قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 7411 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئەلى غۇجاخۇن:«بېكخام مۇھىممۇ ، ئىشەكمۇ» پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

madikar
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15713
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 160 نۇمۇر
پۇل: 308 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-12

 ئەلى غۇجاخۇن:«بېكخام مۇھىممۇ ، ئىشەكمۇ»

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئاتا تەرپىدىن تاقالدى(2008-02-16)
«بېكخام مۇھىممۇ ، ئىشەكمۇ»


ئەلى غۇجاخۇن


ئىلاۋە: ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سەمىمىيلىك بىلەن سېلىپ قويىدىغان تەرەپ، مېنىڭ يالقۇن ئەپەندى بىلەن ھېچقانداق ئۆچ- ئاداۋىتىم مەنپەئەت- توقۇنۇشۇم يوق،بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ئەركىن،باراۋەر سۆھبەتلىشىپمۇ تۇرىمىز.مېنىڭچە،يالقۇن ئەپەندى ئۆز ماقالىسىدە نامۇۋاپىق دەپ قارىغان بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاچقىلا بەزى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققۇم كەلدى.بۇمۇ يالقۇن ئەپەندى ئۆز ماقالىسىدە شەپە بېرىپ ئۆتكەن  ئۆز خەلقى ۋە مىللىتىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن دوستلۇقنىڭ ئىككىسىدىن بىرنى تاللا دېسە دوستلۇقنى قايرىپ قويۇپ  ئۆز خەلقىنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى تاللا،دىگەن چۈشەنچە سەۋەبى بىلەنلا بولدى، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوغاققان ئىلمىي پوزىتسىيەدە بولىشىنى سورايمەن.


يېقىندا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› ژۇرنىلىنڭ2008-يىللق 1- سانغا بېسىلغان يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ھوشۇر قارىغا قارىتا يېزىلمىغان  «ھوشۇر قارىغا ئوچۇق خەت›› ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئەزەلدىن ئىشەكنىڭ «چاپچىپ تۇرىدىغان ››لىقىنى كۆرمىگەچكە ياكى بىلمىگەچكە، ئەڭ ئاۋۋال كەلگەن تەسىراتىم يالقۇن روزى ئەپەندى ماقالىسىنى سەل ئالدىراپ-سالدىراپ سەل پىششىقلىمايلا يېزىپ سالدىمۇ نېمە؟ دېگەن خىيال بولدى ئارقىدىنلا «ئادەمگە نىسبەتەن باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلىغۇدەك ياشاشنىڭ ئۆزى بىر بەخت›› دېگەن قۇرلارنى ئوقۇپ، ئاپتۇر «ئادەم ئۆزىگە نورغۇن كىشىلەرنىڭ ھەسەت قىلىشىنى كۈتۈشى كېرەك ياكى ئۆزى ئېرىشكەن نەتىجە ئۇتۇقلارغا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەسەت قىلىشنى ئۈمۈت قىلىش لازىم» دېگەن پىكىردىمۇ قانداق؟ ئەسلىدە ئالىيجاناپ كىشىلەر باشقىلاردىن ھەسەتنى ئەمەس، ھەۋەسنىلا؛ كۆرەلمەسلىكىنى ئەمەس، ياخشى تىلەكنىلا كۈتىشى كېرەك ئېدىغۇ! دوستى ياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ھەسەتلىرىدىن بەخت ھېس قىلىش قانداق ئشتۇ! بۇ قانداق پىسخىكىلىق ھالەتتۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئەسەرنىڭ باشلىنىش قىسمىدىلا ئۇچرىغان بۇ مەسىلىلەردىن بۇ ئەسەردىكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرى مەسىلىسىدە بەزى مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم -دە، بۇ ماقالە توغرىسىدىكى قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلدى. 
  يالقۇن ئەپەندى ماقالىنىڭ دەسلىپىدىلا ھوشۇر قارىي ۋە ئۇ ۋەكىل بولىۋاتقان سەنئەتتىن «ئالاھىدە ھوزۇر» ئالغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئاندىن «مىللىي كىيىم – كېچەكلىرىمىزنى مىللىي ئادەت نۇقتىسىدىن كىيىش بىلەن مىللىي ئاڭ نۇقتىسىدىن كىيىش پەرقلىنىدۇ»، «ھە دېگەندىلا ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ئۇنۇتقان ھالدا چەكتىن ئاشقان ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن باشقىلارنى باشقا ئېلىۋېلىش – غورۇرى پۈچەكلىكنىڭ ئىپادىسى» دېگەندەك ،كۆرۈنۈشتە توغرىدەك كۆرىنىدىغان، ماھىيەتتە ئۇقۇملىرى قالايمىقان قىلىۋېتىلگەن، مىللىي ئادەت، مىللىي ئاڭ، ھۆرمەت ھېسسىياتى ۋە غورۇر دېگەندەك سۆزلەر بىر –بىرىگە مەجبۇرى ھالدا قارمۇ – قارشى قويۇلغان مۇھاكىمىلەر ئۇچرايدۇ. ماقالىدىكى مەركىزى پىكىرنى يانداش مۇھاكىمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماسلىق ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، بۇ نۇقتىلار ھەققىدە توختالمىدىم. پەقەت ماقالىدىكى كۈچەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قانچە ناتوغرا قاراشلار ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى لايىق تاپتىم. 
  ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقساق، بۇ «ئوچۇق خەت»تە دوستلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىلىدۇ.يالقۇن ئەپەندى  قايسى بىر ئاپتورنىڭ «... ۋەتىنىدىن ھەتتا جېنىدىن ئايرىلىش بەدىلىگە دوستلۇقنىڭ تۇز ھۆرمىتىنى ساقلىغان» دېگەن سۆزنى تۇتىۋېلىپ، دوستقا ئىشەنمەسلىك، دوستىن ھەزەر ئەيلەش تەربىيىسىنى ئىشلەيدۇ. ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرلەپ «ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا»، «بۆرىنى قانچە باقساڭمۇ ئىككى كۆزى جاڭگالدا» (بۇ تەمسىل ئەمەلىيەتتە نوقۇل دوستلۇققا قارىتىلمىغان، ئەسلىدە بۇ ئورۇندا مىسالغا ئېلىشمۇ توغرا ئەمەس) دېگەن ماقال – تەمسىلەرنى دوستقا ئىشەنمەسلىككە سۇيئىستىمال قىلىدۇ. قانداق دوستقا، قانداق ئەھۋالدا ئىشىنىش ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى تىلغا ئېلىنماستىن ، ئايرىلمىلىق خاراكتېرىدىكى ھۆكۈملەرنى ئومۇملۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلىش تازا توغرا بولمىسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بۇ ماقال- تەمسىللەر  كونكرېتنى جۈملە شارائىتىدا، كونكرېت يولۇققان ئەھۋالغا قارىتا ئېيتىلىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئومۇملۇق خاراكتېرىنى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۇرىدىغان ماقال - تەمسىللەردىن ئەمەس، بىر ئايرىما ھادىسىدىن ئومۇملۇق خاراكتېرىگە ئىگە يەكۈن چىقىرىپ قويۇش نۆۋەتتىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئېنىق سانلىق مەلۇماتلىق، كونكرېت دائىرىلىك، روشەن پاكىتلىق سۆز قىلىشقا ئادەتلىنىش بىزنىڭ ھېسسىياتچان مىجەزىمىزنى تەڭشەپ سالماق، تەمكىن، سوغۇققان پىكىر قىلىدىغان، ئوبىكتىپ باھا بېرىدىغان خاراكتېرىمىزنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئايرىم شارائىتتا ئېيتىلىدىغان «ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا» دېگەن ھۆكۈمنى پۈتكۈل دوستلۇق رىشتىسىگە ئىشەنمەسلىك «سەپسەتە»سىگە دەلىل – ئاساس قىلىۋالساق، ئاپتۇر ئۆزى دەۋاتقان «توغرا قىممەت قارشى»غا ساداقەتسىزلىك قىلغان بولىمىز-دە، دوستلۇق مەسىلىسى ئىنسانلار ھەزەر ئەيلەيدىغان قاباھەتلىك نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «دوستلىرىڭ يوق باغدىن، دوستلىرىڭ بار تاغ ياخشى»، «دوستى بارنىڭ بەختى بار»، «دوستقا مۇھەببەت، دۈشمەنگە نەپرەت»، «دوستقا ئىناق بول، دۈشمەندىن يىراق» دېگەندەك ئومۇمىي خاراكتېرلىك يەكۈنلەرگە قارشى چىقىپ مات بولۇپ قالىمىز. 
  ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا يەنە ئوخشاشلا يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك بىر ئايرىم ھادىسىدىن ئومۇمىيىلىق خاراكتېرىگە ئىگە يەكۈن چىقىرىپ قويۇشتەك لوگىكىلىق خاتالىققا يول قويۇلغان. ئايرىملىقتىن ئومۇملۇققا ئىگە يەكۈن چىقىرىشتا بىر تۈردىكى بىر قانچىلىغان ئايرىم ھۆكۈملەردىن ئومۇم ئېتىراپ قىلىدىغان بىر توغرا يەكۈن چىقىرىلىدۇ. ھوشۇر قارىينىڭ ئېشەك مىنىپ ئېلانغا چىقىشىغا قارىتا، بىلىشىمچە، ئۇنداق كۆپ كىشى «ئات مىنىپ ئېكرانغا چىقىشى كېرەك ئىدى»  دەپ خۇلاسە چىقىرىشمىدى. ئاز بىر قىسىم ئادەملەر دېسىمۇ دېگەندۇ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ قەدىر – قىممىتى ۋە ئىززىتىگە چېقىلمىغان ئاساستىكى ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتپەرۋەرلىك ھېسسىياتىدىن كېلىپ چىققان تېخىمۇ ئالىيجانابلىققا، يۈكسەكلىككە ئىنتىلىش تۇيغۇسىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى خىل ئەھۋال ئەقلىگە ئۇيغۇن، يەنە كېلىپ ساغلام ئىنسانىي تۇيغۇ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى تۇتىۋېلىپ باشقىلارنى زۆرۈرىيىتى يوق مۇھاكىمىگە باشلىساق، ھەرگىز توغرا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئات تۈركىي مىللەتلەر ئەڭ دەسلەپ قولغا كۆندۈرگەن ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزدە مەدەنىيەت مەنىسى نۇقتىسىدىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرىدۇ. تۈرك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە ئات بىزگە تولىمۇ يېقىن تۇرىدۇ ھەم ئىجابىي ئوبراز بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. «ئەر قانىتى - ئات»، «ئات ئورنىغا ئىشەك باغلىما»، «ئاتلىق - قاناتلىق» دېگەن ماقال – تەمسىللەر بۇنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا مەلۇم مەنىدىن بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنداق دېيىشىنىمۇ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا قارشى ھالدا كلاسسىك ھېكىمەتلىرىمىزدە بولسۇن ياكى ماقال – تەمسىللىرىمىزدە بولسۇن ئېشەك ئوبرازى دېگۈدەك سەلبىي مەنىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ. «ئاتنىڭ تەپكىنى ئار ئەمەس، ئېشەكنىڭ تەپكىنى ئار»، «ئېشەك شەيتاننى كۆرسە ھاڭرايدۇ، خوراز پەرىشتىنى كۆرسە چىللايدۇ»، «ئېشەك ئالدىغا چۈشىۋالسا، ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار»، «ئالتۇندىن ھەل بەرسە، كېسەكتۇر كېسەك، تاۋاردىن تون كەيسە، ئىشەكتۇر ئىشەك» دېگەن ماقال – تەمسىللەر بۇنىڭ دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. «قۇرئان» دىمۇ «ئوتتۇراھال، ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر» (31-سۈرە، 19- ئايەت) دېگەن قۇرلار ئۇچرايدۇ. بۇ يەردە يۇقۇرى ئاۋازدا گەپ قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئاۋازى ئېشەك ئاۋازى بىلەن سۈپەتلەنگەن ۋە كىشىلەرنى تۆۋەن ئاۋازدا، مۇلايىملىق بىلەن گەپ – سۆز قىلىشقا چاقىرغان. ئېشەكنى ۋاستە قىلىپ سەلبىي مەنىدە ئوخشىتىش ۋە سىمۋوللاشتۇرۇش قۇرئاندا يەنە بۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە جايدا ئۇچرايدۇ. دېمەك، ئېشەك ئوبرازى خەلقىمىز مىللىي ئېڭىدا مۇقىم بىر سەلبىي مەنىگە  ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولغان دېيىشكە بولىدۇ. 
  مېنىڭچە، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئاتقا قارىغاندا ئېشەكتىن سۆيۈنۈش ھېسىياتىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ياكى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئاپتورنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ «ھوشۇر قارى ئەپەندى، مەن سىزنىڭ ئېكراندا ئېشەك مىنگەن قەشقەر يىگىتلىرىگە خاس كىيىنگەن ھالەتتە كۆرۈنگەن ئاشۇ ئوبرازىڭىزنى ‹ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى› دەپ قارايمەن» دېگەن يەكۈنىنى چىقىرىپ قويىشى ئادەمنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ خىيالىمىزدا ھوشۇر قارىنىڭ ئېكراندىكى ئوبرازى ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ قىسمەن كۆرۈنىشىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقامدۇ قانداق: 
  ھوشۇر قارىنىڭ ئېكراندىكى ئوبرازى =«ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى»= «سەنئەت مىللەتنىڭ بارلىقى». 
  ئىلگىرى يالقۇن ئەپەندى «سەنئەت ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ئەمەس بەلكى بايلىقى» دېگەن ئىدى. بۇ يەردە بولسا ھوشۇر قارى ئوبرازى ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان سەنئەتنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى» دەپ ئېيتقان. ئەجەبا، بۇ ، سەنئەتنى مىللەتنىڭ بارلىقى دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ ئىپادىدىن قانچە گۇمانلىناي دېسەممۇ پاكىتلار، يالقۇن ئەپەندىنىڭ ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى گەپلىرى، لوگىكىلىق تەپەككۇر شەكلى قاتارلىقلار بۇ ئىپادىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئايرىم بىر ھادىسىدىن ئومۇملۇق كۈچىگە ئىگە خاتا يەكۈن چىقىرىپ قويۇش مەسىلىسى، ئاپتورنىڭ ئېنىق پىكىر ئىزچىللىقىنىڭ بولماسلىق مەسىلىسى، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى» نى ئوپۇل – تۇپۇل پاكىتسىز، مۇلاھىزسىز ھالدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىش مەسىلىسى قاتارلىق خاتالىقلار يۈز بېرىپ، ئاپتورغا نېمە دەپ، نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەيدىغان ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ.
  «بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى» مەسىلىسى مىللىي كىملىك مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە مىللىي كىملىك بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر ۋە تۇرمۇش شەكلى، تىلى، ئەخلاقى، ئىجتىمائىي قىممەت ھۆكۈملىرى ۋە پرىنسىپلىرىدىن ھاسىل بولغان بىر پۈتۈنلۈك. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھوشۇر قارىنىڭ ئىشەكلىك كۆرۈنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك مەسىلىسىنى پەقەتلا يورۇتۇپ بېرەلمەيدۇ.
  «سىلەرچە، بىزگە  بىكخام مۇھىممۇ، ئىشەكمۇ؟» بۇ مەسىلە ئادەمنى تېخىمۇ مۇلاھىزە قىلغىلى بولمايدىغان مۇھىتقا باشلاپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ پىكىر قىلىپ كۆرسەك، ئادەتتە، سېلىشتۇرما تەھلىللەردە بىر تۈردىكى مەسىلىلەر سېلىشتۇرىلىدۇ. ھەتتا بىر تۈردىكى مەسىلە ۋە شەيئىلەر ئىچىدىمۇ سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىرى بار. مەسىلەن، «ئۈزۈم مۇھىممۇ، ئالمىمۇ؟»، «پىرىزدىت مۇھىممۇ، كان ئىشچىسىمۇ؟» ئەگەر سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كەلسە، قانداق ئەھۋالدا ۋە قانداق شارائىتتا، نېمىگە ئىشلىتىپ، قانداق ئىشلارنى روياپقا چىقارغاندا ئاندىن مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكى ۋە ياكى باشقا مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.  . 
  «سېلىشتۇرما تەتقىقات خەلقئارادا ئاللىقاچان ئىلىم سۈپىتىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى (Comparativemethod) ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئاساسى ئۇسۇل. ئۇ دەسلەپتە كلاسىك تەدرىجى تەرەققىيات ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى ھېسابلىناتتى. ئۇلار بۇ خىل سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئوخشاشمىغان ساھەدە مەدەنىيەتنىڭ  تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلمىسىنى دەللىلىگەن ھەم ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئەھۋالىنى كۈزەتكەن. سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى ئۈچ قەدەم باسقۇچ بويىچە بولىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە ئوخشاش تۈردىكى ھادىسە ياكى شەيئىنى تېپىپ چىقىش، ئىككىنچى قەدەمدە سېلىشتۇرش مەقسىتىگە ئاساسەن ئوخشاش ھادىسە ياكى شەيئىلەرنى گۇرۇپپىلاپ مۇلاھىزە قىلىش، ئۈچىنچى قەدەمدە سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تەھلىل قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ تەتقىقات مەقسىدى ۋە تېپىغا ئاساسەن تارىخى سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى (historialcomparison) ۋە تىپ سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى (typelogicalcomparison) قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئوبىكىتقا قاراپ قوش تەرەپلىك سېلىشتۇرۇش ۋە كۆپ تەرەپلىك سېلىشتۇرۇش دېگەن تۈرلەرگىمۇ بۆلىنىدۇ» )مەنبە: www.face21cn.cnتورى( گەرچە يالقۇن ئەپەندىنىڭ سېلىشتۇرما مۇلاھىزىسىنى تەتقىقات دەپ ئېيتالمىساقمۇ، يۇقۇرقى پاكىتقا ئاساسلانغاندا ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق «بېخكام مۇھىممۇ ياكى ئىشەكمۇ؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب ئىزدەش ئىلمى بولمىغان سۇئالغا ئىلمىي بولمىغان جاۋاب ئىزدەش بىمەنە ھەركىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاۋۋال سېلىشتۇرۇش مەقسىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش، ئاندىن سېلىشتۇرۇش قەدەم باسقۇچى ئىلمىي بولغانمۇ يوق، دېگەن مەسىلىگە دىققەت قىلىش زۆرۈر. بۇ يەردە شەرت، مەقسەت، نىشان، چىقىش نۇقتىسى بىئېنىق ئەھۋالدا سۇئال سوراش بىلەن جاۋاب ئىزدەش ئوخشاشلا ئەھمىيەتسىز ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەجبۇرى سېلىشتۇرغاندا كۈچىدىن پايدىلىنىش ۋە قاتناشقا قولايلىق بولۇشتا، ئەلۋەتتە، بېكخامنى مىنگىلى ۋە ھارۋىغا قاتقىلى بولمايدۇ. ئېشەك مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. پۇتبول تېپىش ماھارىتى ۋە بۇ ماھارىتى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن نوپۇزى ۋە ئابرويى، ياشلارغا بولغان تەسىرى، ئىلھام بېرىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەلۋەتتە، ئېشەك تولىمۇ ئارقىدا تۇرىدۇ. ياكى سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق، بېكخام مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مۇشۇنداق ئاددىي مەسىلە ئۇنى قەستەن مۇرەككەپ كۆرسىتىشنىڭمۇ ھېچ ئەھمىيىتى يوق. «بېكخام خەلقىمىزگە ۋە ۋەتىنىمىزگە نېمە ئىش قىلىپ بەرگەن؟... ئېشەك كۈندىلىك ھاياتتا بارلىق ھايۋاننى بېسىپ چۈشىدىغان تۆھپىسى بىلەن مىسىلسىز رول ئويناپ كەلدى» . ماقالىدە ئېيتىلغان بۇ يەكۈنلەرنىڭ تىرەش نۇقتىسىنىڭ پەقەتلا يوق بولىشىغا قارىماي، ماھىيەتكە نەزەر سالماي ھادىسىگە، شورپىسىغا قارىماي كۆپىكىگە قاراپ ئادەتلىنىپ قالغان ئاددىي پىكىرلىك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشى تەبئىي. بىراق سېلىشتۇرۇش قەدەم باسقۇچىنىڭ مۇھىم ئۈچ باسقۇچنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولغان «ئوخشاش تۈردىكى ھادىسە ۋە شەيئىلەرنى تېپىپ چىقىش» قەدىمىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساقلا بۇنداق مۇھاكىمىنىڭ گۆدەكلەرنىڭ تاللاش تارتىشىغىمۇ ئەرزىمەيدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
  نەتىجىدە، «يېزا – بازاردىن ئىبارەت ‹گۇمانتار مەنزىرە› » ئاستىدىكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان «مىسىلسىز رول» ئوينايدىغان «سۆيۈملۈك» ئېشەك بىلەن بىكخامنى سېلىشتۇرۇشنىڭ گويا مارس بىلەن بېلىقنى، لاي ھەيكەل بىلەن مائارىپ گېزىتىنى سېلىشتۇرۇشتەكلا بىمەنە ئىش ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ. ئەگەر ئېشەكنى تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپ ھالدا سىمۋوللۇق مەنىدىن ھالقىپ تۇرۇپ بىكخام بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ ئېشەك ياكى ئېشەكلەر «قەۋمى» يارتىلىشىدىنلا ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان. ئۇ نېمىس دېھقانلىرىغىمۇ، ئىندىئان پادىچىلىرىغىمۇ، يەھۇدى دىن تارقاتقۇچىلىرىغىمۇ «غەرەزسىز» ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يالغۇز ئۇيغۇر ئۈچۈنلا قۇربان بەرگىنى يوق. بېكخام بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە چۇشلۇق تەبئىي ئىقتىدارى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ نەچچە يۈز مىليۇن دوللارلىق غەللىسىگە تايىنىپ نۇرغۇن خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. (ئۇ خەيرى – ساخاۋەت تۈرىدىكى ئېلانلارغا چىقىپ، 2002 -يىلى 8 -ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ۋېلىس بىلەن جېشكانى ئۆيىگە قايتشقا تېلۋىزوردا دالالەت قىلدى. 2007 - يىلى 5 - ئايدا يۈتۈپ كەتكەن 3 ياشلىق ئەنگىلىيىلىك قىزچاق مادېلىن ماككىننى كىشىلەرنىڭ تېپىشىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىپ تېلۋىزور سۆزى قىلدى. ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدا ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبول مەكتەپلىرنى قۇردى. تېخى 2008 - يىلى 1 -ئاينىڭ 30 - كۈنى بىرازىلىيەنىڭ ناتار شەھىرىدە 10 مىڭ كىشلىك بىر پۇتبول مەيدانى، 8 پۇتبول مەشىق مەيدانى، بىر قانچە گۈلف توپ، تېننىس توپ مەيدانلىرى، تۇلۇق مەشىق ئەسلىھەلىرى بولغان «بېكخام تەنتەربىيە دۇنياسى»نى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردە بەرپا قىلغان پۇتبول مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.) ئۇ ئۆزىنىڭ توپ ئويناشتىكى ماھارىتى بىلەن نۇرغۇن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ پوتبۇل قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىۋاتىدۇ. ئىنسانىيەتكە ئىنسان بولۇش سۈپىتىدە تېگىشلىك پايدا يەتكۈزىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىدە ساغلام قىزىقىش پەيدا بولۇشىغا ۋاستىلىق تۈردە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بىر خىرىستىيان ئىكەنلىكى، قۇلاق - بۇرۇنلىرىغا تۆمۈر - تەسەك ئېسىۋالىدىغانلىقى، تېرىسىگە بىر نېمىلەرنى چېكىۋالىدىغانلىقىغا تەنقىدى قارشىمىز، پەرزەنتىلىرىمىزنى بۇنداق ئىشلارغا ئەگەشمەسلىكىگە ئۈندەش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. ئەگەر يالقۇن ئەپەندى ئېيتقاندەك دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا بوكس شاھى تايسۇن، مەشھۇر يازغۇچى بالزاك، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى ماندىلا، داڭلىق رويال ماھىرى رىچارد كىلايدورمان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدۇ، ئىشكەككىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇلاردىن ئېشەك مۇھىم بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بەرگىنى يوق. لېكىن بىز بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنى ئىشەككىمۇ تەڭ قىلماسلىققا ھەققىمىز يوق. 
  پۈتكۈل ماقالىدە «ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولغان خىرىستىيانلارنى يېروسالىمنى قايتۇرۇۋېلىشقا كۈشكۈرتكەن مۇناخ پىيەرلەمت» نىڭ  خائىن ئېشىكى ئاپتور قەلىمى ئاستىدا نۇر چېچىپ چاقنايدۇ. بىر ئادەمنى بولسا ئاپتور ئىشەككىمۇ تەڭ قىلمايدۇ ئاپتور «ئېشەك قەسىدىسى»نى يېزىۋاتقاندا ھاياجانلانغان ھالدا «ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى!»، «ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت!» دېگەن مىللىتىمىزنىڭ  خاس چۈشەنچىلىرىگە ۋە مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىمىزگە قىلچە ئۇيغۇن بولمىغان ، يات،  غەلىتە جاكارنى جاكالايدۇ. ۋە «بۇنىڭ نېمىسى خاتا؟» دەپ تەئەججۇبلۇق سۇئال تاشلايدۇ. «ئۆرگىلەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى!، ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت!، دەپ پەخىرلەنسەك بولىۋېرىدۇ» دەيدۇ. ئەسلىدە ئېشەكتىن ئىبارەت بۇ مەخلۇق خۇددى ئاپتور ماقالىسىدە ئېسىمىزگە سالغۇدەك «جاپاكەش بولغاچقا كۆپتۇر خىزمىتى، ھاياسىز بولغاچقا يوقتۇر ئىززىتى» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاللىقاچان قىممەت قارشىمىزدا مۇۋاپىق باھاغا ئېرىشىپ بولغان ھايۋان ئىدى. ئۇنىڭ «ھاياسىزلىقى» ، سەت ھاڭراپ كىشىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزىدىغانلىقى، نېمە ئىشقا سالسا، شۇنى قىلىدىغان قۇل مىجەز ئالاھىدىلىكى بار بولغاچقا ۋە يەنە بىر قىسىم يېزا بالىلىرىنىڭ قىلىقسىز ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىنىپ كەلگەچكىلا ، «ياخشى ئوقۇ داداڭغا ئوخشاش، ئېشەك بولما» دېگەندەك ھېكىمەتلەرنىڭ تەركىبىدىن سەلبىي مەنىدىكى ئورۇننى ئالغان. ھوشۇر قارىنىڭ «كېۋەز گۈلى» ماركىلىق خىمىيۋى ئوغۇتى ئېلانىغا چىقىشتىكى مەقسىدىمۇ ئېشەكنى ياكى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى ئېلاننىڭ كۆرۈلۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، «كېۋەز گۈلى» خىمىيۋى ئوغۇتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىنلا ئىبارەت. ئېلاندا ئېشەككە باھامۇ بېرەلمىگەن، چۆكۈرۈلمىگەن ياكى كۆپتۈرۈلمىگەن.شۇڭا  ئاپتورنىڭ مۇشۇنداق بىر ئېلاندىكى بىر ناخشىچىنىڭ ئېشەك مىنىپ چىققان كۆرۈنىشىدىن ھوزۇرلىنىپ كېتىپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي «ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى!»، «ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت» دەپ پەخىرلىنىشى  سەل بىمەنىلىك بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېشەك ئاللىقاچان خەلقىمىز قەلبىدە «تۆھپىسى» بىلەن «قىلىقسىزلىقى» ئېنىق ئايرىلىپ، تۆھپىسىگە قارىغاندا «قىلىقسىزلىقى»نىڭ بېسىپ كېتىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ بولۇنغان، «ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال» ھايۋان. شۇنداق بولغاچقا، خەلقىمىزنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان بۇنداق ھاقارەتلىك «دوست»تىن يىراق تۇرىشىمىز تولىمۇ ئەۋزەل بولسا كېرەك.
  يەنە بىر گەپ، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئېشەكنى دۆتلۈكنىڭ، قۇل مىجەزلىكنىڭ، ھاياسىزلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە چۈشەنگىنى ۋە ئەسەرلىرىدە سەلبىي مەنىدە ئىشلەتكىنى بىلەن ھەرگىز قۇتىنىدىكى ئېشىكىنى كۈندە دۇمبىلاپ، ئاچ قويۇپ، ئۆچلۈك قىلمايدۇ. شۇڭا ئاپتور ئېشەكنىڭ ياكى ئېشەكلەر قەۋمىنىڭ تەكلىماكاندىكى تەقدىردىن ئانچە بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار يەنىلا ئۆز «ھۇجرا» لىرىدا ئېشەكلەر ئېرىششىگە تېگىشلىك «بەختلىق تۇرمۇش»تىن بەھرىمان بولىۋېرىدۇ. بىز ماقالىدە ئاپتورنىڭ «ئەي ئوغۇل، بىلىم ئۆگەنگىن! نادانلىق نومۇستۇر، بۇ نومۇسسىنى كۆتۈرۈشكە پەقەت ئېشەكلا رازى بولىدۇ» دېگەن ھېكىمەتكە قارىتا «روشەنكى، بۇ ئېشەككە ئۇۋال قىلغانلىق، ئېشەك بىلىمسىزلىككە رازى بولۇپ ياشاپ، باشقا ھايۋانلار ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىۋالغان ئەھۋالىنى بىرەر كىشى كۆرگىنى يوق!» دەپ كايىشىغا قاراپ،  يالقۇن ئەپەندىدە ئەدەبىياتتىكى ئوبرازلىق سۆز جۈملىلەرنى چۈشىنىشىدە پىسخىكىلىق توسالغۇ بارمۇ قانداق؟ دېگەن چۈشەنچىگە كېلىپ قالىمىز. بۇ رېتورىك خىتاپتا، ئېشەك بىر ۋەكىللىك ئوخشىتىش ھالىتىدە دۆت، نادان كىشىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە مەزكۇر جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى مەجبۇرى بۇرمىلاپ چۈشىنىشنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق. ئېشەك بىر ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر يولۋاس بىلەن ياكى بىر شاتۇتى بىلەن ئوخشاش قىممەتكە ئىگە. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرىدا بولسا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن سەۋەبلەر تۈپەيلى دۆتلۈك، نادانلىق ۋە قىلىقسىزلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاپتور ماقالىسىدە ئېشەكنى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ پارلاق توتېمى قىلىۋېلىش قەستىدە بولىۋاتقاندەك تۇيغۇنى بېرىدۇ. تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك  5 – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر ئادەمگە قارىغاندا دۇنيانىڭ ھەممە جايىدا ئوخشاش رول ئويناۋاتقان بىر ھايۋان «ئەپەندى» بولمىش ئىشەكنى ئۇلۇغلاشتەك خاتا قىممەت قارشىنى بېرىشكە تىرىشىدۇ. بېكخامدىن ئىبارەت ياشلارغا توپ ئويناش ماھارىتى بىلەن ئۈلگە بولىۋاتقان، ئۇلارغا يوشۇرۇن ئىلھام بېرىۋاتقان، دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلارغا تەنتەربىيە مەكتەپلەرنى قۇرۇپ بېرىپ، خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئىنساننى بىر ئېنگىلىز ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر بىلەن كارى يوقلىقى سەۋەبىدىن بىر ئېشەككە تەڭ قىلمايدۇ. بېكخامنىڭ بىر ئىنگىلىز ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچ ئىش قىلىپ بەرمىگىنى، شۇڭا ئۇنى ئېشەكتىنمۇ تۆۋەن كۆرۈش كېرەكلىكتەك ھېسسىياتنى يالقۇن ئەپەندىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكى دەپ قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە، باشقا مىللەتلەرنى ياكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار روھىنى، مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىشنى ماھىيەت قىلغان بۇنداق مىللەتپەرۋەرلىك پەقەت ئېرىقچىلىقىنى ۋە رادىكال قاراشلارنى مەزمۇن قىلغان پىكىردىن باشقا نەرسە ئەمەس بۇلۇپ چىقىدۇ. بۇنداق قاراش ۋە پىكىر ئۇيغۇرلارنى زاماننىڭ مەدەنىي بىر تەرەققىياتىدىن، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلىپ تېز ئىلگىرلىشىدىن، دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ بىزگە بولغان ياخشى تەسىرىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇش رولىنىلا ئوينايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۆز خەلقىنىڭ كۇلتۈرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغار تەركىبلىرىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. ھەرگىز باشقىلارنىڭكىنى ئىنكار قىلىش، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىلغار روھىنى چۆكۈرۈش بەدىلىگە قولغا كەلمەيدۇ.
  شۇنداق قىلىپ  ئاپتۇر ماقالىسىدە «بېكخامدىن ئېشەك مۇھىم» دېگەن خەتەرلىك سېگنالنى بېرىدۇ.  شۇنى بىلىش لازىمكى، خەلقىمىز ئىلھام – مەدەتكە، يېتەكلەشكە، توغرا ھاياتى قىممەت ئۆلچەملىرىگە مۇھتاج. ھەرگىزمۇ روھىنى چۆكىرىدىغان، مىللىي تەرەققىياتىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان  خاتا تەلقىنلەرىگە مۇھتاج ئەمەس.ئاپتۇر بۇ گېپى ئۈستىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ باقتىمىكى، بۇ سۆز ياشلىق دەۋرىگە ئەمدىلا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ غۇبارسىز قەلىبلەرنى «ئادەمدىن ھايۋان مۇھىم» دېگەن خاتا، بىمەنە قىممەت قارشى بىلەن تۇيۇق يولغا باشلىغىنى بولۇپ قالامدۇ – قانداق؟!
  ئاخىرىدا ئاپتورغا دەيدىغىنىم، يالقۇن ئەپەندى  بۇنداق سۆز ئوينىتىش تۈسىنى ئالغان، ئاۋامنى قايمۇقتۇرىدىغان ئاتالمىش «چوڭقۇر» مۇلاھىزىلەرنى قويۇپ، مەۋجۈت ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، مىللىي كىرزسىلار ھەققىدە ئويلىنىپ، شۇلار ھەققىدە پىشقان، توغرا مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بېرىشقا كۈچىسە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىمىنى، نېمىنى دوست تۇتۇش مەسىلىسىنى يەنىلا تارىخنىڭ مەدەنىي بىر تەرەققىياتى ئاستا- ئاستا ھەل قىلىسا دەيمەن.



ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ  تىل - ئەدەبىيات گۇرۇپپىسى 
تېما تەستىقلىغۇچى : ajrim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-02-15, 10:23
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(ئاتا) ئۆزىگە خاس م
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-02-15 17:16 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
arkim
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 1163
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 321
شۆھرەت: 189 نۇمۇر
پۇل: 953 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-09

 

ئەلى خوجائاخۇن مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟! سىز بۇيەردە چىن كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى يېزىپسىز. مەنمۇ ئۇ ئەسەرنى شىنجاڭ مەدەنىيتىدە كۆرۈپ بەك ئەپسوسلانغان ئىدىم. شىنجاڭ مەدەنىيىتى ئەمەس تور بەتلىرىدە قېنى قىززىق بالىلارنىڭ يازغان پىششىقلانمىغان، چولتا يازمىلىرىدەكلا تۇيغۇغا كەلگەن ئىدىم...
بۇ تېما بەك جايىدا ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ....
يەنە شۇ سانلىق ژورنالدا قەشقەر كوچىلىرى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەر كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى ئىزىدۇ...بولسا شۇ توغرىسىدىمۇ ئىلمىي بولغان مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى...
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-15 19:01 |
otuken.cn
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 242 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-01

 

يۇقۇرقى ئوبزور ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە پاكىتلىق بايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھەممىمىزنى ئىختىيارسىز قايىل قىلىدۇ .ئۇنىڭ ئىلمى قىممىتى ھەقىقەتەن ئەسلى ئەسەردىن كۆپ دەرىجىدە ئۇستۇن چىققان.
قىززىققانلىق بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن نادانلارچە تەپەككۈر ئۇسۇلى بىلەن رىئاللىققا مۇئامىلە قىلىۋاتقان بىزدەك ئوقۇرمەنلەرگە ،توغرا تەپەككۈرۋە ئىلمى مۇلاھىزە  قىلىش ئۇسۇلىنى ئۈگەتتى .
دىمەك بىزنىڭ ئەقىللىق ھۇشيار  ئادەملىرىمىز يەنىلا كۆپكەن .
قىسقىسى بۇ تور ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ئەسەر بولۇشقا لايىقكەن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-15 19:10 |
maslihatqi
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23481
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 427
شۆھرەت: 438 نۇمۇر
پۇل: 1390 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

بېكھام مۇھىممۇ ئىشەكمۇ ؟  كىڭەتسەك  ئادەم مۇھىممۇ  ھايۋانمۇ  ؟ بىلەن تەڭداش بوپ قالىدىكەن. يازغۇچى  ھەقىقەتەن تىما قويۇشتىلا چوڭ خاتالىققا يول قويۇپتۇ . مەنچە ئەسەر يازغاندا شەخسى ھىسسىياتنى زورلاپ مەجبۇرى يوسۇندا باشقىلارغا قوبۇل قىلغۇزۇش ئاقىلانىلىك بولماسمىكى ؟
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-15 22:40 |
mustabit
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 8987
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 522
شۆھرەت: 420 نۇمۇر
پۇل: 1766 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 246(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

يالقۇن روزى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە جەمىيتىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ، <رەھىمسىز >، مەۋجۇت بولمىسا بولمايدىغان دوختۇرى !!!
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-15 23:02 |
wayit
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6265
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 137 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-21

 

بۇ يالقۇنكام (زۇردۇن سابىر)(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)مەمتىمن ھوشۇرلارغىمۇ شىلتىڭ ئاتقانمىكەن~~
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 00:07 |
wayit
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6265
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 137 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-21

 

يالقۇن روزى بىر ئەدەبىي ئوبزورچى~~~
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 00:10 |
parhat0417
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24051
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 159 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-19

 

''ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زىيالى بولماق تەس''دىگەن سۆزنىڭ ئەمىلىيىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرىۋاتىمەن.دىلىدا تۈزۈك ئىدىقات،غايىدىن ئەسەر يوق، ئەكسىچە بىكخامغا ھەددىدىن زىيادەچوقۇنىدىغان،بىكخامنى ھەممىدىن زىيادە چوڭ بىلىدىغان ،ھەممىنى ئۇنۇتقان ئاشۇ بىر قىسىم مودا ياشلىرىمىزغا ئاز-تولا ئەسكەرتىش بىرىش، ئۆزىنى يوقاتقان ھالدىكى غايىبانە چوقۇنۇشتىن نۆۋەتتىكى رىئاللىقىمىزغا قايتىشقا دەۋەت قىلىش يۈزىسىدىن يېزىلغان بۇ ماقالە ۋە ماقالىدىكى ئاشۇ ئىبرەتلىك، مەنىلىك ئوخشىتىشنىڭ مۇنچىۋالا كۆپ ئۆسەك،شىكايەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشىنى ئۇيلىماپتىكەنمەن.  يەنە كىلىپ باشقا بىرىنىڭ ئەمەس ،ئەلى غوجاخۇنغا ئوخشاش قورسىقىدا ئومىچىنىڭ تايىنى يوق ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلايدىغان، بۇرنىنىڭ ئۈچىنىلا كۆرىدىغان.......مۇنداق بىرىنىڭ كاللا دىسە پاقالچاق دىگەندەكلا ئوتتۇرىغا قويغان،ئۆزىنى چاغلىماي بىھۇدە قۇسۇر تىپىۋاتقانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدىغان تۇترۇقسىز،بۇرمىلانغان بىمەنە سەپسەتىلىرى ئارقىلىق ، يالقۇن روزى ۋە ئۇنىڭ بۇ ئىسىل ماقالسى ھەققىدىكى ئۆسەكلەرنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۇپ ، مىللى كىرىزىسلىرىمىز ئۈستىدە يۈرەكلىك پىكىر يۈرگىزىۋاتقان زىيالىلىرىمىز ئۈستىدىن غەيۋەت-شىكايەت  قىلىش، نىشاننى توغرا تاللىمايلا كۆز قىزارتىپ پۇتلاشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان ئاشۇ نائەھلىلەرنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشىرىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۇپ يەتكەندەك بولدۇم، ۋە ئۇلاردىن شۇ قەدەر يىرگەندىم . يالقۇن روزىنىڭ بۇ ماقالىسىنى ئوقۇپ ، ئۆز كىملىكىنى،تارىخىنى،مەدىنىيىتىنى ئۇنتۇپ،غەرپ مەدەنىيىتىگە ئەسەبىيلەرچە ئاشىق بولغان، كىرىزىسلىرىمىز ئۈستىدە ئويلىنىشنى قايرىپ قويۇپ ''غەرپچەراھەت'' چۈشى كۆرىۋاتقان ئاشۇ بىر قىسىم مودا ياشلىرىمىزغا دەل ۋاقتىدا بىرىلگەن كۇچلۇك سىگنال، ياخشى تەنبىھ بوپتۇ دەپ خۇشال بولغان ئىدىم(مىنىڭچە،بۇ ماقالىنى ئەستايىدىل چۇشىنىپ،ياخشى تەھلىل قىلىپ ئوقىغان ئادەمگە بۇنى ھىس قىلماق تەس ئەمەس،ماقالىدىكى ئېشەك مەقسەتنى يۇرۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن تاللانغان ياخشى بىر ئوخشىتىش خالاس. ).ياش ئەدىپ ،تونۇلغان ئوبزورچى،يالقۇن روزىنىڭ ئۆتكۇرقەلىمى، چوڭقۇرۋە قايىل قىلارلىق تەپەككۇرى،ئەتراپلىق پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا بولغان قايىللىقىم يەنە بىر قېتىم ھەسسىلەپ ئاشقان ئىدى. لىكىن يالقۇن روزىغا قارشى تەتۇر مۇقام توۋلاپ ئادەتلەنگەن ئاشۇ بىر قىسىم نادان ھەم كۆرەلمەس گۇماشتىلارنىڭ ئاللىبۇرۇن پىچىقىنى بىلەپ تەق بوپ بولغانلىقىنى ، ھەم بەزى نادان قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ (يوقارقى Tabassum707،      qassap  ،HEJRAN712 ،otuk.arkimقا ئوخشاش  ) ئەسەرنى كۆرۈپ ياخشى ئويلانماي ،راست يالغاننى ئايرىمايلا، ئۆسەك سۆزلەرگە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ، پىشتنىچى گوماشتىلارغا  ئەگىشىپ تەڭ قاۋايدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن . بىھۇدە ئۆسەك تارقىتقش،ئاساسسىز گەپ يورغىلىتىپ باشقىلارنى پۇتلاش، غەيۋەتخورلۇق، چىقىمچىلىقنى  ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۆگۈنكى زاماندا  ئۆزىنىڭ''كەسپى بايلىغى'' قىلىۋالغان ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا مىللىتىمىزنىڭ مىللى كىرىزىسلىرى ،ئۆزلىكىمىزنى بالدۇرراق تۇنۇشىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان، قەلەم تەۋرىتىۋاتقان زىيالىلرىمىزنىڭ ھالىغا ۋاي!!
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(yolbaxqi-ksg) ئەستايىدىل ئ
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 00:14 |
otuken.cn
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 242 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-01

 

يالقۇن روزى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۆزگىچە تەپەككۈرى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئادەتلەنگەن ئوقۇش ئۇسىلىغا يېڭىچە ئويلىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلغان يازغۇچى .
ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان نادىر ئەسەرلىرى بىزگە نوپۇزلۇقلارغىمۇ تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتۇشنى ئۈگەتتى .نوپۇزئىگىسىدىن گۇمانلىنىشنى ئويلاپمۇ باقمايدىغان بىزدەك ئوقۇرمەنلەرنى ،دۇنيادا خاتالاشمايدىغان ئادەم بولمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى يەنى ھەر-بىر ئوقۇرمەنگە ئۆزلۈك ئاتا قىلدى دىسەك مۇبالىغە بولمايدۇ.شەخسەن مەن ئۇنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان ۋە نۇرغۇن ئوزۇق ئالغان  .يالقۇن روزىغا ھېلىمۇ قايىللىقىم بار .
خۇددى يالقۇن روزى ئىلگىرى نوپۇزلۇقلاردىن قورقماي تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلغاندەك ، بۈگۈن ئۇنىڭ ماقالىسىغا پىكىر بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز .
نورمال ئەقلى قابىلىيەتكە ئىگە بولغان ئوقۇرمەن بولسىلا يالقۇن روزىنىڭ ماقالىسى بىلەن ئەلى غوجاخۇن تەرىپىدىن يوللانغان ماقالا ئوتتۇرىسىدىكى ھىسسىي بايان بىلەن ئىلمى مۇھاكىمەنى  پەرق ئېتەلەيدۇ . دىمەك يالقۇن روزى بۇ ماقالىسىدا ئىلگىرى ياراتقان ئېسىل ماقالىلىرىدىكى پەللىگە يېتەلمىگەن .

يۇقۇرقى ئوبزور ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە پاكىتلىق بايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھەممىمىزنى ئىختىيارسىز قايىل قىلىدۇ .ئۇنىڭ ئىلمى قىممىتى ھەقىقەتەن ئەسلى ئەسەردىن كۆپ دەرىجىدە ئۇستۇن چىققان.
قىززىققانلىق بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن نادانلارچە تەپەككۈر ئۇسۇلى بىلەن رىئاللىققا مۇئامىلە قىلىۋاتقان بىزدەك ئوقۇرمەنلەرگە ،توغرا تەپەككۈرۋە ئىلمى مۇلاھىزە  قىلىش ئۇسۇلىنى ئۈگەتتى .
دىمەك بىزنىڭ ئەقىللىق ھۇشيار  ئادەملىرىمىز يەنىلا كۆپكەن .
قىسقىسى بۇ تور ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ئەسەر بولۇشقا لايىقكەن.
[ بۇ يازما otuken.cn تەرپىدىن 2008-02-16 00:54 دە قا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(yolbaxqi-ksg) دادىللىق
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 00:31 |
parhat0417
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24051
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 159 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-19

 

Quote:
بۇ مەزمون 13 - قەۋەتتىكى Tabassum707 نىڭ 2008-02-15 23:46 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ئاغىنىلەر يالقۇن رۇز ئۆزىنىڭ شەخسى ئىززىتىنى بىر پۇڭغا ئرزىمىەيدۇ دەپ قارىسىمۇ، دوستى ئىشەكنى قوغداش يۇلىدە قېنىنى ،جېنىنى پىدا قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا  ئۇ بىكخامدىن قورقمايدۇ. ئۇ ئىشەكنى قوغداش يۇلىدە قۇربان بولسا، شېھىت كەتكەن بۇلىمەن دەپ ئويلىسا كىرەك.بەلكىم ئۇ دۇنياغا بارغاندا نەنكىر مۇنكىرلەر سەن ئۇ دۇنيادا بىرەر ئادەمنىڭمۇ ياخشى گىپىنى قىلىپ باققانمۇ دەپ سورىسا،  ئادەمنىڭ ياخشى گىپىنى قىلمىغان بىلەن ئىشەكنى كۈيلىگەنتىم دەپ جاۋاپ بىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتسا كىرەك.شۇڭا قاسساپ ناملىق تورداش سىز يالقۇن رۇزىنىڭ ئارقىبىتىدىن غەم قىلماڭ.ئۇنىڭ ئىشەك ئۈچۈن شېھىت بۇلۇپ نامىنى چىقىرىش ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىڭ.


