خاس مۇستەقىل تەپەككۇر ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزەلمەيتتى ؛ ئۆز تەقتىرى ھەققىدە مۇستەقىل ھۆكىم چىقىرالمايتتى ؛ ئۇلار روماندا باشتىن - ئاخىر تامامەن روھىي  جەھەتتىن تامامەن مۇنقەرىز  قىلىنغان ھالەتتە ھەرىكەت قىلاتتى . كىتاپخانلىرىمىزنىڭ سۆيىپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان  ئىلگىرىكى تارىخىي رومانلىرىمىزدا بىزگە  تولۇق ئۆزلىك ئېڭى ئويغانغان مۇكەممەل پېرسۇناج ئوبرازلىرى كەم ئۇچىرىدى . بىرقىسىم تارىخىي رومانلىرىمىز  ھەقىقەتەن  خەلىقىمىزنى  بىرمەھەل ئىپتىخارلىق ھىسىياتىغا  چۆمۈلدۈردى  . ئۇلارنى ئالدى بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرىمىز . بىراق ، سېلىشتۇرمىغىچە پەرىقىنى تاپقىلى ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى بايقىغىلى بولمايدۇ . بۇدۇنيادا خەلىقىمىز قانچىلە ئالقىشلىغىنى بىلەن ، بىرقىسىم تارىخىي ئەسەرلەرنى كەم - كۈتسىز ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسەرلەر دەپ كەتكىلى بۇلمايدۇ . ئەگەر مەسىلىگە مۇشۇنداقلا قارالسا ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدىن ئېغىز ئېچىشمۇ مۈمكىن بولماي قالىدۇ . چۈنكى ئالدىنقىلار ياراتقان ئەدەبىي ئەسەرلەر كالتە پەملىك بىلەن تۇلۇق ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسەرلەر  دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىۋېتىلسە ، ئاتلاپ ئۆتىشكە تېگىشلىك بىر - بىرىدىن ئېگىز داۋانلار  داۋانلار ساقلاپ تۇرغان ئەدەبىياتىمىزنىڭ كېيىنكى مەنزىلى خىرەلىشىپ قالىدۇ - دە ، كېيىنكى ئەدىپلەرگە ئەدەبىياتىمىزدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك ھېچقانداق نەرسە قالمىغان بولۇپ چىقىدۇ . بىراق ، ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس . خەلىقىمىز شاھانە ئەسەرلەر  دەپ تونۇۋاتقان  بىرقىسىم تارىخىي ئەسەرلەردە ، ئاقىلانە تەپەككۇر قىلىشقا تولۇق يۈزلەنگەن ، ئۆزلىك ئېڭى تۇلۇق ئويغانغان ، ھىچ بۇلمىدى دىگەندىمۇ << مەمەت ئاۋاق >> قا پەنجە ئۇرالايدىغان يىرىك بەددئىي تىپلارنىڭ  بولماسلىقى ھەقىقەتەن بىر پاجئە . بۇ ئەسەرلەردە خەلىقىمىزگە چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ، مۇستەقىل مىللىي تەپەككۇر ئەنئەنىسى بىلەن جانلىنىپ تۇرغان يەنە بىر يۇشۇرۇن قاتلام پاجەلىك تۈردە كۆمۈپ تاشلانغان . ئىلگىرى يېزىلغان تارىخىي رومانلىرىمىز كۆپىرەك مۇھىم تارىخىي تېمىلارنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن خەلىقىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى . ئاپتۇرلارمۇ تارىخنىڭ يۈزەكىي قاتلاملىرىدىكى ھادىسەۋىي دولقۇنلارغا سادىقلىق بىلەن ئەگەشتى . بىراق باتۇر روزى ئۇنداق قىلمىدى . روماندا ئادىل ھۇشۇر ۋە ئۇنىڭ دارۋاز ئەجداتلىرى ھاياتى باتۇر روزىنىڭ قەلىمىگە خاس بۇلغان بىر خىل ئىجادىي ئۆزگىچىلىك بىلەن بىز پۈتۈنلەي كۈتمىگەن بىر نۇقتىدىن ، باشقىچە بىر تەرىزدە ئاجايىپ جانلىق يارىتىپ بېرىلدى . باتۇر روزى تارىخنىڭ يۈزەكىي قاتلاملىرىنى سادىقلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرىپ بېرىشتىن ئىبارەت پاسسىپ ئىجادىيەت مىتۇدىنى دادىللىق بىلەن چۆرىپ تاشلىغان ھالدا تارىخنىڭ ماھىيەتلىك قاتلاملىرىغا شۇڭغۇپ كىرىپ ، ئۆزگىچە بىرخىل بەددىي تارىخنى ياراتتى . چۈنكى ، بۇئەسەردە باتۇر روزى ئادىل ھۇشۇر ۋە ئۇنىڭ دارۋاز ئەجداتلىرى ھاياتىغىلا  تايىنىپ قالماي ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى چوڭقۇر ئويلۇنۇشلىرىنى ، ئۇيغۇر پەلىسەپەسى ھەققىدىكى جانلىق مۇھاكىمىللىرىنى پېرسۇناجلار ئوبىرازىغا ئىجابىي  تەدبىقلاپ ماڭالىغاچقا ، ئەسەردە ئادىل ھۇشۇر ۋە ئۇنىڭ دارۋاز ئەجداتلىرى ئوبىرازى ئۇيغۇرلاردىكى بارلىق ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ، ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ ئانا تىپىنى ۋە يىگانە ئەۋزەللىكىنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرەلىگەن ، تىپىك ئۇيغۇرچە تەپەككۇر بىلەن قۇراللانغانلىقى بىلەن ھەقىقىي مىللىي تىپ دەرجىسىگە كۆتىرىلگەن يارقىن ۋە جانلىق بەددىي ئوبىرازلارغا ئايلىنىپ توختىدى . بىز ئەدەبىي تەنقىتچىلىكتە خەلىقنىڭ دىققەت ئىتىۋارىنى قۇزغايدىغان قىززىق نۇقتا تېمىللىرىغا ئۆلىك ھالدا تايىنىپ قېلىش بىلەن ئۇنىڭدىن ئىجادىي پايدىلىنىش ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي تالانىت تەلەپ قىلىدىغان نازۇك پەرىقنى سەگەكلىك بىلەن بايقىشىمىز لازىم . بۇ جەھەتتە باتۇر روزىنى ئەدەبىياتىمىزدا بىر ياخشى ئۈلگە ياراتتى دىمەي تۇرالمايمىز . << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانى رومان تىلىنىڭ خەلىق تىلىغا يېقىنلىقى ، پېرسۇناجلار ئارسىدا قارا تۈرىك خەلىق تىپىنىڭ ئىگىلىگەن سالمىقى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا << ئىز >> ، << مەمتىلى ئەپەندى >> ، << ئانا يۇرۇت >> رومانلىرى ئالدىدا خېلى ئەپچىىل پىستان چاقماي قالمايدۇ . بىراق ، ئۆزلىك ئېڭى ئويغانغان بەددىي تىپلار ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان مىللىي پەلىسەپە روھى بۇ ئەسەرنى ئىلگىرى پىرۇزىمىزدا كەم بۇلغان مۇھىم بوشلۇقلارنى تولدۇرغان بىر نادىر رومانغا ئايلاندۇرۇپ توختۇغان . بىزدە ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن << بىرىنچى تامچە قان >> فىلىمىنى كۆرگەنلەر خېلى جىق . فىلىمدىكى باش قەھرىمان رامبو قىيىنچىلىق ئالدىدا يېڭىلمەس ئىرادىگە ئىگە ، ئۇنىڭ روھىدىن  ھەقىقىي ئىنسانغا خاس ھەممە نىمە تېپىلىدۇ . ئۇنىڭ روھىدا ئىرادە ، تەپەككۇر ، ھىسسىيات ، ئەقىل تەڭ ھەرىكەت قىلىدۇ . ئۇ مۇستەقىل روھقا ئىگە . ئۇنىڭدا كەمچىلىكمۇ بار ، ئارتۇقچىلىقمۇ بار ، نادانلىقمۇ بار ، دۆتلىكمۇ بار ؛ ئۇ ھەم ئىنسانىيەتنى قۇغدۇغۇچى ، ھەم شەخسىيەتچى . مانا بۇ ھەقىقىي ئىنساننىڭ تەبىيىتى . شۇڭا رامبو ئوبىرازىنىڭ تەسىرلەندۈرىش كۈچىگە ھېچنىمە تۇغرا كەلمەيدۇ . ئىنسان مۇكەممەل ئەمەس ، بىزنىڭ بۇرۇن يېزىلغان رومانلىرىمىزدا ئىجابىي پېرسۇناجلارنىڭ ئىجابىي تەرىپى يۈز پىرسەنىتكە ئاپىرىۋېتىلگەن ، سەلبىي پېرسۇناجلارنىڭ سەلبىيلىكىمۇ يۈز پىرسەنىتكە يەتكۈزىلگەن سۈننىي ئىجادىيەت خاھىشى ناھايىتى  ئەدەپ  كەتكەن بۇلۇپ ، بۇ بىزنىڭ بۇرۇنقى پىرۇزا چىلىقىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەردىن بىرى ئىدى . بىراق ، << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىدا بۇنداق خايىشقا ئۈزىل - كېسىل يول قۇيۇلمىغان . روماندىكى روشەن ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە بولغان پېرسۇناجلار ئوبىرازى بۇ ئەسەرنى بەددىي دىت جەھەتتە ئەنئەنىۋىي رومانچىلىقتىن خېلىلا ھالقىتىۋەتكەن . << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىدىكى ئىسمايىل ھاجى ، توختى ، روزىلارنىڭ تۇراخسىز روھىي دۇنياسىدا كۈلكە بىلەن يىغا ، خۇشاللىق بىلەن خاپىلىق ، ئەخلاق بىلەن ئىشىرەت ، ياشاش ئىستىگى بىلەن ئۆلىم ۋەھىمىسى بىر - بىرىگە زىچ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەچكە ، كىتاپخانلارنى باشتىن ئاخىر تىراگىدىيەلىك يېتىلىش باسقۇچىغا سۆرەپ كىرىپ ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي  دۇنياسىدا زىلزىلەلىك يىمىرىلىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ .
          ئاپتور  << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنى باشقا ئاپتۇرلاردىن پەرىقلىق ھالدا ئۆزگىچە بەددىي قۇرۇلمىغا ئىەە قىلغان . ئادىل ھۇشۇرنىڭ داردىن يىقىلىپ چۈشكەن چاغدىكى كېسەللىك روھىي ھالىتى ، شۇ چاغدا كۆرگەن چۈشلىرى ، سۈرگەن خىياللىرى بىزگە روشەن چىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ . مەشھۇر پىسخولۇگ فىروىد : << چۈش-  رىياللىقنىڭ داۋامى >> دىگەن ئىدى . ئەسەردە ئادىلنىڭ كېسەللىك روھىي ھالىتى بىلەن رومان ۋەقەلىكى باشتىن - ئاخىر ئۆز ئارا ئۆتىشمە ھاسىل قىلىدۇ . بۇخىل ئۆتىشمە ھاسىل قىلغان ئۆزگىچە بەددىي قۇرۇلما ئىچىدە ئاپتۇر ئادىل ھۇشۇرنىڭ دارۋاز ئەجداتلىرىنىڭ جاھانكەزدىلەرگە خاس تەۋەككۇلچىلىق بىلەن تولغان ئاجايىپ - غارايىپ سەرگۈزەشىتلىرىنى ئاخبارات چىنلىقى ۋە تارىخىي چىنلىققا ئاساسلانغان ھالدا مۇۋاپىق بەددىي ئىش قۇشۇش يۇلى بىلەن ئىنتايىن تەسىرلىك يۇسۇندا بايان قىلىپ ، كىتاپخانلارنىڭ قەلبىدە زىلزىلەلىك سۆيىنىش پەيدا قىلىدۇ . ئاپتۇر دارۋازلانىڭ سەرگۈزەشىتلىرىنى تەسۋىرلىگەندە ئۇنى قۇرۇقتىن - قۇرۇق بايان قىلىۋەرمەستىن ، بەلكى دارۋازلار ياشىغان ئەينى يىللاردىكى مىللەتلەر ئارا يۈزبەرگەن تارىخىي ۋە مەدەنىي ئالاقىلەر مۇھىتى ئىچىگە قۇيۇپ تەسۋىرلەپ ، كۆپ قۇتۇپلۇق ، كۆپ لىنىيەلىك بەددىي قۇرۇلما ئىچىدە ئۆزگىچە بىر ئىستىتىك دۇنيا يارىتىدۇ .  ئۇيغۇر پەلىسەپەسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ دارۋازلىق سەنىتى ئارقىلىق جۇلالىنىپ تۇرغان يىگانە ئالاھىدىلىكى روماننىڭ دىققەت مەركىزىگە قۇيۇلغان ھالدا پىرسۇناجلارنىڭ خاراكتىر رەڭدارلىقى ، پىسخىك كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلىدۇ . دارۋازلىق سەنىتى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر پۈتۈن ھىكىمەت دۇنياسىنى دەس كۆتىرىپ تۇرغان تەڭشەك پەلىسەپەسى روماندا باشتىن - ئاخىر ئىچكىي رېتىم سۈپىتىدە يۈرەكتەك ئۇرۇپ تۇرۇدۇ . ئادىل ھۇشۇرنىڭ بىۋاسىتە سەرگۈزەشىتلىرى ۋە ئەجداتلىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى ئاساسىدا قانات يايغان ستېرئېولۇق  ئۆتۈشمە ھاسىل قىلغان ئەپچىل قۇترۇلما ئىچىدە تارىخ ۋە بۈگۈن ، ئەسلىمە ۋە رىياللىق ئۆز ئارا بىمالال ئۆتىشىپ تۇرىدۇ . روماندا تارىخىي رومانغا ، بىئوگىرافىك رومانغا ، پەلىسەپەۋىي رومانغا ، ئاخبارات ئەدەبىياتىغا خاس تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلەر بىر - بىرى بىلەن يۇغۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ ، ۋەقەلىكلەر ئادەتتىن تاشقىرى جىددىي ۋە ئۆزگىرىشچان ، تاسادىپىيلىقلارغا باي ۋە ئاجايىپ - غارايىپ . شۇڭا روماننى قۇلغا ئالغان ئادەمنىڭ تاكى ئوقۇپ تۈگەتمىگىچە كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەي قالىدۇ . چۈنكى روماندىكى پېرسۇناجلار ئوبىرازى ناھايىتى جانلىق ، تىرىك ئادەملەرگە بەكمۇ ئوخشىغان ، كارتۇن ئادەملەرگە ئوخشاش ياپىلاق ، تاناپ بىلەن تارتىپ قۇيغاندەك تۈپتۈز  ، سەلبىي ياكى ئىجابىي دەپ ئىككى قۇتۇپقا ئايرېۋېتىلگەن بولماستىن ، بەلكى ساغلام روھىي ھالەت بىلەن كېسەلمەن كەيپىيات ، ئۇتۇق بىلەن يېتەرسىزلىك ، ھىسسىياتچانلىق  بىلەن ئاقىللىق ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن قۇرقۇمسىزلىق بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ھالەتتە . ئىككى ياقىلىمىلىق  خاراكتىرگە ئىگە قىلىنغان ھەقىقىي يۇمۇلاق پېرسۇناجلاردۇر . بولۇپمۇ روزى ئوبىرازىدا بۇ ھالەت باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ روشەن ئەكىس ئېتىدۇ : روزى تۇرۇپلا بىر قىزنى ياخشى كۆرسە ، ئارقىدىنلا ئۇنىڭدىن سوۋۇيدۇ ، سەسكىنىدۇ ؛ ھەتتا نەپىرەتلىك سۆيىشلەردىن . ئۆزىگە تەسەللىي ئىزلەيدۇ ... ئۇ ھىندىستاندا ئېنگىلىز قىزى ۋىۋىيانغا كۆيىپ قالىدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ ئەقىل بىلەن ھىسىيات ئۇتتۇرىسىدا تىتما - تالاڭ بولىدۇ . بىراق روزى سىنگاپورغا كەلگەن چاغدا يەنە ۋىۋىيانغا قېيداپ ، ئۆز مۇھاببىتىگە ئاسىيلىق قىلىپ ، سىنگاپۇرنىڭ پاھىشەخانىللىرىنى بېشىغا كىيىدۇ . ھەتتا سىنفاپۇردىكى پاھىشە ئاياللارغا پۇلدىگەننى ساماندەك خەجلەيدۇ . مانا بۇ روزىنىڭ خاراكتىرىدىكى ئاڭسىز ، ئەسەبىي ھالەت ؛ ھىسسىيات ئەقىلنىڭ گەجەىسىگە مىنىۋالغان مەجنۇنانە ئاق كۆڭىللىك ... دىمەك ، روماندىكى ئادىل ھۇشۇر ئەجداتلىرىنىڭ روھىدا ياخشىلىق ، يامانلىق ، ئاڭلىقلىق ۋە ئاڭسىزلىق ، قۇرقۇمسۇزلۇق ۋە ئىھتىياتچانلىق ، ئەخلاق ۋە ئەخلاقسىزلىق زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن . ئۇلارنى يا سەلبىي يا ئىجابىي دىگىلى  بۇلمايدۇ . ئۇلار گاھىدا << قۇرئان >> ئەقىدىسىنى ئۆزىگە مەنىۋىي  يېتەكچى قىلسا ، تۇرۇپلا بۇ ئەقىدىدىن چەتنەپ بەڭۋاشلىشىپ قالىدۇ . ئۇلار پاھىشە ۋازلىقنىڭ ئۆز ئەقىدىسىگە مۇخالىپ  كېلىدىغانلىقىنى  بىلسىمۇ  ، لېكىن ئۇنىڭدىن تولۇق ۋاز كېچەلمەيدۇ . دىمەك ، ئۇلارنىڭ خاراكتىرىدە كۆپ ھاللاردا ھىسسىيات ۋە ئەسەبىيلىك ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەيدۇ  . دەرۋەقە بۇ بىز ئۇيغۇرلاردا تارىختىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەجەللىك ئىللەت . ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادىل ھۇشۇر ئەجداتلىرى خاراكتىرىدە بۇخىل ئىللەتنىڭ بولماسلىقى مۈمكىن ئەمەس . پىرسۇناجلار خاراكتىرىدە پۈتۈن مىللەتكە ئۇرتاق بۇلغان  ئەجەللىك  ئاجىزلىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ  ، پىرسۇناجلارنى ھەقىقىي تىپ دەرجىسىگە كۆتىرىش ۋە بۇ ئارقىلىق چۇڭقۇر قاتلاملىق تارىخىي چىنلىق سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن مىللىي ئاجىزلىقىمىزنى دەللىڭ يۇرۇتۇپ ، ئۇنىڭغا پەلىسەپەۋىي نۇقتىدىن چىقىش يۇلى  ئىزلەش مەزكۈر روماننىڭ ئاساسىي ئۇتۇقى ھىساپلىنىدۇ . بىز باتۇر روزى ياراتقان روزى ، توختى ، ئىسمايىل ھاجىدەك باش پېرسۇناجلاردىن تارتىپ ، تا قۇشۇمچە پېرسۇناجلارغىچە ھېچقايسىسىنى ئىجابىي ياكى سەلبىي پېرسۇناج دەپ ئايرىيالمايمىز . ( ئەمەلىيەتتىمۇ پېرسۇنەجلار ئىجابىي ياكى سەلبىي دەپ ئايرىلماسلىقى كېرەك . بۇ بىزدە ئەدەبىيات نەزەريەسىنى تۇيۇق يۇلغا باشلاپ قۇيغان ئەخمىقانە قاراش ) . ھەتتا رۇماندا باش پېرسۇناج بىلەن قۇشۇمچە پېرسۇناجلارنى ئايرىۋېلىشمۇ تەس . چۈنكى ، ھەممىسىلا ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە ناھايىتى  مۇھىم بىلىنىدۇ  ؛ شۇنداقلا خاراكتىر جەھەتتىكى جانلىقلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، باش پېرسۇناجلاردىن قېلىشمايدۇ . ئاپتۇر باش پېرسۇناجلار ئۇبىرازىغا قانداق ئەھمىيەت بەرگەن بۇلسا ، قۇشۇمچە پېرسۇناجلار ئوبىرازىغىمۇ شۇنداق ئەھمىيەت بەرگەن . مانا بۇنىڭدىن بىز ئىجادىيەت جەريانىدا گاھ ئاڭلىق ، گاھ ئاڭسىز يۇسۇندا ئەكىس ئەتكەن بىر خىل يۈكسەك دىمۇكىراتىيەنى ھىس قىلالايمىز . شۇڭا ئاپتۇرنىڭ ھەممە پېرسۇناجلىرى دىگۈدەك ئىككى ياقىلىما خاراكتىرگە ئىگە بولۇپ ، پېرسۇناجلار ئوبىرازلىرىنى  يارىتىشتىكى ئۇتۇق نۇقتىسىدىن  ئېيىتقاندا ئۇلار ئوتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرىق ياكى چەك - چېگىرا يۇق .  خاراكتىر ،  تەسۋىر ۋە بايان قىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئىشقا ئاشقان ئىككى ياقىلىمىلىق  بىزدە باشقا ئاپتۇرلاردىن ئاجىرىتىش قىيىن بولغان  ، باتۇر روزىنىڭلا قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان ئۆزگىچە خاسلىق . خاسلىق ئىجادىيەتنىڭ جېنى ئىكەنلىكىنى ئۇيلىغىنىمىزدا ئەدەبىياترىمىزدا بۇنداق خاسلىقنى قانچە راۋاجلاندۇرساق شۇنچە ياخشى . رۇماندا پۈتۈن ۋەقەلىكنى كېسەل كارۋىتىدا ھۇشسىز ياتقان ئادىلنىڭ چۈشى دىسەكمۇ بولىدۇ . ئادىل ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىش  دىسەكمۇ بۇلىدۇ ، ھەتتا ئادىل ھۇشۇر ئەجداتلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىزلدەش جەريانى دىسەكمۇ بۇلىدۇ . روماندا تارىخىي ۋەقەلەر بار دىسەكمۇ بۇلىدۇ ياكى ھازىرقى زامان تۇرمۇشىمىزدا  يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تارىخىي تېما ۋاستىسى ئارقىلىق دارىتمىلاپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان دىسەكمۇ بۇلىدۇ . چۈنكى ، ئادىل ھۇشۇر ۋە  ئۇنىڭ دارۋاز ئەجداتلىرى خاراكتىرىدە ئەكىس ئەتكەن ئەجەللىك ئىللەتلەر ئىجتىمايى روھىي ھالەت سۈپىتىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىدىمۇ ئومۇمىي يۈزلىك مەۋجۇت . بىزدە تارىخنىڭ ئوق تومۇرىدا ئۈزىپ يۈرگەن قاننى ئىجادىيەتنىڭ ئاساسلىق ئىنىرگىيە  مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇپ تاشلىيالايدىغان بۇنداق ئەزىمەت ئەدىپلەر ھەقىقەتەن بارماق بىلەن سانۇغۇدەكلا  .
    (  بۇ ئوبزور  << قومۇل ئەدەبىياتى >> ژۆرنىلىدىن ئېلىندى )

2008-02-18-11:53
تېما تەستىقلىغۇچى : ajrim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-02-18, 05:03
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(manggutax) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-02-18 12:00 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17636
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2130
شۆھرەت: 2077 نۇمۇر
پۇل: 6905 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

داۋامى:
    << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنى رىيالىزىملىق ئەسەر دىگىلىمۇ  ، رومانتىزىملىق ئەسەر دىەىلىمۇ ، ياكى باشقا ئىزىم - پىزىملارغا تەۋە قىلغىلىمۇ بولمايدۇ . ئەسەر يېزىلىش ئۇسلۇبىدىن تارتىپ ، تاكى قۇرۇلمىسىغىچە ، بايان قىلىش شەكلىدىن تارتىپ ، تاكى سۆز - جۈملىلەرنىڭ ئورامىغىچە پۈتۈنلەي ئۆزگىچە . ئاپتۇر بۇ ئەسەردە ھەرخىل ئىجادىيەت مىتۇدلىرىدىن ئىجابىي پايدىلانغان . بىر خىللا ئىجادىيەت مىتۇدى بىلەن چەكلىنىپ قېلىش ئىجادىي كۈچنىڭ بوغۇلىشىنى كەلتۈرىپ چىقىرىدۇ . بىرەر ئىزىمغا چۈشىدىغان ئەسەر يېزىش شەرىت ئەمەس ، ئەكسىچە ئىجادىي روھ بىلەن تۇيۇنغان ھالدا خەلىقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلەيدىغان نادىر ئەسەر يارىتىش شەرىت . << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىدىكى يەنە بىر ئۆزگىچىلىك شۇكى ، باتۇر روزى ياراتقان پېرسۇناجلار ئۇلارنىڭ خاراكتىرىدىكى ئەقىل ۋە ھىسسىيات تۇقۇنۇشلىرىدىن ، ھۇجۇدىدىكى داۋالغۇپ تۇرغان زىددىيەتلىك ھالەتلەردىن ئېنىق كۆرىۋېلىشقا بۇلۇدىغان مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك - پېرسۇناجلار مەيلى ئىتىقاد ۋە ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسۇن ، مەيلى زامان ، مەيلى ماكان نۇقتىسىدىن بولسۇن ، ئۇلار ھەرىكەت ۋە پىكىر قىلىش جەھەتتە ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچىرىمايدۇ . گېگىل : << گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمى يۇق >> دەپ تۇغرا ئېيىتقان . چەك ئىچىدىكى چەكسىزلىك باتۇر رۇزى ياراتقان پېرسۇناجلارنىڭ ھايات نىشانى . ئىجادىيەت ھامان چەك ئىچىدىكى چەكسىزلىكتە بالقىيدۇ . چەك ئىچىدىن چەكسىزلىكنى بايقاشلا ھەقىقىي ئىجادىي بايقاش  بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .  باتۇر روزى ياراتقان پېرسۇناجلار ھۇجۇدىدىكى بۇ خىل چەك ۋە چەكسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتلىك كېرىلىش كۈچىدە لەرزىگە كېلىپ تۇرغان تىراگىدىيەلىك ھالەت رومانغا باشقىچە جان كىرگۈزگەن . ئالايلۇق ، بىز روزىنى تولۇق مۇسۇلمان دەپ ئېيتالمايمىز . چۈنكى ، ئۇ ئىشقىۋازلىق قىلغان قىزلارنىڭ كۆپ قىسمى خرىستىيان ، بۇددىسىت ياكى باشقا دىنغا ئىتىقات قىلىدىغانلار . ھەتتا ئۇنىڭ بەزى ئىشىرەتخۇرلۇقلىرىمۇ  شەرىئەت ئەخلاقىغا خىلاپ .  بىز روزىنىڭ غەيرى قىلىقلىرىغا قاراپ ئۇنى يەنە مۇسۇلمان ئەمەس دەپمۇ ئېيتالمايمىز . چۈنكى ، روزىنىڭ ئۆزى ئۇچرىغان قىيىن مەسىلىلەرنى شەرىئەت مىزانى بۇيىچە ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ گەپ - سۆز ، ھەرىكەت ۋە پىسخىك كەچۈرمىشلىرىدىن مانا مەن دەپ تېشىغا تېپىپ تۇرىدۇ . روزىنىڭ خاراكتىرىدا پۈتكۈل ئىنسانلارغا خاس ئاجىزلىقمۇ ، ئارتۇقچۇلۇقمۇ مەۋجۇت . ئۇنىڭ پالىيىتى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچىرىمايدۇ ، ، ئۇنىڭ ۋەتىنى پۈتكىل ئىنسانىيەتنىڭ قەلبى . ئۇ پۈتكۈل مىللەتنى سۆيەلەيدۇ ، پۈتكۈل مىللەت زىمىنىدا ئۆز ئۆيىدىكىدەك ئەركىن يۈرەلەيدۇ . باتۇر روزى ياراتقان پېرسۇناجلار ئىنسان قەلبىدەك چەكسىلىكنى ئۆزىگە ۋەتەن قىلغان . بىرلا پەرىقى شۇكى ، ئۇنىڭ باش پېرسۇناجلىرىنىڭ ھەممىسى سېپى ئۆزىدىن ئىسلامىيەت تامغىسى بېسىلغان ئۇيغۇر .  پىرۇزىمىزدا ئىدىيەسى ياۋروپادىن ، كىيمى روسلاردىن ، يىمەك - ئىچمەك ۋە يۈرىش تۇرۇش ئادەتلىرى يەنە قانداقتۇر باشقا مىللەتلەردىن ئارىيەت ئېلىنغان شالغۇت پېرسۇناجلار ئوبىرازى ئاۋۇپ قالغان مۇشۇ دەۋرىمىزدە  بۇنداق ھەقىقىي مىللىي خاراكتىرگە ئىگە پىرسۇناجلار ئوبىرازى بىلەن تۇلغان ئەسەرلەر بىزگە تۇتىيا . باتۇر روزىنىڭ ئەدەبىياتتىكى مىللىيلىك مەسىلىسىدە باشقا يازغۇچىلارغا ئوخشىمايدىغان يۇل تۇتقانلىقىنى روماندىكى ھەربىر سەھىپىدىن ئېنىق ھىس قىلالايمىز . ئىلگىرىكى ئەدەبىيات - سەنىتىمىزدە مىللىيلىك مەسىلىسى بىر مىللەتنىڭ كىيگەن كىيىمى ، ساقال - بۇرۇتى ، ياسىنىش ۋە گىرىم قىلىش ئادەتلىرى قاتارلىق تاشقى پەرىقلەر بىلەن ئۆلچىنىدىغان تېتىقسىزلىق ھامان ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز يۇسۇندا مەۋجۇت بۇلۇپ كەلدى . سەھنىللىرىمىزدە چىمەن دوپپا بىلەن  بادام دۇپپا كەيگەننىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بۇلۇپ چىقتى .  مىللىيلىك ئۆلچىمىنى خاس ماددىي بەلگىلەر بىلەنلا چۈشەپ قۇيۇشتىن ئارتۇق ھاماقەتلىك بۇلمىسا كېرەك ؟ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مىللىيلىك مىللىي مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكى ، يەنە مىللىي پىسخىكا ، مىللىي ئىتىقاد ، مىللىي روھ ۋە مىللىي تەپەككۇردىكى ئۆزگىچىلىكلەردە گەۋدىلىنىدۇ . باتۇر روزى ئەدەبىياتىمىزدا مىللىيلىك مەسىلىسىنى تۇغرىدىن - تۇغرا روھ مەسىلىسىگە يۆتكەپ ، مىللىيلىك پەقەت روھىيەتتىلا  ھەقىقىي  ئىپادىسىنى تاپىدۇ ، دەپ قارىدى . دەرۋەقە ، ئۇيغۇرلار تىپىك ھېسسىيات مىللىتى بولغاچقا ، ئۇيغۇرلاردا ھىسسىيات باشقا مىللەتلەرگە قاراغاندا ئالاھىدە كۈچلۈك . بۇ مىللىي روھىيىتىمىزدىكى بىر خىل پاسسىپ ئۆزگىچىلىك ، ئەلۋەتتە . ئەقىلنى چەتكە قاقىدىغان نۇقۇل ھېسسىيات مەركەزچىلىكىمۇ قىسمەن ھاللاردا بىر مىللەتنىڭ مىللىي ئوبىرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ . شۇنداقتىمۇ مىللەتتىكى كەمچىلىكنى مىللىيلىك دەپ قاراش مۇۋاپىق ئەمەس . باتۇر روزى رومانىدا كۆتىرىپ چىققان مىللىيلىكمۇ ھەرگىز مىللەتتىكى ئومۇمىي ئىللەتلەرنى  مىللىيلىك دەپ قارايدىغان پاسسىپ مىللىيلىك ئەمەس . باتۇر روزى رومانىدا پېرسۇناجلارنى باشتىن - ئاخىر ئەينى چاغلاردا مىللەتلەر ئارا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋە مەدەنىي ئالاقىلەر مۇھىتى ئىچىگە قۇيۇپ تەسۋىرلەپ ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دارۋازلىق سەنىتى ئارقىلىق ئەكىس ئەتكەن يۇشۇرۇن كۈچى ۋە يىگانە ئەۋزەللىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن . باتۇر روزى روماندا تارىخىمىزنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە پەلىسەپە ھىساپلانغان تەڭشەك پەلىسەپەسى نۇقتىسىدىن ئىجادىي كۈزەتكەن . بۇپەلىسەپەدە ھەم روشەن مىللىيلىكمۇ ، ھەم ئومۇمىي ئىنسانىيلىقمۇ ئۆز ئارا تەڭشىلىپ تۇرىدۇ . بۇ پەلىسەپەدە مىللىي تەپەككۇرىمىزدىكى خاسلىقمۇ ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خاس ئۇرتاقلىقمۇ ، ھىسسىياتچانلىقمۇ ۋە ئاقىللىقمۇ ، مىللەت تەقتىرىگە بۇلغان قايغۇرۇشمۇ ، شۇنداقلا ئومۇمىي ئىنسانىيەت تەقتىرىگە تۇتاشقان ئۇلۇغۋار روھمۇ تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . رومان پېرسۇناجلىرىمۇ بىرلا مىللەتتىن بولۇپ قالماي ، ئۇنىڭدا پارىسلارمۇ ، ھىندىيلارمۇ ، سىگانلارمۇ ، ئىنگىلىزلارمۇ ، خەنزۇلارمۇ ئۇچۇرايدۇ . روماندا جۈملىدىن دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەرنىڭ  ئەۋرىشكىسىنى تاپقىلى بۇلىدۇ . مىللىيلىكنى بۇنداق كەڭ دۇنياۋىي ئۇمۇملىق ئىچىگە قۇيۇپ گەۋدىلەندۈرىش ھەقىقەتەن زۇر كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھادىسە . ئۇنىڭ ئۈستىگە باتۇر روزىنىڭ پېرسۇناجلىرى قايسى مىللەتتىن بولغان بولسا شۇ مىللەتكە شەكلەن ئەمەس ، بەلكى مەنىۋىي ماھىيەت جەھەتتىن ۋەكىللىك قىلالايدۇ . دىمەك ، باتۇر روزى رومانىدا ئەدەبىياتتىكى مىللىيلىك بىلەن دۇنياۋىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى ئۇتۇقلۇق ھەل قىلغان . ئەدەبىيات تارىخىمىزدا مۇنداق ئەسەرلەر خويمۇ كەم . ناۋايىنىڭ << سەددى ئىسكەندەر >> داستانىدىن كېيىن بىزدە مىللىيلىك بىلەن دۇنياۋىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى زۇر كامالەت بىلەن ئۇتۇقلۇق ھەل قىلالىغان ئەسەرلەر ئاساسەن چىقمىدى . بۇ جەھەتتىن باتۇر روزىنىمۇ ھەقىقەتەن تەلەيلىك يازغۇچى دىمەي تۇرالمايمىز . باتۇر روزى كۆتىرىپ چىققان مىللىيلىك يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈستىگە  قۇرۇلغان مىللىيلىك ، ئۇ ياراتقان ئۇيغۇرغا خاس تەڭشەك پەلىسەپەسى پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەنىۋىي ئالىمىنى يورۇتالايدىغان ئاجايىپ مىللىي  پەلىسەپە . دەرۋەقە ، ئەدەبىيات قانچە مىللىي بۇلسا ، شۇنچە دۇنياۋىي بولىدۇ . مىللىيلىك قانچە سۇس بۇلغان ئەسەردە دۇنياۋىلىقمۇ شۇنچە سۇس بولىدۇ . ئەدەبىياتقا نىسبەتەن مىلىيلىك بىلەن دۇنياۋىلىق مەسىلىسى ھەرگىزمۇ زىدىيەتلىك  مەسىلە ئەمەس ، ئەكسىچە بىر - بىرسىنى قان بىلەن گۆشتەك تۇلۇقلايدىغان  مەسىلە . << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانى بۇنۇقتىنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . باتۇر روزىنىڭ نەزىرىدىكى مىللىيلىك ئۆلچىمى ھەم روھىي ھەم ماددىي تۈسنىڭ بىرلىكىدۇر . ئۇنىڭ قارىشىدا مىللىي پەرىقنى ماددىي ئۆلچەم بىلەنلا بەلگىلەش تەڭشەك پەلىسەپەسىگە خىلاپ ، ماددا بىلەن روھنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدىكى بىرلىكى مىللىي خاسلىقنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ ئادىل تارازا بولالايدۇ .  باتۇر روزىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي خاسلىق ئەقىل بىلەن ھىسسىيات  ، ھۇشىيارلىق بىلەن قاراملىق يۈكسەك دەرجىدە تەڭپۇڭلاشقان دارۋازلىق سەنىتىدە روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . خۇددى دارۋازلىق سەنىتى باشقا مىللەتلەردە ئاساسەن ئۇچرىمىغىنىدەك بۇ خىل غەنىمەت خاسلىقمۇ ئۇيغۇرلارغىلا تەۋە بولغان يۈكسەك مىللىيلىكتۇر . بۇ خىل مىللىي خاسلىق ئات ئۈستى مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىدا تولۇق ئەكىس ئەتكەن . كېيىنچە تارىخىمىزدا ھېلى ماددىغا ، ھېلى روھقا ، ھېلى ھىسىياتقا ، ھېلى ئەقىلگە ئېغىپ كېتىشتەك يېتەرسىزلىكلەر كۆپ تەكىرارلاندى . نەتىجىدە بېشىمىزغا مىللىي چۈشكۈنلىك ئارقا - ئارقىدىن باستۇرۇپ كەلدى . بىزدىكى مىللىي خاسلىق روشەن تەڭشەك پەلىسەپەسىنى ئۆزەك قىلغان مىللىي خاسلىق . تەڭشەك پەلىسەپەسى بىزنىڭ ھەقىقىي مىللىي تەپەككۇر ئەنئەنىمىز . بىز قاچان بۇ ئەنئەنىدىن داجىدۇق ، شۇ ھامان تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىدۇق . مىللىي ئۆزلىك تەڭشەك پەلەسەپەسىدىن باشلانغان . بىز بۇ پەلەسەپەدىن يىراقلاشقان ھامان مىللىي مەۋجۇتلۇق ئاساسىمىزنى يۇقۇتۇپ قۇيغاندەك ئەجەللىك سۇققۇلارغا ئۇرۇلدۇق . << ھەركىم ئۆز تەڭشىكىنى كۆتىرىپ ئالەمشۇمۇل رېتىمغا ئەگەشمىكى لازىم >> دەيدۇ باتۇر رۇزى پېرسۇناجلىرى تىلىدىن تەڭشەك پەلىسەپەسىنىڭ ھەقىقىي غايىسىنى ئاشكارىلاپ ، مىللىي خاسلىقلارنىڭ ۋە شۇ ئاساستا ئىنسانىي رەڭدارلىقنىڭ گۈلگۈن دالاسى بۇلغان بۇ دۇنيادا ئۆز خاسلىقىنى يۇقاتقان ھەرقانداق مىللەت مەۋجۇت بۇلۇش ئاساسىنى يۇقاتقان مىللەت ھىسابىدا ئالەمشۇمۇل رېتىمغىمۇ قاتنىشالمايدۇ . ئۆزلىك ئېڭىنى يۇقاتقان ھەرقانداق ئادەممۇ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى يۇقاتقان بىر مەخلۇق سۈپىتىدە ئىنسانىيەت دۇنياسىنى تەشكىل قىلغۇچىلاردىن بولۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ .
          ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا ئىسلام ئالىمىگە كەڭ تارقالغان تەسەۋۋۇپ پەلىسەپەسى بىزنىڭ تەپەككۇر تارىخمىزدا ئىككىنچى چۇڭ قاتلامنى تەشكىل قىلىدۇ . تەسەۋۋۇپ پەلىسەپەسىنىڭ بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا كىرىپ كەلگىنىگە 500 يىلدىن ئاشتى . بىراق ناۋايى ۋە مەشىرەپتىن كېيىنكى دەۋىرلەردە ئىلغار تەسەۋۋۇپ ئىدىيەسى ئۆز كۈچىنى تامامەن دىگۈدەك يۇقاتقان ئىدى . ياۋرۇپا سەنئەتكارلىرى ۋە پەيلاسۇپلىرىدىن شېكىسپىر ، گېگىل ، گىيۇتى قاتارلىقلارنىڭ ئىدىيەلىرىگىمۇ ئاجايىپ زۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئىلغار تەسسەۋۇپ ئىدىيەسى ئەينى يىللاردا ئىسلام پەلىسەپەسىنىڭ دۇنيا پەلسەپە تەرەققىياتى يۈكسەكلىكىدىكى راۋاجى سۈپىتىدە ياۋروپا ئەدەبىيات - سەنئەت ئۇيغۇنىشىغىمۇ مۇئەييەن دەرجىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى . بىراق ، كېيىنكى خۇجىلار دەۋرىدە ئۇ بىزگە قارا نىيەت سىياسەتۋازلارنىڭ دۆۋلەت باشقۇرۇش ۋە ئەلنى جاھالەتتە قالدۇرۇش ۋاستىسى سۈپىتىدە ئېغىر دەرجىدە بۇرمىلىنىپ ، پۈتۈنلەي دۈم كۆمتۈرىۋېتىلدى . شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا تالاي ئەسىرلىك جاھالەتلىك دەۋىرنىڭ باش كۆتىرىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالدى . 500 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى دەۋىردە تەپەككۇر تارىخمىزدىكى ئىككىنچى قاتلام سانالمىش ساغلام تەسەۋۋۇپ ئىدىيەلىرىنىڭ مىللىي پەلىسەپەمىزنىڭ تولۇقلۇمىسى سۈپىتىدە ھازىرقى زامان پىرۇزا چىلىقىمىزدا بىر خىل يېڭى شەكىل ۋە يېڭىچە پەلىسەپەۋىي مەزمۇن بىلەن يۇغۇرۇلغان ھالدا باتۇر روزىنىڭ بەددىي دىتى ئارقىلىق قايتا تىرىلىشى ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ھادىسە ، ئارىدا ساختا تەسەۋۋۇپ ئىدىيەلىرىنى يەتكۈچە قامچىلىغان بۇلساقمۇ ،  لېكىن قامچا ئاساسەن جايىغا تەگمىدى . چۈنكى بىز تەسەۋۋۇپ ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقىي ساغلام ماھىيىتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قارىسىغا  قامچىلاۋەرگەچكە ، ئاتقان ئوق ئەلۋەتتە جايىغا تەگمىدى . چۈنكى ، ناچار ئىدىيەۋى خايىشلارنىڭ زەھىرىنى ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەن ھالدا قارىسىغا كۈرەش قىلىش ، ئاممىۋىي ھەركەت قۇزغاش ئارقىلىق ھەرگىزمۇ تازلاپ تۈگەتكىلى بۇلمايدۇ . بۇرمىلانغان ئىدىيەلەرنىڭ زەھىرىنى تازلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يەنىلا ئۇنىڭ بۇرمىلانمىغان ھەقىقىي قىياپىتىنى  خەلىققە كۆرسىتىپ بېرىشتۇر . ئىزچىل ھالدا بەددىي تەپەككۇرغا ئادەتلىنىپ كېلىۋاتقان ، نەزەريەۋىي تەپەككۇرغا  كۆنەلمەيۋاتقان  خەلىقىمىز ئۈچۈن ئېيىتقاندا ، بۇرمىلانغان ئىدىيەلەرنىڭ زەھىرىنى تازلاشتا يەنىلا ئەدەبىياتتىنمۇ ئۈنىملىك ۋاسىتە بولمىسا كېرەك ؟!  ئۇزاقتىن بۇيان پەلىسەپە ياكى پىكىر نامىراتلىقىغا گىرىپتار بۇلۇپ كېلىۋاتقان  كەم ماغدۇر ئەدەبىياتىمىزدا ئىزچىل ئۆز جۇلاسىنى نامايان قىلىشقا تەقەززا بۇلۇپ تۇرغان بۇ خىل خايىش تەكلىماكان چۆللىكىگە ئوخشاپ قالغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىنىڭ پەلىسەپەگە ئىنتىزار بۇلۇپ قاغجىراپ كەتكەن زىمىنىدا باھار يامغۇرىدىن كېيىنكى يېڭى نۇتا بۇلۇپ بەس - بەس بىلەن ئۈنىپ چىقماقتا . باتۇر روزىنىڭ رومانى ئەدەبىياتىمىزغا ئەنە شۇنداق ياخشى باشلىنىشنى تەقدىم قىلغانلىقى بىلەن خۇيمۇ قەدىرلىك . << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانى پىرۇزىمىزدا ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان پەلەسەپە نامىراتلىقىغا خاتىمە بەرگەن نادىر ئەسەر بۇلۇش سۈپۈتى بىلەن بىزنىڭ مۇنداقلا ئۇقۇپ تاشلىۋەتمەي ، ئەكسىچە چۇڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ . كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئۆزگىچە قىممەتكە ئىگە تەسسەۋۋۇپ ئەسەرلىرىدىن نەۋايى ھەزىرەتلىرىنىڭ << مەنتىقۇ تتەيىر >> ( قۇشلار مەنتىقىسى ) دىن باشقا يىرىك ئەسەرلەر يۇق دىيەرلىك . باتۇر رۇزى رۇمانىدا تەسەۋۋۇپ پەلىسەپەسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا پەلىسەپەسى بۇلغان تەڭشەك پەلىسەپەسى بىلەن يۇغۇرۇپ تاشلىغان ھالدا تېخىمۇ جانلىق قىياپەت بىلەن يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى .
       
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-18 13:22 |
sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17636
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2130
شۆھرەت: 2077 نۇمۇر
پۇل: 6905 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

داۋامى:
    ئۇن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلدى . بۇ جەرياندا ئۇلار بۇددا پەلىسەپەسى ئاساسىدا << ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى >> ، << چاشتانى ئىلىك بەگ >> ، << ئالتۇن يارۇق  >> دىگەندەك شاھانە ئەسەرلەرنى ياراتتى . بىراق ، بۇئەسەرلەرنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ تۇرغان پەلىسەپەۋىي ئىدىيەلەر ، گۈزەللىك ۋە ئەخلاقىي قاراشلار تامامەن ھىندىيلاردىن سۈيئىستىمال قىلىنغاچقا ، بۇ ئەسەرلەر يەنىلا خاس مىللىي ئەدەبىياتىمىزغا تەۋە ئەسەرلەر بۇلماي قالدى . چۈنكى بۇددا دىنى ھىندىلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنىڭ جەۋھىرى ۋە ھىندىي ئەقىل پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى . گەرچە تەسسەۋۋۇپتا ئەرەپ  ۋە پارىسلارنىڭ تەسىرى بۇلسۇمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي راۋاجى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرىكلىرىدىن باشلانغان . دىمەك ، تەسسەۋۋۇپ پەلىسەپەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تەپەككۇرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ھالدا مۇئەييەن مىللىي پەلىسەپە تۈسىنى ئالغان ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ، كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز ۋە مۇقامشۇناسلىق ھادىسلىرى ئارقىلىق خەلىقىمىزنىڭ قان - قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى . باتۇر روزى << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانى ئارقىلىق مىللىي پەلىسەپەمىزنىڭ تارىخىي قاتلاملىرىنى تۇلۇق نامايان قىلىپ ، ئىجتىمايى خاراكتىرلىق ئۆزىمىزنى ئۇنتۇش ئاپىتى باش كۆتىرىپ چىققان بۇ يىللاردا بىزنى ئەسلىمىزنى تېپىشقا ، دادىللىق بىلەن مەنىۋىي يىلتىزىمىزنى ئىزدەپ تېپىشقا دەۋەت قىلىدۇ . بۇ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش ئەلۋەتتە . بۇ ئەسەرنىڭ پەلىسەپەۋىي مۇۋەپپىقىيىتى ھەققىدە گەپ ئېچىشتىن ئاۋال بىزنىڭ پەلەسەپە ئەنئەنىمىز تۇغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتىپ كېتىشكە تۇغرا كېلىدۇ .
  دارۋازلىق سەنىتىدە ئەكىس ئەتكەن سەزگۈرلىك بىلەن قاراملىق ، ئەقىل بىلەن ھىسسىيات ، روھ بىلەن تەن مۇۋازىنەتلىك ھالدا بىرلەشكەن ئانا تەپەككۇر ئەندىزىمىز ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئىسلام ئىدىيەلىرىنىڭ تەسىرىدە بىراقلا شاخ ئايرىپ ئەقىلچىلىق ۋە ھىسسىياتچانلىقنى  ئاساس قىلغان ئىككى لىنىيە بۇيىچە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى . فارابىي ۋەكىللىكىدىكى تەبىيەت - مەۋجۇدىيەت پەلىسەپەسى ۋە ناۋايىنىڭ سەنئەت قارىشى ۋاسىتە قىلىنغان تەسەۋۋۇپ پەلىسەپەسى مانا مۇشۇ ئىككى لىنىيەگە ۋەكىللىك قىلدى . تەبىيەت - مەۋجۇدىيەت پەلىسەپەسى - ۋەھدەت ۋۇجۇت : ئىنسان روھى بىلەن مەۋجۇدىيەت - تەبىيەت بىرلىكى ئاساسىدا ئىنسان كامالىتىنى تەبىيەت قۇينىدىن - مەۋجۇدىيەتتىن ئىزدەپ ، ئىنسان ماھىيىتىنى تەبىيەتكە باغلاپ چۈشەندۈردى ؛ مەۋجۇدىيەتنى ئەقىلىي تەپەككۇر ياردىمى بىلەن بىلگىلى بۇلۇدۇ ، دەپ قارىدى . ئۇلارنىڭ  نەزىرىدە ئىنساننىڭ ئەقىلىي تەپەككۇرى دەرجىدىن تاشقىرى كۆپتۈرىۋېتىلگەن بولۇپ ، ئىنساننىڭ ھىسىيات ئامىلىغا سەل قارالدى  ، يەنى ھىسىسىياتنىڭ ( كۆڭىلنىڭ ) دۇنيانى بىلىشتىكى رۇلىغا سەل قارالدى .
  ۋەھدەتى ۋۇجۇت _ ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپ پەلەسەپەسىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى بۇلۇپ ، بۇ قاراشتىكىلەر ئۆز پەلىسەپەسىنى يۈكسەك گۇمانىستىك رۇھ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى ؛ دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى ئۆز قەلبىدىن - ئىنسان قەلبىدىن ئىزدەشتى ؛ ئىنسان قەلبى بىلەن تەڭرىنىڭ بىردەكلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشتى . تەسەۋۋۇپچى شايىرلارمۇ ئۆزىگە خاس شېىرىي تىل ، شېرىي شەكىل ۋە شېئىرىي ھىسسىيات بىلەن تەسەۋۋۇپنىڭ شوئارى بولغان ھىسسىيات  ئارقىلىق خۇداغا يېتىش يۇللىرىنى ئىپادىلەشتى . بۇ خىل تەسەۋۋۇپ رۇھى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەسەرلەردە يەنىلا ھىسسىيات بىرلەمچە ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى ، ئەقىل ئانچە ئىتىۋارغا ئېلىنمىدى .
  ۋەھدەتى ۋۇجۇت _ ئىنسان بىلەن تەڭرىنىڭ بىردەكلىكى ۋە ۋەھدەتى مەۋجۇت _ مەۋجۇدىيەت بىلەن تەڭرىنىڭ بىردەكلىكى تەشەببۇس قىلىنغان پەلەسەپەلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەت ، جۈملىدىن تۇران خەلىقى ۋە باشقا ئىسلام ئالىمىدىكى خەلىقلەرنىڭ رۇھىي دۇنياسىنى بېيىتىش ئۈچۈن ، شۇ مىللەتلەرنىڭ مەنىۋىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزچمەس تۆھپىلەرنى قۇشقان بۇلسىمۇ ، لېكىن ئۇلار بۇخىل ئارتۇقچىلىقلىرى ئارسىغا خۇددى تۈندىكى ئاي گۈزەل كۆمۈش نۇرلىرى بىلەن جىلۋە قىلىپ تۇرسىمۇ ، شۇ گۈزەللىكلىرى قۇينىغا داغدىن ئىبارەت سەتلىكنى يۇشۇرغاندەك ، تەسەۋۋۇپ ۋە تەبىيەت پەيلاسۇپلىرىنىڭ ھىچقايسىسى ئەقىل بىلەن ھىسسىيات ئوتتۇرسىدىكى مۇئاۋىزىنەتكە ئىمكان قالدۇرمىدى . ئىلەىرىكى تەسەۋۋۇپ پەيلاسۇپلىرى نەزەريە جەھەتتە ئەقىلنى قىسمەن ئىتىراپ قىلغان بۇلسىمۇ ، لېكىن يەنىلا ھىسىياتنىڭ رۇلىنى مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىشتىن خالىي بۇلالمىدى . ئۇلار دەۋاتقان مەي ، خامۇشلۇق ، بىھۇش بۇلۇش ، ۋىسال قاتارلىق ھىسسىي ھالەتلەر  خۇداغا ( ۋەھدەتىي ۋۇجۇت قا ) يېتىشتىكى ۋاسىتە ۋە مەقسەتلەر ئىدى . ئەلىشىر ناۋايىنىڭ مەشھۇر داستانى << پەرھاد - شېرىن >>دىكى پەرھاد  ۋىسال ( ۋەھدەتىي ۋۇجۇت ) ئىزدەپ ، ئەقىلنىڭ سىمۇۋۇلى بۇلغان ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىدىن  ۋاز كېچىپ ، شېرىن ( ھەقىقەت ياكى خۇدا ) نىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن جاھان كېزىدۇ ؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۇردىسىدا كۆرگەن جاھاننامە ئەينىگى ئەسلىدە قانداقتۇر خىيالىي تەسۋىر ئەينىگى بۇلماستىن ، بەلكى پەرھادنىڭ ( ئىنساننىڭ ) قەلىب ئاينىگىدۇر . ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قەلىب ئاينىەىدە كۆرگىنى قانمداقتۇر باشقا بىرى بۇلماستىن ، بەلكى پەرھادنىڭ ئۆزىدۇر . دىمەك ، پەرھاد ئۆزىگە ( شېرىنغا ) ئاشىق بۇلغۇچى ، ئۆز ۋىسالىغا ( ئىنسانىيەت بىلەن خۇدانىڭ بىرلىكىگە ) يەتكۈچى ؛ ئۇ پەقەت ھىسىيات ئارقىلىقلا گۈزەللىككە يەتمەكچى بۇلىدۇ . گەرچە ئۇ ئاتىسىنىڭ ئوردىسىدىكى چاغدا تۈرلىك ئەقىلىي بىلىملەرنى ئۆزلەىشتۈرگەن  ، مىمارچىلىق ، نەققاشچىلىق ، تاشتاراش قاتارلىق ھۇنەرلەرنى ۋايىغا يەتكۈزىپ ئۈگەنگەن بۇلسىمۇ ، بىراق ، ئۇنىڭ ئەقىلىي تەرەپكە مەنسۇپ ھەممە نەرسىسى ئۆزىنى تېپىش ۋە ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈنلا خىزمەت قىىلىدۇ . دىمەك ، نەۋايىنىڭ قۇيۇق تەسەۋۋۇپچە پۇراققا ئىگە بۇ داستانىدا ھىسىيات يەنىلا ھۆكىمىران  ئۇرۇندا تۇرۇدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا << لەيلى - مەجنۇن >> ، << تاھىر - زۆھرە >> ، << گۈل ۋە بۇلبۇل >> قاتارلىق ئاشىقلىق ( ھىسىيات مەركەزچىلىكىدىكى ) تەكىتلەنگەن ئەسەرلەردىمۇ ، ئەقىل بىلەن ئەمەس ، بەلكى ھىسسىيات ( ئاشىقلىق يۇلى ) بىلەن گۈزەللىككە ، ھەقىقەتكە يېتىش ، ۋىسال ئىزلەش تەكىتلەنگەن .
  گېرمانىيەلىك پەيلاسۇپ ۋە  شائىر گىيۇتىنىڭ مەشھۇر شېئىرى رومانى << فاۇسىت >> دىكى باش پېرسۇناج فاۇسىت رۇھىدا تەڭرى ( ئەقىل ) بىلەن شەيتان ( ھىسسىيات ) نىڭ كەسكىن كۈرىشى پارتىلاش تۈسىنى ئالغان بىر تەرىزدە يۈز بېرىدۇ . نەتىجىدە ئەقىل ھىسىيات ئۈستىدىن غەلبە قىلىدۇ  . بۇ ئەسەردىمۇ باشتىن - ئاخىر ئەقىل بىلەن ھىسىياتنىڭ مۇۋازىنەتلىك ھالىتىگە سەل قارالغان .
  ياش تالانىت ئىگىسى باتۇر رۇزى << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىدا ئۇلاردىن كەسكىن پەرىقلەنگەن  ھالدا ئەقىل بىلەن ھىسىيات ئۇتتۇرسىدىكى مۇۋازىنەتلىك بىرلىكنى تۇلۇق ئەمەلگە ئاشۇرغان شۇڭا مەزكۈر رۇمان باشقا رۇمانلاردىن پەرىقلىق ھالدا بىزگە ھەم چۇڭقۇر ئەقىل ، يۈكسەك ئىستىتىك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ . چۈنكى بۇئەسەردە ئەنئەنىۋىي سەنئەت ئەسەرلىرىمىزدە ئىزچىل ئىپادىلىنىپ كېلىۋاتقان ھىسسىيات بىرتەرەپلىمە كۆككە كۆتىرىلىشتەك ھىسىياتپەرەسلىك قېلىپى بۇزۇپ تاشلىنىپ ، << سەنئەت پەقەت گۈزەللىكنىلا ئەكىس ئەتتۈرىدۇ ، ئۇنىڭ ئەقىلىي جەھەتتە ئىنسانىيەتنى تەربىيەلەش رۇلى بۇلمايدۇ >> دىگۈچىلەرنىڭ سەنئەت پىرىنسىپىغا ئەمەلىي ئۈنىم ئارقىلىق رەدىيە بېرىلگەن . ئاپتۇر ياراتقان پېرسۇناژلار رۇھىدا ھىسىيات بىلەن ئەقىلنىڭ مۇۋازىنەتلىك ھالەتتىكى  بىرلىكى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا تۇلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان . << پىلسىراتتى ئۆتكەنلەر >> رومانىدا باشتى ئاخىر ماكەن زامان بىرلىكى ، ھىسىيات ئەقىل بىرلىكى ، خىيال(  چۈش ) بىلەن رىۇياللىقنىڭ بىرلىكى ، ئۆلىم ھايات بىرلىكى ، بۈەۈن بىلەن تارىخنىڭ بىرلىكى ئاساسىدا كىتاپخان روھىنى ئىككى خىل يول بىلەن ئىەىلەپ ، ئۇلارنى  ئىنساننىڭ ۋە ھاياتنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ . شۇنداقلا، ھەربىر ئىنساننى دار ئۈستىدىن -  رىيال ھاياتتىن ئىبارەت قىيىن شارايىتتا ئۆزىگە ئەقىل ۋە ھىسىيات بىرلىكى ئاساسىدا چىقىش يۇلى ئىزلەشكە دەۋەت قىلىدۇ . دەرۋەقە پىلسىرات كۆۋرىكى _ رىيال ھاياتنىڭ دەل ئۆزى . بۇ كۆۋرىك ئادەم ئاتام بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتىن قۇغلىنىپ ، زىمىنگە مەھكۇم قىلىنغاندىن باشلاپلا پەيدا بۇلغان . دىمەك پىلسىرات كۆۋرىكى تۈسىنى ئالغان بۇ ئازاپلىق ھايات ئىنسانىيەت جىنايى قىلمىشىنىڭ مەھسۇلى ، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنى سىناشتىكى تەجىربە كۆۋرىكى . ئاپتۇرنىڭ نەزىرىدە ئىنسان ھاياتى باشتىن - ئاخىرىغىچە قىل ئۈستىدە - پىلسىرات كۆۋرىكىدە تۇرماقلىقتىن ئىبارەت . ئۇنىڭدا ھەر ۋاقىت مۇدىھىش ئۆلىم جىلمىيىپ تۇرىدۇ . ھاياتنىڭ ئۆزى پىلسىرات ، ئۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنى پاكلىشىدىكى بىردىنبىر ئازاپلىق ھەم شەرەپلىك يول ، شۇنداقلا ئاخىرقى پۇرسەت . پىلسىرات كۆۋرىكى پەيدا بولغاندىن تارتىپ قانچىلىغان ئىنسان ئۇنىڭ قۇربانىغا ئايلانمىدى- ھە؟!پەرھادمۇ ، تاھىرمۇ ، مەجنۇنمۇ بۇخىل پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى - كامالىتىنى ئىزلىگەن ئىدى ، ئۇلار ھىسسىياتتىن ئىبارەت مەنىۋىي ۋاستىنىلا ئۆزلىرىگە مەنىۋىي يېتەكچى قىلدى . ئۇلار ھەربىر ئادەم پىلسىراتتىن - ھاياتتىن ئىبارەت بۇدار ئۈستىدىن ئۆتكەن دەملەردە مۇتلەق زۆرۈر بۇلغان تەڭشەك تايىقىغا پەقەت ھىسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلغىنى ئۈچۈنلا ھالاك بولدى .
<< نەچچە يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى دەۋىردە باتۇر رۇزىنىڭ << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> ناملىق پەلىسەپەۋىي رۇمانىدىن ساغلام تەسەۋۋۇپ ئىدىيەلىرىنىڭ ئۇيغۇر پەلىسەپەسى بىلەن جانلانغان يېڭىچە قىياپىتىنى كۆرىشكە مۇيەسسەر بۇلدۇق . ئەس - ھۇشىنى يۇقاتقان رۇھىي بىماردەك گاڭگىراپ قالغان چېغىمىزدا << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> بىزگە تەپەككۇر تارىخمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي قاتلاملىرىنى بىزگە ئېچىپ كۆرسىتىپ بەردى . ئۇ قۇرغاق رۇھىي دۇنيارىمىزدا يامغۇر تۆكىدىغان گۇلدىر قاراس بىر چاقماق بولۇپ چېقىلدى . بۇ چاقماق بەشيۈزيىل ئىلگىرى نەۋايى ھەزىرەتلىرى رۇھىدا ، ئۈچ يۈز يىل ئىلگىرى ئىسيانكار شاىرىمىز بابارەھىم مەشرەپ رۇھىدا ئەنە شۇنداق شىددەت بىلەن چېقىلغان ئىدى .
  باتۇر رۇزىنىڭ << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رۇمەنىدىكى يەنە بىر مەركىزىي نۇقتا : تەڭرى بىلەن ئىنسان ئۇتتۇرسىدىكى بىرلىك مەسىلىسىدۇر . بىز بۇ نۇقتىدىكى ئۇقۇملارنىڭ رۇشەن يېشىمىگە ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن  يەنىلا ئاپتۇرنىڭ ئۆز قەلىمىگە مۇراجەت قىلماي تۇرالمايمىز : << ئىنساندا بۇلسا ئاللانىڭ سۈپەتلىرى تۇلۇق ۋە مۇجەسسەم ھالدا تەجەللىي تاپقان ؛ ئىنسان نۇسخەئى ئەسرار ئىلاھىدۇر . ئاللا ئىنساننى شۇقەدەر ئۇلۇغلىغانكى ، ئاسمان - زىمىندىكى جىمى نەرسىنى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەن . ئىنسان زاتەن ۋە سۈرەتەن ، زاھىرەن ۋە باتىنەن ھەقنىڭ تۇلۇق تەجەللىيسىگە ئىرىشكىنى ئۈچۈن ، ئىنسانسىز ئالەمدە تۇلۇق كۆرىنىش بېرىشكە قابىلىيەت يۇقتۇر . كۆرىنىش جەھەتتە ئادەم ئالەمنىڭ مىۋىسى ۋە نەتىجىسىدۇر . شۇڭا كايىناتتىكى بارلىق شەئىلەرنىڭ بەلگىللىرى ئىنساندا باردۇر . ئىنسان قەلبى ئىلاھىي سىرلارنىڭ ماكانى بۇلسا ، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى ئىلاھىي گۈزەللىكنىڭ ئەينىگىدۇر . ئىنسان ئاللانى  تاشقىرىدىن ئەمەس ، ئۆزىدىن ئىزلىمىكى لازىم . ھۇجۇدى مۇتلەق ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئالەمگە نامايان قىلغان سۈرەتلىرىنى ئىنساندىن ئىبارەت كىچىككىنە شەكىلگە مۇجەسسەملىگەن ... >>
  نەچچە مىڭ يىل ئاۋۋال يايلاق مەدەنىيەتى دەۋرىگە كىرگەن ئەجداتلىرىمىز تەبىيەت روھىغا ئىگە ۋە تەبىيەتكە يېقىن ئىدى . تەبىيەت روھى بىلەن بۇۋىللىرىمىزنىڭ روھى بىردەكلىككە ئىگە ئىدى . << ئوغۇزنامە >> داستانىدىكى ئۇغۇز خاقاننىڭ ئاسماندىن چۈشكەن كۆ ك  نۇر ئىچىدىكى قىزغا بۇلغان مۇھاببىتى ئەمەلىيەتتە ئۇغۇز بىلەن كۆك  تەڭرىنىڭ ۋىسالى ياكى بىرلىكىدۇر . ئوغۇز ۋە كۆ ك تەڭرىنىڭ ۋىسالىدىن كېيىن ئۇلاردىن بۇلغان بالىلار : قۇياش ، يۇلتۇز ، ئاي قاتارلىقلار بۇلۇپ ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسان بىلەن ئالەمنىڭ بىرلىكىدۇر ؛ ئادەم قەلبى ئالەمدە ، ئالەم ئىنسان قەلبىدە ئەكىس ئەتكەن كۆرىنىشتۇر . ئۇغۇز خاقان بىلەن دەرەخ كاۋىكىدىن چىققان قىزنىڭ تويى ئەمەلىيەتتە ئىنسان بىلەن تەبىيەتنىڭ بىرلىكىدۇر . بۇ خىل بىرلىكنىڭ مەھسۇلى بۇلغان بالىلار  : كۆل ، دېڭىز ، دەريالاردۇر . ئوغۇز ۋە تەبىيەتتىن بۇلغان بۇ بالىلار ئەمەلىيەتتە ئادەمگە ئايلانغان ئىلاھلاردۇر . بۇ ئادەم قەلبىدە تەبىيەتنىڭ ، تەبىيەتتە ئادەم قەلبىنىڭ ئەكىس ئېتىشىدۇر . بۆرىنىڭ يول باشلىشى تەبىيەت بىلەن تەڭرى ، ئالەم بىلەن ئىنسان ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنىڭ يۇق قىلىنىشى بولۇپ ، تەڭرىنىڭ قايغۇسى ئىنساننىڭ قايغۇسى ، تەڭرىنىڭ غەزىپى ئىنساننىڭ غەزىپى بۇلۇپ قالغان ... بۇ خىل  تەسۋىر تەڭرى ئىنسانلار ئارسىدا مەۋجۇت ، تەڭرى بىلەن ئىنسان بىرگە ياشايدۇ دىگەنلىك ئىدى . ئوغۇزخاننىڭ ئالەمنى بۇيسۇندۇرغۇچى ئىلاھ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشى ماھىيەتتە ئىنسان قەلبى  بىلەن تەبىيەت ۋە ئالەمنىڭ بىرلىكى بۇلۇپ ، بۇ خىل قەلىب بىرلىكى ئالەم ۋە تەبىيەتكە ھۆكۈمىرانلىق قىلىدۇ . دېڭىز ، تاغ ، ئۆسىملىك ھەممە  قەلىب بىرلىكىنىڭ ناماياندىسىدىن ئىبارەت . ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تەپەككۇرى بۇلغان ئەپسانىۋىي تەپەككۇرمۇ  تەبىيەتكە بۇلغان يېقىنلىقتىن كېلىپ چىققان ئىلىھامنى ئۆزىگە ئېنىرگىيە  مەنبەسى قىلغان . شۇڭا ئەجداتلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا : << بىز كۆكتىن تامغان ، يەردىن ئۈنگەن >> دىگەن ئەقىلىيەلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان سۈپىتىدە ساماۋىي ۋە زىمىنىي ئىككى ئالەمگە باراۋەر ئىكەنلىكىنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلىگەن ۋە شۇ ئاساستا ئەقىل بىلەن ھىسسىيات ئۇتتۇرسىدا تەڭشەك تۇرغۇزالىغان ئىدى . ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان بىز بۇخىل ئەنئەنىۋىي ئەقىدىنى يۇقۇتۇپ قۇيغانلىقىمىز تۈپەيلى يېقىنقى زامانلارغا كەلگەندە جاھىلىيەت دەۋرىگە باشچىلاپ پاتتۇق . باتۇر روزى << پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىدا ئەجداتلىرىمىز روھىدا ئۇرۇق بۇلۇپ تېرىلغان بۇ خىل روھىي ماھىيەتنى ۋايىغا يەتكۈزىپ ئىپادىلەپ بېرىدۇ ؛ ھەتتا تەبىيەتكە يېقىنلىق ۋە تەبىيەتتىن ئەندىز ئېلىشنى ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ ئانا تىپى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇدۇ - دە ، ئۇيغۇرلار مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا ئۆز ئەجداتلىرى روھىدا كۆرگەن ، ئەمما ھازىر يۈتتۈرىپ قۇيغان بىر ھەقىقەتنى ، كەلگۈسىمىزنى يۇرۇتالايدىغان بىر ئەڭگۈشتەرنى ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارسىغا يىراق تارىختىن قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلدى  ..
  يۇقارقىلارنىڭ يەكۈنى شۇكى ، باتۇر رۇزى ھازىرقى ئۇيغۇر رۇھىيىتى بىلەن تارىخنى تۇتاشرۇرۇپ تۇرغۇچى ، بىزنىڭ قۇياشسىز قالغان قاراڭغۇغا كۆنىككەن رۇھىيىتىمىزنى يۇرۇتقۇچى ، نۇرلۇق مەنىۋىي قۇياش ... ئۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات ، رۇھىمىزدا مەڭگۈلىك ھەركەتتە...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-18 13:24 |
zaynap305
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24136
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 288 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 114(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

بۇ تىما نادىرلانسا بولغۇدەك. رەھمەت!
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-18 13:36 |
maslihatqi
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23481
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 427
شۆھرەت: 438 نۇمۇر
پۇل: 1390 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

ئەدىبى تەنقىت شۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ . يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەن  20_ئەسىر ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەر تىزىملىكىنى كۆرمەكچىدىم .تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-18 15:32 |
torpak
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 9792
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 288 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

مەن بۇ روماننى ئوقۇغان، تىل قابىلىيىتىگە قايىل بولغان ئىدىم. لېكىن يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ئاكا، بۇنىڭ روسىيىنىڭ بىر داڭلىق يازغۇچىنىڭ قايسىبىر رومانىنى ئۆز پېتىچە كۆچۈرۈپ، پېرسوناژنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىنى يېزىپتىكەن. شۇ چاغدا رەھمەتلىك باتۇر روزى بۇنى توغرا كېلىپ قېلىش دەپ ئۆزىنى ئاقلاپتىكەن. بۇ توغرىدا خېلى كۆپ مۇنازىرە بولغانغۇ دەيمەن.
مەن باتۇر روزىنىڭ بۆرە ئانا دېگەن كىتابىنى ئوقۇغان، ماڭا بەك يارىغان كىتاب ئۇ.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-18 20:10 |
karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 16853
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3110
شۆھرەت: 3457 نۇمۇر
پۇل: 1234 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 143 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

بۆرەئاتا ناملىق كىتاپ ھەقىقەتەن ياخشىى جۇمۇ،بۇ كىتابنى ئوقۇغانلار خېلى جىقمىكىن ھە قاچان!
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-18 23:15 |
zaynap305
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24136
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 288 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 114(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

بۆرە ئانا(ئاتا ئەمەس) توختى ئايۇپنىڭ. كەرىمە مۇشۇ كۈنلەردە قارىسىغا ئىنكاس يازىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىسىز. ئاۋانگەارت يازغۇچىلار....دېگەن تىمىدىمۇ شۇنداق قىپسىز.
مەرھۇم باتۇر روزىنى ئەسلەيمىز. 3-ئاينىڭ 27- يىلى ۋاپاتىغا بىر يىل بولىدۇ.باتۇر روزى بەك تالانتلىقتى! ئۆلۈمىگە ئېچىنىمەن.
تورپاق،قۇرۇق گەپلەرگە ئىشەنمەڭ.
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-19 12:01 |
taroza
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 418
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 173
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
پۇل: 552 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-09

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

Quote:
بۇ مەزمون 4 - قەۋەتتىكى maslihatqi نىڭ 2008-02-18 15:32 دە يوللىغان يازمىسى“Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى”:
ئەدىبى تەنقىت شۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ . يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەن  20_ئەسىر ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەر تىزىملىكىنى كۆرمەكچىدىم .تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت.



<< 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەر >> تىزىملىكى ( تىزغۇچىسى كەرىمجان ئابدۇرەھىم )


( ئەسەر نامى : يازغۇچىسى )
ئىز : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئويغانغان زېمىن : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
قۇم باسقان شەھەر : مەمتىمىن ھوشۇر
ئىزدىنىش : زوردۇن سابىر
مەھمۇد قەشقەرى : پەرھاد جىلان
ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە : خېۋىر تۆمۈر
قانلىق يەر : مەمتىمىن توختايوپ
سۇتۇق بۇغراخان : سەيپىددىن ئەزىزى
بۆرە ئانا : توختى ئايۇپ
لېيىغان بۇلاق : جالالىدىن بەھرام
ئۇنتۇلغان كىشىلەر : ئەخەت تۇردى
داغ : ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
مەمتىلى ئەپەندى : يالقۇن روزى
پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر : باتۇر روزى
نۇزۇگۇم : مەمتىمىن ھوشۇر
قۇملۇقنىڭ چۈشى : خالىدە ئىسرائىل
مەختۇمسۇلا : خالىدە ئىسرائىل
ئوربىتا : خالىدە ئىسرائىل
ئاقساق بۇغا : مۇھەممەت باغراش
مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت : مۇھەممەت باغراش
كەلكۈن : مۇھەممەت باغراش
ئاھ ، رەھىمسىز دەريا : ئەختەم ئۆمەر
قۇرتلاپ كەتكەن كۆل : ئەختەم ئۆمەر
قۇم باسقان دېڭىز : توختى ئايۇپ
كەچ كۈز : زوردۇن سابىر
ئاخىرقى پادىچى : زوردۇن سابىر
يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ : ئالىمجان ئىسمايىل
كىرورەن گۈزىلى : ئەسئەت سۇلايمان
كۈيلەر كۆزى : ئابباس مۇنىياز
لاي سۇ ئىچكەن جانلار : ئەنۋەر مۇھەممەت
چۆل ئوغلى : نۇرمۇھەممەت توختى
قۇرىغان دەريا : ياسىنجان سادىق
ماغدۇر كەتكەندە : زۇنۇن قادىرى
چېنىقىش : زۇنۇن قادىرى
خالتا كوچىدىن يانغاندا : ئەرشىدىن تاتلىق
قەشقەر گۈزىلى : تۇردى سامساق
بەش تال ئوق : تۇردى سامساق
دولان ياشلىرى : زوردۇن سابىر
ئېھ ، توپىلىق يول : زوردۇن سابىر
توققۇز كۈنلۈك ماكان : ئەخەت تۇردى
سىم - سىم يامغۇرى : مەمتىمىن ھوشۇر
ئايخان : مەمتىمىن ھوشۇر
بۇرۇت ماجىراسى : مەمتىمىن ھوشۇر
قارا قورساق سەركە : مەمتىمىن ھوشۇر
ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى : مۇھەممەت باغراش
تۆت قۇلاق : مۇھەممەت باغراش
بۆشۈك : توختى ئايۇپ
مۈڭگۈز : توختى ئايۇپ
قوشتاغدىكى مۇشائىرە : نۇرمۇھەممەت توختى
شىراق : ئابدۇللا ساۋۇت
قوش مەسچىت : مۇھەممەتئېلى زۇنۇن
مانا سىزگە ئۈچ بولكا : ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
مېنىڭ دادام : ئابدۇراخمان قاھار
پالۋان كەلدى : تېيىپجان ھادى
كاككۇك قونغان تال : ماخمۇتجان ئىسلام
< ئالتۇن قان >دىكى توي : پەرھات جىلان
پەرىدە : غەيرەت ئاسىم
قەشقەر كېچىسى : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
مىڭئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن : نىمشېھىت
رابىيە - سەئدىن : ئەھمەد زىيائى
ئىلى خەمسىسى : مۇھەممەتجان سادىق
يۇلتۇزلار يۇرتى : ئارسلان
ئاق روماللىق پەرىزات : قۇربان بارات
مېنىڭ قەلبىم دالالاردا : ئىمىن ئەخمىدى
قەشقەردىكى يەر شارى : ئادىل تۇنىياز
ئۇيغۇرۇم : ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ئويغان : ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ئوقۇدى ، ئاشتى : مەمتىلى ئەپەندى
بىز مۇئەللىم : مەمتىلى ئەپەندى
بىر قىلىچ بەرسە . . . : قۇتلۇق ھاجى شەۋقى
يىللارغا جاۋاب : لۇتپۇللا مۇتەللىپ
ئىز : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
بىلىم ئىشقىدا : نىمشېھىت
تۈگىمەس ناخشا : تېيىپجان ئېلىيوپ
ئىككى ھەيكەلنىڭ ئۇچرىشىشى : ئابدۇكېرىم خوجا
سالغا تېشى : بوغدا ئابدۇللا
كېسىلگەن توغراق : قۇربان بارات
ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ : ئوسمانجان ساۋۇت
رۇبائىيات : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئۈچ غەزەل : ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
بۇ دۇنيا : مۇھەممەتجان راشىدىن
ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق : مىرزاھىد كېرىمى
شېئىر ۋە شائىر : ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن
چۈنكى مەن ئادەم : تاھىر تالىپ
دېھقان بولماق تەس : روزى سايىت
تەتۈر چېقىن : چىمەنگۈل ئاۋۇت
غۇنچەم : زۇنۇن قادىرى
قانلىق يىللار : تۇرسۇن يۇنۇس
مەسلىھەت چېيى : مۇھەممەتئېلى زۇنۇن
قېرى يىگىتنىڭ تويى : تۇرسۇنجان لېتىپ
پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ : لۇتپۇللا مۇتەللىپ
قاشتېشىغا مەدھىيە : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
قەلب سادالىرى : ئەخمەت ئىمىن
سادا : ئەخمەت ئىمىن
ئاشىقلار تىلى : ئابدۇقادىر جالالىدىن
يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام : ئەختەم ئۆمەر
خوتەندىن خەت : نۇرمۇھەممەت توختى
موسكۋا خىياللىرى : نەبىجان تۇرسۇن
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-19 23:36 |
eldost
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25433
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 71 نۇمۇر
پۇل: 372 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-15

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىدى . ئەپسۇس ...ئاخىرى چىقمىدى . ئاپتۇر باتۇر روزىنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىگە ئىچىنىمەن.
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-19 23:55 |
karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 16853
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3110
شۆھرەت: 3457 نۇمۇر
پۇل: 1234 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 143 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

ھەقىقەتەن ئېسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز جۇمۇ!
كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم!
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-20 00:21 |
kitaphan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25400
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 116 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-22

 Re:Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

[quote]بۇ مەزمون 8 - قەۋەتتىكى taroza نىڭ 2008-02-19 23:36 دە يوللىغان يازمىسى“Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى”:



<< 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەر >> تىزىملىكى ( تىزغۇچىسى كەرىمجان ئابدۇرەھىم )

3-ئاينىڭ 27-يىلى؟ بۇ نىمە گەپ ....
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-20 13:38 |
karaway
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25701
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 140 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-05

 Re:Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

[quote]بۇ مەزمون 8 - قەۋەتتىكى taroza نىڭ 2008-02-19 23:36 دە يوللىغان يازمىسى“
<< 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەر >> تىزىملىكى ( تىزغۇچىسى كەرىمجان ئابدۇرەھىم )
( ئەسەر نامى : يازغۇچىسى )
ئىز : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
............................
مەمتىلى ئەپەندى : يالقۇن روزى

«مەمتىلى ئەپەندى»نىڭ ئاپتۇرى يالقۇن روزىلا ئەمەس ئابلىكىم زوردۇنمۇ بار.
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-25 01:47 |
karaway
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25701
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 140 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-05

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

ئابدۇۋىلى تۇرسۇن ئەپەندى مەرھۇمنىڭ رومانىغا ئەتراپلىق باھا بېرىپتۇ.باھا بەرگەندىمۇ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپتۇ. بەگمەت ۋە ئەخمەتلەرمۇ ماقالىنى ئۆز ژورنىلىدا ئىلان قىلىپ مەرھۇمنىڭ روھىنى خوش قىپتۇ.ئۆلگەندە بولسىمۇ ، ساۋاقداشلىق ھەققىنى ئادا قىپتۇ.
    مەرھۇم ھايات ۋاختىدا ئۈستىدىن تاپمىغان گىپىمىز قالمىدى.ئۆلگەندە بولسىمۇ ياخشى گىپىنى قىلىپ تۇرايلى.
    بۇ تىمىنى يوللىغان توردىشىمىزمۇ ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز. چۈنكى ھەممە ئادەم «قۇمۇل ئەدەبىياتى»نى كۆرۈپ بولالمايدۇ. مەنمۇ كۆرمەپتىكەنمەن .
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-25 02:03 |
sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17636
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2130
شۆھرەت: 2077 نۇمۇر
پۇل: 6905 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىتاپ «قۇم باسقان شەھەر». بۇ كىتياپنى قانچە قېتىم ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە يوق.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-25 11:52 |
tuhpikar
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 14680
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 100 نۇمۇر
پۇل: 319 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-12

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

 
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-26 01:25 |
maslihatqi
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23481
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 427
شۆھرەت: 438 نۇمۇر
پۇل: 1390 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

تارازا ئەپەندى ،سىزگە كۆپ رەخمەت . ئىشلىرىڭىز  ئۇتۇقلۇق بولغاي !
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-29 16:58 |
arkak22
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2971
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 244 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-11

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

<20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەر >دەپ يېزىۋالسىا بولمايدۇ، بۇ كېرىمجان دېگەنمۇ ھالىغا بېقىپ ھال تارتمايدىكەن ، بىر ئەسىرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلەرنى قانداقتۇر ئاز-تۇلا ساۋادى بار بىرئادەم قوپۇپلا ئوقۇغان كىتابلىرىنى ياكى ئىسىمنى بىلىدىغان كىتابلىرىنى ساناپ قويسىلا بولىدىغان ئىش ئەمەس، يۇقىرىقى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بىر قىسم ئەسەلەر ھەقىقەتتەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا  ئېرىشكەن بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىملىرىنى رەتكە ئۈتىدىغان ئەسەر دېگىلى بولمايدۇ ، بۇنداق چوڭ ئىشىنى ئەڭ ياخشىسى نوپۇزلۇق بىرەر ئاپپارات ( يازغۇچىلار جەمىيىتى ) ياكى بىرەر نوپۇزلۇق نەشىرىيات ئىلىمىي يۇسۇندا ئېلىپ بارغىنى تۈزۈك .
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-01 11:12 |
ihtida
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 45 نۇمۇر
پۇل: 252 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-10

 Re:Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

Quote:
بۇ مەزمون 5 - قەۋەتتىكى torpak نىڭ 2008-02-18 20:10 دە يوللىغان يازمىسى“Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى”:
مەن بۇ روماننى ئوقۇغان، تىل قابىلىيىتىگە قايىل بولغان ئىدىم. لېكىن يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ئاكا، بۇنىڭ روسىيىنىڭ بىر داڭلىق يازغۇچىنىڭ قايسىبىر رومانىنى ئۆز پېتىچە كۆچۈرۈپ، پېرسوناژنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىنى يېزىپتىكەن. شۇ چاغدا رەھمەتلىك باتۇر روزى بۇنى توغرا كېلىپ قېلىش دەپ ئۆزىنى ئاقلاپتىكەن. بۇ توغرىدا خېلى كۆپ مۇنازىرە بولغانغۇ دەيمەن.
مەن باتۇر روزىنىڭ بۆرە ئانا دېگەن كىتابىنى ئوقۇغان، ماڭا بەك يارىغان كىتاب ئۇ.

بۇ پەقەت مەرھۇمغا قىلىنغان تۆھمەت خالاس،مەرھۇمنىڭ بىز كىتاپخانلارنى قايىل قىلىدىغان ئەسەرلىرىنى پەرھات تۇرسۇن قەتئىيلا ئىنكار قىلىپ كەلدى، .ئەمما ئۆزى شۇنداق ئەسەرنى يازالمىدى،شۇنداققۇ؟پەرھات تۇرسۇن نېمىشقىدۇ مۇشۇ رەھمەتلىك بىلەنلا قالىدىغاندۇ؟تىرىكلىگىدىمۇ تىللاپ بېسىقمىدى،ئۆلگەندە بولسا تېخىمۇ غالجىرلاشتى،ھەي...
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-03 12:08 |
memetjan7979
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26736
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 290
شۆھرەت: 290 نۇمۇر
پۇل: 1061 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-12

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

نىمىلا دىگەن بىلەن بىزگە قىممەتلىك بىر خاتىرە قويۇپ كەتتى
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-16 05:30 |
memetjan7979
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26736
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 290
شۆھرەت: 290 نۇمۇر
پۇل: 1061 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-12

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ كېتىدۇ لىكىن دۇنياغا قۇرۇق كېلىپ قۇرۇق كەتكۈچى كۈپ
qarluq
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-16 05:59 |
memetjan7979
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26736
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 290
شۆھرەت: 290 نۇمۇر
پۇل: 1061 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-12

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

يانا  ياخشى تېما يوللاپ تۇرۇڭ
qarluq
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-16 06:01 |
memetjan7979
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26736
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 290
شۆھرەت: 290 نۇمۇر
پۇل: 1061 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-12

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

     
qarluq
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-16 06:02 |
memetjan7979
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26736
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 290
شۆھرەت: 290 نۇمۇر
پۇل: 1061 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-12

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

كىمدە    قىزىل راۋاقتىكى چۈش  نىڭ  بىزچە  كىتاۋى بار دۇ؟  مەن تاپالمىدىم    ياردەم قلامسىلەر؟
qarluq
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-18 20:45 |
memetjan7979
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26736
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 290
شۆھرەت: 290 نۇمۇر
پۇل: 1061 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-12

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

ياردىمىڭلانى  ايىمىغايسىلەر؟
qarluq
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-18 20:46 |
~arslan~
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19131
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 73
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
پۇل: 213 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-07

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

كۆچۈرۈلگەن كىتاپنىڭ مۇشۇنچىۋالا پەلسەپىۋى قىممىتى بولسا،جاپاكەش ئاپتۇرلىرىمىز ئۆزى قەلەم تەۋرەتكەن ئەسەرلەرچۇ ؟؟؟
qarluq
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-20 18:04 |
@wolkan@
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 7040
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 173
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 520 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

پەرھات  تۇرسۇن    مۇشۇ  ئاكمىزغىمۇ  پۇت  ئىتىپ  بىقىپتىكەن  ھە  !
qarluq
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-22 16:40 |
nurmamat215
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21299
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 80(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

مۇشۇ رۇماننى تېخى ئوقۇماپتىكەنمەن،تېپىپ ئوقۇسام بولغۇدەك!!!
  تېما ئېگىسىگە كۆپ رەھمەت!!!
qarluq
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-24 19:31 |
zungtung
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22660
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 88
شۆھرەت: 88 نۇمۇر
پۇل: 514 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08

 Re:Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

Quote:
بۇ مەزمون 26 - قەۋەتتىكى @wolkan@ نىڭ 2008-03-22 16:40 دە يوللىغان يازمىسى“Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى”:
پەرھات   تۇرسۇن    مۇشۇ  ئاكمىزغىمۇ  پۇت  ئىتىپ  بىقىپتىكەن  ھە  !
qarluq
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-25 03:20 |
heroyen
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28229
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-06

 Re:< < پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر >> رومانىنىڭ پەلىسەپەۋىي  قىممىتى

<قۇمباسقان  شەھەر> دىگەن  بۇكىتاب  ناھايىتى  ياخشى  مەنمۇ  ئوقىغان  خا  خا    !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!         
qarluq
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 14:37 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﻮﺑﺰﻭﺭ - ﺗﻪﻧﻘﯩﺖ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:39
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号