ۋىسالسىز ياشاشنىڭ ئېغىر دەملىرى،
ھاياتقا قايرىلىپ قويغاندا سۇئال.
بىز چوقۇم ئايرىلىپ كېتىمىز گۈلۈم.
ئەڭ ئېغىر ھىجرانغا تاپالماي ئامال.
سۇكۇتنىڭ باغرىدا قىزىل قىيامەت،
ئايرىلىش ئەركىنلىك ۋە ياكى ئامەت.
تىنىقنىڭ زەررىسى ئايلانسا تاشقا،
يۇكۇنەر سەجىدىگە پاك - پاكىز نىيەت.
جۇدالىق زارلىرىم ئۆزۈم ئۈچۈن سىر،
نە ئۈچۈن پۈكلىنىپ ئاھ ئۇرىمەن ئاھ .
ئارمانىم قۇدۇققا تاشلانغان بىر تاش،
ۋە ياكى يولدىن ئازغان بىر سەيياھ.
ھىدىڭدىن سۆيۈنۇپ ئالما يۈزلۇك قىز،
توۋلايمەن ناخشامنى ئاسماندىن ئىگىز.
ئىزدەيمەن رىسقىمدۇر بىر تاللا باشاق،
ئاستىمدا ئۇنچىلەر، پايانسىز ئېڭىز.