ئەقىللىق ئۈچ ئاكا - ئۇكا بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 ئەقىللىق ئۈچ ئاكا - ئۇكا

ئۈچ ئاكا - ئۇكا سەھرا يولىدا كېتىپ بارسا، بىر ئاتلىق كىشى يېتىپ كەپتۇ، ئاكا - ئۇكىلار ئۇ ئادەمگە بىر قاراپ قويۇپ:
— سىز يۇتتۇرۇپ قويغان نەرسىڭىزنى ئىزدەپ يۈرەمسىز؟ — دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى ئاتلىق كىشى ئېتىنى توختىتىپ:
شۇنداق مەن يۇتتۇرۇپ قويغان نەرسەمنى ئىزدەۋاتىمەن  —  دەپتۇ.
سىز تۆگىڭىزنى يۇتتۇرۇپ قويدىڭىزمۇ؟
— شۇنداق تۆگەمنى يۇتتۇرۇپ قويدۇم.
— بەك يوغان تۆگىمۇ؟
— ھەئە.
— تۆگىڭىزنىڭ سول ۆزى قارىغۇمۇ؟ - ھەئە تۆگە ئۈستىدە بالا كۆتۈرىۋالغان بىر ئايال بارمۇ؟
— توغرا!  —  دەپتۇ ئاتلىق كىشى بۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكىغا گۇمانسىراپ قاراپ: 
— ئەسلىدە تۆگەم سىلەردىكەندە! ئۇنى نەگە تىقىپ قويدۇڭلار؟ — دەپتۇ.
ئۈچ ئاكا - ئۇكا بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بىز سىزنىڭ تۆگىڭىزنى كۆرمىدۇق،— دەپتۇ. بىراق، ئاتلىق كىشى ئىشەنمەي، ئۇلارنى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.
پادىشاھ ئۇلارنى سوراققا تارتىپتۇ. ئۈچ ئاكا - ئۇكا:
— بىز ئۇنىڭ تۆگىسىنى ئوغرىلىمىدۇق، بىز پەقەت كۆزىتىش، ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۆگىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلىۋالدۇق،  -  دەپتۇ. پادىشاھ:
— ئۇنداقتا سىلەر پەقەت كۆرمىگەن نەرسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەپسىلىي ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟  -  دەپ سوراپتۇ. 
— ئېيتىپ بېرەلەيمىز! دەپتۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكا ئىشەنچىلىك بىلەن. 
پادىشاھ ئۇلارنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، ۋەزىرىگە ئىككى مالايغا سىرىتتىن بىر ساندۇقنى كۆتۈرۈپ كىرىشنى بۇيرۇشنى بۇيرۇپتۇ، ئاندىن پادىشاھ ئۇلاردىن:
— بۇ ساندۇقنىڭ ئىچىدىكى نېمە، شۇنى تېپىپ بېقىڭلارچۇ؟— دەپتۇ.
ئۈچ ئاكا - ئۇكىنىڭ چوڭى:
— بۇ ساندۇقنىڭ ئىچىدە بىر تال كىچىكىنە نەرسە بار،  -  دەپتۇ.
ئوتتۇرانچىسى:
— ئۇ ئانار،— دەپتۇ.
كەنجىسى: 
— تېخى پىشمىغان،— دەپتۇ.
پادىشاھ ساندۇقنى ئېچىپ قارىسا، راستىنلا تېخى پىشمىغان بىر تال ئانار تۇرغۇدەك. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇلاردىن قانداق بىلىۋالغانلىغىنى سوراپتۇ.
چوڭى:
— سانۇدقنى گەرچە ئىككى ئادەم كۆتۈرۈپ كىرگەن بولسىمۇ ساندۇقنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكى بېلىنىپ تۇرىدۇ. مالايلار ساندۇقنى يەرگە قويغاندا، ساندۇق ئىچىدە بىر دۆگىلەك نەسىنىڭ ئۇياقتىن - بۇياققا دومىلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم،— دەپتۇ.
ئوتتۇرانچىسى:
— ساندۇقنى خان بېغىدىن كۆتۈرۈپ كىرىشتى، ئۇ باغدا، نۇرغۇن ئانار دەرىخى بار،—  دەپتۇ.
كەنجىسى: 
قاراڭلار ھازىر ئانار تېخى پىشقىنى يوق،—  دەپتۇ.
پادىشاھ:
سىلەر بەك ئەقىللىق ئىكەنسىلەر! بىراق، سىلەر يۈتۈپ كەتكەن تۆگىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قانداق بىلىۋالدىڭلار؟  -  دەپتۇ.
ئۈچ ئاكا - ئۇكىنىڭ چوڭى: 
يەردىكى قوپال، يوغان ئىزغا قاراپ، ئالدىمىزدا چوقۇم بىر يوغان تۆگىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. شۇڭا تۆت ئەتراپقا سەپسېلىپ كېلىۋاتقان بۇ كىشىنىڭ چوقۇم تۆگە ئىزدەۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم،—  دەپتۇ.
ئوتتۇرانچىسى:
— يولنىڭ ئوڭ گىرۋىكىدىكى ئوت - چۆپلەر يېيىلىپتۇ، سول گىرۋىكىدىكى ئوت - چۆپلەر شۇ پېتى تۇرۇپتۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن، مەن تۆەىنىڭ سول كۆزىنىڭ قارىغۇ ئىكەلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم،— دەپتۇ.
كەنجىسى: 
— مەن تۆگىنىڭ بىر يەردە چۆككەن ئىزىنى كۆردۈم، بىر تەرەپتىكى قۇملۇقتا ئايال كىشىنىڭ ئاياق ئىزى ھەم كىچىك بالىنىڭ ئاياق ئىزى تۇرىدۇ. شۇنىڭدىن بالا يېتىلىۋالغان ئايالنىڭ بارلىقىنى بىلدىم،  -  دەپتۇ.
Posted: 2008-01-21 14:28 | [ئاپتور]
uyghur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 21
شۆھرىتى: 21 نومۇر
تەڭگىسى : 210 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-07

 

ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەن !
Posted: 2008-02-03 21:06 | 1 -قەۋەت
palwan0997
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 4
شۆھرىتى: 4 نومۇر
تەڭگىسى : 20 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-16

 

مەن يەنە قوشۇمچە ھېكايە چۆچەكلەرگە بەك ئامراق 
Posted: 2008-03-13 01:06 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ھېكايىلەر

Total 0.059195(s) query 4, Time now is:03-17 17:49, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation