ئورنىڭىز : قانۇن >> جىنايەت ۋە جازا >> توختام ئالدامچىلىقى جىنايىتى

توختام ئالدامچىلىقى جىنايىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-23 23:48:42    كۆرۈلۈش سانى : 1  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
بۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى كۆزلەپ، توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي توختاملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە بازار تەرتىپى ھەم توختامدىكى داۋالاشقۇچىلارنىڭ مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە توختامنى تۈزۈش، ئىجرا قىلىش جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ قىلمىشنىڭ كونكرېت شەكىللىرى: بىرىنچى، يوق ئورۇننىڭ ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا توختام تۈزۈش؛ ئىككىنچى، ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، بىكار قىلىنغان چەك - ھۆججەت ياكى باشقا يالغان مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتى بىلەن كېپىللىك قىلىش؛ ئۈچىنچى، ئەمەلىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق، ئالدى بىلەن ئاز سوممىلىق توختامنى ئىجرا قىلىش ياكى توختامنى قىسمەن ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، قارشى تەرەپنى توختامنى داۋاملىق تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشقا ئازدۇرۇش؛ تۆتىنچى، قارشى تەرەپ بەرگەن، مال، مال پۇلى ۋە ئاۋانىس پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ياكى مال - مۈلۈكككە كېپىل بولغاندىن كېيىن قېچىپ يۈرۈش؛ بەشىنچى، قارشى تەرەپنىڭ پۇل - مېلىنى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋېلىش. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 224 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىنى سادىر قىلىپ، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى كۆزلەپ، توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: (1) يوق ئورۇننىڭ ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا توختام تۈزگەن بولسا؛ (2) ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، بىكار قىلىنغان چەك - ھۆججەت ياكى باشقا يالغان مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتى بىلەن كېپىللىك قىلغان بولسا؛ (3) ئەمەلىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئاز سوممىلىق توختامنى ئىجرا قىلىش ياكى توختامنى قىسمەن ئىجرا قىلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنى توختامنى داۋاملىق تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشقا ئازدۇرغان بولسا؛ (4) قارشى تەرەپ بەرگەن مال، مال پۇلى ۋە ئاۋانىس پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ياكى مال - مۈلۈككە كېپىل بولغاندىن كېيىن قېچىپ يۈرسە؛ (5) قارشى تەرەپنىڭ پۇل - مېلىنى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالسا. 231 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 230 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى كۆزلەپ، توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا، قارشى تەرەپنىڭ پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ بەش مىڭ يۈەن - 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى پۇل - مېلىنى شەخسىي ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا؛ 2) ئورۇننىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرى ئورۇننىڭ نامىدا ئالدامچىلىق قىلىپ، 50 مىڭ يۈەن - 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى پۇل - مالنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئورۇننىڭ قىلىۋالغان بولسا."


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

ئاز سانلىق مىللەتل...
يەكەندىكى پەسكەشىل...
ھاقارەتلەش جىنايىت...
توختام ئالدامچىلىق...
قانۇنسىز سولاپ قوي...
نازەرەت قىلىپ باشق...
پوچتا يوللانمىلىرى...
ئاز سانلىق مىللەتل...
بۇ پەسكەشلىك دىلوس...
خەت - ئالاقە ئەركىن...
يەكەندە يۈزبەرگەن ...
يەكەن ناھىيسىدە يۈ...
پۇقرالارنى دىنىي ئ...
مىللىي ئۆچمەنلىككە...
مەدەنىيەت يادىكارل...
جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئ...
باشقىلارنى ئىپپەت -...
زورلۇق ئىشلىتىپ گۇ...
تۆھمەت قىلىش جىناي...
باشقىلارنىڭ تۇرار ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ...
يەكەندىكى پەسكەشىلىك قى...
ھاقارەتلەش جىنايىتى
توختام ئالدامچىلىقى جىن...
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جى...
نازەرەت قىلىپ باشقۇرۇلغ...
پوچتا يوللانمىلىرى ۋە ت...
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ...
بۇ پەسكەشلىك دىلوسىنىڭ ...
خەت - ئالاقە ئەركىنلىكىگ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316