قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 747ـ كۆرۈرمىنى
Bilqut_K

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 77
يوللىغان تېما : 2683
شۆھرىتى: 2843 نومۇر
پۇلى: 924 RMB
تۆھپە: 21 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى


قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭنىڭ ئڭە غەربىدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن، جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب ۋە غەربىي شىمال تەرىپى ئايرىم  ئايرىم ھالدا تاجىكستان، قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مىڭ 154  كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى  500 نەچچە كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  140 نەچچە كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  67 مىڭ  300 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە (يەنى ئاتۇش شەھىرى، ئاقتۇ ناھىيىسى، ئۇلۇغچات ناھىيىسى، ئاقچى ناھىيىسى) قارايدۇ. ئوبلاست مەركىزىي ئاتۇش شەھىرى، شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر مىڭ  428 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  408 مىڭ  300. بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار  29.73% نى، ئۇيغۇرلار 64.05% نى، خەنزۇلار  4.97% نى، باشقا مىللەتلەر  1.25% نى تەشكىل قىلىدۇ.
  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم  ئوبلاستىغا قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت سۇلى دۆلىتىنى يېرى بولغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي ئەۋلادى بولغان خانلارنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن قەشقەر دوتەي مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ دوتەي  مەھكىمىسىگە بۆلۈپ بېرىلگەن.  1954 - يىلى ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قاراشلىق ئاقچى ناھىيىسى بىلەن قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قاراشلىق ئاتۇش ناھىيىسىنى ئايرىپ چىقىپ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىنى قوشۇپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغان.  1955 - يىلى ئوبلاستقا يەنە ئاقتۇ ناھىيىسى قوشۇپ بېرىلگەن.
  يەر تۈزۈلۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، تاغلىق رايون  90% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. قىزىلسۇ دەرياسى، توشقان دەرياسى، بوغاز دەرياسى، چاقماق دەرياسى، گەز دەرياسى قاتارلىق ئالتە چوڭ سۇ سىستېمىسى بار، يەر ئۈستى بايلىقى ئالتە مىليارد  250 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  552 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاسلىقى يىلپىز، غولجا (ئارقار)، ئۇلار قاتارلىقلار با. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئاساسلىقى كۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، مانگان، خروم، قوغۇشۇن، سىنك، قەلەي، نىكېل، كۇبالىت، ۋۇلفىرام، مولىبدېن، ۋانادىي، تىتان، لىتىي، بېرىللىي، نىئوبىي، تانتال، ستررونتسىي،  ئۇران قاتارلىقلار بار.
  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  6.2℃ - 12.9℃؛ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 32.4℃. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2750  سائەتتىن 3000 سائەتكىچە.  10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى  4000℃ تىن كۆپرەك. قىروسىز مەزگىلى  260 كۈن ئەتراپىدا، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايونلىرىنىڭ  120 - 260 مىللىمېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ  60 - 120 مىللىمېتىر؛ سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2400 - 3200 مىللىمېتىر.
  ئوبلاستىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  40 نەچچە مىڭ گېكتار ( 600 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى  577 مىڭ  600 گېكتار (سەككىز مىليون 664 مىڭ مو)، وتلاق كۆلىمى ئۈچ مىليون  400 مىڭ گېكتار (51 مىليون مو). ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كېۋەز، كۆممىقوناق، مايلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. ئەنجۈر، ئانار ۋە موناقى ئۈزۈمى ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق چارۋىسىدىن قوي، قوتاز، كالا، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاساسلىقى كان قېزىش،  ئېلېكتر ئېنېرگىيە، ئاشلىق -  ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314  - لىنىيىسى ئوبلاستىنى كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇبتا قەشقەر شەھىرىگە، شىمالدا ئاقسۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە بارىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون، كۆچمە تېلېفون، گۇرۇپپىلاشتۇرۇلغان كومېتاتور سىفىرلىق ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئالاقە ئۈسكۈنلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، ئوبلاستنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا جايلاشقان. قىرغىزىستانغا ئېچىۋېتىلگەن تورغات ئېغىزى دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك سودا ئېغىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
  بۇ ئوبلاستنىڭ ساياھەت بايلىقى ناھايىتى مول. ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ۋە تەبىئىي داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان داڭلىق ئۈچ مىراۋان غارى، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازارى، سۇلى دۆلىتى ۋە قارا خانىيلار پادىشاھلىقى ئوردىسى خارابىسى، گەزئۆتەڭ خارابىسى، قاراكۆل، بۇلۇڭ كۆل، مۇزتاغ چوققىسى (كونىلار مۇزتاغ ئاتىسى دەپ ئاتىغان)، قوڭۇر چوققىسى (كونىلار مۇزتاغ مەلىكىسى دەپ ئاتىغان) قاتارلىقلار بار.
Posted: 2008-01-19 17:05 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ئاپتونوم ئوبلاست


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070674(s) query 3, Time now is:10-23 03:00, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation