گرافىك لايىھەسىنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە تەكلىپ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېقىندىن بويان نۇرغۇن گرافىك لايىھەلەشنى ئۆگىنىۋاتقان بالىلارنىڭ بۇ كەسىپتە ئۆز قىزىقىشىنى، ئۆگىنشكە بولغان ھېرىسمەنلىكىنى قىزغىن ئىپادىلەپ مەندىن شۇنداق ياخشى سۇئاللارنى سوراپتۇ. شۇڭا سۇئاللارغا تەپسىلىي جاۋاپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

qefqefw

 گەپكە كەلسەك،“ لايىھە دىگەن نىمە“ دىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا لايىھە _ ھەممە نەرسە. ئۆيدىكى نەرسىلەرنى قانداق تىزىش ھەتتا كىيىم كىيىش، تاماق ئېتىشمۇ بىر لايىھە. تار مەنىدىن ئېيتقاندا لايىھە –سەنئەتنى ئاساس قىلغان يېڭىلىق يارىتىش، تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش، مەسىلە ھەل قىلىش، جۈملىدىن بۇرۇن ھېچكىم قىپ باقمىغان ئىشنى ياكى نەرسىنى يارىتىش. ئۇ تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: قۇرلۇش لايىھەسى، سانائەت لايىھەسى، مودا كىيىم لايىھەسى ۋە گرافىك لايىھەسى. ئاۋال تۈرنى ئېنىق ئايرىش كېرەك، لايىھەلىگۈچى بولسىڭىز سىز بۇلار ئىچىدىكى قايسىسى؟ لايىھە بەك چوڭ سۆز، ھەم مەسئۇلىيىتى ئېغىر. نەتىجە يارىتىشتىن بۇرۇن بۇ سۆزنى ئالدىراپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئىشلىتىش توغرا كەلسىمۇ تۈرى بويىچە گرافىك لايىھەلىگۈچى دىيىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن تۆۋەن دەرىجىدىكى ”ھاماقەتلىك“ ۋە خاتالىقلاردىن ساقلىنىپ، ئېنىقلىمىنى توغرا ئىشلەتكەن بولىمىز.

يوقارقى گەپلەر ئىچىدە نىمىشقا ئۇيغۇر ”لايىھەلىگۈچى“ لەر ئالاھىدە چوڭ بىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى لايىھەنىڭ سموۋولى بولغان ”فوتوشوپ“ يوق؟؟؟  تەپەككۇرنى سىزگە قويۇپ بېرىش ئۈچۈن مەن بۇنىڭ جاۋابىنى دەپ بەرمەيمەن. چۈنكى بۇ دەل سىز ئويلىنىپ جاۋابىنى تېپىشقا تىگىشلىك مەسىلە. جاۋابىنى تاپسىڭىز تېما ئاستىغا ئىنكاش شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇڭ.  ئەگەر سىز ھەقىقىي لايىھەلىگۈچى بولماقچى بولسىڭىز  خۇدانىڭ كۈنى كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ فوتوشوپنى قوزغىتىشتىن بۇرۇن قىلىدىغان ئىشىڭىز:

كىتاپ ئوقۇيسىز: ھەرگىزمۇ مەلۇم يۇمشاق دېتال ئۆگىتىدىغان كىتاپ ئەمەس بەلكى باشقىلار بىلمەيدىغان ئەڭ تۈپكى ئاساسىي بىلىم كىتابلىرىنى كۆرىسىز. سەنئەت تارىخى، بەلگە ئىلىمى، رەڭ نەزىريەسى، ئاساسي لايىھە پىرىنسىپلىرى. شەكىل ئىلىمى، ئالتۇن بۆلۈنۈش ۋە ئۇنىڭ لايىھەدىكى قوللىنىلىشى… قاتارلىقلار.

Untitled-1

سەنئەت ھۈجەيرىىسى: ھوزۇرلىنىش ۋە يارىتىش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇ نەرسە ھەممە ئادەمدە بولىۋەرمەيدۇ، بولسىمۇ ھەممە ئادەم ئىشلىتىپ كېتەلىشى ناتايىن، ئەگەر سىزدە بولسا قانچىلىك بار، ئىككىسىنىڭ قايسىسى بار، يوق بولسا قانداق قىلىمەن….دىگەنلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىشىڭىز كېرەك. چۈنكى سىز گرافىك لايىھەلىگۈچى بولىمەن دەۋاتقان ئادەم، بۇ ئىشلارغىمۇ ھورۇنلۇق قىلسىڭىز كىيىنكى ئىشلاردىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بەزىدە ئەپلەپ سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزەسىز ئەمما كييىنچۇ؟ سەنئەت ھۈجەيرىسى يوق ئادەم ھامىنى بىر يەردە ياكى بىر ۋاقىتتا چانىدۇ.  شۇڭا بۇنى بار قىلىش كېرەك. بار قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن : 1. سەت،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرىدىغان رەسىلەرنى كىنولارنى ۋە  توردىكى چىراي ئىپادىلىرىنى قىزىقارلىقكەن دەپلا كۆرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئامالبار كۆرمەسلىك كېرەك. چۈنكى كاللىدىكى گۈزەللىك قارىشى يۇقۇملىنىدۇ، بۇنى سېزەلمەيسىز ، ئاستا ئاستا بولىدۇ. 2. دۇنياۋى ئېسىل ئەسەرلەرنى كۆز بىكارلا بولسا توختىماي كۆرۈپ بېرىش كېرەك، ئادەم نىمىنى كۆپ كۆرسە مېڭە شۇنىڭغا مايىل تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا كۆزنى پۇشۇرۇش كېرەك. 3. خەتتاتلىق ۋە رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىش كېرەڭ. بۇنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ”گرافىك“ تىن سۆز ئېچىش بىمەنىلىك. سىز بۇلارنى ئۆگەنسىڭىز ۋاقىت ئۆتكەنسىرى تەن ھۈجەيرىڭىز تەدىرجى سەنئەت ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىدۇ. ھەم ئىككى خىل سەنئەت ھۈجەيرىسى تەڭلا شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭغاھەتتا بىر نەچچە يىل كېتىشى مۇمكىن، ئەمما ھەقىقىي لايىھەلىگۈچىگە خاس ئاساس تىكلەش ئۈچۈن بۇ ئەرزىيدۇ.

 توختىماي سىزىسىز: كاللىڭىزغا نىمە كەلسە شۇنى سىزىسىز، ھەتتا ئۇ نەرسە سىزنىڭ لايىھەلىمەكچى بولغان نەرسىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ سىزىسىز، ئىشقىلىپ بىرنىمە سىزىسىز، خاتىرە قالدۇرسىز، چوقۇم! فوتوشوپقا ئەمەس بەلكى قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ قەغەزگە سىزىسز، چۈنكى مائۇسنى باسقاندا سىزىق ئېكرانغا ئۆزى سىزىلىدۇ، ئۇ 100% سىزنىڭ ئەمەس، ئۇ يالغان، ئۇ مەۋھۈم نەرسە، پەقەت كۆرىسىز ئەمما سىز ھېچنىمىنى يۈرىكىڭىزدىن ھېس قىلالمايسىز. قەغەزگە قەلەم بىلەن سىزغاندىچۇ؟ سىز بىرخىل نەرسىنى يۈرىكىڭىزدىن ھېس قىلىسىز، سىزىقنىڭ توملىقى ، قەلەم بېسىلىشىنىڭ چىڭ بوشلىقى، سۇس قېنىقلىقىدىن تارتىپ ئۆزىڭىز سېزىپ تۇرۇپ قىلىسىز ھەم كونترول قىلالايسىز. چۈنكى چوڭ مېڭە قولغا تۇتاش، قول قەلەمگە تۇتاش، قەلەم قەغەز يۈزىگە تۇتاش، قەغەز يۈزىدىكى ھەربىر سىزىق كۆزگە تۇتاش، كۆز يەنە چوڭ مېڭىگە تۇتاش. بۇ بىر ئايلانما جەريان. بۇ جەرياندا سىز دىگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىسىز ۋە ئۆگىنىسىز. ھېچقاندا ئىلھام كەلمىگەندە بىرنىمىلەرنى سىزسىڭىز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئىلھام ئۆزلىكىدىن كېلىدۇ.

asd

سەت سىزىپ قويسامچۇ؟ چۈنكى مەن رەسسام ئەمەس، ئوپئوخشاش سىزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ، مەن گىرافىك لايىھەلىگۈچى ،شۇڭا كاللامغا نىمە كەلسە شۇنى سىزىمەن. مۇھىمى سەت چىرايلىقلىق ئەمەس بەلكى ئىلھام قوزغىىتىش،بىرنىمىنى ھېس قىلىش.

فوتوشوپ ھەممىگە قادىر ئەمەس:  ئۇنى ئۇنچىۋالا ئىلاھلاشتۇرۇپ چوڭ بىلىپ كەتمەڭ، ئۇ بىر قورال خالاس، خۇددى تاتمىڭىزدىكى ئامبۇردەكلا. ئامبۇر ئىشلىتەلىگەنلىكى ئادەمنى ئېنژىنىر دەمدۇق؟ سىز ئۆگىنىدىغان ۋە قىلىدىغان ئىشلار جىق تېخى . بۇ ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس. نۇرغۇن بالىلار ”مەن فوتوشوپقا قىزىقىمەن“ دەيدۇ. بەكلا كۈلگۈم كېلىدۇ، مۇشۇ گەپنىڭ ئۆزى خاتا، بۇ خۇددىي مەن ئامبۇرغا قىزىقىمەن، مەن ئەتۋىركىگە قىزىقىمەن دىگەندەكلا ئاڭلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇ بىر يۇمشاق دېتال، word , windows media player لارمۇ يۇمشاق دېتال، ئەمما ھېچكىم “ مەن word قا قىزىقىمەن“ ياكى “ مەن windows media player  غا قىزىقىمەن“ دىمەيدۇغۇ. مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە. شۇڭا سىز ئىشنى يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشتىن ئەمەس بەلكى كاللىڭىزنى ئىشلىتىشتىن باشلاڭ. ئاۋال كاللىڭزغا بىر ئىدىيە كەلسۇن ئاندىن ئۇنى قەغەزگە سىزىڭ. ئاندىن كومپيۇتېرنى قوزغىتىڭ.

Uyghurche_xet

سىز پەقەت خۇدايىم بەرگەن فوتوشوپلا ئەمەس بەلكى يەنە نۇرغۇن دېتاللارنى بىلىشىڭىز كېرەك، مەسىلەن: illustrator, indesign, after effects, flash, corel draw, Muse ۋاھاكازالار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇنۋىرسال بىلىملەرنى كېڭەيتىش بەكمۇ زۆرۆر. شۇنىڭ ئۈچۈن توختىماي تىرىشىشىڭىز كېرەك.

graphic-design-job-in-3-steps-feb-2015-grafiklifestyle-823x400

ئاتالمىش ”كۆنۈپ قالغان“ ، ”ھەممە ئادەم شۇنداق قىلىدىغان ياكى دەيدىغان“ ، ”ئۆزگەرتىشكە ئامال يوق“ تۆۋەن دەرىجىدىكى ھاماقەتلىك (ياكى دۆتلۈك) ۋە خاتالىقلاردىن چوقۇم ساقلىنىڭ. ئەگەر سىزدە بولسا چوقۇم ئۆزگەرتىڭ، بۇ پوزىتسىيە مەسىلىسى. خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ پىنيىن ئىشلەتمەك.چۈنكى ئۇ خاتا (مەسىلەن :ئىچىم سىقىلىپ كەتتى – iqim sikilip katti  .  ئۆلتۈردۈم – Olturdum  ئۆلتۈردىڭىزمۇ ياكى ئولتۇردىڭىزمۇ؟ دىگەندەك بىمەنە خاتالىقلار) . شۇڭا توغرا بولغان ULY  يەنى خەلىقئارالىق بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئۆگنىڭ ۋە ئىشلىتىڭ.

يەنە بەزى ئاتالغۇ خاتالىقلىرى، مەسىلەن MTV  ، ئەپ دېتالى، فوتوشوپ لايىھەسى، تەكشىلىك لايىھەسى، چوڭ سۈپەت لوگو…. ۋاھاكازالار، بۇنىڭدەك مىساللار بەك كۆپ، ھەممىنى دىيىشنىڭ ھاجىتى يوق، گەپ خاتالىقنى بىلىشتە، تۈزىتىشتە ۋە ئوموملۇققا ئەگەشمەستىن توغرىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆزىدىن باشلاشتا. يەنە بىرى لايىھە جەريانىدىكى ئىنچىكە جايلار ، مەسىلەن ئىملا خاتالىقى، پىكسېل خاتالىقى، رەڭ كودى خاتالىق دىگەندەك كۆزگە ئىلىنمايدىغان، ئومومىي لايىھەگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىغان نۇقتىلار. بۇ گەرچە كىچىك مەسىلەبولسىمۇ ، ئەمما سېزىلىپ قالسا  لايىھەنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۋېتىدۇ. ھەربىر ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلغاندا ئاخىرقى ئومومىي ئىش مۇكەممەل ۋە پاكىز چىقىدۇ. قىلماقچى بولغان ئىشىڭىز كاللىدا ئېنىق بولسۇن، شۇندىلا لايىھە جەريانىدىكى خاتالىقلاردىن ساقلىنالايسىز ھەم يېرىم يولدا ئازمايسىز.  بۇ گرافىك لايىھەلىگۈچى ئۈچۈن بەك مۇھىم.

1358479310

داۋىنچى ”ئاددىيلىق – ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى تاكامۇللۇق“ دىگەن.  ئاددىي ئىش قىلىش ئۇنچە ئاددىي ئىش ئەمەس. بىر نەرسىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ نىمىنى قىسقارتىش نىمىنى ئېلىپ قېلىشنى بىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا قورساقتا ئۇماچ بولمىسا ، ئاددىي قىلدىم دەپلا قىسقارتىشقا تىگىشلىك نەرسىنى قىسقارتىشنى بىلمەي، نىمىنىڭ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلمەي ، ئاددىيلاشتۇرىمەن دەپ بۇزۇپ قويىسىز. شۇڭا ئاددىيلىقنى ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىڭىزگە قائىدە قىلىڭ، ئاددىي نەرسىنى ھەممە ئادەم ياقتۇرىدۇ. ئاددىي نەرسىدىن قۇسۇر تاپماقمۇ تەس.

ھسدھسدھسد

يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ تىل مەسىلىسى، بۇ لايىھە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما ۋاستىلىك مۇناسىۋەتلىك، بىزنىڭ تىلىمىزدا لايىھە ماتېرياللىرى يوق، بولسىمۇ دەۋىرگە يېتىشەلمەيدۇ، قانداق قىلىمىز؟ خەن تىلىدىكى ماتېريال كۆرىمىز، ئەمما بۇمۇ ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالمىغاندا قانداق قىىلىمىز؟ ئېنگلىزچە ماتېريال كۆرىمىز.  تىل بىلىش بىلىم قۇبۇل قىلىشتىكى ۋاستە. گرافىك لايىھەلىگۈچى ئۈچۈن  خەن تىلى ۋە ئېنگلىزتىلى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم . شۇڭا ئامال بار ئېنگلىزتىلى ئۆگىنىش زۆرۆر ۋە شۇنداقلا دەۋىرنىڭ ئېھتىياجى.

graphic-design-tips

خۇلاسە كالام: گرافىك لايىھەسىنى يېڭى ئۆگىنىۋاتقانلار ئالدى بىلەن يۇقىردا دىيىلگەندەك ئۆزىنىڭ ئاساسىي بىلىمىنى پۇختىلاشقا بەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مەلۇم مەزگىل گرافىك لايىھەلىگۈچى بولغانلار ، يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشنى ئويلاۋاتقان ئامما قانداق قىلىشىنى بىلمەي بىر ئىزىدا، بىرخىل سەۋىيەدە توختاپ قالغانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ بۇلارنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى ئۇنۋېرسال ئاساسىي بىلىمى يېتەرلىك ئەمەسلىكى، ئاساسىي پۇختا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ خۇددىي ئۆي سېلىۋېتىپ يېرىم بولغاندا خىش تۈگەپ كەتكەندەكلا بىر ئىش، شۇڭا قايتىپ بېرىپ خىش ئەكىلىش كېرەك. بۇ دىگەنلىك كەينىگە يېنىپ ئاساسىي بىلىملەرنى قايتا ئۆگىنىش كېرەك، يېڭى نەرسىلارنى قۇبۇل قىلىشى، كۆپ ماتېريال كۆرۈش كېرەك. ئاندىن قايتىپ كېلىپ كومپيۇتېرىنى ئېچىپ لايىھەلەش دېتاللىرىنى قوزغىتىشى كېرەك. شۇندىلا يەنە تېخىمۇ ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. گرافىك لايىھەلىگۈچى دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى بىز لايىھەلىگەن.  كاللىمىز قانداق بولسا قولىمىزدىن چىققان ئىش شۇنداق بولىدۇ. بىز قانداق بولساق ئەتراپىمىزدىكى  نەرسىلەر شۇنداق بولىدۇ. دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.

گىگانىت بىلوگىدىن ئېلىندى

يوللىغۇچى / دىلمۇرات
LEAVE A REPLY
يۈكلەۋاتىدۇ ....