لايىھەلىگۈچى ۋە لايىھەنى ھۆرمەت قىلىڭ، چۈنكى بۇ بىزنىڭ تىرىكچىلىكىمىز!

دوستىڭىز ئاشخانا ئاچسا، سىز تاماقنى پۇلغا يەيسىز، كۆپچىلىك بۇنى شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك، دەپ قارايدۇ:

دوستىڭىز تاللا بازىرى ئاچسا، سىز نەرسە كېرەكنى پۇلغا ئالىسىز، كۆپچىلىك بۇنى شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك، دەپ قارايدۇ.

دوستىڭىز كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئاچسا، سىز كىيىمنى پۇلغا ئالىسىز، كۆپچىلىك ئوخشاشلا بۇنىمۇ: شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك، دەپ قارايدۇ.

دوستىمىز لايىھەلىگۈچى، پول ئالىدۇ. كۆپچىلىك بىردەك بۇ ئاغىنىمىز نېمانداق پىخسىق، كۆزى كىچىك، دەپ ئويلايدۇ:

ئاشخانىدا ئېتىبار قىلسا، كۆپچىلىك: بۇ دوستىمىز بەك ياخشى جۇمۇ دىيشىدۇ.

تاللا بازىرىدا ئېتىبار قىلسا، كۆپچىلىك: بۇ دوستىمىز بەك سېخى جۇمۇ دىيشىدۇ.

كىيىم-كېچەك دۇكىنىدا ئېتىبار قىلسا، كۆپچىلىكلا بۇ دوستىمىز ھەقىقەتەن ئاغىندارچىلىققا يارايدۇ جۇمۇ دىيشىدۇ:

لايىھەدە ئېتىبار قىلسا، كۆپچىلىك بىردەك: بۇ دوستىمىز ھەجەپمۇ چىڭگىزلىشىپ كېتىپتا، دىيشىدۇ.

كۆپچىلىك ماددى نەرسىنى، ئاش-تاماقنى، كىيىم-كېچەكنى كۆرۈپ، بۇلارنى پۇلغا سېتىۋالغان دەپ ئويلايدۇ.

لېكىن بىرخىل كەسىپ باركى، كۆپچىلىك ماددى بۇيۇم ۋە ئەمگەكنى بولسا كۆرەلمەيدۇ، مانا بۇ لايىھە! ھەممەيلەن بىر لايىھەسى پۈتكەن ماركىنى بىر ۋاراق قەغەز يۈزىدە كۆرىدۇ، ھەمدە بۇنى: ئۈستىدە رەسىم بار قەغەز دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، لايىھەلىگۈچىنىڭ ئاشۇ بىر ۋاراق قەغىزى دەل ئاش-تاماق، نەرسە كېرەك، كىتىم-كېچەك، مۇھىم تىرىكچىلىك ۋاستىسى.

كۆپچىلىك تاماق يېگەندە، نەرسە-كېرىك سېتىۋالغاندا، كىيىم-كېچەك كىيگەندە مەردلىك بىلەن پۇل تۆلەيدۇ. دوستىغا بىرەر نەرسىنى لايىھەلەشنى ھاۋالە قىلغاندا بولسا: ئاددىيلا قىلىپ مۇنداقلا قىلىپ بەرسەڭ، بىردەمدىلا پۈتىدۇ، دىيشىدۇ، مەن لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ دوستىلىرىدىن يۇقارقىدەك گەپلەرنى تالاي قېتىملاپ ئاڭلىغىنىنى سۆزلەپ ئولتۇرماي.

ئەمەلىيەتتە، لايىھەلىگۈچىنىڭ «مۇنداقلا» قىلىشى بولسا ئاشۇ بىر ۋاق تاماق، شۇ نەرسە كېرەك، بىر قۇر كىيىمدىن نەچچە ھەسسە جاپالىق بولىدۇ.  ئۇنىڭ ساتقىنى بىر قانچە يۈەنلىك تەننەرىخ بولماستىن، زېھنى كۈچ-قۇۋۋەت، ساغلاملىق بولۇپ، ھاياتلىق سىز ئويلىمىغان ھەتتا ئويلاشقىمۇ قۇربىڭىز يەتمىگۈدەك دەرىجىدە خورايدۇ، لايىھەلىگۈچىنىڭ ئاشۇ«مۇنداقلا» قىلماقچى بولغان لايىھەسى ئۈچۈن قانچىلىك باش قاتۇردىغانلىقىنى، كېچىچە خىزمەت ئۈستىلىدە ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرۇشلىرىنى كۆپچىلىك كۆرەلمەيدۇ، كۆرگىنى بولسا كۆپچىلىك ئويلىغان بىر قانچە رەڭدىن تەركىپ تاپقان رەسىم خالاس.

لايىھەلىگۈچى ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل كېلىدۇ، باشقىلارغا «ياق» دىيىشنى خالىمايدۇ، يەنە كىلىپ «ياق» دەپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا «چىڭگىز»غا ئايلىنىپ قالىدۇ. لايىھەلىگۈچى ئىنتايىن كۆڭۈلچەك كېلىدۇ، باشقىلارغا دېگەن نەچچە سېكونتلۇق «چاتاق يوق» بەدىلىگە بىر ياكى بىر قانچە كېچىلىك ھاياتىنى خورىتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، لايىھەلىگۈچىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ھۆرمەت قىلىڭ! لايىھەنى مەھسۇلات ئەمەس دەپ ئويلاپ قالماڭ، لايىھە جەريانىدا خورىغان زېھنى قۇۋۋەت ۋە ساغلاملىقنى نەچچە كىلو ياڭاق، بادام بىلەنمۇ، ئېسىل پىپتىد ئارقىلىقمۇ تولۇقلىۋالغىلى بولمايدۇ!

111111111111

كىم سەن؟

يوللىغۇچى / دىلمۇرات
2 ئىنكاسلار
  1. 2018/03/08
    阿布都肉苏力

    真的我心里的话

  2. 2017/11/13
    ئوسمانجان

    ناھايىتى توغرا گەپ

LEAVE A REPLY
يۈكلەۋاتىدۇ ....