سېھىرلەنگەن شەھەر
(چۆچەكنى بالىلارلا ئەمەس چوڭ لارمۇ ئاڭلاپ قويلى!
)[p][/p]
قەدىمكى زاماندا بىر تاغلىق شەھەر بولغانىكەن. ئۇشەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئاسمانغا تاقىشىپ تۇر -غان ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرغاچقا، ئۇچار قۇشلارمۇ خالىغانچە شەھەرگە ئۇچۇپ كىرەلمەيدىكەن.
پەقەت شەھەرنىڭ شىمالى تەرىپىدە بىرلا چوڭ دەرۋازا بار ئىكەن، شەھەرگە ئاشۇ دەرۋازا ئارقىلىق كىرىپ- چىققىلى بولىدىكەن. ئۇشەھەر پادىشاھى ئۆزئېلىگە ھېرىسمەن ، خەلقىگە كۆيۈمچان ئىكەن،
شۇڭايۇرت پاراۋان، خەلق خۇشال-خورام تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. لېكىن ، پادىشاھ يۇرتنى ياۋدىن
خالىي قىلىش ئۈچۈن:((شەھەرگە كىرىش بار ، چىقىش يوق)) دەپ ھۆكۈم قىلىپ ،دەرۋازىنى ناھايىتى
چىڭ ساقلايدىكەن، ساقلىغامدىمۇ ئادەمگە ئىشەنمەي ، بىر قارا دىۋىنى دەرۋازىنى ساقلاشقا قويغا _
نىكەن.
يۇرت پاراۋان،خەلق شادىمان ئۆتكەچكە ،خەلق ئۆزىنىڭ ئاشۇ تۇرمۇشىغا مۇيەسسەر بولغانلىقىنى
پادىشاھنىڭ ياخشىلىقىدىن دەپ قاراپ ، ئۆز مىننەتدارلىقىنى بۈلدۈرۈش ئۈچۈن ، ئۇنىڭ ھەرقانداق
ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈپ ، پادىشاھنىڭ توققۇزىنى تەل قىلغانىكەن. پادىشاھنىڭ قولىنى سۇنسا ئايغا
يەتكۈچىلىكى بار ئىكەن. لېكىن، ئۆزتەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇدەك بىرەر پەرزەنتتى بولمىغاچقا، دائىم
پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ ئامالىنى ئويلايدىكەن. ئاخىر كاللىسىغا بىر ئوي كەپتۇ-دە، ئۆزۋەزىرىگەئېيتىش
ئۈچۈن ئۇنى ئالدىغا چاقىرىپ :
_ ئەي ۋەزىر ئەزەم، ئۆزۈڭگە ئايان ،مېنىڭ پەرزەنتىم يوق، مەن بۇتوغرىدا كۆپ باش قاتۇردۇم،
ئاخىرى ياقا يۇرتتىن ئانىسى تېخى ئەمچەك سالمىغان بىر جۈپ پەرزەنت ئەكىلىپ بېقىش قارارىغا
كەلدىم.سەنچە قانداق ؟_دەپتۇ. پادىشاھنىڭ سايىسىدە كۈن ئېلىپ، قورساق بېقىپ كېلىۋاتقان ۋەزىر
قىلچە ئويلانماي، پادىشاھنىڭ بۇ ئويىنىڭ راستتىنلا دانا ئوي بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئۇلار ئىككىسى
مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ يېقىن ئادىمىدىن بەش كىشىنى ئالدىغا چاقىرىپ، بۇ ئىشنى ئۇلارغا
تاپشۇرۇپ:
_ بۇ ئىش شۇنداق مەخپى بولسۇنكى،سىلەردىن باشقا ئىنسۇ جىن بىلمىسۇن.سىلەر ئەكىلىدىغان بالا
ئانىسىدىن يېڭى تۇغۇلغان ،تېخى ئاغزىغا ئەمچەك سېلىنمىغان ،بىرى ئوغۇل،بىرى قىزبولىشى شەرت.
بالىلارنى تاپقاندىن كېيىن ساق-سالامەت ئالدىمغا ئەكەلساڭلار،سىلەر رازى بولغۇدەك ئىنئام بېرى-
مەن،_دەپتۇ.ئۇلار، پادىشاھقا خىزمەت قىلىش پۇرسىتى كەلدى دېيىشىپ، ھەممە شەرتلەرگە شەرتسىز
ماقۇل بوپتۇ.
پادىشاھ ئۇلارنى ياخشى ئاتلارغا مىندۈرۈپ يولغا ساپتۇ.ئۇلار پادىشاھ بىلەن خوشلىشىپ ، كېچە_
كۈندۈز يول يۈرۈپ ئاخىر بىر چوڭ شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ،شەھەرنىڭ ئاۋات سارىيىغائورۇنلىشىپ ،
ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ، شەھەرنىڭ كوچىلىرىنى ، مەھەللىرىنى ئايلىنىپ
يۈرۈپتۇ. ئارىدىن خېلى ئۆتكەندە ، بىركۈنى ئۇلار ھەشەمەتلىك بىر ھويلىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ يەڭگىشكە ئاز كۈنى قالغان بىر ئايالنى كۆرۈپتۇ ھەم ئىككىسى شۇ ئايالنىڭ بالىسىنى ئوغىر-
لاش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.قالغانلىرى شۇ مەھەللىنى ئارىلاپ،يەنەيەڭگىش ئۈچۈن كۈنىلا
قالغان بىرئايالنى ئۇچرىتىپتۇھەم ئىككىسى شۇيەردە قېلىپ،بىرىنى تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇ-
ۋىتىپ،ئۆزلىرى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن شۇ ھويلىلاردىن يىراق كەتمەي تۇرۇپتۇ.
ئاخىر ۋاقىت - قەرەل توشۇپ ، بىرىنجى ھويلىدىكى ئايال ئوغۇل تۇغۇپتۇ . ئۇلار قاراپ تۇرۇپ ،كىندىكى
كېسىلىپ بالا زاكىلانغاندىن كېيىن ، زورلۇق بىلەن ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ:
_ بالىنى بىزگە بېرىڭلار ، باقىمىز، _ دەپتۇ ، لېكىن ئانا باغرىنى يېرىپ چىققان پەرزەنتتىن قانداق
كەچسۇن؟! ئۇ قىلچە رازى بولماپتۇ . ئەمما، ئۇلار ئانىنىڭ داد- پەريادى، يىغا-زارىغا پەرۋا قىلماي
بالىنى ئېلىپ قىچىپتۇ...
ئىككىنچى ھويلىدىكى ئايال قوشكىزەك تۇغۇپتۇ . ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ بىر بالىسىنىمۇ زورلۇق بىلەن
تارتىۋىلىپ ئېلىپ قىچىپتۇ . بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قان يىغلاپ قاپتۇ...
( ئاخىرىنى ئاڭلىغىڭىز بارمۇ؟ ئاڭلىغىڭىز بولسا ئىنكاس قىلىڭ! ئاڭلىغىڭىز بولمىسا ئىنكاس قىلسىڭىز
چۆچەك مۇشۇ يەردە توختىسۇن!
)
مەنبە: ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى كىتابى