   
    ئۆزى ھارام بولسىمۇ دېھقانلىرىمىز ئۈچۇن ھالال كۈچىنى ئايىمايۋاتقان ئىشەكنى قوغداش يولىدا جان پىدا قىلىش، ئۆزىنىڭ كىملىگىنى بىلمەي تۇرۇپ ، باشقا بىر  مەدىنىيەت سىستىمىسىدا نام قازانغان چەتئەللىك ئۈچۈن باش قويۇپ جان بىرىشتىن ئەۋزەلرەك . 
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 00:37 |
parhat0417
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24051
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 159 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-19

 

Quote:
بۇ مەزمون 8 - قەۋەتتىكى HEJRAN712 نىڭ 2008-02-15 20:32 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ھەجەپ بىر ئىسىل ماقالە بوپتۇ يالقۇن ئەپەندى ھەر قىتىم باشقىلار بىر نەرسە يازسا ئۇنىڭغا باھا بىرىپ يۈرەتتى. ئۆزى ئوڭلاپ بىر نەرسە يازمىغان. مەن يالقۇن ئاپەندى بىرەر ئەسەر يىزىپ قالسا مىللىتىمىز ئىچىدىن تۇنجى نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى بولامدىكىن دەپ ئويلاپمۇ قالغان لىكىن ئۇنىڭ مىرئەخمەت سىيىتقا ھەمكارلىشىپ يازغان (مەمتىلى ئەپەندى)  دىگەن كىتاۋىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپۈنچىسى باشقىلار ئاللا بۇرۇن مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىپ بولغان مەزمۇنلار بولۇپ چىقتى.  ئەڭ ياخشىسى يالقۇن ئەپەندى باشقىلارغا ئۇنداق ، مۇنداق باھالارنى بىرىشتىن بۇرۇن ئاۋال ئۆز-ئۆزىگە؛ مەن نىمە ئىش قىلدىم؟ مەن زادى قانچىلىك قىلالايمەن؟ دىگەننى ئويلىشىپ باقسا. مىللىتىمىزدە مۇنداق بىر دانا ھىكمەتلىك سۆز بار؛ ياتقان ئىشەكنىڭ (ھورۇن ئىشەكنىڭ) پوقى تولۇق. ھالىڭغا بىقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بىقىپ ئۇن تارت . 



  بىمەنىلىك،  باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ تارىخى مۇھىم شەخسلەرنىڭ تەرجىمھالىنى،ئىش پائالىيەتلىرىنى يېزىشتا،باشقىلارنىڭ يازغانلىرى بىلەن ئوخشىشىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇ كىتاپ ئىجادى ئەسەر ئەمەس،بەلكى سىستىمىلىق يىزىلغان تەرجىمىھال ئەسەر،بۇنى قانداقمۇ كۆچۈرمىچىلىك دىگىلى بولىدۇ، بۇساھەدىكى ئىشلاردىن خەۋەرسىز تۇرۇپ  قالايمىقان جۆيلىمەيلى ئەي ، قېرىنداشلار......باشقىلارنىڭ ئەمگىگگە ئەقەللى باھا بىرەيلى.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 00:55 |
ghazep
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25243
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-07

 

ئۆلگەنلەرنى گۆرىدىن تارتىپ چىقىش كىرەك،ھاياتلارنى زەردە قىىلپ ئۆلتۈرۈش كېرەك! شۇنداق قىلمىغۇچە بەزى پېتنىغۇر ،كۆرەلمەسلەر ئۆلسىمۇ كۆزى ئوچۇق كىتىدۇ.
توڭگۇز سويىدىغانلارمۇ قاسساپ،ئېشەك سويدىغانلارمۇ قاسساپ،قوي-كالا سويدىغانلارمۇ قاسساپ، ھەتتا  قەلەم تۇتۇپ ئادەم سويىدىغان ۋە ئۆلتۈرىدىغانلارمۇ قاسساپ!
بەزى يېرىلالماي ئاران تۇرغانلارغا بوپ بەردە بۇ يەر..............
ئۈمىدىم دىيارىمدىكى باشقۇرغۇچىلاردىن قاسساپ چېقىپ قالمىسۇن، ئەگەر شۇنداق بولسا ياخشىغىمۇ يامانغىمۇ كۈن يوق!
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 02:15 |
maslihatqi
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23481
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 427
شۆھرەت: 438 نۇمۇر
پۇل: 1390 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

مۇنازىرە بەك قىزىپ كېتىپتۇ .بۇ خىل ئەھۋال ئادەمنى سويۈندىرىدۇ .يالقۇن روزىنىڭ قانداقلىقى ھەممىمىزگە ئايان .ئۇ كۆپچىلىك بىردەك ئېتراپ قىلغان تالانتلىق يازغۇچى. ئۆز نۆۋىتىدە مەنمۇ ئۇنىڭ بىر ئوقۇرمىنى .مۇنازىرىلەرنى كۆرىپ سەل چۆچىگەندەك بولدۇم . مىنىڭچە مۇنازىرە<تورداشلارنىڭ ئىنكاس شەكلىدىكى مۇنازىرسى > ماقالا ئۈستىدە ئىلىپ بىرىلسا ياخشى بولاتتى .ئەپسۇس ،مۇنازىرىدە  ماقالا بىر چەتتە قېلىپ يالقۇنروزى  بىلەن ئەلى خوجاخۇن ئوتتۇرسىدىكى جەڭ  قىززىپ كېتىپتۇ . سەگەكلىك بىلەن شۇنى نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلمايلى ! زىيادە چوقۇنۇش ئادەمنى ئەسەبىيلەشتۇرېۋېتىدۇ .ئۇ خۇددى شەيتان بىلەن ۋىروسلانغانغا ئۇخشاش داۋاسىز كىسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن .بەزى بىر قىنى قىززىقلارنىڭ ئىنكاسىدىن >تىل _ئاھانەتلىرىدىن>مەلۇمكى :سىز بېكھامغا چوقۇنغانلارنى قاتتىق مەسخىرە قىپسىزيۇ ،ئۆزىڭىزنىڭ يالقۇن روزى ئەپەندىگە مەپتۇن بوپقالغانلىقىڭىزنى يوشۇرالماپسىز .
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 05:08 |
tuprakten
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 19512
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 190
شۆھرەت: 189 نۇمۇر
پۇل: 579 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 74(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

  تىما توغرا قويۇلۇپتۇغۇ ؟؟  يالقۇن روزى توغرۇلۇق كۆپ  توختۇلۇش ھاجەتسىز  ، مۇھىمى  ئادەتتە :«ئانا تۇپرىقىمىزنىڭ  بىر چىمدىم توپىسىنىمۇ ئەتىۋا بىلىمىز » دەپ گەپ ساتىدىغانلار ،  ئەشۇ  بىچارە جاپاكەش  دىھقانلىرىمىزغا  نىمە  قىلىپ  بىرەلىدىڭلار  ؟ بىر  ئىشەكچىلىك ئىش  قىلىپ بىرەلىدىڭىلارمۇ ؟ ........

   گەرچە ،يۈزەكى پىكىر قىلغۇچىلارغا   مىللىي ئەنئەنە <ئىشەك>كە  ئوخشىتىلغاندەك  لوگىكىلىق خاتالىق يۈز تۇتقان بولسىمۇ  لىكىن  قۇرۇق گەپتىن كاللا ئىشلەتكەن ياخشى ئەمەسمۇ ، دۆت ئادەمنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىشەكتىن پەس بولغىچە ، ئىشەكنىڭ ئۈستىدىكى  ئادەم بولغان ياخشى  ئەمەسمۇ ؟ ئەگەر دىندار كىشى بولسىڭىز  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىگى توغرۇلۇق سوراپ  بىقىڭ  ،  ئاندىن ئۆزىڭىزنى ، ئاندىن تىمىدا ئىيتىلغان بىك ھامنى  ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇپ  بىقىڭ -بۇنى  دەپ  بەرگىنىمگە ماڭا رەھمەت ئىيىتمىسىڭىزمۇ  بولىدۇ .....
[ بۇ يازما tuprakten تەرپىدىن 2008-02-16 08:14 دە قا ]
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 08:07 |
tuprakten
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 19512
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 190
شۆھرەت: 189 نۇمۇر
پۇل: 579 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 74(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

  كىم بىرىپ ئەشۇ  سۆيۈملۈك دىھقانلىرىمىزنىڭ  يىرىلغان  قوللىرنى يۈزىگە يىقىپ  :  ئى  دىھقان ئاتا !  نېمە غىمىڭ بار ؟  نىمە جاپالارنى تارتىۋاتىسەن ؟دىيەلىدى ! ؟
  دىھقان ئۈچۈن يەر بولمىسا بولمايدۇ ، مىللەت ئۈچۈن ئەنئەنە بولمىسا بولمايدۇ  ،ئەنئەنىمىزنى كىملەر ياراتتى ؟ (بۇ سۇئالغا سىلەر ھەرقانداق بىر ئادەمدىن ئۇستىغۇ؟ ) 
  بىرىپ دىھقاندىن سوراپ بىقىڭ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ، يوللاردا مادىلارغا سۈركىلىپ ئاۋارە قىلسىمۇ  ئۇنىڭ  ئىشلىرىغا ھەمدەم بولىدىغان   ھايۋان -ئىشىكى لازىممۇ ياكى  كىتاپ يۈدۈۋالغان ،قولىدىن  ھىچ ئىش كەلمەيدىغان زىيالىيمۇ؟

  ئەگەر  جىمى پۇشتىڭىز ئەسلى ۋەسلىڭىز  پادىشاھ ئەۋلادىدىن  بولمىسىلا ، ئاتام  دىھقان دىيەلىسىڭىز  ،  «ئىشەك» سىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ، چۈنكى بىز ھەممىمىز دىھقاننىڭ ئەۋلادلىرى !
[ بۇ يازما tuprakten تەرپىدىن 2008-02-16 08:19 دە قا ]
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 08:09 |
bizuygur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 13543
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 206 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-05

 

يالقۇن روزى ئەپەندىمۇ دىيارىمنىڭ ئەزاسىمۇ؟
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 12:31 |
erturk
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 25069
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
شۆھرەت: 78 نۇمۇر
پۇل: 351 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺧﯧﺘﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻼﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﮬﻮﺷﯘﺭ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺧﯧﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﮬﻮﺷﯘﺭ ﻗﺎﺭﯨﻴﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﯟﺍ... ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎﻡ، ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﮬﻮﺷﯘﺭ ﻗﺎﺭﯨﻴﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﻪﭖ. ئۇ خەتتىن ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻮﺭﻻﺭﺩﺍ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ-ﻏﺎﺭﺍﻳﯩﭗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ خۇسۇسىيىتىنى ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.
ﺯﺍﺗﯩﺪﯨﻦ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎﻟﻐﯩﺘﻘﺎﻥ، ﺋﯧﺸﻪﻙ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ "ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ"ﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ، ﮬﺎﯕﺮﺍﻳﺪﯗ، ﺗﯧﺰﻩﻛﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯧﻐﯩﻨﺎﻳﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭ-ﻳﻮﻕ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﺋﻮﺳﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﭽﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ.
ﺑﯧﻜﮭﺎﻡ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ، ﺗﻮﭖ ﺗﯧﭙﯩﺪﯗ، ﺗﻮﭖ ﺳﻮﻻﻳﺪﯗ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺑﺎﻻ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ...
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ... ﯞﺍﮬﺎﻛﺎﺯﺍ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻴﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﺮﺍﻕ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ؟!
ﺋﯩﺸﻪﻛﻨﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ" ﺩﻩﭖ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ بىمەنە، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ.
ﭼﻮﯓ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻣﯘﺷﯘ ﮔﻪﭖ، ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﻗﻼﭖ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﭼﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺯﻭﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﭼﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ، ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﯖﯩﺪﺍ ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﻤﯟﻭﻟﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩﻙ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
 
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 12:35 |
saodayi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22560
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 157 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ھەقىقەتەن پەرھات تۇرسۇن دىگەندەك يالقۇن رۇزىنىڭ [باش زىندانلىرىغا ھۇجۇم] دىگەن ئەسەرىدە [ئۈلىۋېلىش سەنئىتى ]نى ئوخشاش جىنىسلىقلا مۇھەببىتىنى تەرغىپ قىلغان ئەسەر  دىگەندەك مەزمۇنلا بار .ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ كۈرۈپ ھەيران قالغان .بۇنداق دىسەم مىنىمۇ  پەرھات تۇرسۇنننىڭ چۇماقچىسى ئوخشايدۇ ،دەپ قالماڭلا،دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۇزمەيدىغان ئادەم يوق،لىكىن بىلىپ تۇرۇپ قەستەن خاتالىشىشنى ئۇيغۇرچە نىمە دەپ ئاتايتۇق ئۇنتۇپتىمەن ، خوش-ئامان بۇلۇڭلار
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 13:31 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  ئۆزى ئۇلۇغ ، سۇپۇرسى قۇرۇقلار يەنە جىدەل قىلغىلى تۇرۇپتىدە ؟! ..... تالاغا چىقىپ سوقۇشىڭلار ، بۇيەر ئەخلەت مەيدانى ئەمەس !!!
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 14:55 |
yurtum.
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24707
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 173 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-09

 

بۇ يەردا  ئاشۇ ماقالە ئۈچۈن گەپ بۇلۋاتامدۇ  ياكى قۇساق بۇشتىشمۇ؟ مەن ئۇ ماقالىنڭ  غەۋغاسى چىققاندىن كىيىن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇقۇپ چقتىم.
كاللا دىسە پاقالچاق دىگەندەك گەپ قىلماي بڭسڭىز بولسا ئالدىغا بىرىپ دەڭ ،بۇ يەردە تۇلا خۇتۇندەك كوتۇلدىماي، بۇ بىر ئاممىۋي سورون سىزنىڭ شەخسي تور بىتىڭىز ئەمەس...قانداق دىگەن بىمەنلىك بۇ.
باشقۇرغۇچلار  نىمنى باشقۇردىغاندۇ......................
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 16:36 |
aragon
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 1309
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 121
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 353 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

مۇنبەرنى بۇنچە قىزىتىۋەتكەن يالقۇنكامنىڭ ئاشۇ ئەسەرلىرىنى توردا كۆرگىلى بولامدۇ؟؟؟
بولسا بىزمۇ بىر كۆرۈپ بىر نىمە دەپ باقىلى..............
qarluq
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 16:46 |
ئاتا
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 19329
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 994
شۆھرەت: 1854 نۇمۇر
پۇل: 5279 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 261(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئەسكەرتىش :
بۇ تىمىنى مۇشۇ سەھىپىگە مەسئۇل باشقۇرغۇچى ئاتا تاقىدى ۋە شەخىسكە ھۇجۇم قىلىش خارەكتىردىكى ئىنكاس ، ھەمدە مۇشۇ خاھىش بىلەن باشقا مۇنبەردىن كۆچۆرۆپ چاپلانغان ئىنكاسلارنى بىردەك ئۆچۆردى !
سەۋەبى : مۇنبەر ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستسى ،بۇ يەردە پائالىيەت قىلغۇچىلار بولوپمۇ بىز زور ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتقان «زىيالىي»لىرىمىزنىڭ ئۆز-ئارا شەخسى ئاداۋەتلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن ئۆز-ئارا «تىتىقسىز»ۋە ئاتالمىش «مۇنازىرە» قىلىپ ، ئۇلاردىن مەنىۋى ئوزوق كۈتىۋاتقان كۆپچىلىكنى ئۈمىدىسىزلىككە باشلىشىنى شەخسەن مەن قۇبۇل قىلالمىدىم !
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىيتىدىغىنىم : يىقىنقى ۋاقىتلاردىن بىرى ھەرقايسى مۇنبەرلەردە مۇشۇنداق قورساق ئۇرۇشى ئىلىپ بىرىپ ،كۆپچىلىكنڭ كۆڭلىنى غەش قىلىۋاتقان ئاتالمىش زىيالىلىرىمىز سىلەر خەلق ئۈچۈن بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلىپ بىرەلمىسەڭلارمۇ مەيلى ، ھەرگىز بۇنداق پەس قىلىقلار ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز سەرخىللىرىغا بولغان سەلبىي تۇنۇشىنى بىخلىتىپ قويماڭلار!

مەن بۇ تېمىنى تاقاش ۋە ئىنكاسلارنى ئۆچۆرۆش جەريانىدا ئۆزئالدىمغىلا مەشغۇلات قىلدىم ، بۇ مۇنبەر نىڭ مەلۇم بەلگىلىمىرىگە خىلاپ بولشى ئىنىق . شۇڭا مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ھەرقانداق جازاسىنى قۇبۇل قىلىمەن!

__ ئاتا

مۇڭداشقۇ: 948777303
[ بۇ يازما ئاتا تەرپىدىن 2008-02-16 19:55 دە قايتا ت ]
qarluq
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-16 19:44 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﻮﺑﺰﻭﺭ - ﺗﻪﻧﻘﯩﺖ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:39
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号