بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     

كومپيۇتېرىم

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-28 12:31:52    كۆرۈلۈش سانى : 817  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
كومپيۇتېرىم<我的电脑 > دەل بىز ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرىم بولۇپ، ئۇ كومپيۇتېردىكى بارلىق ماتېرىياللارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. كومپيۇتېرىمنى ئېچىپ، كومپيۇتېردا ھەرخىل مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، ئۈستەل يۈزىدىكى كومپيۇتېرىم سىنبەلگىسنى ئىككى چېكىش ياكى باشلىنىش تىزىملىكىدىكى كومپيۇتېرىم تاللاش تۈرىنى تاللاش ئارقىلىق كومپيۇتىرىم كۆزنىكىنى <4.3 - رەسىمىدە كۆرسىتىلگەندەك> ئاچقىلى بولىدۇ. كومپيۇتېرىمنىڭ ئىچىدە كومپيۇتېردىكى بارلىق ماگنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەلۇم بىر ماگنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچنى ئىككى <ياكى بىر> چېكىش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىكى بارلىق ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ<5.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك> 1. ھۆججەت قىسقۇچ كۆزنىكىنىڭ سرتقى كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتىش كومپيۇتېرىم كۆزنىكىدىكى قورال تىزىملىكىدىن «ھۆججەت قىسقۇچنىڭ تاللاش تۈرلىرى <文件夹选项 > » كوماندىسنى تاللاش ئارقىلىق ھۆججەت قىسقۇچ كۆزنىكىنىڭ كۆرسىتىلىش شەكلىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. «دائىملىق<常规> » تاللاش كارتىسنى ئاچساق ، 6.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.بۇ كۆزنەكتە تۆۋەندىكى ئۈچ دانە تاللاش تۈرى بولىدۇ. Web كۆزنىكى: ھۆججەت قىسقۇچتا Web مەزمۇنىنى ئىشلىتىش. ئۈستەل يۈزى ۋە ھۆججەت قىسقۇچنىڭ سرتقى كۆرۈنۈشىنى Internet كۆز يۈگۈرتكۈچىنىڭ ئۇسۇلۇبىدا كۆرسىتىدۇ. Windows نىڭ ئەنئەنۋى ئۇسۇلۇبىدىكى ھۆججەت قىسقۇچنى ئىشلىتىش. ئۈستەل يۈزى، ھۆججەت قىسقۇچنىڭ سىرتقى شەكىلى Windows نىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلۇبى، يەنى Windows95 غا ئوخشاش ئۇسۇلۇب بويىچە كۆرسىتىلىدۇ.Windows98 نۇسخىسىدىن باشلاپ Internet كۆز يۈگۈرتكۈچىنىڭ ئۇسۇلۇبىدا كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئىشلىتىلدى. 2 ھۆججەت قىسقۇچقا كۆز يۈگۈرتۈش: ئوخشاش بىر كۆزنەكتە ھەربىر ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىش: ئوخشاش بىر كۆزنەكتە ئوخشاش بولمىغان ھۆججەت قىسقۇچنى كۆرۈش. ئوخشاش بولىغان كۆزنەكتە ئوخشاش بولمىغان ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىش. ئوخشاشمىغان ھۆججەت قىسقۇچنى ئايرىم - ئايرىم كۆزنەكتە ئېچىشقا قارىتىلغان بولۇپ، ھەربىر ھۆججەت قىسقۇچ ئېچىلغاندا، ماس كۆزنەك ئايرىم - ئايرىم ئېچىلىدۇ. 3 . «تۈرلەرنى ئېچىش ئۇسۇلى < 打开项目的方式 > » تاللاش رامكىسىدا، ئېتىراپ قىلغان مەشغۇلات< مەسلەن، ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىش، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىنى ئىجراقىلىش قاتارلىقلار> نى ئىككى چېكىش ئارقىلىق ئىجراقىلىشنى تاللاشقا بولىدۇ. Windows نىڭ ئىلگىرىكى نۇسخىلىرىدا ئېتىراپ قىلىنغان مەشغۇلات ئىككى چېكىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىناتتى. Windows98 نۇسخىسى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، تور بېتىنى كۆرۈش مەشغۇلاتى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، Windows نىڭ ئېتراپ قىلىنغان مەشغۇلاتىنى بىر چېكىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى تۇلۇقلاندى. ئېتراپ قىلىنغان مەشغۇلاتنى بىر چېكىش ئارقىلىق ئىجرا قىلغاندا، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسى بىر قېتىم ئاز چىكىلىپ، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش تېخىمۇ قۇلايلىقلىشىدۇ. بۇ كىتابىمىزدا بىز يەنىلا ئېتىراپ قىلىنغان مەشغۇلاتنى ئىككى چېكىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىشنى ئىپادىلىدۇق. ئېتىراپ قىلىنغان مەشغۇلاتنى بىر چېكىش ئارقىلىق ئىجراقىلىشنى تاللىغان ۋاقىتتا، يەنە ئادەتتە سىنبەلگىنىڭ تېمىسنىڭ ئاستىغا سىزىق قۇشۇش - قوشماسلىقنى تاللاشقىمۇ بولىدۇ. ئەگەر، پەقەت مائۇسنىڭ ئىسترېكىسى سىنبەلگىنىڭ تېمىسىغا توغرىلانغان ۋاقىتتىلا، «تېمىنىڭ ئاستىغا سىزىق قۇشۇش< 仅当指自图表标题时加下划线 >» تاللاش كۇنۇپكىسنى تاللىساق، پەقەت مائۇسنىڭ ئىسترېلكىسى سىنبەلگىگە توغرلانغاندىلا ، ئاندىن سىنبەلگە تېمىسنىڭ ئاستىغا سىزىق قوشۇلىدۇ. بىز ئىلگىرى كومپيۇتېرىم كۆزنىكنى ئېچىش مەشغۇلاتىدا، ئوبيېكىتنى ئىككى چېكىش ياكى بىر چېكىشنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئىككى ياكى بىر چېكىشنى يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن كۆزنەكتە بەلگىلەيمىز. «تەكشۈرۈپ كۆرۈش< 查看 > » تىزىملىكىدە كۆپلىگەن كوماندىلار بولۇپ، بۇ كوماندىلار ئارقىلىق كۆزنەكتىكى سىنبەلگىنىڭ كۆرسىتىلىش شەكلى ھەمدە تىزىلىش شەكلىنى ۋە قورال ئىستونىنى ، ھالەت ئىستونىنى، «كۆزيۈگۈرتكۈچ < 浏览器 >» ئىستونى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىكنى بېكىتكىلى بولىدۇ. بۇ مەشغۇلاتلار ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، بۇ فارگرافتا ئايرىم سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز، ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى مەشق قىلىۋالسا بولىدۇ. 2 . ماگنىتلىق دىسكىدىكى ھۆججەتنى كۆۈش ۋە ئىشلىتىش كومپيۇتېرىم كۆزنىكىدە ماگنىتلىق دىسكىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆرۈش ياكى ئىشلىتىش ئىنتايىن قۇلايلىق. . كومپيۇتېرىم سىنبەلگىسنى ئىككى چېكىپ، كومپيۇتېرىم كۆزنىكنى ئاچىمىز. . نىشان ماگنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ سىنبەلگىسنى ئىككى چەكسەك، مەزكۇر ماگنىتلىق دىسكىدىكى ھەرخىل ھۆججەت قىسقۇچلىرى ۋە ھۆججەتلەر ئېچىلىدۇ. . ئەگەر مەلۇم بىر ھۆججەت قىسقۇچ ياكى ھۆججەتنى ئاچماقچى، مەلۇم بىر ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممنى ئىجرا قىلماقچى بولساق، ماس ئوبيېكتنى ئىككى چەكسەكلا بولىدۇ. 3 . ھۆججەت قىسقۇچ كۆزنىكىنىڭ كۆرسىتىلىش شەكلىنى بېكىتىش تۆۋەندە ھۆججەت قىسقۇچ كۆزنىكىنىڭ كۆرسىتىلىش شەكلىنى قانداق بېكىتىشنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. كومپيۇتېرىم كۆزنىكىدىكى «تەكشۈرۈپ كۆرۈش < 查看 >»تىزىملىكىدىن ھۆججەت قىسقۇچ تاللاش تۈرلىرى كوماندىسنى بىر چېكىپ، ھۆججەت قىسقۇچ تاللاش تۈرلىرى دىئالوگ رامكىسنى ئاچىمىز. ئاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ كۆرۈش تاللاش كارتىسنى <7.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك > ئېچىپ، ھۆججەت قىسقۇچ كۆزنىكىنىڭ كۆرسىتىلىش شەكلىنى ئۆزگەرتىمىز. «يۇقىرى دەرىجىلىك بېكىتىش< 高级设置>» تىزىملىك رامكىسىدا نۇرغۇن بېكىتىش تۈرلىرى بولۇپ، ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېكىتىش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. 1 . ھەر بىر ھۆججەت قىسقۇچ كۆزنىكىنىڭ شەكلىنى ئەستە ساقلاش <记住每个文件夹的视图设置 >: بۇ تۈرنى تاللىساق، مەلۇم بىر ھۆججەت قىسقۇچنى تاقىغاندىن كېيىن، ئۇنى قايتا ئاچقاندا كۆزنەكنىڭ سرتقى كۆرۈنۈشى ئەسلىدىكى بىز بېكىتكەن سرتقى كۆرۈنۈشنى ساقلاپ قالىدۇ. 2 . تېما ئسىتۇنىدا تۇلۇق يولنى كۆرسىتىش < 在标题栏显示完整路经>: ھۆججەت قىسقۇچ كۆزنىكىنىڭ تېما ئىستونىدا مەزكۇر ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ساقلانغان يولىنى كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىكنى تاللاشقا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ساقلانغان ئورنىنى تۇلۇق ئىگىلىگىلى بولىدۇ. 