كىشىنىڭ ھەققى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : كىشىنىڭ ھەققى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 101ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 كىشىنىڭ ھەققى


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-10-04)

 
 
  بۇرۇنقى زاماندا مۇسا ۋە ئەيسا دېگەن ئىككى يىگىت ئاغىنە بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇسا بىلەن ئەيسا كىشىنىڭ ھەققى ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قاپتۇ. مۇسا ئەيسادىن:
  - ئاداش، كىشىنىڭ ھەققى زادى كىشىدە قالامدۇ - قالمامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
  - ئايلار، يىللار ئۆتۈشى مۇمكىن، ئەمما كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالمايدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەيسا.
  - ئەمىسە مۇشۇ سۆزۈڭنى بىرەر كارامەت كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىسپاتلاپ باققىنا، - دەپتۇ مۇسا.
  - بۇلىدۇ، - ئەيسا رازى بولۇپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ، - سەن كەينىڭگە بەش قەدەم چېكىنىپ ئارقاڭغا بۇرۇل.
  مۇسا ئارقىسىغا شۇنداق بۇرۇلۇپتىكەن، ئالدىدا ياپ - يېشىل مەنزىرىلىك بىر شەھەر تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
  ئەيسا مۇسانىڭ كەينىدە تۇرۇپ، ھېكايە ئېيتىشقا كىرىشىپتۇ. ئۇنىڭ ھېكايىسىدە بايان قىلىنغان نەرسىلەر مۇساغا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
  - سەن كۆرۈپ تۇرغان مانا مۇشۇ چىرايلىق شەھەردە بىر كاتتا سودىگەر ياشىغان ئىدى، - دەپ ھېكايە باشلاپتۇ ئەيسا، - ئۇ سودىگەر ئىنساپسىز ھەم ئاچكۆز ئىدى. بىر ياغاچچى بۇ سودىگەرگە بەش يىل ئىشلەپ، ئىش ھەققىنى ئالىدىغان چاغدا ئۆلۈپ قالدى. سودىگەر ئۇنى كۆمۈپ قويۇپ، تۇپراق بېشىدىن قايتىپ كېلىپلا يۇرت كاتتىلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ زىياپەت بېرىپ ئوبدان مېھمان قىلدى، ئاخىرىدا مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى:
  - ئى جامائەت، ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، رەھمەتلىك ياغاچچى ماڭا بەش يىل ئىشلىۋىدى، ئۇنىڭ يېمەك - ئىچكىمى، كىيىم - كېچىكى، پۈتكۈل خىراجىتى مەندىن بولغان، يەيدىغىنىنى يەپ، ئالىدىغىنىنى ئېلىپ بولغان ئىدى، مەندە ھېچقانداق ھەققى قالمىدى، مۇبادا كۈنلەردىن بىر كۈنلىرى بۇ ياغاچچىنىڭ ئىگىسى چىقىپ قېلىپ، مېنىڭدىن ئۇنىڭ ھەققىنى ئالىمەن دېسە، سىلەر گۇۋاھ بولۇڭلار.
  - بەش يىلدىن بۇيان سىلىنىڭ تۇزلىرىنى يەپ، ئۆيلىرىدە ئىشلىگەن تۇرسا، ئۇنىڭ يەنە نېمە ھەققى قالسۇن. ھەر قانداق ئادەم كەلسە بىز گۇۋاھچىلىقتىن ئۆتىمىز، - دېيىشىپتۇ يۇرت كاتتىلىرى.
  سودىگەر >بۇ ئىشتىن ئەجەپ ئوبدان قۇتۇلدۇم، ئەمدى ياغاچچىنىڭ ئەۋلادتلىرى دەۋا قىلىپ كېلىپ قالسا، جامائەتكە ئىتتىرىپ قويۇپلا تۈگىشىدىغان بولدۇم< دەپ خۇرسەن بوپتۇ. شۇدىن كېيىن خاتىرجەم يۈرۈۋېرىپتۇ.
  سودىگەر بىر كۈنى ئىككىنچى بىر شەھەرگە سودىگەرچىلىككە بارماقچى بوپتۇ. 30 سەر ئالتۇننى پوتىسىغا تۈگۈپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. يولدا ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ. تەرلەپ كەتكەن سودىگەر ئېتىنى چۆپكە قويۇۋېتىپ، ئۆزى ئېرىق بويىدىكى قارىياغاچنىڭ تۈۋىگە كېلىپ بىر پەس ئۇخلىماقچى بوپتۇ. بىراق ھېلىقى پوتىغا تۈگۈۋالغان ئالتۇنى بېقىنىغا پېتىپ زادىلا ئۇخلاتماپتۇ. ئاخىرى ئورنىدىن تۇرۇپ پوتىنى بېلىدىن يېشىپتۇ. >بۇ دەشتى باياۋاندا كىم ئېلىۋالاتتى< دەپ ئويلاپ، دەرەخ شېخىغا ئېلىپ قويۇپ، يېتىپلا ئۇخلاپ كېتىپتۇ. بىر ھازادا كۆزىنى ئاچسا كەچ كىرىپ قالغان. >ئاپلاھۇ ئەكبەر، نېمانچە ئۇخلاپ كەتكەندىمەن< دەپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، قامچىسىنى قولىغا ئاپتۇ. ئالدىراپ - سالدىراپ بېرىپ توقۇغلۇق ئېتىغا مىنىپتۇ - دە، ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىپتۇ. ھېلىقى ئالتۇن چىگىلگەن پوتا شاختا قاپتۇ.
  سودىگەر كەتكەندىن كېيىن، بىر ياغاچچى بالا دۇكان - جابدۇقلىرىنى كۆتۈرۈپ، ھېلىقى دەرەخ تۈۋىگە كېلىپ ئارام ئېلىشقا ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ قىرغا بېشىنى قويۇپ، ئاسمانغا قاراپ ياتقاندا كۆزى دەرەى شېخىدا ئىلىغلىق تۇرغان پۇتىغا چۈشۈپتۇ. ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ، پوتىنى قولىغا ئاپتۇ. ئۇنى يەشسە، كۆزلىرىنى چاقنىتىپ، ساپ - سېرىق ئالتۇن چىقىپتۇ، ياغاچچى بالا >خۇدايىم بەردى< دەپتۇ - دە، تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەتتىن ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمۈپ يۈرۈپ كېتىپتۇ.
  ئەمدى گەپنى سودىگەردىن ئاڭلا.
  سودىگەر شۇ يەردىن قوپقانچە توختىماي مېڭىپتۇ. قاراڭغۇ چۈشكەنسېرى قونالغۇغا يېتىۋېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئالدىراپتۇ. يېرىم كېچىلەر بىلەن ئاران دېگەندە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ بېرىۋاپتۇ. ئەتىسى سەھەردە ھېلىقى پوتىدىكى ئالتۇنى ئېسىگە كېلىپ، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپتۇ - دە، بېلىنى سىلاپتۇ. قارىسا پوتا يوق. شۇ ھامان پۈتۈن بەدىنىدىن ئاچچىق تەر چىقىپ، پۇتلىرى تىتىرەپ كېتىپتۇ. ئاتقا مىنىپتۇ - دە، ئارقىسىغا قايتىپ ھېلىقى قارىياغاچ تۈۋىگە كەپتۇ. ئۇ كەلگەندە دەرەخ تۈۋىدە بىر قېرى بوۋاي ھاسسىغا تايىنىپ دەم ئېلىپ ئولتۇرغان ئىكەن. شاختا ئېلىپ قويغان پوتا كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ ئۇيان - بۇياننى ئىزلەپتۇ.
  - بىر نېمىڭىز يۇتۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ بوۋاي.
  - ماۋۇ شاخقا پوتىغا تۈگۈلگەن بىر نېمىنى ئېسىپ قويۇۋىدىم، يوق تۇرىدۇ، سىز كۆردىڭىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ سودىگەر.
  - كۆرمىدىم. ئەمدى كېلىپ ئولتۇرۇشۇم، تېخى شاخقا قارىغۇچىلىكمۇ بولمىدىم، ئۇكام، - دەپتۇ بوۋاي.
  - راستىڭىزنى ئېيتىڭ، سۆيۈنچە بېرىمەن.
  - ئىللا - بىللا كۆرمىدىم.
  - ئەمسە شەيتان ئېلىپ كېتەمدۇ؟
  - ۋاي توۋا، مەن كۆرمىدىم.
  - راستىڭنى ئېيت، بىئەجەل ئۆلىسەن قېرى!
  - ھوي، قانداق ئۆكتەم نېمىسەن؟
  - كۆرمىگەن بولساڭ مانا! - سودىگەر پىچىقىنى ئېلىپ بوۋاينى بوغۇزلىۋېتىپتۇ...
  ئەيسا ھېكايىنى تۈگىتىپ:
  - ئەمدى ئارقاڭغا بۇرۇلۇپ، ئۆز ئۇرنىڭغا كېلىپ تۇرساڭ بولىدۇ، - دەپتۇ مۇساغا.
  مۇسا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ:
  - سودىگەرنىڭ ئالتۇنىنى ياغاچچى بالا ئېلىپ كەتسە، سودىگەر ئاچچىقىدا بىگۇنا بوۋاينى ئۆلتۈرۈۋەتتى، بۇ قاندق بولغىنى؟ - دەپتۇ.
  ئەمدى بۇنى مەن ساڭا چۈشەندۈرۈپ قوياي، - دەپتۇ ئەيسا، - ئالتۇننى ئېلىپ كەتكەن بالا ھېلىقى سودىگەرنىڭ قولىدا ئىشلەپ ئۆلۈپ كەتكەن ياغاچچىنىڭ ئوغلى بولىدۇ. ئۆلگەن بوۋاي بولسا، بۇرۇن مۇشۇ سودىگەرنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن قاراقچى ئىدى. پۇل ئىگىسىگە تاپشۇرۇلدى، سودىگەر دادىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى. ئەمدى سەن دەپ باققىنا، كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالامدىكەن؟
  مۇسا قايىل بولۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ:
  - كىشىنىڭ ھەققى زادى كىشىدە قالمايدىكەن، ئوخشاش بولمىغان يوللار بىلەن ھامان تۆلىنىدىكەن، - دەپتۇ.
 
Posted: 2008-10-04 10:32 | [ئاپتور]
tanha_malika

دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 137
شۆھرىتى: 138 نومۇر
پۇلى: 1185 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-25
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-21

 


شۇنداق كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە ھەرگىز قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى كىشىنىڭ ھەققىنى يېمىگەن تۈزۈك.
Posted: 2008-10-05 12:32 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » چۆچەكلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071927(s) query 4, Time now is:10-23 03:02, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation