ھۈنەر - سەنئەت BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ھۈنەر - سەنئەت تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 89ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ھۈنەر - سەنئەت


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-10-01)

ئويمىچىلىق (نەققاشلىق)، ھەيكەلتىراشلىق، ھۈنەر - سەنئەت، كەشتىچىلىكمۇ ئۇيغۇر سەنئەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئوتۇننى ئىگىلەيدۇ. خەنزۇچە مەنبەلەر ۋە ئارخىئولوگىيىلىك تېپىلمىلارغا ئاساسلانغاندا مېمارچىلىق، ئويمىچىلىق، ھەيكەلتىراشلىق، ھۈنەر - سەنئەت ئۇيغۇرلار ئىچىدە Ⅳ - Ⅶ ئەسىرلەردىلا مەخسۇس كەسىپ سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىپ تەرەققىي قىلىپ، خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. ئۇيغۇر ئۇستىلىرى بىنا قىلغان سېلىنگا دەرياسى بويىدىكى بايبالىق، ئورخون ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ پايتەختى - قارابالغا سۇن خارابىيلىرىدىن تېپىلغان نەپىس ھەيكەللەر، نەقىشلەنگەن خىش - ساپاللار ۋە مۇڭغۇل دالاسىدىن تېپىلغان مەڭگۈتاش پۈتۈكلىرى ۋە دائىرىسى 25 كۋادرات كىلومېتىر، كۇچا - رەستىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 24 كىلومېتىر كېلىدىغان شەھەر خارابىسى قاتارلىقلار ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر مېمارچىلىق سەنئىتى بىلەن ئويمىچىلىق، ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ خېلى مۇكەممەللىشىپ قالغانلىقىنىڭ پاكىتى. 
Ⅷ ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلاردا ھۈنەر - سەنئەت شۇ قەدەر تەرەققىي قىلغانكى، ئالتۇن - كۆمۈش، قاش تېشى زىننەت بۇيۇملىرى، تېگىدىن گۈل - گىياھ نۇسخىلىرى چىقىرىلىپ توقۇلغان رەختلەر ئۆز دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە بازىرى ئىتتىك، داڭلىق، بەس - بەستە سېتىۋېلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇيغۇرلار ئىچىگە بۇددا دىنى، كېيىنچە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى ئېتىقادى ئۈچۈن ئىبادەتخانىلار سېلىنىشقا تۇغرا كېلىش بىلەن ئۇنى بۇددا ھۆرمىتى ۋە ئىسلام قائىدىسىگە مۇناسىپ گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن نەققاشلىق تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان بولسا، ساكيامۇنى ۋە راھىبلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ھەيكەلتىراشلىق؛ راھىبلارنىڭ پائالىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن رەسساملىق، بۇتلارنى نازۇك زىبۇ زىننەتلەر بىلەن بېزەش ئۈچۈن زەرگەرلىك تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى. 
شۇنداق قىلىپ يۇنان، ئەرەب، ھىندىستان مېمارچىلىق، نەققاشلىق، ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق ۋە بىر يۈرۈش ھۈنەر - سەنئەت يېتىلىپ چىقتى ۋە ماھىر سەنئەتكارلار قوشۇنى شەكىللىنىپ، بۇ كەسىپلەر ئەۋلادىدىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كەلدى. قىزىل، كۇچا قۇمتۇرا، تۇرپان بېزەكلىك، قارا شەھەر مىڭ ئۆي تاملىرىغا سىزىلغان ھەر خىل سۈرەتلەر، قەشقەر ھېيتگاھ، ئاپاق غۇجا گۈمبىزى، شۇ جايدىكى ئىبادەتخانىلار، يەكەن مەدرىسى، كۇچا قىغ دۆڭ مەدرىسى، تۇرپان ئىمىن ۋاڭ مۇنارى ۋە ئاتۇش، كۇچا، كورلا قاتارلىق جايلاردىكى ياغاچ ۋە گەژدە ھەر خىل مۇرەككەپ، كۆركەم گۈل نۇسخىلىرى نەقىشلىنىپ ياسالغان ئولتۇراق ئۆيلەر، ھەر خىل مۇرەككەپ، نەپىس، نازۇك ئالتۇن - كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى، ھەرخىل نۇسخىلىق ئەتلەس قاتارلىق توقۇلمىلار ئۇيغۇر بىناكارلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق ۋە ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ نادىر نەمۇنىلىرىدىندۇر. 
كەشتىچىلىك ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي كەسىپ، رەڭگارەڭ گۈل نۇسخىلىرى تىكىلگەن دوپپىلار، كەشتىلەنگەن تەكيە، ياستۇق قاپلىرى، لۆڭگە، رومال، كۆڭلەك، بەلباغلىق، تاماكا خالتىسى، پايپاق، بوۋاقلار ئىشتانپايپىقى، بۆشۈك ئوۋدا - تارتقۇسى قاتارلىقلار ئۇيغۇر كەشتىچىلىكىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن، داڭلىق، مىللىي ئالاھىدىلىكى، تىپىك بولغان مەھسۇلاتلىرىدىندۇر. بولۇپمۇ دوپپىچىلىق ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ شەكلى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇر دوپپىچىلىقىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقانلىقى دوپپا كىيمەيدىغان ئەر، ئايال يوقلۇقى، دوپپا تىكىشنى بىلمەيدىغان قىز، ئاياللارنىڭ كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. دوپپا ئۆز نۆۋىتىدە ئىچكى - تاشقى سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالغان."
awazlik
Posted: 2008-10-01 10:04 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » يوسۇنلىرىمىز


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070650(s) query 3, Time now is:10-23 03:01, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation