ھىدايەتنامە(ئا. ئۆتكۇر)
بۇ شىئردا مەرھۇم شائىرىمىز ئا.ئۆتكۇر ئەپەندى دۇنيادا 58 يىل ياشاپ بولغاندىن كىيىن ئۆزى خۇلاسىلەپ چىققان بىر ھەقىقەتنى بايان قىلىدۇ.
قىنى قىرىنداشلار بىزمۇ بۇ ھەقىقەتنى كۆرۇپ باقايلى!!!
ھىدايەتنامە
ئا.ئۆتكۇر
ئۆمۇرمەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى ،
تەپەككۇر بولدى بىرھادى تىپىشتا چىن ھىدايەتنى ،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى ،
دىلىم ئىستەيتى ئىزھارغە ھەمىشەمەقبۇل پۇرسەتنى .
كىلىڭ ئەي دوسلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.
* * *
سۆزۈمنىڭ باشى بىسمىللا بۇ مۇئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانايۇ ھەمدىلەر ئىيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر،
قۇرۇق تۇزسىزئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل،ئەقىدەمدۇر ،
بۇداۋايىمغا بورھانىم مۇشۇيازمىش قەسىدەمدۇر ...
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھتىن قولۇمغا كۈچ ۋەقۇۋۋەتنى ،
* * *
تەئەججۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇقەسىدەمدىن .
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئەگەر ئىچسەبىرچەشمە قەترەمدىن.
ئىزىقتىم مەنمۇ بىرچاغلارداناگاھ تەۋرپ ئەقىدەمدىن ،
شۇكرىكىم رەھنامە تاپتى كۆڭۇل سۇلتانى تەۋبەمدىن .
ئىلاھا ئەيلىگىل مەڭگۈ ،ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى .
* * *
تۇغۇلغاچ ئىككى مۇئمىندىن ئۆتۇپ ئەللىكتە سەككىزيىل ،
يەكۇنلەش سائىتى يەتتى ئەمدى ئۆمۇرنى ئەستايدىل .
نەزەر سالام بىسىپ ئۆتكەن يولۇمغابولمايىن غاپىل ،
ئاقۇر كۆزياشلىرىم گويا بولۇپ ئىرىتىش ۋەياكى نىل.
جاھاندا چەكمىگەي ھىچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادمەتنى.
* * *
سەھەردە ھەمدىلەرئىيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەردەمدە،
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەزەنتى ئادەمدە.
ۋاھالەنكى ئادابولماي ھىساپسىز بۇقەرىز بۇزىممەمدە،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇقەلبىمدە .
ئۆمۇرنى زايا قىلماڭلار ئىلىپ مەندىن بۇئىبرەتنى ،
* * *
باھار يامغۇرلىرى يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى ،
ئىرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۇللىتەر باغنى.
مۇيەسسەر مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى ،
ئىرىتسە ھىچ ئەجەپ مەسىكىم كۆزۇمنىڭ ياشلىرى داغنى،
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى .
* * *
سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسبەمدە،
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە ،
ئۆمۈدۈم بىربىقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە .
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇقەسىدەمدە .
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ-سائادەتنى.
* * *
خىيالىم دىڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق ،
كىچىلەر ئازيۇمۇپ كۆزنى ۋەگاھى تاڭغىچە ئويغاق .
قولۇم يەتمەيدىغان شاھقا ئىسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق،
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۆمۈدۈمگە يەنە جىقراق .
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشاقەتنى .
* * *
پىكىر دەرياسىغا قانچە تىرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۇن ،
كۆڭۇلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ، تارقىدى ئەپسۇن .
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن ،
ۋەلىكىن جان كىتابىغا قوشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن .
يىقىن كەلتۇرمە ئى رەببىم كۆڭۇلگە ئەمدى غەپلەتنى .
* * *
تەپەككۇر كۆز بىلەن باقساكىشى ئالەمگە بىرمەررە ،
ئەمەستۇر خالى ھىكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە ،
ئادىمزات يۈكسىلىپ تاپتى ئاتۇمدىن مول زەررە ،
ۋەلىكىن بىپايان سىر دىڭىزىدىن بۇتىخى ئازغىنە قەترە .
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ -ھىكمەتتىن .
* * *
بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىدىن كۆپرەك ،
كۆڭۇل روشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
قارىغۇ نىچۇك بىلسۇن قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق ،
بىلۇر ئەمما گۆدەك ھەتتانىچۇكتۇر گۇل نىچۇك ياپراق .
دىمەككى مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى-پاراسەتنى .
* * *
تۇمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل-دانىش،
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش .
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۇچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش ،
ۋەلىكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئىلىپ مەيداندا ئەزمايىش .
ئاخىرى ئىتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى .
* * *
مىسال :بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغانىنى ئويلاپباق،
ئانا قارنىدا بۇ جانغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپباق ،
تۇغماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپباق .
بۇمۇشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپباق .
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى- پىكرەتنى.
* * *
بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن ،
ۋە ھەتتا ئاي يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن .
بۇڭائەۋلاد ئادىمزات ئوغلى ئوقىيا مىڭ مەدھىيەتەلقىن ،
لىكىن ئادەم بىناقىلماق بۇئادەمگە نىچۇك مومكىن .
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى .
* * *
نىمىشقا ئاياغ ئىككى ،كۆز ئىككى،ئىغىزبىردۇر ،
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىناقىلغان قايسى تەھرىردۇر.
نىمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر ،
قىنى ئىيتىڭچۇ؟بۇسىرغا نىچۇك سۆز توغىرا تەئبىردۇر .
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۇشەنمەككە بۇ سۇرەتنى .
* * *
ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەركىم بىلۇر ئۇ زاتنى ئاندىن ،
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن .
لىكىن نەدە ،قاچان ،قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن ،
ئىچىلماس سىر بولۇپ كەلدى بۇماۋزۇ دەۋرى -دەۋراندىن.
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى .
* * *
ئۆلۈمگە دەۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا ،
ۋەلىكىن ھىچكىم تامىدى بۇئىشتىن زەررىچە مەنا .
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا ،
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئاماننا .
دىمەك مۇئمىن ئەمەس بۇزماق بۇقانۇنى زۇرۇرەتنى .
* * *
قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزلار ساماسەير ئىتىپ ھەركۇن ،
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋىر ئىتەر ھەركۇن.
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتىزىم قانۇن،
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئاشۇ خىلدا تولا مەزمۇن.
يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۇشەنگەچكە بۇھالەتنى .
* * *
ۋە بەلكى بەزىلەرئىيتار تۇزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر،
ۋە ھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر.
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھونۇن بىر ياخشى ئىبرەتتۇر،
شىغىل-تاش ھەر زامان تاشتۇر، زۇمرەتلەر-زۇمرەتتۇر.
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل-جاھالەتنى .
* * *
ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر ،
ۋەﻫالەنكى تەبىئەت ﻫەم ئەجەپ بىر خىلدا ﻫەيئەتتۇر.
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ﻫۇنۇن بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر،
شېغىل تاش ﻫەر زامان تاشتۇر ،زۇمرەتلەر -زۇمرەتتۇر.
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل -جاﻫالتنى .
مىسال :پەن -ﻫۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ﻫىكمەت دۇكانىنى،
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى .
يەنە ﻫەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ﻫىممەت داۋانىنى ،
لېكىن ئادەم تۈگۈل ﻫەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى .
ياسالماس ﻫەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى .
ﻫاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرﻫان ،
تۇخۇسىز ئالۇر ﻫەر كىم تۇخّۇمدىن چۈجىنى ئاسان .
ئەگەرچە يەنە مىڭ ﻫەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران ،
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان .
دىمەك مەخلۇق ﻫامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى .
نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا ،
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دىﻬقان ﻫۇسۇل تولمايدۇ خامانغا .
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا ،
زاۋۇتلاردا ياساپ ﻫەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا .
دىمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى .
ﻫاياتلىق سىر لىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر ،
بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە ،ئەگەر ئۇ بەﻫرى دەريادۇر .
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ﻫىكمەتلەر ئەﻫيادۇر،
كى تۇپراق بولمىدى كىميا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر .
ﻫايات قانۇنى ﻫەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.
مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ﻫەر ئان
ۋە لېكىن ﻫەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان .
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى < سۈرە رەﻫمان.>
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە < ما تۇكەززىبان.>
قۇلۇپلۇق بو لمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ نىمەتنى.
تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاﻫىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر ،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ ،شائىر .
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى .
ئۈتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ﻫاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر .
بىراۋلار قەسىت بىلەن قۇرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەﻫرىر ،
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ﻫەرىپ،بىرەر ساكىن ياكى زىر.
چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە - كارامەتنى .
پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات ،
ئۇقۇپ بىر كۈن < >نى ﻫەيﻬات .
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات ،
نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات .
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ﻫەقىقەتنى .
ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ﻫىكمەتتۇر،
مۇبارەك تەرجىمەﻫالى تامامى پەزلى -خىسلەتتۇر.
رەقىپلەر ئىتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ﻫۆججەتتۇر ،
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇﻫەممەددۇر .
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.
نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ﻫالىنى ئەسلەڭ،
جاﻫالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەﻫۋالىنى ئەسلەڭ .
زالالەت ﻫەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ ،
مىسال :بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ .
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى .
ۋەﻫىنى بەزىلەر ئىلﻬام دىيىشتى بىر زامان ﻫۆكمەن،
ۋەﻫالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان .
ئۇنى ئىلﻬام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان ،
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان .
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ﻫەقىقەتنى .
بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا، نەبىلىك ئۈستىدە ﻫەتتا،
تېپىپ مىڭ ﻫېلە -نەيرەڭلەر، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا.
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر،ۋە ﻫەتتا قىلسىمۇ غەۋغا.
جاﻫاندىن كەتتلەر لىكىن، بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا.
تاپالماس چۈنكى باتىللىق،ﻫەقىقى شانۇ-شۆﻫرەتنى.
بۇلارنىڭ ﻫەممىسى جانلىق ئۇلۇق مۆجىزە ئەلۋەتتە،
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ﻫەقتە.
ئەقىل ساﻫىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق، قانائەتتە،
ئەگەرچە ياق دىسە بەزى مۇخالىپلار جاﻫالەتتە.
ئۆزىگە رەﻫنامە قىلسۇن ئەدىل ، مەردانە پىكرەتنى.
خاتىمە.
بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ﻫەتتا.
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ﻫېدايەتتىن بىرەر مەئنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا.
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راﻫەتنى.
ئەقىدەم ﻫەققە باغلانغان، بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،
شۈكرىكىم،ﻫەق ئاتا قىلغان ئىرادە،ئېتىقادىم بار.
ئەقىدە ساﻫىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار،
دىمەيمەن مۇنچە گۇستاﻫلىق،قىلىشقا نىمە ﻫەددىم بار.
پىسەنىت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى.
جاﻫان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ﻫەتتا ۋەﻫشى چىڭگىزخان.
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاﻫانغا بىﻬېساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت ﻫەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىﻬايەت شۇ ﻫەقىقەتنى.
ئىخلاسمەن بىلوگى