«بىلقۇت خەزىنىسى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە جاپالىق ئىزدىنىش، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇش، يۇقىرى يېڭى پەن تېخنىكا قوللىنىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەشھۇر شەخس، تېبابەت، ماقال تەمسىل،چۆچەك، رېۋايەت، چالغۇ-ئەسۋاب، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھار گۆھەرلەر؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق كەسپىي ساھەدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن نامايەندە خاراكتېرلىك كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى.
بىلقۇت خەزىنىسى بازارغا سىلىنغاندىن كېيىن بەزى خاتالىقلار بايقىلىپ ۋاقتىدا تۈزىتىش ئىلىپ بېرىلغان بولسىمۇ يەنىلا بەزى خاتالىقلاردىن خالىي بولالماپتۇق ،شۇڭا 3 - ئايلىق ئەلالاشتۇرۇشتا «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە قىسمىدىكى بايقالغان خاتالىقلارنى تۈزەتمەكچى، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدا خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قىسىمىدىن بايقىغان خاتالىقلار ، چۈشۈپ قالغان جايلىرى كىرگۈزۈلمەي قالغان سۆزلەر، ئىملا خاتالىقلىرى بولسا بىزگە ئەۋەتىپ بېرىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمىز. 3 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا بايقالغان خاتالىقلارنى تۈزەتكەن ئاساستا، <دۇنيادىكى ئەڭ> قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن: «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
0991-2552897
502410794 ؛ QQ : 390698212
E_mail:
imamjan3@163.com