ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىداسى!
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-23 15:01:08 كۆرۈلۈش سانى : 317
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىداسى!
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىداسى!
مائارىپ نازارىتىگە بۇ تەكلىپنىمۇ قوشۇپ يوللايلى !!!
ھەريىلى قىشلق يازلق تەتىلدە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كىلىپ ئورلەپ ئوقىۋاتقان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا دەرس ئوتۇش جەريانىدا ،دەرستىن سرتقى ۋاقىتلاردا ئۇلار بىلەن ئوزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرمەن، ھەرقىتىم ئۇلارنىڭ ھارغىنلىق ئىچىدە سوزلىگەنلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا شۇنداق بىئارام بولىمەن ،بۇگۇن تورداشلارنىڭ قوش تىللق مائارىپ توغرىسىدا مائارىپ نازارىتىگە تەكلىپ سۇنماقچى بولغىنىنى كورۇپ ناھەيىتى خوش بولدۇم ،شۇڭا بۇ خىيالىمنى تورداشلارغا بايان قىلغىم كەپقالدى ، سىلەرمۇ ئۆز پىكرىڭىلارنى قالدۇرۇپ باقساڭلار .....
بىزنىڭ مائارىپىمىزدا ئوزگەرتىشكە تىگىشلىك يالغۇز <<قوش تىل مائارپى>>ئەمەس، ھازىرقى پەيىتتە مائارىپىمىزغا تولىمۇ زۆرۇر بولغىنى ئوقۇتقۇچىلارغا دەم ئىلىش پۇرسىتى بىرىش،ھەمدە ئۇلارنىڭ پۇتۇن زىھنىنى ئوقۇتىشقا قارىتىش لازىم . ھازىر جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەم ئىلىش ئاساسەن يوق دىيەرلىك ، ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئاساسلىق ئىشى ئوقۇتۇش ئەمەس بەلكى <<2 ئاساسەن خىزمىتى>>نى ئشلەش،كۇندە ئويمۇ ئوي كىرىپ ،قايسى ئائلىدە نەچچە جان بار،ئۇلارنىڭ يىشى ،جىنسى ، خىزمىتى،ئادرىسى قاتارلىقلارنى خاتىرلەش،ئەگەر بۇ جەرياندا تىزىملىكتىكى بىرەسىنىڭ ئۇچۇرى خاتا بوپ قالسا، بىرەسى ئولۇپ كەتسە ياكى بىرەر بوۋاق تۇغۇلسا بولدى ،كىچىچە ئويىگىمۇ كەتمەي بۇنى قايتا ئىشلەش كىرەك ،ھاتتا توك كەتسە شام ئەكىرىپ ئىشلەيدۇ،ھازىر ئۇلارنى ئوقۇتقۇچىدىگەندىن كۆرە ئارخىپ خادىمى دىگەن تۈزۈك.
ئۇندىن سىرت بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يازىدىغان بىمەنە <<خاتىرلىرى>> ئۇلارنىڭ قىلىدىغان 2-مۇھىم خىزمىتى ھىسابلىنىدۇ ،ھازىرچە ئۇلار يىزىۋاتقان <<خاتىرىلەر>>دىن ئىسىمدە قالغانلىرى مۇنۇلار: 1-سىياسى ئۇگۇنۇش خاتىرىسى ، 2-مەدەنىيەت ئۇگۇنىش خاتىرىسى،3-ئىككى باشتىن(ئەخلاقى ناچار ئوقۇغۇچى بىلەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى) يىتەكلەش ،4-تاپشۇرۇق بىرىش-تەكشۇرۇش خاتىرىسى،5-<<2-دەرىسخانا>>پائالىيەت خاتىرىسى،6-ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش خاتىرىسى،7-ئەخلاق تەربىيە خاتىرىسى،8-يۇقىرى ئورلەش خىزمەت پىلان خاتىرىسى ،9-كۆزقاراشنى ئوزگەرتىپ ،سۇپەتنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش پىلان خاتىرىسى،10-نۇقتىلار بويىنچەيىتەكلەش پىلان خاتىرىسى، 11-ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت خاتىرىسى،12-ئاتا-ئانىلار سۆھبەت خاتىرىسى،13-سىنىپ ھەيئەتلەر سۆھبەت خاتىرىسى،14-ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى،15-كەسپى ئۈگۈنىش خاتىرىسى ....... قاتارلىق جەمى 27 خىل خاتىرە .ھەربىر خاتىرىگە بىردىن خاتىرە دەپتەر تۇتۇش كىرەك ،بۇخاتىرلەرنى ھەر ھەپتىدە بىر گۇرۇپپا باشلىغى تەكشۈردىكەن ، 2ھەپتىدە بىر ئىلمى مۇدىر تەكشۈردىكەن ، ھەرئايدا بىر قىتىم ھەر قايسى گۇرۇپپا باشلىقلىرىنى ئوز-ئارا ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ خاتىرلىرىنى تەكشۇرتىدىكەن،ھەر ئايدا بۇ خاتىرلەردىن خۇلاسە چىقىرىپ ،بەزى مەكتەپلەردە دەرىجىسى تۆۋەن بولغانلارغا ئىختىسادى جەرىمانە قويۇپ بۇنى << ئلغارلار>>غا مۇكاپات بىرىدىكەن،يەنە بەزى مەكتەپلەر بولسا باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق جازالايدىكەن ،ئىشقىلىپ بۇ خاتىر لەرنى چوقۇم يىزىش ،يازغاندىمۇ تولۇق،ۋاختىدا ،ياخشى يىزىش كىرەك ئىكەن .
مىنىڭچە بولغاندا مائارىپ نازارىتىگە ئەڭ ئاۋۋال سۇنىدىغان تەكلىپنامە << دۆلىتىمىز بىكىتكەن ئەمگەك قانۇنىنىڭ مەكتەپلەردە يۇرگۇزۇلمەسلىكى>>توغرىسىدىكى تەكلىپنامە بولۇش كىرەك. ئەگەر ئو قۇتقۇچىلىرىمىز يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق ئىشلەۋىردىغان بولسا مائارىپىمىزنىڭ كەلگۇسىدىن ئۈمۈت كۈتمىسەكمۇ بولدۇ.مەيلى قانداق ئىلغار مائارىپنىڭ يولغا قويىلىشىدىن قەتئىنەزەر بىز نىڭ مائارىپىمىز گۇللىنىش ئەمەس بەلكى كۇندىن كۇنگە خارابلىشىپ ئاخىرى يوقىلىدۇ ھەم يوقىلىمىز .
شۇڭامائارىپ نازارىتىگە بۇ تەكلىپنىمۇ قوشۇپ يوللايلى ! ئالدى بىلەن بۇمەسىلىنى يوللايلى !!!
ئۇنىڭدىن باشقا يەر تەۋىرەشكە چىدملىق ئۆي سېلىش قۇرۇلىشى،يازنىڭ ئۈچ ئىشى، كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى، يىزا،زەن،سو،پونكىتلارنىڭ تازلىقى،پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ ساختا ئىمتاھان قەغىزىنى تولدۇرۇش ،مەجبۇرى گىزىت-ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇش،دەرىستىن چۈشكەندىن كيىينكى ھەربى مەشىق،ئاشلىق يىغىش ۋەزىپىسى،يىزا ئىگىلىكىدىكى تۈرلۈك نەخمەيدان ئەمگەكلىرى...........ئىسى ۋەتەننىڭ ئىشىكى ئىگىسىز!تىلسىز!ئۆلگۈر مۇئەللىم!!!!!!!!!
|
|