بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئەسەر ۋە باھا >> (جاللات)شېئىرنىڭ يەنە بىر قانىتى

(جاللات)شېئىرنىڭ يەنە بىر قانىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-27 22:34:31    كۆرۈلۈش سانى : 154  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

شېئىرنىڭ  يەنە بىر قانىتى

 

(ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم شېئىرلىرى ھەققىدە )

 

 

 

ئۇيغۇر شېئىريىتىدە قەلىپتىن تەشكىل تاپقان تۇيغۇ چۆللۇكلىرىدە ،يۇرەكتىن يۇرەككە يول ئىلىپ شېئىريەت ئەنئەنىسىنىڭ قەلىپكە سوزلەنگەن مۇناجاتلىرىنى سۇزۇك ئوقۇپ بىرىۋاتقان  ،ياش شائېر –ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ روھىيەت ئۇچۇرلىرىنى "ئوبۇلقاسىمنىڭ يەرلىرى ""سۇ تالىشىش ""كۇن تۇغدى "(داستان )...قاتارلىق شېئىرلىرىدىن بايقاش ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدىكى تۇيغۇنى قانداق ئوبىكتىپلاشتۇرغانلىقىدا بولسا كېرەك.

تالاننىتلىق شائېر ئادىل تۇنىياز بىر ماقالىسىدە "شېئىرنىڭ بىر قانىتى دىنىي تۇيغۇ ،بىر قانىتى  جىنسىي ئاڭ "دەپ سۈپەتلىگەن .ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم شېئىرلىرىدىكى شېئىرنىڭ يەنە بىر قانىتىدا  غېرىبلىقىنى سايرىغان قۇشلارنىڭ مەڭگۇلۇك بەخىتتىكى ۋېچىرلاشلىرى بىزنى" شېئىريەتتىكى لىرىكا "دا  كەڭىيىپ كىتىۋاتقان ھوزۇر پەللىسىدە تۇرۇپ بايقاشقا ئۈندەيدۇ.ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم شېئىرلىرىدىكى جېمجىتلىقنىڭ ئىچكى مۇنۇلىگى ،شېئىرنىڭ يەنە بىر قانىتىدىكى ئىرىشىش بىلەن يوقىتىشنىڭ تەپەككۇر بىرلىكىدە ،شېئىرنىڭ قەلىپتىكى  بايانى ،شائېر تەرىپىدىن ۋۇجۇتقا كەلتۇرۇلگەن تاۋۇش بايانلىرىنىڭ ئاڭلاش ۋە كورۇش سەزگۇمىزدىكى ئاھاڭىدىلا جەۋھەرلىنىپ قالماستىن پەسىل ئارخىپلىرىدىكى قەلىپنىڭ نۇر بايانلىرىدىمۇ پىچىرلايدۇ .لىرىكىلاردىكى  تۇيغۇ بايانلىرى سۇزۇك قەلىپ ئىزلەيدۇ ."قاراڭغۇ سوزلەر"نىڭ شىۋىرلاشلىرىدىن يىراققا قىچىۋاتقان تەپەككۇردا ،مەنا بىلەن تىركىشىۋاتقان قەلبىنىڭ "سۇكۇتتىكى سىھرى"شېئىريەتنىڭ يەنە بىر قانىتىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىشارەتلىك گۇزەللىكنىڭ پۇراقتىكى سەزگۇ تەرىپىدىن يارىتىلغان تىۋىشىنى كىتاپخانلارغا تەقدىم قىلىدۇ .

 شېئىريەتنىڭ لىرىكىدىكى  مەنا سەپىرى بىزنىڭ قەلبىمىزگە يىقىنلاشقاندا كورۇش سىزىمى بىلەن پۇراق سىزىمى ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنى قەلىپكە  تۇنۇتۇش شېئىريەت جاۋاپكارلىغىدىكى ئىمكانىيەت ۋە مەجبۇريەت .جىمجىتلىقتىكى ھەسرەتلىك مۇناجات بىلەن ئىيتىلغان قەسىدىلەردە ئوزىنى ئاشكارلىغۇچى شائېرنىڭ مەنا ئىزلەش سەپىرىدىكى ئىزدىنىشلىرى ، گۇل –چېچەك دۇنياسى ،قۇشلار ،...پىنھالىقىدىكى بارلىقنى "قەلىپكە بەنىت قىلىش "   ئۇچۇن            " يوقلۇق" تەپەككۇرىغا تويۇنغاندا شېئىريەتتىكى قىينىلىشنىڭ ئارقا كورىنىشىدىكى تەپەككۇر، ئەبەدى گۇزەللىكنىڭ سىھرى بىلەن مەۋجۇدىيەت ئارىسىدىكى بىرلىكنى بۇگۇنگە دەپىن قىلىش ئازغۇنلىقىدا، ئوقۇرمەن بىلەن كىسىشىش نۇقتىسى ھاسىل قىلىشقا كۇچەيدۇ .بىزگە شېئىريەتتىكى لەززەتنى  ئىلىپ كىلىش ئۇچۇن ئىزلىنىۋاتقان شائېر ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ شېئىرلىرىدىكى پىچىرلاۋاتقان تىنىش بەلگىلىرىمۇ سۇزۇك ،ھەم يىقىشلىق .ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم شېئىرلىرىدا ،شېئىريەتنىڭ ئىشىگىنى بىزگە ئىچىۋەتتى .بىز باشلىنىش نوقتىسىدىن بۇ ئىشىكنى ئىچىۋاتقاندا شېئىريەتتىكى  مۇزىكىنىڭ ئەركىن شەكىلدىكى نوتىلىرى مەڭگۇلۇكتىكى مەرغۇللىرى بىلەن بىزنى قايناق شېئىرىي مۇھىيتقا باشلاپ كىرىدۇ .

"تىل ئوز مومكىنچىلىكىدە ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچىرمىغان ھالدا شېئىردىن ئىبارەت مۇققەددەس ناخشىسىنى تۇرلۇك ئاۋازدا ئىيتىپ كەلمەكتە .تىل كويىۋاتقان قىقىنۇس !بىز ئۇنىڭ ئاتەش ئۇنىدىن مىڭ تۇرلۇك مۇزىكا .،مىڭ تۇرلۇك ناخشا تىڭشايمىز .ئۇ رەڭدار قاناتلىرىنى يىيىپ ۋۇجۇت باياۋىنىمىزنى كىزىپ يۇرىدۇ .بىز شېئىردىكى ئىزگۇلۇك ئىچىدە تىنىقلىرىمىزدىكى تەڭرىنىڭ پىچىرلاشلىرىنى ئاڭلايمىز "-دەپ ،شېئىريەتتىكى ئوزىنى ئاشكارلايدۇ ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ،-شېئىريەت ئەركىنلىكى قايەرگىچە ماقالىسىدا .(بۇ ماقالە شىنجاڭ مەدىنىيتى ژورنىلى 2000-يىللىق 2-3-قوشما سانىدا ئىلان قىلىنغان )،شائېر شېئىرنى ئەمەس ،شېئىر شائېرنى يازىدىغان مومكىنچىلىكنىڭ ئىنتىزارلىغىدىكى چۇقان بىلەن سۇكۇتتە شېئىريەتنىڭ نۇر ئىچىدىكى جۇلاسى،ۋۇجۇتنىڭ ھەركەتلىنىۋاتقان سىرلىق قەلىپ بايانلىرىدا  كىتاپخانلارنى شېئىر ئىچىگە سورەپ كىرىشتىكى ھەركەتلەندۇرگۇچى كۇچ .ئەنئەنىنىڭ جىمجىت ھەركەتلىنىۋاتقان مەجھۇلىدا يىڭى شېئىريەتتىكىلەر تەپەككۇر بىلەن تۇيغۇ ھاياجانلىنىشلىرىنى لەززەتكە باغلاشتا ساغلام تەپەككۇر ،سەمىمى تۇيغۇ بىردەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئوتكەن .شېئىرلىرىنىڭ تەھلىلىمىزدىكى سوبىكتى بولغان  ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئىغىز تىلىمىزدىكى كونا بىلەن يىڭى گىرەلەشمىسىدىن يىڭى يول ،شۇنداقلا سۇزۇك يول ئىزلەپ سەپەر قىلغان شائېر .ئۇنىڭ تەپەككۇردىكى زىدىيەت گىرەلەشمىسىدە ،ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇرلۇقنى  "لىرىكىلىق پىچىرلاش "دەپ مۇييەنلەشتۇرمىز .

شېئىرنىڭ قەلىپتىكى يىنىك تىنىقلىرىدا ،شائېرنىڭ كولەكگىسىدىكى ئوزلۇك سايىلىرى شېئىردىكى مەنا قاتلىمىغا ، ئەسلىمە ساقىندىلىرىنى تۇيغۇ غىدىقلىشى بىلەن ئەمەس ،قاپىيە شەكىللىگىدىكى مۇنۇپۇللۇق بىلەن قىستۇرۇپ قويغاندا، شەكىلنىڭ شېئىرنى قۇربان قىلىش بەدىلىدىكى شائېرغا مەيۇسلىنىمىز .شائېر بىلەن ئوقۇرمەننىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىش مومكىنچىلىكىدىكى نۇسرەت ، شېئىرنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا سىڭدۇرۇلگەندە قەلىپ  بەركىتىدىكى زۇرۇريەت تۇيغۇ شەكىللىنىشىدىكى بىرلىكنى يىزىققا پۇتىدۇ .دۇنيا بىلەن ئوز قەلبىدىكى  پىچىرلاشنى "تەقدىم قىلىش "سەمىمىلىكىدە ئىپادىلىگەن مىسرالار ئاسىمجاننىڭ شېئىرلىرىدا كوپ ئۇچرايدۇ .

 (1 )   مەن ئېتىزلقتا ئولتۇرۇپ

"قۇللار "روماننىىڭ مۇقەدىمىسىنى ئوقۇۋاتىمەن...

 

(2)    خىيالىمدا بىر ئۆستەڭ لىق سۇ

       ئېقىپ كىرەر ئېتىزلىقىمغا ...

 

(3)  سېنىڭ ئوغلۇڭ بولغۇم بار ئىدى ،

ساڭا ئوخشاش بولغۇم بار ئىدى ...

 

(4)   شۇنچە شېرىن ئېرسىيەتلىك قان

ئېقىپ كىرگەندە كۆڭلۈمگە

سېنىڭ ئىسمىڭ پۈتۈلدى

 

(5)     تاغلىرىمىز ، يايلاقلىرىمىز ،

دەل - دەرىخىمىز ، زىرائىتىمىز .

ئەي تەڭرىنىڭ مۇنبەت ئالقىنى ،

بارمىقىڭنى يالاۋاتىمىز .

 

(6)     جان - جېگەر دوستلىرىم قالدى يىراقتا ،

بەيتۇللا مۇنارى مېنىڭ ئاۋازىم .

 

(7)       كىتاپلىرىمنى يىرتىپ
ئاۋايلاپ سويدۇم
ئاندىن ناىيتى يەڭگىللىك بىلەن
كىتاپلىرىمنى كويدۇرۋەتتىم

 

(8)       مامكاپ گۇلى
مامكاپ گۇلىنىڭ يوغان قۇلىقى
ئېرىق بىلەن پاراڭلاشماقتا .

 

 

(9)      يېشىل رەڭگىڭ ئاستىدا

ئەگىيدۇ بىر قۇش

تە قدىرى بىلەن

 

(10)           يۈكۈنىمەن
ئۆكۈنىمەن
ناخشا ئېيتىمەن
تۆت تام ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىمەن

 

.................................

شەكىلدىكى ئوبرازغا چەكلىمىسىز كىرىشىش كۇچى شەكىللەندۇرۇش بىلەن تەبىئىي ئىنتۇناتسىيە شەكىللەندۇرۇش بىزنىڭ شېئىريەتنى سىغىنىشىمىزدىكى ئەنئەنە ،بۇ ئەنئەنىگە سادىق بولغان شائېرنىڭ ھاسىلاتلىرىدىكى يىقىنلىق، يۇقارقى مىسرالاردىن سىرىت    تۇيغۇلىرىنى سەمىمى يىزىققا پۇتىۋاتقان ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ بارلىق شېئىرلىرىدا كوپ ئۇچرايدۇ .ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى بالىلىق تۇيغۇسىغا  خاس بولغان .ئومىمى گۇزەللىك تەرىپىدىن ئوبىكتىپلاشقان سوبىكتىپ تەپەككۇر جەۋھەرلىرى ،  ئوبىكتىپنىڭ ئىچكى –تاشقى بارلىقىغا ئايلىنىدۇ .مانا بۇ ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ ئون نەچچە يىللىق شېئىريەت ئىجادىيىتىدىكى ئۇتۇقلىرى .ئۇچىۋاتقان قۇشلار .ئىستېتېكىلىق ۋاستىلەر مەرغۇلىدىكى سۇ تالىشىش ئىماگلىرى ،شېئىريەتتىكى تەپەككۇرنىڭ  ئىپادىلىنىش شەكلىدىكى چۇشۇنۇش دائىرسىدە ھەقىقى قىياپەت بىلەن ئىلىپ بىرىلغان سىمۋۇل چىقىلىشلىرىنىڭ بىزگە سوزلەنگەن  ئاھاڭلىرىدىكى ئىزدىنىشلىرى شائېرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى . 

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم شېئىرلىرىدىكى  شەكىلنىڭ، مەيىن شامالدا يەڭگىل يەلپۇنۇپ تۇرغان ئارچا ياپراقلىرىدەك شىلدىرلىشى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا، ھىچقانداق ئۇيغۇر شائېرلىرىدا شەكىللەنمىگەن خاسلىقنى شەكىللەندۇرگەن. بولۇپمۇ تارىخنىڭ ،مىللەتنىڭ روھى تىندۇرمىسىدىكى ۋە كۇلتۇر پەرقىدىكى ئوزلۇكنى ئىزلەشنىڭ سۇزۇك ھەم يەڭگىل  بايانلىرى ئەينەكلىرىدە قۇملۇقنى كورىۋاتقان ۋە تەپەككۇر قىلىۋاتقان مىللەتنىڭ كۈن پېتىش دەۋرىدىكى بىشارىتى  .گەرچە ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ئىزاھات يىزىش بىھاجەت بولسىمۇ شېئىرلىرىدا تەبىئي سوزلەنگەن ئوزلۇك نۇتۇقلىرى قارمۇ –قارشى ئاڭ گىرۋىكىدە ئۇچرىشىۋاتقان قەۋىمنىڭ سەنئەت فولىكلورىدىكى ،بىزنىڭ ئىرىشىشىمىزنى كۇتۇپ تۇرغان ھەم بىزگە تاشلانغان دىيالۇگ تەقەتسىزلىكى ۋە دىيالۇگ بىرلىكى .

ئوبۇلقاسىمنىڭيەرلىرى

 

-بالام،

مۇشۇ يەردە ئىشلەيلى:-دېدى

ئىشتىنى تىزىدىنئاشمايدىغان دېقان

 

ئىشتىنى تىزىغىچەتۈرۈلگەن،

دېقان

ئىجارە ئېلىپئىشلىدى

ئوبۇلقاسىمنىڭئېتىزلىقىدا

 

ئۈمىدلىرى

بۇغداي دانىلىرىدەكچېچەكلىدى

 

ئوبۇلقاسىمنىڭئېتىزلىقلىرى

ئەلۋەك سۇلار غاچىلىشىپ

يېقىملىق چۈشەيدۇ

قۇشقاچلارنىڭ ئۈنى

كۆڭۈللەرنى مەسىتقىلىدۇ.

 

مەن ئېتىزلقتائولتۇرۇپ

"قۇللار "روماننىىڭ مۇقەدىمىسىنى ئوقۇۋاتىمەن...

 

مېنىڭ بۇرچۇم

سەرالارنى كۈيلەشئەمەس

شەەرمۇ ئالامەت چىرايلىق

ئەڭ لىرىك شېئىرلىرىمبىلەن

ئاۋات شەەرلەرنى كۈيلەيمەن

 

دادام ماڭا

شېئىر يېزىشنىئۆگەتمىگەن

بىراق ئۇنىڭ تۆتمو يېرىدىن

دائىم ئىلام ئالالايمەن .

 

بىزگە

ئەركەكلەرچەمىجەزنى بەرگەن

ئېتىزلىقلار

خوتۇن،بالا_چاقاڭ

ياكى  كىشلەر  كۆتۈرەلمىسە

ئېغىرىڭنى كۆتۈرگەنئېتىزلىقلار...

 

توپىلىق

نەم

مۇڭلۇق تۇپراق-

بېسىلىپ قالغان ەۋەسلەردۇر.

 

_بالام،

مۇشۇ يەردە ئىشلەيلى!

 

 سۆزلەۋاتقان ئېتىزلىقلاردۇر:

 

-يەر ئىنسانغا زۇلۇم قىلمايدۇ

يەر تىللىمايدۇ، ئۇرمايدۇ

يەكلەشسەكمۇ يەريەكلىمەيدۇ

 

_يەر ئەبلەخ ئەمەس!

يەر يېڭلمەس

يەر سۆيۈملۈك

يەر قان تۆكمەس

يەر كۆڭۈللۈك

 

-ئەڭ چىرايلىق

ئىنسان يولىمىغانيەرلەر...

 

قوزا چۈشلەر ئېتىزلىقىدا

دادام ئىشلەيدۇ،كوتۇلدايدۇ

يارىماس ئوغۇللىرىنىئويلاپ

ۇرۇنلۇق بىلەن غۇدۇرايدۇ

 

كۆكتىن تۆكۈلەرئابىايات

دېقانلار يامغۇرچۈشەيدۇ

كۆكلەيدۇئابىناۋات،

چامغۇر يىغىۋالىدۇ

 

ئىككى يىلدىنبۇيان

 بىرمۇ كىتاب ئوقۇيالمىدىم

 

ۋېلىسپىتلىك كېتىۋاتسام

بىر موماينىڭ  چىرايى

كىچىكىمدىن ئوينىغانبىر تال وشۇقنىئەسلەتتى

 

چوڭقۇر بىر سۈكۈت

 قەلبىمىزگە ئېقىپكېرىپ

ئاسفالىت يوللارغاتۇتىشىدۇ

 

ايۋاناتلار باغچىسىدا

ئاتلارنى چۈشەپقويمايدۇ

بىراق بىزنىڭئېتىزلىقتا

ئاتلارنىڭ پۇتلىرىباغلاقلىق...

 

چاڭقاپ كەتگەنئېتىزلىقلار

باغرىنى قوياشقايېقىپ ياتماقتا...

 

دادا،

بىز ئېتىزلىقدەپ قان بېرىمىز،

سەن ئابىناۋاتبېرىسەن.

بىز ئېتىزلىقدەپ جان بېرىمىز،

سەن ايات بېرىسەن.

 

ئىسسىق تۆشەكلەردەئۇخلىغۇسى كېلىدۇ

ئۇبۇلقاسىمنىڭئېتىزلىقلىرى

قىزىل،ياپيېشىلياسانغۇسى كېلىدۇ

ئۇبۇلقاسىمنىڭئېتىزلىقلىرى

 

قازاندا قايناۋاتقانپاقلان گۆشى...

 

_ماڭا تۆشىنى سېلىپ بېرىڭلار!

 

_كاللىسىنى ئەكىلىڭلار

يىلىكى ئويۇپ يەيمەن

ئۇستىخىنىنى قاينىتىڭلار

سۆڭىكىنى ئېزىپيەيمەن

 

چاينى قېنىق دەملەڭلار

_غۇنىجىن ئورۇقلاپ قالمىسۇن

رامىزاندا سويۇپيەيمەن

 

_بالىلارنى نامازغا ئۆگەت

بىرسى ئوقۇغىنىيېتەر

قالغىنىنى ئوقۇتمايمەن...

 

ئوبۇلقاسىم

ئېتىزلىقلىرنىسۆيىدۇ

پارتىيىنى سۆيىدۇ

 

بىز ئېتىزلىققا

مۇەببەت تېرىيمىز

ياخشىلىق تېرىيمىز

مو وسۇل بەرسە تالاشمايمىز

قىزلار نىڭ رۇخسارىغابېرىۋىتىمىز

يىگىتلەرگە بېرىۋىتىمىز

 

ە...

ئوبۇلقاسىمنىڭبىر مېتىرمۇ يېرى يوق

 

يەر بىلەن لىرىكا تۇقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇقنىڭ ھەركەتچان تارىختىكى ئاھاڭلىرىدا "سوزلەۋاتقان ئىتىزلىقتا "ئىلىپ بارغان ئىماگلىرى ھەر مىنۇتتىكى زاماننىڭ ئوزلۇككە تاشلىغان سۇئاللىرى .بۇ بوشلۇق ئىچىدىكى ھازىر جاۋاپنىڭ كىتاپخانلاردا  شەكىللىنىشى رىتۇرىك سوراق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ .لىكىن بۇنىڭ لىرىكىدىكى بايانى چەكسىز .ئوقۇرمەننىڭ بۇنى ماكان ھەم زاماندا داۋاملاشتۇرۇش مومكىنچىلىكى چەكسىزلىككە سوزۇلغان .بۇ لىكىدىكى ئېتىزدىن ئىبارەت تەسەۋۋۇر ئايدىڭلىشىدىكى ئوبراز بىزنىڭ قەلبىمىزدىن ئوتىدۇ .قەلىپنىڭ ئاخىرلىشىش مومكىن ئەمەس .ئىتېز بىزدىكى قارارگاھ .ئىتېزدىكىدىكى غايىلەر ،بىزنىڭ تەسسەۋرىمىزدىكى ئىلگىرلىشىمىزنى كۇتۇپ تۇرغان مەنىدىكى كوچۇش .شائېرنىڭ "قۇللار رومان"ىن ىڭ مۇققەددىمىسىنى ئوقۇشتىكى كوچمە مەنىنى ۋاقىت پەرقىدىكى يەنە بىر مەنا چەكسىزلىكى دەپ ئاتاش شېئىر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇيغۇسىغا ھەم ئەقلىگە باغلىق .ئىنتېناتسىيەنىڭ ئوز رىتىمىدىكى لىرىكىسى بولغان "ئوبۇلقاسىمنىڭ يەرلىرى "نى شائېر ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قاراش بىزنىڭ قەلىپ چولىمىزدىكى ئۇندەش ،كىيىنكى ئۇندەشنىڭ قانداق داۋاملىشىدىغانلىغى يەنىلا شائېرنىڭ ھىممىتىگە ۋە ئازاپلىرىغا باغلىق .

شېئىريەتتىكى ھازىرلىقنىڭ  ئازاپ بىلەن باشلىنىپ ئازاپ بىلەن ئاخىرلىشىش شىئىرنى شائىر قەلبىدە تۇرۇپ بايقاشقا باغلىق. 

كەلمىش ۋە كىتېشلىرىمىزدىكى توزاننىڭ ھاياجان بىلەن يوق بولۇپ كىتىشىنى ئېتنىك رېتىملىرىمىز قوبۇل قىلمايدۇ .بىزدىكى سويۇش ئىقتىدارى ،مۇھەببەت قىسمەتلىرى  بىزنىڭ باشلىنىشىمىزدىكى زەيتۇن ھىكمەتلىرىدە، شېئىريەتنىڭ زاماندىكى قىممىتىنى جاكالىغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ھالقىپ كىتىش نۇسرىتى شائېرلار ئۇچۇن ھاياجان شەكلىدە ساقلىنىپ كەلدى .ھەر تىنىقى ئۇچۇن مەقسەتنى لىرىكا ئولچىمى قىلغان شائېرلار چىن ئادىمىلىكى بىلەن قەلىپلەرگە مۇراجەت قىلىش ئەمگىگى ئۇستىدە قەبرىلەردىن چىقىۋاتقاندا تۇرلۇك ئادەملەرگە تۇرلۇك چۇشىنىش مومكىنچىلىكى ھازىرلاپ بەرگەن قەسىدىلىرىدە،   شەكىلسىز جان تالىشىشقا مەجبۇر بولدى .ئىچكى تىندۇرمىسىدىكى ئازاپنىڭ قەلىپلەر جەريانىغا ئايلىنىش ئىھتىماللىغىدا ۋۇجۇدنىڭ سوزلىشىگە يول ھازىرلىغان شېئىريەت تىراگدىيەدە ئويغاندى .

ئاسىمجان شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇرلۇقتىن زاماننى تاللاش زۇرۇريىتىدىكى نەملىكنى ،تۇرغۇنلۇقتىن قىچىپ چىققان نۇرنى بايقاش تەس ئەمەس .ئەمىلىيەتتىمۇ شائېرلارنىڭ تۇيغۇسىدىكى ماكان چوللۇككە ،قۇم بارخانلىرىنىڭ چوڭقۇرلىقىغا جايلاشقان .ماكاندىكى مەنىسىزلىكنىڭ    تىنىپ كەتكەن شائېر ھاياجىنىدىكى تۇيغۇ  تەرىپىدىن زاماندا كويلىنىشى بەدئىي قۇدرەتنىڭ ئىككىلەمچى ئامىلى .بۇ ئامىلدىكى  تىنىقنى، شائېرنىڭ  قەلبىدىن ئوقۇرمەن قەلبىگە يەتكۇزۇشتىكى  ھالقا .

كۆتۈرۈلۈپيېشىل چىملىقتىن
تەنتەنىلىك سۆرەپ قۇياشنى
پەرىشتىلەر چۈشتى زىمىنغا
دەل - دەرەخنى
ئېرىقنى
سۇنى
قوندۇرۇپ كەڭ قاناتلىرىغا
يېشىللىقنى چاچتى زىمىنغا ...
سەەر
نۇرلار چېچىپ كەلدى قېشىمغا

سەەرياتتى
سەەرئويغاندى
سەەرچەكسىز وزۇر

يۈكۈنىمەن
ئۆكۈنىمەن
ناخشا ئېيتىمەن
تۆت تام ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىمەن

يۈگۈرىمەن


كۆرمىدىم سېنى يۈز يىل بۇرۇنقىدەك
يۈگۈرىمەن
كېچىكىپ قالىمەن

يۈرىدۇ كىشىلىرىڭ
مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ بايامقىدەك ...

كۈن
ئېزىقتۇرار كوچىلار مېنى

ئېزىقتۇرار
ئۆيدىن، خىزمەتتىن

 

پەرىشتە زىمىنغا چۇشتى .سەھەر ياتتى ،سەھەر ئويغاندى .ئويغانغان  سەھەردە شائېرنىڭ  چىدىرىغا قەدەم ئالدۇق ."كۇن تۇغدى "داستاندىكى مەنا ئىھتىماللىقلىرىدا سەپەرنىڭ ئەلمىساقتىن بۇگۇنگىچە سوزۇلغان يوللىرى، ۋۇجۇددىن شېئىريەتنىڭ يەنە بىر قانىتىغا  سەپەرگە چىققان كارۋانغا پىچىرلىدى .ئەي !!تەبىئەتتىكى بارلىق .سەن ئۇچراتقان دەرەخنىڭ سىنىڭ شېئىرلىرىڭغا ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىغىنى كوردۇڭمۇ .؟!پەقەت شۇنچىلىك قۇدرەتنىڭ نۇسرىتىنى قوبۇل ئەت .ئىزىققان تامچىلاردىكى رەڭ سىنىڭ كوز –يىشىڭ ئەمەس .بەلكى قەلبىڭدە تاشقىنلىغان سوزلەر لىرىكىسى .سەن يەنىلا شۇ سەپەردە .

 

2008-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۇنى (يەكەن )

 

 

 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ''تۆتىنچى قەۋەتتە بۇلۇت''توغرىسىدا...
●  جاللاتنىڭ ئۈچ ئىما...
●  ئۈمىدى: يارقىن سىما...
●  رىسالەت--ئابدۇرەشىد ئېلى شېئىرلىرى توغرىسىدا...
●  (جاللات)شېئىرنىڭ يەنە بىر...
●  مەن ۋە ئىپادىزىم شېئىرىيتى...
●  ئىپادىزىم شېئىرىيت...
●  ئۇيغۇر دېسنى شىركى...
●  باياۋان ئىستىتىكىسى(نازىم مۇﻫەننا)...
●  شېئىردىكى ﻫېكايە (ﻫەزرەتئەلى)...
●  رىسالەت----ئوۋچى شېئىرلىرى توغرىسىدا...
●  تۆتىنچىسى ۋە بەشىنچىسى(ئوۋچى شېئرلىرىغا)...
●  شائىرنىڭ تىپى (ئالىپ ئوغۇز )...
●  [ئەسلى]كۈيلەر كۆزى،قەلبل...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ''تۆتىنچى قەۋەتتە بۇلۇت''توغرىسىدا...
●  جاللاتنىڭ ئۈچ ئىماگى
●  ئۈمىدى: يارقىن سىماھ ۋە ...
●  رىسالەت--ئابدۇرەشىد ئېلى شېئىرلىرى توغرىسىدا...
●  (جاللات)شېئىرنىڭ يەنە بىر قانى...
●  مەن ۋە ئىپادىزىم شېئىرىيتى...
●  ئىپادىزىم شېئىرىيتى(2)
●  ئۇيغۇر دېسنى شىركىتى خا...
●  باياۋان ئىستىتىكىسى(نازىم مۇﻫەننا)...
●  شېئىردىكى ﻫېكايە (ﻫەزرەتئەلى)...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى