1990-يىلى 2-ئايدا، Photoshop نىڭ 1.0.7 لىق تۇنجى نەشىرى ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، سىغىمى پەقەت 800KB لىق يۇمشاق دسكا ھالىىتدە ئىدى. مانا 25 يىلمۇ ئۇتۇپ كەتتى، Photoshop ھازىر لايىھەدە، سەنئەتكار ۋە فىلىم ئىشلەشلەردە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قورالغا ئايلاندى.
2015-يىللىق ئوسكار كېچىلىكى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. كېچىلىكتە Photoshop نىڭ 25 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىمۇ قۇتلۇقلاندى. Adobe شىركىتى 《Dream On》 تىمىسىدىكى قىسقا فىلىمنى تارقاتتى. بۇ تەشۋىقات Adobe شىركىتى قارمىقىدىكى Goodby Silverstrin & Partners ئىشلىگەن بولۇپ Photoshop ھەرخىل ساھەلەردە ئىشلىتىش ھالەتلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان.
بۇ قىسقا فىلىمگە ئىشلەتكەن خام ماتىرىياللارنى دۇنيادىكى ھەرقايسى سەنئەتكارلاردىن توپلىغان بۇلۇپ، سەنئەتكارلار ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى PSD فورماتىدا Adobe شىركىتىگە يوللاپ بەرگەن بۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرى Adobe شىركىتى بۇ ئەسەرلەردىن نادىر بولغان 35 ئەسەرنى تاللاپ، مۇشۇ قىسقا فىلىمنى ئىشلەشكە ئىشلىتىپ، بۇ قىسقا فىلىمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىغان بۇلۇپ، بۇ قىسقا فىلىم ئوسكار مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا قۇيۇلغان .
مەن Photoshop 7 دىن باشلاپ ئىشلىتىپتىكەنمەن. سىز چۇ ؟