3 . تۈرنى بىلىپ بولغان ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى يۇشۇرۇش < 隐藏已知文件类型的扩展名>: ئەگەر ھۆججەت تۈرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغان ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى كۆرسەتمەسلىكنى ئويلىساق، بۇ تۈرنى تاللىساق،WindowsXP بۇ ھۆججەتنى تىزىمغا ئالدۇرغان سىنبەلگە ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ. 4 . قورال ئىستونىدا يۇرۇتۇش <تور قوزغاتقۇچ> كۇنۇپكىسنى كۆرسىتىش < 在工具栏上显示 «映射» <网络驱动器 > 按钮 >: بۇ تۈردىن قورال ئىستونىدا يۇرۇتۇش < 映射 > ۋە ئۈزۈۋېتىش < 断开> كۇنۇپكىسنى كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىكنى بېكىتكىلى بولىدۇ، بۇ يۇرۇتۇش ياكى ئۈزۈۋېتىش بىلەن تور قوزغاتقۇچنىڭ باغلىنىشىغا قۇلايلىق بولۇپ، تور قوزغاتقۇچنى ئاچقاندىن كېيىن، ئۇنى باشقا ماگنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچنى ئىشلەتكەنگە ئوخشاش ئىشلەتكىلى بولىدۇ. 5 . تەپسىلىي ماتېرىيال تۈرىنى چېكىپ كۆرگەن ۋاقىتتا ھججەت خاسلىقىنى كۆرسىتىش < 按 « 详细资料 » 查看时显示文件属性 >: تەپسىلىي ماتېرىيال تېزىسىدا ھۆججەت خاسلىقىنى كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىكنى بەلگلەشتە ئىشلىتىلىدۇ. 6 . مائۇسنىڭ ئىستىرېلكىسى ھۆججەت قىسقۇچ ياكى ئۈستەل يۈزى تاللاش تۈرلىرىگە توغرىلانغاندا كۆرسەتمە ئۇچۇرىنى كۆرسىتىش <鼠标指向文件夹和桌面项时显示提示信息>: مائۇسنىڭ ئىسترېلكىسى ھۆججەت قىسقۇچ ياكى ئۈستەل يۈزى تاللاش تۈرلىرىگە توغرىلانغاندا كۆرسەتمە ئۇچۇرىنى كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىكنى بېكىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. 7 . بارلىق چوڭ خەت ھالىتىدىكى نامغا رۇخسەت قىلىش < 允许所有的大写名称 >: ھۆججەت نامنى ئەسلىدىكى چوڭ خەت ھالىتى ياكى كىچىك خەت ھالىتى بويىچە كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىكنى بېكىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر ئەسلىدىكى چوڭ - كىچىڭ خەت ھالىتى بۇيىچە كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنمىسا،WindowsXP ئاپتوماتىك ھالدا ھۆججەت نامىدىكى بىرىنچى ھەرىپنى چوڭ خەت ھالىتىدە قالغان ھەرپلەرنى كىچىك خەت ھالىتىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 8 . «ھۆججەتنى يۇشۇرۇش <隐藏文件 >» تۈرىدە يۇشۇرغان ھۆججەت ياكى سىستېما ھۆججىتنى كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىكنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ. 9 . «كۆرۈش ئۈنۈمىنى بەلگىلەش<可视设置> »تۈرىدە تۆۋەندىكىلەرنى بەلگىگىلى بولىدۇ: . Web بېتى بۇيىچە ئۈستەل يۈزىنى كۆرسەتكەندە سىنبەلگىلەرنى يۇشۇرۇش <按 Web页显示桌面时隐藏图表 >: بۇ تۈرنى تاللىساق، ئۈستەل يۈزى Web بېتى شەكىلدە كۆرسىتىلگەن ۋاقىتتا ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگە يۇشۇرۇنىدۇ. . (圆整屏幕字体边角) بۇ تۈرنى تالىساق، تېخىمۇ كۆركەم خەت نۇسخىسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. لېكىن، سىسېتما ماتىرىيال مەنبەسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىگىلەيدۇ. بۇ سىسېتىمىنڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن. . كۆزنەكنى سۆرىگەندە مەزمۇننى كۆرستىش ( 拖动窗口的过程中显示其内容): بۇ تاللاش تۈرى ئارقىلىق، كۆزنەكنى سۆرىگەندە كۆزنەك مەزمۇنىنى كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىكنى بېكىتكىلى بولىدۇ. ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولسا، ئەڭ ياخشىسى بۇ تۈرنى تالىماڭ، بۇنداق بولغاندا كۆرسىتىش سۈرئىتى تېزلىشى. ئېتراپ قىلىنغان قىممەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش(还原为默认值)كۇنۇپكىسنى بىر چېكىش ئارقىلىق WindowsXP ئېتراپ قىلغان لايىھىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. «يۇقىرى دەرىجىلىك لايىھە (高级设置)»دىكى «ھۆججەت قىسقۇچ كۆزنىكى (文件夹视图)» تاللاش تۈرلىرى رايۇنىدا يەنە نۆۋەتتىكى ھۆججەت قىسقۇچ بىلەن ئوخشاش (与当前文件夹类似) ۋە بارلىق ھۆججەت قىسقۇچلىرنى قايتىدىن لايىھلەش (重置所在文件夹) دىن ئىبارەت ئىككى دانە كۇنۇپكا بولۇپ، بۇ كۇنۇپكىلاردىن پايدىلىنىپ نۆۋەتتىكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ لايىھسىنى بارلىق ھۆججەت قىسقۇچلارغا تەسىر قىلدۇرغىلى بولىدۇ. 4 . ھۆججەت تۈرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ھۆججەت قىسقۇچ تالاش تۈرلىرى (文件夹选项) دىئالوگ رامكىسىدىن «ھۆججەت تۈرى(文件类型 )» تاللاش كارتىسنى بىر چەكسەك، 8.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆرۈنۈش ئېچىلىدۇ. «تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ھۆججەت تۈرى ( 已注册的文件类型 ) »تىزىملىككىدە نۆۋەتتە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ھۆججەت تۈرلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھۆججەت تۈرلىرىگە قارىتا ئىككى چېكىش ئارقىلىق ئېچىش، قۇيۇش، تەھرىرلەش ۋە ئىجرا قىلش قاتارلىق ئېتىراپ قىلىنغان مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. . WindowsXP ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىغا ئاساسەن ھۆججەتنىڭ تۈرىنى ئايرىيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش كېڭەيتىلگەن نامىنى پەقەت بىرلا قېتىم تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر قايتىدىن تىزىمغا ئالدۇرساق، ئىلگىرىكى تىزىمغا ئالدۇرغان مەزمۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئادەتتە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىنى قاچىلغاندا، قاچىلاش پروگراممىسى ھەرخىل تۈردىكى ھۆججەت پروگراممىسنى ئاپتوماتىك ھالدا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. شۇڭا ئابونىتلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ئانچە كۆپ ئۇچۇرىمايدۇ ئەگەر يېڭى ھۆججەت تۈرىنى تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولساق، «يېڭىدىن قۇرۇش ( 新建) » كۇنۇپكىسنى بىر چەكسەك بولىدۇ. ئەگەر تىزىمغا ئالدۇرۇلغان مەزمۇنغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىماقچى بولساق، بۇ ھۆججەت تۈرىنى تاللىغاندىن كېيىن، «يۇقىرى دەرىجىلىك(高级 )» كۇنۇپكىسنى بىر چېكىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارساق بولىدۇ. . ھۆججەت تۈرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش ئابونتلار ئىككى چېكىش ئارقىلىق ھۆججەتكە قارىتا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ھۆججەت تۈرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش مەشغۇلاتىغا ئانچە پىششىق بولمىسا، قالايمىقان ئۆزگەرتسە بولمايدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك كۇنۇپكىسنى بىر چەكسەك، 9.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك « ھۆججەت تۈرىنى تەھرىرلەش ( 编辑文件类型)»دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. ئەگەر سىنبەلگىنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق،«سىنبەلگە ئۆزگەرتىش (改变图标) كۇنۇپكىسنى بىر چەكسەك، ئېكىرانىدا 10.3 - رەسىمىدە كۆرسىتىلگەندەك سىنبەلگىنى ئۆزگەرتىش دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. 10.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەن دىئالوگ رامكىسدىكى «تۆۋەندىكى تېزىستىن بىر دانە سىنبەلگىنى تاللاڭ ( 从以下列表选择一个图标 )» تېزىستىن خالىغان بىر سىنبەلگىنى تاللىساق بولىدۇ. ئەگەر تېزىستا مۇۋاپىق سىنبەلگە بولمىسا، «كۆز يۈگۈرتۈش (浏览 )» كۇنۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ سىنبەلگە ساقلانغان ھۆججەتنى ئېچىپ، ئاندىن كېيىن مۇۋاپىق سىنبەلگىنى تاللىساق بولىدۇ. 9.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەن دىئالوگ رامكىسىدىكى «مەشغۇلات(操作)» تېزىسىدا مەزكۇر تۈردىكى ھۆججەتنى ئاچىدىغان ئېتىراپ قىلىنغان مەشغۇلات ئۇسۇلى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئەگەر مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق، «تەھرىرلەش (编辑 )» كۇنۇپكىسنى بىر چەكسەك، ئېكرانىدا 11.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك « بۇ خىل تۈردىكى مەشغۇلاتنى تەھرىرلەش (编辑这种类型的操作)» دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. «ئىجراقىلىدىغان ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما (用 于执行操作的应用程序)» تېكىست رامكىسغا مەزكۇر تۈردىكى ھۆججەتنى ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما ۋە مەشغۇلات ئۇسۇلنى كىرگۈزىمىز.« كۆز يۈگۈرتۈش (浏览)» كۇنۇپكىسنى بىر چېكىپ، مەزكۇر ھۆججەتنى ئاچىدىغان ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. . يۇقىرىقى مەشغۇلاتقا ئانچە پىششىق بولمىسىڭىز، خالىغانچە ئۆزگەرتمەڭ، چۈنكى خاتا تاللانغان ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما ۋە ئېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھۆججەتنى ئاچقىلى بولمايدۇ. 5 . يېڭى ھۆججەت قىسقۇچنى قۇرۇش ھۆججەت قىسقۇچ كۆزنىكىدە نۇرغۇن ھۆججەت قىسقۇچلىرى بولۇپ، بۇھۆججەت قسقۇچلىرى بەلكىم WindowsXP نى ياكىWindows نىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىلىرىنى قاچىلىغاندا، قاچىلاش پروگراممىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن . قاچىلاش پروگراممىسى ھۆججەتنىڭ تۈرىگە ئاساسەن، ئۇلارنى مۇۋاپىق ھۆججەت قىسقۇچقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچلىرىنى ئىختىيارىي يۆتكەشكە ۋە ئۆچۈرۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما ھەتتا مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ نۇرمال ئىجرا بولىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. قاچىلاش پروگراممىسى قۇرغان ھۆججەت قىسقۇچتىن سىرت، ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ ھۆججەتلىرىنى ساقلايدىغان ھەرخىل ھۆججەت قىسقۇچلىرىنى قۇرساق بولىدۇ. مەسلەن، خىزمەت ھۆججەتلىرىنى ساقلايدىغان ھۆججەت قىسقۇچنى قۇرغاندا، ئۇنىڭغا خىزمەت ھۆججەتلىرى دەپ نام بەرسەك بولىدۇ. بۇ ھۆججەت قىسقۇچتا يەنە تۈرلىرىگە ئاساسەن ئايرىم ھۆججەت قىسقۇچلىرىنى قۇرساق بولىدۇ. ھەرخىل ھۆججەتلەرنى ئوخشاشمىغان ھۆججەت قىسقۇچلىرىغا ساقلاش ھەمدە بۇ ھۆججەت قىسقۇچلىرىنى ئۆزلىرنىڭ ھۆججەت قىسقۇچىغا ساقلاش بىرخل ياخشى ئادەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ھۆججەتلەرنى ئىزدىگەن ۋاقىتتا ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ھۆججەت قىسقۇچنى قۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: 1. يېڭى ھۆججەت قىسقۇچنى قۇرىدىغان بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆججەت قىسقۇچنى ئاچىمىز. ئەگەر مەلۇم بىر ماگېنتلىق دىسكا قوزغاتقۇچنى تاللىساق، ئۇھالدا يېڭىدىن قۇرغان ھۆججەت قىسقۇچىمىز مەزكۇر ماگنتلىق دىسكىنىڭ غول مۇندەرىجىسىدە قۇرۇلىدۇ. 2 . ھۆججەت تىزىملىكنى ئېچىپ، «يېڭىدىن قۇرۇش(新建)» تارماق تىزىملىكىدىكى ھۆججەت قىسقۇچ كوماندىسنى تاللىساق، يېڭى ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇلىدۇ.WindowsXP ئېتىراپ قىلغان ھۆججەت قىسقۇچ نامى (新文件夹 ) »بولىدۇ. 3 . يېڭىدىن قۇرۇلغان ھۆججەت قىسقۇچنىڭ نامىنى ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن ئۆزگەرتسەك بولىدۇ. ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ھۆججەت قىسقۇچلىرنى ئىشلەتكەنگە ئوخشاش ئىشلەتسەك بولىدۇ. 6 . ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچنى يۆتكەش ھەمدە كۆچۈرۈش ھۆججەت يۆتكەش ۋە كۆچۈرۈش(变制) ھۆججەت باشقۇرۇشتىكى ئەڭ ئاساسلىق مەشغۇلات بولوپ، بىر ياكى بىر نەچچە ھۆججەت ۋە تارماق ھۆججەت قىسقۇچنى بىر ھۆججەت قىسقۇچتىن يەنە بىر ھۆججەت قىسقۇچقا كۆچۈرگىلى ياكى يۆتكەپ ئاپارغىلى بولىدۇ.WindowsXP دا ئوبېيكىتقا قارىتا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئوبېيكىتنى تاللاش لازىم. ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى يۆتكەش ۋە كۆچۈرۈشتىن بورۇن، ئاۋۋال يۆتكىمەكچى بولغان ياكى كۆچۈرمەكچى بولغان ئوبېيكىتنى تاللاش كېرەك. WindowsXP دا مائۇس ياكى كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاشقا بولىدۇ. مائۇس ئارقىلىق ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاش ئىنتايىن قۇلايلىق بولۇپ، مائۇس ئارقىلىق ئوبېيكتنى بىر چەكسەكلا بولىدۇ ( بىر چېكىشنى ئوبېيكىتنى ئىجراقىلىدىغان ئېتىراپ قىلىنغان مەشغۇلات قىلىپ بەلگىلىگەن چاغدا، مائۇسنىڭ ئىسترېلكىسنى ئوبېيكىتقا توغرىلىساقلا بولىدۇ).تاللانغان ئوبېيكىت رەڭلىك كۆرۈنىدۇ(12.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك) ئەگەر بىر نەچچە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچقا قارىتا ئوخشاش بىر مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارماقچى بولساق، ئۇلارنى بىراقلا تالىۋالساق بولىدۇ. بىر نەچچە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى بىراقلا تاللاشتا،Ctrl كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرۇپ، تالىماقچى بولغان ئوبېيكىتنى بىر - بىرلەپ تاللىساقلا بولىدۇ. . ئەگەر تالىماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچىمىز بىر يەردە بولسا، ئاۋۋال ئەڭ ئالدىدىكى ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللايمىز. ئاندىن كېيىن،Shift كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللىساق، ئارىلىقتىكى ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ ھەممىسى تاللىنىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىرىگە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسىقۇچنى تاللىغلى بولىدۇ. مائۇس ئارقىلىق تۆت تەرەپلىك تاللاش رامكىسنى ھاسىل قىلىپ (مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرۇپ، مائۇسنى سۆرسەك، مائۇسنىڭ ئستىرېلكىسىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان تۆت تەرەپلىك تاللاش رامكىسى ھاسىل بولىدۇ)، تاللماقچى بولغان ئوبيېكتنى بىۋاسىتە دائىرە ئىچىگە ئالغىلى بولىدۇ. (13.3- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك). تاللاپ بولغان بىرنەچچە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئارىسىدا خاتا ياكى ئارتۇق تاللىنىپ قالغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ بولسا، قايتا تاللاشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت Ctrl كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرۇپ، ئارتۇق تاللانغان ئوبېيكتنى تاللىساقلا مەزكۇر ئوبېيكت ئەمەلدىن قالىدۇرۇلىدۇ . نۆۋەتتىكى كۆزنەكتىكى بارلىق ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچىلارنىڭ ھەممىسنى تاللاش ئۈچۈن، «تەھرىرلەش (编辑)» تىزىملكىدىكى «ھەممىسنى تاللاش (全部选定 ) » كوماندىسنى تاللىساق ياكى Ctrl+A بىرلەشمە كۇنۇپكىسنى چەكسەكلا بولىدۇ. ئەگەر، نۆۋەتتىكى تاللانمىغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللىماقچى، ئەسلىدىكى تاللانغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولساق، تەھرىرلەش تىزىملكىدىكى «ئەكسىچە تاللاش (反向选择 ) كوماندىسنى تاللىساقلا بولىدۇ. ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى مائۇس ئارقىلىق تاللاشتىن باشقا، يەنە كۇنۇپكا تاختىسىدىكى نۇر بەلگىسى كۇنۇپكىسى ئارقىلىقمۇ تاللاشقا بولىدۇ.Tab كۇنۇپكىسنى قايتا - قايتا بېسىپ نۇربەلگىسنى كۆزنەكنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئاندىن كېيىن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى نۇر بەلگىسى كۇنۇپكىسى (4 دانە ئىسترېلكا كۇنۇپكىسى) ئارقىلىق نۇر بەلگىسنىڭ ھەرقايسى يۆنىلىشتە يۆتكەپ، تاللىماقچى بولغان ئوبېيكتنى تاللىساقلا بولىدۇ. بىرنەچچە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىمۇ ئوخشاشلا كۇنۇپكا تاختىسىدىكى نۇر بەلگىسى كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىق تاللىغىلى بولىدۇ.ئاۋۋال بىرىنچى ئورۇندىكى ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللايمىز، ئاندىن كېيىن Ctrl كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرۇپ، نۇر بەلگىسى كۇنۇپكىسى ئارقىلىق نۇر بەلگىسنى تاللىماقچى بولغان باشقا بىر ئوبېيكىتقا يۆتكەپ ئەكىلىپ،Ctrl كۇنۇپكىسنى قۇيۇۋېتىپ،«بوشلۇق كۇنۇپكىسى (空格键 )» نى بىر چەكسەك، تاللىماقچى بولغان ئىككىنچى ئوبېيكىت تاللىنىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق، تاللىماقچى بولغان ئوبېيكىتنى بىر - بىرلەپ تاللىساق بولىدۇ. ئوخشاشلا، ئەگەر بىر كۆزنەكتىكى بىرنەچچە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاشتا، Shift كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرۇپ نۇر بەلگىسى كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تاللىساقلا بولدۇ. . Ctrl كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرۇپ، نۇربەلگىسنى كېيىنكى ئوبېيكىتقا توغرىلىغاندىن كېيىن، بوشلۇق كۇنۇپكىسنى چەكسەك، ئوبېيكىت تاللانماسلىقى مۇمكىن، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ . بوشلۇق كۇنۇپكىسنى چېكىشتىن بۇرۇن Ctrl كۇنۇپكىسنى چۇقۇم قۇيۇۋېتىش كېرەك. بولمىسا بوشلۇق كۇنۇپكىسنى چەكسەك، ئىككىنچى ئوبېيكىت تاللانماي، خەنزۇچە - ئېنگلىزچە خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئۆز ئارا ئالمىشىدۇ. يۆتكىمەكچى ياكى كۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ تاللانغاندىن كېيىن، سۆرەش ئۇسۇلى (مائۇسنىڭ ئىسترېلكىسنى ئوبېيكىتقا توغرىلغاندىن كېيىن، سول كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرۇپ، ئوبېيكىتنى مائۇس ئىسترېلكىسىغا ئەگەشتۈرۈپ يۆتكەش) ئارقىلىق ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچقا قارىتا يۆتكەش ياكى كۆچۈرۈشكە مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ھەم ئاددىي، ھەم ھەم قۇلايلىق بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرۇپ، تاللانغان ئوبېيكىتنى نىشان ھۆججەت قىسقۇچقا سۆرەپ ئەكەلگەندىن كېيىن، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسنى قۇيۇپ بەرسەكلا بولىدۇ. ئەگەر ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى باشقا ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئاستىغا كۆچۈرمەكچى بولساق، مائۇسنى سۆرىگەندە Ctrl كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرساق، مائۇس ئىسترېلكىسنىڭ يېنىدا (14.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك) قوشۇش بەلگىسى پەيدا بولىدۇ. ھۆججەتنى كۆچۈرگەندە، 15.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، بىر ۋاراق قەغەزنىڭ سول تەرەپتىكى ھۆججەت قىسقۇچتىن ئوڭ تەرەپتىكى ھۆججەت قىسقۇچقا توختىماي يۆتكىلىۋاتقانلىق كۆرۈنۇشى ئېكراندا كۆرۈنىدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ كۆچۈرۈلۈش جەريانىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئەگەر كۆچۈرۈش جەريانىدا كۆچۈرۈشنى توختاتماقچى بولساق، 15.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەن كۆزنەكتىكى «ئەمەلدىن قالدۇرۇش(取消 )» كۇنۇپكىسنى بىر چەكسەك، تېخى كۆچۈرۈلۈپ بولۇنمىغان ھۆججەت كۆچۈرۈلمەيدۇ. . ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى بىر ماگنىتلىق دىسكىدىن يەنە بىر ماگنىتلىق دىسكىغا سۆرەپ يۆتكىسەك، WindowsXP بۇ مەشغۇلاتنى كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى دەپ تۇنۇيدۇ، ئەگەر ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى بىر ماگنىتلىق دىسكىدىن يەنە بىر ماگنىتلىق دىسكىغا يۆتكىمەكچى بولساق، سۆرەش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارغاندا، Shift كۇنۇپكىسنى بېسىپ تۇرساقلا بولىدۇ. 7 . ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرۋېتىش مەلۇم بىر ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى قالمىغاندا، دىسكا بوشلۇقىنى ئىقتىساد قىلىش ئۈچۈن. ئۇلارنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز. مەلۇم بىر ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرگەندە، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھۆججەت ۋە تارماق ھۆججەت قىسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆچۈرۈلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم بىر ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن، ھۆججەت قىسقۇچتىكى ھەربىر ھۆججەتنىڭ ھەقىقەتەن ئىشلىتىش قىممىتى قالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك. بولمىسا، لازىملىق ھۆججەتلەر ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئۆچۈرمەكچى بولغان بىر ياكى بىر نەچچە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللىغاندىن كېيىن،Delete كۇنۇپكىسنى چەكسەك، تاللانغان ئوبېيكىت ئۆچۈرۈلىدۇ. ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرگەندە، WindowsXP ئېكراندا 16.3 - رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆرسەتمە ئۇچۇرى ئېچىلىپ، ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى جەزملەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، WindowsXP دا ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرگەندە، سىستېما ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى بىۋاستە ئۆچۈرۈۋەتمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنى ئاۋۋال «يىغىۋېلىش ساندۇقى (回收站 )» غاقويۇپ قويىدۇ. بۇنداق بولغاندا خاتا ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر پۇرسەت تارىتىلىدۇ. . ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى يىغىۋېلىش ساندۇقىغا بىۋاستە سۆرەپ ئاپارساقمۇ بولىدۇ. $$


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  بىلىۋېلىشقا تېگىشل...
●  كومپيۇتېردا ئەسلىد...
●  كومپيۇتېرىم
●  ئويۇن پروراممىلىرى...
●  كومپيۇتېرنى قوزغات...
●  بىلقۇت شىركىتىگە خ...
●  نېمە ئۈچۈن USB2.0 كۆچم...
●  PartitionMagic دە
●  قاتتىق دېسكا قىزىپ ...
●  قاتتىق دېسكا ئىشلە...
●  قاتتىق دىسكىنىڭ ئى...
●  بارماق دىسكا ۋە ساق...
●  BIOS/CMOS نىڭ پەرقى ۋە م...
●  BIOS نى تەڭشىمەي نۇر ...
●  كومپيۇتېر ئەقەللى ...
●  قاتتىق دېسكىنى تۆۋ...
●  قاتتىق دىسكىدا بۇز...
●  قاتتىق دېسكىنى بۆل...
●  سۈرئەت توغرىسىدىكى...
●  ئۈستەل يۈزىدىكى ئا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك كو...
●  كومپيۇتېردا ئەسلىدە 30GB ...
●  كومپيۇتېرىم
●  ئويۇن پروراممىلىرىنى قا...
●  كومپيۇتېرنى قوزغاتقاند...
●  بىلقۇت شىركىتىگە خەت
●  نېمە ئۈچۈن USB2.0 كۆچمە قات...
●  PartitionMagic دە
●  قاتتىق دېسكا قىزىپ كەتس...
●  قاتتىق دېسكا ئىشلەۋاتقا...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى