ئۆتۈمدىكى تاش--- ئوسمان زاھىر
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-18 08:58:10 كۆرۈلۈش سانى : 187
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[color=#660066][size=5][align=center][i]مېتىئورىت ئەمەسسەن ياكى بىلەي تاش،
ئىددەت تۇتۇپ تۇرغان چوكاندەك
بۇ تېنىمنىڭ نەم ئىچكىرىسىدە
ھاياتىمغا قازىسەن خەندەك.
سېنىڭ قېتىش تارىخىڭ
رىسالەمگە پۈتۈلگەن ئەمەس.
سەن غېمىمنىڭ جەۋھىرى بەلكى
بۇ ئۆتۈمگە قىپقالغان ھەۋەس.
گۈل ئىچىدە ئېچىلغاندەك گۈل
تاش ئىچىدە ئېچىلغان تاشسەن.
تاشتەك قاتتىم، تاشتەك ئۇۋۇلدۇم
سەن ئۇيۇغان بىر تېمىم ياشسەن.
مەڭگۈ تاشتەك تۇرىسەن مەغرۇر،
قان دەرياسى ئاققان ئىچىمدە.
قىر- چاپ قىلىپ ئۆتتى بىر سانغۇن
بىر ئەل جەڭدە بولدى رېسىدە.
تاش قوراللار دەۋرىدىن تارتىپ،
سىلىقلاندىڭ، يوقاپ كەتمىدىڭ.
دىمىقىمدا نامەلۇم ھىدىڭ.
بەش تاش ئويناپ ھېرىپ كەتتى قىز،
قاش تاش كولاپ قېرىپ كەتتى ئەر،
سەن خوتەنلىك قاشتېشى كەبى
تالاي دەردلەر كەچمەكچى ئىدىڭ.
سەن بىر كۈندە قاتقان ئەمەسسەن،
دوپپا كەيگەن مىڭ يىللىق ھىجران
ئالماس كەبى قاتۇرغان سېنى.
ساڭا يامغۇر تامچىماس
تامچىپ تۇرار بىر ئەرنىڭ قېنى.
كەئىبە تېشى، تۈگمەن تېشى، سالغا تېشى،
تاش ئىچىگە تۆرەلگەن ئۇيغۇر.
تاش يوللارغا بەختىنى يېيىپ،
تاشتا يەنجىپ ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇر.
دوختۇر «تاش» دېدى، ئىچىمدىكى قاتتىق جىسىمنى
تاشتەك قېتىپ قالدىم بىر ھازا،
ئاچقۇم كەلدى ئۆتۈمگە ھازا،
بىراۋ دېدى: بۇ تەقدىر، قازا...
ئۆتتىكى تاش
رىئاللىقنىڭ بىر پارچىسىدۇر،
ئۇ ۋەتەننىڭ ئارخىپىدىكى
سۆز ئىچىگە چۆككەن شائىرنىڭ
دېيەلمىگەن بىر جۈملە سۆزى.
يا ئوۋچىغا مەيۈس تىكىلگەن
قاپقاندىكى ئاھۇنىڭ كۆزى.
مەنچاناقتىن چىقتى بىر تال تاش،
بەرق ئۇردى قىساس غۇنچىسى.
تاشتىن پۈتكەن مەغرۇر سېپىلدىن
ياغار تەنگە خەنجەرنىڭ بىسى.
تاش رەستىگە چىقىپ بىر نۆۋەت،
ئوغلۇمنىڭمۇ قۇرۇپتۇ ئېسى.
تەكلىماكان چۆللىرىدىكى
تاش بولۇشقا ئىشەنگەن قۇملار
توزۇپ تۇرار قاقشال توغراققا.
تۆگىلەرنىڭ پەرۋاسىزلىقى
قوي كۆزلەرنى قويدى پىراققا.
مەن تاش يېمىگەن،
تاشقا ھېچنېمە دېمىگەن.
ئىچىمدىكى قارا ئاپتاپتا
مۇزدەك كۈلۈپ ئولتۇرغان شۇ تاش
تاش بولۇشنى مەندىن ئۈگەنگەن.[/i][/align][/size][/color] |
|