ئىدىقۇت باغرىدىكى كەشپىيات - كارىز BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئىدىقۇت باغرىدىكى كەشپىيات - كارىز تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 130ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئىدىقۇت باغرىدىكى كەشپىيات - كارىز




  ئىدىقۇت - قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ، مەنىسى « بەخىت بەرگۈچى تەڭرى » دېمەكتۇر ، بۇ جاي ھازىرقى تۇرپان ئويمانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۇرپان ئويمانلىقى دېڭىز يۈزىدىن 154مېتىر چوڭقۇر بولۇپ ، قۇرغاق ھاۋا كىلىماتىغا ئىگە .
    ئىدىقۇت - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئانا يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ جاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيەت تارىخى بار . ھازىرغىچە ئىزى ئۆچمىگەن يارغۇل قەدىمكى شەھىرى ، ئىدىقۇت خارابىلىكى ، بېزەكلىك مىڭ ئۆيى قاتارلىق ئاسار ئەتىقە ئورۇنلىرى ئىدىقۇت مەدەنىيىتىگە گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرىدۇ .
    ئىدىقۇت ئۇيغۇرلارنىڭ قەيسەر ۋە ئەمگەكچان  خەلق بولۇپ ، ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك شارائىتقا ئىگە بۇ مۇنبەت زىمىننى گۈللەندۈرۈش يولىدا نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ياراتقان ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغان . مەسىلەن ، كارىز - ئىدىقۇت خەلقلىرىنىڭ پەم-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە ئۆزىگە خاس كەشپىياتى ، ئىدىقۇت تېغى باغرىدىكى  ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان مۇشۇ كارىزغا تايىنىپ بۇ ۋادىنى بۈگۈنكىدەك مۇنبەت بوستانللىققا ، دۇنياغا مەشھۇر « ئۈزۈم شەھىرى » گە ئايلاندۇرغان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىقۇت خەلقى كارىزنى ھاياتلىق مەنبەسىنى دەپ تەرىپلەيدۇ.
  تېخى يېقىنقى يىللارغىچە تۇرپان ۋادىسىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى كارىز ئىدى . كارىز خۇددى ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلاردەك تۇرپان ، پىچان توقسۇن رايۇنلىرىغا مەركەزلەشكەن .
  كارىز ئونلىغان ، يۈزلىگەن يەر ئاستى سۇ قۇدۇقلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرىلىشلىرىدىن ياسالغان يەر ئاستى سۈيىنى يەر ئۈستىگە باشلايدىغان ئاجايىپ مۆجۈزىلىك بىر خىل ئېرىق بولۇپ ، ئۇ پەقەت ئىدىقۇت باغرىنىڭ يەر تۈزۈلىشىگە ماسلاشقان
    ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئىدىقۇت تاغ باغرىدىكى سۇلۇق بۇلاق بولغان ، ئەسىرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇلاق سۈيى يەر ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقالماي ، سۇ قاتلىمى پەسلەپ كەتكەن ، كىشىلەر سۇنى چىقىرىش مەقسىتىدە يەرنى چۇڭقۇر كولاپ ، بۇلاق سۈيىنىڭ راۋان ئېقىشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلىغان . بۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپكى بىر قۇدۇقلۇق كارىز بارلىققا كەلگەن . كېيىن سۇنى كۆپەيتىش ئۈچۈن قۇدۇق بىلەن قۇدۇقنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرغان يەر ئاستى ئېرىق چېپىپ ، ئېرىق ئىچىدىكى توپىلارنى سىرىتقا يۆتكەش ئۈچۈن « تۈڭلۈك » ئاچقان. مۇشۇ تۈڭلۈك ئارقىلىق قۇدۇقنى تۇتاشتۇرغان يەر ئاستى قانالنىڭ توپىلىرىنى ياغاچ چىغىرىق ياكى قول كۈچى بىلەن يەر ئۈستىگە تارتىپ چىقارغان . ھازىرغىچە « يەتتە قىز » نىڭ تاش ھەيكىلى بار تاغ باغرىدىكى قورۇلۇپ كەتكەن بىر قۇدۇقلۇق ، ئىككى قۇدۇقلۇق كارىز ئىزلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ . كارىزلار يەر تەكشىلىكىگە ئاساسەن ، ئېگىزلىكتىن پەسلىككە قاراپ كولىنىدۇ . باش تەرتىپى چۇڭقۇر بولۇپ ، بارغانسېرى تېيىزلىشىپ ، ئاخىرى يەر ئۈستىگە ئۇلىنىدۇ . ھازىرغىچە بۇ يۇرتتا قېزىلغان كارىزلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى ئون كىلومىتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، 200گە يېقىن قۇدۇقى بار . پىچان ناھىيىسىنىڭ چىقتىم يېزىسىدىكى كىچىك كارىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.5 كېلىمىتىر بولۇپ ، 165 قۇدۇقى بار . پىچان لەمجىندىكى « سەپتە گور » كارىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.75 كېلومىتىر بولۇپ 180 قۇدۇقى بار . پىچان دالانكارىزىدىكى « مۇلۇڭ » كارىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8 كېلومىتىر بولۇپ 195 قۇدۇقى بار . مۇشۇنداق كارىزلاردىن تۇرپان ۋادىسىدىن نەچچىسى بولۇپ ، ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 5مىڭ كېلومتىردىن ئاشىدۇ ( ۋاھ !!! نىمانداق ئۇزۇن )
  كارىز سۈيى ھەم سوغۇق ، ھەم سۈزۈك بولغاچقا ، تۇرپاننىڭ 40گىرادوستىن ئاشىدىغان يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە كارىز ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرۇش ۋە سۇ ئىچىش كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتتى .
  گەرچە ھازىر سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىغا ئەگىشىپ ، تۇرپان ۋادىسىنىڭ سۇ مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان بولسىمۇ، كارىز ئىدىقۇت باغرىدا يەنىلا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە .
    قىسقىسى ، خۇددى روسىيە ئالىمى گرۇم گرژىمايلۇف ئېيىتقاندەك : « ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ پاراسەت بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلىپ چىققان ھەيۋەتلىك قەدىمىي كارىز سۇ ئىنشىئاتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى زاماندىلا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ كارىز مىسىرلىقلارنىڭ پىرامىداسىدىن قېلىشمايدۇ ، قايىل قىلارلىق كۈچىگە ئىگە سۇ ئىنشىئاتىدۇر ! »

پايدىلانغان ماتىريال : « ئۇيغۇر - ئۆرپە ئادەتلىرى » ناملىق كىتاب .
awazlik
Posted: 2008-09-29 15:17 | [ئاپتور]
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 



Click Here To EnLarge
awazlik
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-19 19:14 | 1 -قەۋەت
abduwali

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 15
شۆھرىتى: 16 نومۇر
پۇلى: 150 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


ئىسسىقتا كىرىۋالىدىغان گەمە شۇمىكىنا ؟
Posted: 2008-10-20 22:46 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ئۇيغۇر كەشپىياتلىرى


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.075410(s) query 4, Time now is:10-23 03:00, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation