مو
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-07 15:27:38 كۆرۈلۈش سانى : 90
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
مو - خەنزۇچە يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلىشقا باشلىغان بولسا كېرەك. چۈنكى، مۇشۇ دەۋردىن ئىلگىرىكى يازما يادىكارلىقلاردا مو دېگەن يەر مەيدان ئۆلچىمى ئۇچرىمايدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ شىنجاڭدا پاتمان، تاناب چارەك دېگەندەك يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكلىرى قوللىنىلغان. مو ئانچە كۆپ قوللىنىلمىغان.
مو ئەسلىدە بازا سىستېمىسىدىكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى جاڭ دىن ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، قەدىمدە بىر مو 60 كۋادرات جاڭغا تەڭ ئىدى. خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بىر مو 6.667 ئار، 0.164 ئېنگلىز موسىغا تەڭ. ئېلىمىزدە بىر مو = 10 پۇڭ = 100 لى = 666.7 كۋادرات جاڭ؛بىر ئىنگلىز موسى (ئەنگلىيىدە) 4046.849 كۋادرات مېتر؛ ئامېرىكىدا 4046.866 كۋادرات مېتر كېلىدۇ. پايونىيىنىڭ بىر موسى 30 قەدەم بولۇپ، 100 كۋادرات مېتر كېلىدۇ.
|
|