مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتىكى توققۇز مۇھىم ئامىل بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


بۇ بەتتىكى يازما : مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتىكى توققۇز مۇھىم ئامىل بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتىكى توققۇز مۇھىم ئامىل

بىرەر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا ھەممىنى تاماملاپ بولدۇم دەپ قارىماڭ، داۋاملىق تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىڭ.
  نۇتۇق سۆزلەش مېنىڭ خىزمىتىم بولغاچقا، مەملىكەت دائىرىسىدە ياكى ھەر قايسى شتاتتىكى  كارخانىچىلار كوللېكتىپى، رايون كوللېكتىپىنىڭ تەكلىپى بويىچە ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتىم خېلىلا بار. مەن خېلى بۇرۇنلا نۇتۇق سۆزلەش خىزمىتىمنىڭ مەڭگۈ ئاخىرلىشىش نۇقتىسى يوق ئىكەنلىكىنى سەزگەن. مەيلى سىزنىڭ ئىلگىرى قانداق كەچۈرمىشلىرىڭىز بولسۇن ياكى قانداق كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىپادىڭىز بولسۇن، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا بۈگۈنكى بۇ نۇتۇق.
  ھەر قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەندە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كىرىشىشىڭىز كېرەك. ئىلگىرى ھەرقانچە نامىڭىز  بولغان تەقدىردىمۇ، پەقەت باشتىكى بىر قانچە مىنۇت ئىچىدىلا ئاممىنى جەلپ قىلالايسىز. ناتىقلار ھەر قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەندە ئاممىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ.
  بىر قېتىم مەن مەملىكەت خاراكتېرلىك كارخانىچىلار يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلىدىم، يىغىلىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى،  غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر ياش ناتىق بىلەن ھەمسۆھبەت بولدۇم، ئۇ مەندىن:
  — ناتىقلىق قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭىزغا نەچچە يىل بولدى؟—  دەپ سورىدى.
  — تەخمىنەن 50 يىل بولدى!  — دەپ جاۋاب بەردىممەن. 
 
  ئۇ:
  — قالتىسكەنسىز، قارىغاندا سىز بۇ كەسىپنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە   يېتىپسىز. مەنمۇ يېقىن كەلگۈسىدە سىزدەك بولىمەن، — دېدى. 
  مەن ئۇنىڭغا:
  — ئالدىڭىزدا ناھايىتى خىجىلمەن،
   مەن ئۆزۈمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتىم دەپ قارىمايمەن. بۈگۈنكى نۇتۇق سۆزلەشتىمۇ مەن ئۆزۈمنى يەنىلا يېڭى ئۆگەنگۈچى، ئاڭلىغۇچىلار ئالدىدا پۈتۈن زېھنىمنى  قويۇپ سۆزلىمىسەم بولمايدۇ، دەپ قارايمەن، — دېدىم.
  ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ، مەن مەلۇم بىر پروگراممىدا ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ قالدىم. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ تېخىمۇ ئەقىل - پاراسەتكە تولۇپتۇ. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
  — مەن ھازىر سىزنىڭ ھېلىقى كۈنى كەچتە چكاگودا قىلغان سۆزىڭىزنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىم، ناتىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭ ئېپى  - جېپىنى ئىگىلىۋالدىم دېگەن  بىلەن، نۇتۇق سۆزلىگەندە خۇددى يېڭى ئۆگەنگەن چاغدىكىگە ئوخشاش خاتالىق  تۇغۇلدىكەن.
  — شۇنداق، شۇنداق، — دېدىممەن تەستىقلاپ.
  ئۇنداقتا، ئادەم قانداق قىلغاندا ئارزۇسىغا يېتىش شادلىقىدىن بەھرى ئالغىلى بولىدۇ:
 
  1 - ئۆزىڭىزنىڭ قانداق كىشىلىك ھاياتقا ئىگە بولماقچى بولغانلىقىڭىزنى كونكرېت  ئويلىشىڭ.
  2 - ئۆزىڭىزنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ھەقىقىي تۈردە تۈزۈپ چىقىڭ.
  3 - ئۆز مەقسىتىڭىزنى ناھايىتى ئاددىي، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن يېزىپ چىقىڭ، ھەرقانداق مۈجمەللىكتىن ساقلىنىڭ.
  4 - ئىمكان بار تېگىشلىك بىلىملەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز نىشانىڭىزنى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىڭ.
  5 - نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش چېكىنى بېكىتىڭ.
  6 - ئۆزىڭىز بېكىتكەن نىشاننىڭ توغرىلىقىنى  تىلەڭ، توغرا بولمىغان پاسسىپ  نىشانلار ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ.
  7 - داۋاملىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىڭ، ھەرگىز يېرىم يولدا بولدى قىلماڭ.
  8 - ئاكتىپ، ئوچۇق - يورۇق پوزىتسىيىدە بولۇڭ.
  9 - بىرەر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا ھەممىنى تاماملاپ بولدۇم دەپ قارىماڭ، داۋاملىق تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىڭ.
Posted: 2008-01-19 19:34 | [ئاپتور]
uyghur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 21
شۆھرىتى: 21 نومۇر
تەڭگىسى : 210 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-07

 

Posted: 2008-02-03 20:43 | 1 -قەۋەت
patigul
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 2 نومۇر
تەڭگىسى : 10 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-13

 

Posted: 2008-03-13 01:06 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ياشلار سەمىگە

Total 0.060173(s) query 4, Time now is:03-17 17:48, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation