ئاسلاننىڭ خىجىللىقى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 ئاسلاننىڭ خىجىللىقى

ئوزۇق ئېلىپ ئالدىراش،
  كەپتۇ ئۆيگە مۈشۈكخان.
  ئوينىغىلى كەتكەنىكەن،
  شوخ بالىسى ئاسلانجان.
  ئېلىپ كەلگەن ئولجىنىڭ،
  يېرىمىنى يەپتۇ ئۇ.
  يۆگەپ قويۇپ ئاشقاننى،
  - بالام يېسۇن، - دەپتۇ ئۇ.
  ساقلاپ بېقىپ بىر ھازا،
  ئىشقا يەنە كېتىپتۇ.
  ئاسلان كېلىپ بىر چاغدا،
  يېمەكلىكنى تېپىپتۇ...
  كەچتە كەلسە مۈشۈكخان،
  يېمەكلىك يوق تۇرغۇدەك.
  >ئاچ قالارمۇ بالام< دەپ،
  بوپتۇ بەكمۇ پايپېتەك.
  كەپتۇ شۇندا ئاسلانجان،
  ئويۇنىدىن زېرىكىپ.
  - قورساق ئاچتى نان يوقمۇ؟ -
  دەپتۇ تېخى تېرىكىپ.
  - يېمىدىڭمۇ گۆشنى سەن؟ -
  دەپ ئانىسى سوراپتۇ.
  - ياق، ياق! - دەپتۇ ئاسلانجان،
  تۇمشۇقىنى تولغاپتۇ.
  لېكىن ئۇنىڭ لېۋىدە،
  قالغانىكەن قان يۇقى.
  كۆرۈپ ئۇنى ئانىنىڭ،
  كەپتۇ راسا ئاچچىقى:
  - ئەنە ئۆزۈڭ يەپسەنغۇ،
  قويۇپ قويغان يېمەكنى؟
  يەپ تۇرۇقلۇق نېمىشقا،
  ئۇزىتىسەن ئىلمەكنى؟
  سەن يېگەن شۇ گۆشنى مەن،
  قويۇپ قويغان سەن ئۈچۈن.
  بىلىپ تۇرۇپ سۆزلەيسەن،
  يالغان گەپنى سەن نېچۈن؟
  بۇنى ئاڭلاپ ئاسلانجان،
  قىزىرىپتۇ شەلپەردەك.
  بوپتۇ ئىزا - نومۇستىن،
  يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك
Posted: 2008-01-19 20:37 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » مەسەللەر

Total 0.056871(s) query 3, Time now is:03-17 17:58, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation