روس تىلىدىن دەسلەپكى ساۋات
يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-17 18:16:28 كۆرۈلۈش سانى : 802
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]روس تىلىدىن دەسلەپكى بىلىملەر[/align]
[align=center](روس تىلى ئېلىپبەسى)[/align]
[align=center] [attachment=1087] [/align]
روس تىلى ئېلىپبەسىدە جەمئى 33 ھەرپ بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 10 سوزۇق تاۋۇش، 21 ئۈزۈك تاۋۇش، 1 قاتتىق ئوقۇش بەلگىسى، 1 يۇمشاق ئوقۇش بەلگىسى بار.
10 سوزۇق تاۋۇش مۇنۇلاردىن ئىبارەت: а، о، у، э، ы، я، ё، ю، е، и
21 ئۈزۈك تاۋۇش مۇنۇلاردىن ئىبارەت: б، в، г، д، ж، з، м، н، л، р، й п، ф، к، т، ш، с، х، ц، ч، щ
يۇمشاق ئوقۇش بەلگىسى: ь قاتتتىق ئوقۇش بەلگىسى: ъ
1. بوغۇم ۋە ئۇرغۇ
بىر سۆزدە قانچە تاۋۇش بولسا شۇنچە بوغۇم بولىدۇ.
مەسلەن:
بىر بوغۇم и، как
ئىككى بوغۇم мо_я، до_ма
ئۈچ بوغۇم ка_ки_е، га_зе_та، ка_ран_даш
روس تىلىدا بىر بوغۇملۇق سۆزلەر ناھايتى ئاز. مۇتلەق كۆپ ساندىكى سۆزلەر بىر بوغۇملۇق ئەمەس. كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردە مەلۇم بىر بوغۇمغا ئۇرغۇ چۇشكەن بولىدۇ. بۇنداق بوغۇملار ئۇرغۇلۇق بوغۇم دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇرغۇلۇق بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش ئېنىق، كۇچلۇك،سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ؛ ئۇرغۇسىز بوغۇمدىكى سورۇق تاۋۇشلار ئاجىز، بوش، قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
مەسىلەن:
Ни_на دېگەن سۆزدىكى بىرىنچى Ни_بوغۇمى ئۇرغۇلۇق بولۇپ، и تاۋۇشى كۈچلۈك، قاتتىقراق، سوزۇپ ئوقۇلىدۇ. наدىكى а ئۇرغۇسىز بوغۇمدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاجىز، بوش، قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئانچە ئېنىق بولمايدۇ.
ئۇرغۇ بەلگىسى ( ' ) سۆزنىڭ ئۇرغۇلۇق بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش ئۇستىگە قويۇلىدۇ.
2.ئوچۇق بوغۇم ۋە يېپىق بوغۇم
سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بوغۇم ئوچۇق بولۇم. مەسلەن: ка، зе، о، ни لەرگە ئوخشاش؛ ئۈرۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بوغۇم يېپىق بوغۇم بولىدۇ. مەسلەن: там، ран، дом، ник، тут، как لەرگە ئوخشاش.
روس تىلىدا يېپىق بوغۇملارنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشىنى كۆپ مەشىق قىرەك، بولۇپمۇ بوغۇم ئاخىردىكى ئۈزۈك تاۋۇشتىن كېيىن شۇنداقلا يانداش كەلگەن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا سوزۇق تاۋۇشلارنى قوشۇۋالماسلىق كېرەك. مەسلەن:
какنى какиدەپ يېزىشقا بولمايدۇ. кника نى кинига دەپ يېزىشقا بولمايدۇ.
|
|