بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : قانۇن >> قانۇنلار >> ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر  بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر  بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-07 15:44:45    كۆرۈلۈش سانى : 415  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1997 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى.10- نومۇرلۇق بۇيرۇق 1 - ماددا بۇ بەلگىلىمە ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، «مەتبەئەتچىلىك باشقۇرۇش نىزامى» ۋە «نەشر بۇيۇمى بېسىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» گە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى. 2 - ماددا ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشقا بېرىش ۋە بېسىش پائالىيەتلىرىدە مۇشۇ چارىگە رىئايە قىلىش كېرەك. بۇ چارىدە ئېيتىلغان ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرى ئۆز سىسېتمىسى، ئۆز كەسىپى، ئۆز ئورنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان، سېتلمايدىغان كىتاب، قاتلىما بەت ۋە تۈپلەنمىگەن ۋاراق شەكلىدىكى مەتبەئە بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئورگانلارنىڭ ھۆججەت خاراكتېرلىك گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر ماتېرىتاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. 3 - ماددا ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشقا بېرىش ۋە بېسىشتا «ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىش ئىجازەتنامىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئىجازەتنامە» دېيىلىدۇ) بېرىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. تەستىقلىتىپ «ئىجازەتنامە» ئالمىغان ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك  نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشقا بېرىشىگە ۋە بېسىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 4 - ماددا ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشقا بېرىشتە، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق  شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىش، ئىلتىماسقا تۈزۈپ - بېسىش مەقسىتى، مەزمۇنى، تارقىتىش ئوبيېكتى، باسما تاۋاق سانى، قەرەل سانى، تىراژى، فورماتى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىشى، تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىپ، «ئىجازەتنامە» ئالغاندىن كېيىن ئاندىن بېسىشقا بېرىش كېرەك. 5 - ماددا ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىغا «xx گېزىتى»، «xx ژۇرنىلى» دېگەن خەتلەرنى يېزىشقا بولمايدۇ، جەزمەن «ئىچكى ماتېرىيال، ھەقسىز ئالماشتۇرۇلىدۇ» دەپ يېزىش كېرەك. باسقاندا، كۆرنەرلىك ئورۇنغا «ئىچكى ماتېرىياللارنى بېسىش ئىجازەتنامىسى» نومۇرىنى تولۇق بېسىش كېرەك،  «ئىجازەتنامە» نومۇرىنى باسماسلىققا ياكى ئويدۇرۇپ چىقىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئالاقىدار ئورگانلار قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس. 6 - ماددا ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرى قەتئىي ئۆز سستېمىسى، ئۆز كەسپى، ئۆز ئورنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىلا ئالماشتۇرۇلىدۇ، ھەر قانداق ھەق ئېلىشقا، ئېلان بېرىشكە، جەمئىيەتتە زاكاز تارقىتىشقا، چېگرا سىرتىغا چىقىرىشقا، ياردەم پۇلى سوراشقا ياكى ھەقلىق تىجارەت خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا، «ئىجازەتنامە» ئارقىلىق باشقا نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىشقا، باشقا ئورۇنلار بىلەن «ھەمكارلىشىپ چىقىرىش» شەكلى بىلەن بېسىپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. 7 - ماددا ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى بېسىشقا بولمايدۇ: (1) ئاساسىي قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا قارشى تۇرىدىغان؛ (2) ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان؛ (3) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، شان - شەرىپى ۋە مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان؛ (4) مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قۇترىتىدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛ (5) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان؛ (6) شەھۋانىيلىق، خۇراپاتلىق ياكى زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىدىغان، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ۋە مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە زىيان يەتكۈزىدىغان؛ (7) باشقىلارغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ۋە بۆھتان چاپلايدىغان؛ (8) قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەردە مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار. 8 - ماددا نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ۋە غەيرىي نەشر قىلىش ئورۇنلىرى تەستىقلانغان ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشقا بەرگەندە، جەزمەن نەشر بۇيۇملىرىنى باسىدىغان مەتبەئە كارخانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. 9 - ماددا نەشر بۇيۇمى باسىدىغان كارخانىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ۋە غەيرىي نەشر قىلىش ئورۇنلىرى بېسشنى ھاۋالە قىلغان ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەكشۈرۈپ تارقاتقان ئىجازەتنامىنى تەكشۈرۈپ  كۆرۈشى ھەمدە ساقلاپ قويۇشى لازىم. نەشر بۇيۇمى باسىدىغان كارخانىلار بېسىش ئۈچۈن قوبۇل قىلغان ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ۋاقتىدا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 10 - ماددا «ئىجازەتنامە» بىر خىل ئىچكى ماتېرىيالغا بىر ئىجازەتنامە بېرىش پرىنسىپى بويىچە تەكشۈرۈپ تارقىتىلىدۇ، ئىجازەتنامە باستۇرغۇچى ئورۇن كىتاب شەكلىدە باستۇرغان ئىچكى ماتېرىياللاردا بىر قېتىملا كۈچكە ئىگە؛ ئۈزۈلدۈرمەي نەشر قىلىنىدىغان تۈپلەنمىگەن، قاتلاقلىق ئىچكى ماتېرىياللارغا بېرىلگەن «ئىجازەتنامە» نىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئالتە ئاي بولىدۇ، مۇددەت توشقاندا يېڭىۋاشتىن تەكشۈرۈپ تارقىتىلىدۇ. باستۇرغۇچى ئورۇنلا قەتئىي «ئىجازەتنامە» دە كۆرسىتىلگەن تۈر بويىچە بېسىشى كېرەك، «ئىجازەتنامە» دىكى تۈرلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 11 - ماددا «ئىجازەتنامە» نى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى بىر تۇتاش باستۇرىدۇ. 12 - ماددا باستۇرغۇچى ئورۇن تۆۋەندىكى قىلىمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىگەن ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى قىلىمىشلارنى سادىر قىلسا، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ: (1) باستۇرغۇچى ئورۇن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە تەستىقلانماي ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىشقا بەرسە؛ (2) بېسىشقا بەرگۈچى ئورۇن نەشر بۇيۇملىرىنى باسىدىغان زاۋۇتقا كىرمەيدىغان مەتبەئە كارخانىسىدا ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى باستۇرسا؛ (3) باستۇرغۇچى ئورۇن مۇشۇ چارىنىڭ 5 -، 6 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى باستۇرسا؛ (4) مۇشۇ چارىنىڭ 7 - ماددىسىدا چەكلەنگەن مەزمۇن بولغان ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى باستۇرسا؛ (5) ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلسا. 13 - ماددا نەشر بۇيۇمى باسىدىغان كارخانىلار ئىچكى ماتېرىيال خاراكتېرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە باسمىسا ۋە باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق  شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن  يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ،  ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىگە 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، بولمىسا، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 14 - ماددا بۇ چارە 1998 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېيتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى تۈزۈلگەن ئىچكى ماتېرىياللار، ئىچكى گېزىت، ژۇرناللارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتلەر ۋە تارقىتىلغان ئىجازەتنەمىلەر بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  سۇ قانۇنى
●  ئۈن - سىن بۇيۇملىرى...
●  ئۇرۇقچىلىق قانۇنى
●  ئۆتكۈزۈپ بېرىش قان...
●  كىتاب سۈپىتىنى باش...
●  سودىيىلەر قانۇنى
●  ئىچكى ماتېرىيال خا...
●  ئوتتۇرا، كىچىك كار...
●  سودا بانكىسى قانۇن...
●  ئۈن - سىن بۇيۇمى باش...
●  ‹‹ئەمگەك توختامى ق...
●  مەمۇرىي ئىجازەت قا...
●  شىركەت قانۇنى
●  جىنايى ئىشلار دەۋا ...
●  ئىستېمالچىلارنىڭ ھ...
●  تاۋار ماركىسى قانۇ...
●  مەمۇرىي جازا قانۇن...
●  مۇھىت ئاسراش قانۇن...
●  ياۋايى ھايۋانلارنى...
●  ئورمان قانۇنى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  سۇ قانۇنى
●  ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى خە...
●  ئۇرۇقچىلىق قانۇنى
●  ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى
●  كىتاب سۈپىتىنى باشقۇرۇش...
●  سودىيىلەر قانۇنى
●  ئىچكى ماتېرىيال خاراكتې...
●  ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىل...
●  سودا بانكىسى قانۇنى
●  ئۈن - سىن بۇيۇمى باشقۇرۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى