ئەجدادلار ئۈگۈتلىرى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئەجدادلار ئۈگۈتلىرى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 136ـ كۆرۈرمىنى
لاچىن

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 6
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 60 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-09-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-01

 ئەجدادلار ئۈگۈتلىرى


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-09-21)
مۇلايىملىق--ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مىۋىلىك بېغى.ئادەملىك دۇنياسىنىڭ گۆھەرلىىك تېغى.مۇلايىملىقنى ھادىسىلار دەرياسىدا كىشىلىك كېمىسىنىڭ لەنگىرى دىسە بولىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەت تارازىسىنىڭ تېشىغا ئوخشايدۇ.ئەخلاڭ -شەخىسنىڭ قىممەت باھالىق لىباسىدۇر.

  ياخشىدىن يامانلارمۇ يامانلىق كۆزلىمەس،ياخشى ئادەم يامانلارغىمۇ ياخشىلىقنى ئۇنۇتماس.ياخشىلىق قىلالمىساڭ يامانلىق قىلما.
ياخشىلىقنى بىلمىسەڭ ،ياخشىلارغا قۇشۇل.ياخشىلار قاتارىدا بولمىساڭ،ياخشىلارنىڭ ئەتراپىدا يۈر.

  تەڭرى دوسلىرىنىڭ ھىكايەت ۋە رىۋايەتلىرى،ئۇخلىغان كۆڭۈلنى ئويغىتىدۇ،خىرەلىكتىن قاتقان كۆزلىرىنى يورىتىدۇ ۋە يېغلىتىدۇ.
ئىت ياخشىلارغا ئەگىشىش بىلەن ياخشىلارغا قېتىلدى.پەيغەمبەر بالىسى يامانلارغا ئەگىشىش بىلەن دوزاخقا ئۇزىتىلدى.دېمەك ،جەننەت
ئەھلىگە ئەگەشكەن ئىت ئۇلار يىتىشكەن يەرلەرگە يەتتى.پەيغەمبەر ئوغلى بولسىمۇ يامانلارغا ئەگىشىپ دوزاخقا كەتتى.
ھەر نەرسىكى بىۋاپادۇر،ئۇنىڭغا كۆڭۈل باغلىغان خاتادۇر.

  پاسىقتىن ھايا كۈتمە،زالىمدىن ۋاپا.كۈلۈپ تۇرۇپ بېرىش--سېخىيلىق ئۈستىگە سېخىيلىقتۇر.ئەرىغسىز ئشى ساپا بولماس،يىپ غۇنچىسى
ھاسا بولماس،شاھلارغا يېقىن كىشىنىڭ ئەندىشىسىسى كۆپتۇر.
  ئىشىقسىز كېسەكتۇر،دەرىتسىز ئېشەكتۇر.ئەلگە قۇشۇلغان ئارايىش تاپتى،ئەلدىن ئايرىلغان ئاسايىش تاپتى.يۈگۈرگەن قالۇر،بۇيرىغان ئالۇر.
خەس قانچىلىك كىچىك بولسىمۇ كۆزنى بۇلغايدۇ،دۈشمەن قانچە ئاجىز بولسىمۇ كۆڭۈلنى قوزغايدۇ.يەرنىڭ ئاۋاتلىقى ئەل بىلەن،سۇنىڭ مەۋجى سەل بىلەن.ياش بالىنىڭ قىلغىنى ئىش بولماس،بادام شاكىلى كېمە بولماس.

    پايدىسىز گەپنى كۆپ سۆزلىمە،پايدىلىق سۆزنى ئاڭلاشتىن زېرىكمە.ئاز سۆزلىگەن ئاز يېڭىلۇر،ئاز يىگەن ئاز يىقىلۇر.ئاچلىق--ھېكىمەت سەرمايىسىدۇر،توقلۇق--غەپلەت كىپايىسىدۇر.توقلۇق ھېرىسىنى كۆڭۈلدىن يوق قىل،ئۆزۈڭ ئاچ بۇلۇپ بىر ئاچنى توق قىل.ئۆزۈڭنى زىبا لىباس خىيالىدىن قايتۇرۇپ،بىر يالىڭاچنى كىيىندۈر.ھەر قانچە چىرايلىق كىيگىنىڭدىن كىيىندۈرگىنىڭ ياخشىدۇر.

ھەر كىشىنى ئۆز سىرىڭغا مەھرەم دەپ بىلمە،بەلكى پەرىشتە بولغاندىمى ئۆزەڭگە مەھرەم قىلما.ئۆزۈڭنىڭ سىرىنى ئاسراش ئۆزۈڭگە مالالدۇر.شۇنداق ئىكەن،بىراۋنىڭ ئۇنى ساقلىشى ماھالدۇر.(ماھال---مۇمكىن ئەمەس، قىيىندۇر.)
سەن ئۆز ئامبىرىڭنى ئاچساڭ،مەخپى گۆھەرلىرىڭنى چاچساڭ،ئۇنى بىلگەن كىشى يايماي قانداق قىلسۇن.سېنىڭ ساقلا دىگىنىڭ نەگە يەتسۇن.ئۆزۈڭ ئۆز ئەمىرىڭنى ساقلىيالمايدىغانلىقىڭنى بىلەرسەن،لېكىن بىراۋ ئۇنى ئەتسە ئەيىبلەپ نىمە قىلارسەن.

  چىن سۆزىنى يالغاندىن چولغىما،چىن ئېيتالايدىغان تىلنى يالغانغا بۇلغىما.يالغانچى ئادەم ئەمەس،يالغان سۆزلەش ياخشىلارنىڭ ئىشى ئەمەس.گۆھەرنى تاش قاتارىدا كۆرگەندەك،يالغان سۆزلەش كىشىنى ئىتىبارسىز قىلىۋىتىدۇ.راسىت سۆزنى يالغانغا قاتقانلىق گۆھەرنى نىجاسەتكە قاتقانلىق بولىدۇ.

  تىلنى ئىختىيارىڭدا ئاسىرىغىن،سۆزۈڭنى ئېھتىيات بىلەن دىگىن.پەيتى كەلگەندە دەيدىغان سۆزنى دە ،كەينىگە سوزما،دىمەيدىغان سۆزنىڭ قېشىغا يولىما.دېگۈچىنىڭ تىنىگە جان كىرگۈزدىغان سۆز بار،دېگۈچىنىڭ بېشىنى يەلگە بېرىدىغان سۆز بار.تىلىڭ بىلەن دىلىڭنى بىر تۇت.
دىلى ھەم تىلى بىلەن ئېيىتقان سۆزگە پۈت(ئىشەن).سۆزنى كۆڭۈلدە پىشۇرمىغىچە تىغا كىرگۈزمە،كۆڭۈلگە كەلگەننى دەپ يۈرمە.تىلنى ئاسراش--كۆڭۈلگە مېھنەتتۇر.سۆزىنى سۆزلەش باشقا ئاوەتتۇر.سۆزلەيدىغان يەردە سۆزلەشنى ئۇنۇتما،سۆزلىمەيدىغان يەردە ئۆزۈڭنى سۆزمەن تۇتما.ئېيتار سۆزنى دەۋەت،ئېيىتماس سۆزنى بولسا يېۋېت.
ئاقىل چىن سۆزدىن باشقىنى دىمەس،ئەمما راسىت دەپ ھەممىنى دىۋىتىش ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس.

  بايلار تىرىكلىكىدە ئېھسان بىلەن كىشلەر كۆڭلىنى شاد قىلمىغاي،ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنق ھىچكىم ياد قىلمىغاي.ئېھسان تىرىكلىكتە ياخشى ئادەتتۇر،ئۆلگەندىن كىيىن دوزاخ ئوتىدىن نىجاتتۇر.

  ئەزىز ۋە مۆتىۋەر كىشىلەر خارلىققا چۈشۈپ قالغىدەك بولسا ،ئۇنىڭغا شەپقەت ۋە رەھىم قىلىشنى غەنىمەت بىلىپ،قولۇڭدىن كەلگۈچە ئېھسان قىل......ياش،ئىشلىيەلەيدىغان دىۋانىغا نەرسە بەرسەڭ،ئۇ تەڭرىنىڭ مېلىنى زايا قىلىۋىتىدۇ.

  .....زالىم ۋە دەرتسىزلەر سۆھبىتىدە سۆز قىلما.چېقىمچى ۋە نامەرتلەر بار جايدىمۇ ئېغىز ئاچما.دانالار قولدىن كەتكەن نەرسىلەر توغرىسىدا گەپ قىلمايدۇ،ئۆتمۈش ياشلىق ئارزۇ قىلىش بىلەن قايىتمايدۇ.

مەنبە: ئەجدادلار ئۈگۈتى
ھەر كاللىدا ھەر خىيال.
Posted: 2008-09-21 21:36 | [ئاپتور]
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


زالىم ۋە دەرتسىزلەر سۆھبىتىدە سۆز قىلما، چېقىمچى ۋە نامەرتلەر بار جايدىمۇ ئېغىز ئاچما، دانا ئۆگۈتكەن، ھارمىغايسىز.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-09-21 21:45 | 1 -قەۋەت
hanafi

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 14
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 80 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-24

 


ھارمىغايسىز، ياخشى نەسىھەتلەر ئىكەن
awazlik
Posted: 2008-09-21 22:35 | 2 -قەۋەت
kolqi

دەرىجىسى : سەركەردە


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 455
شۆھرىتى: 507 نومۇر
پۇلى: 2627 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


تەشەككۈر
awazlik
سەن زادى كىم؟
Posted: 2008-09-21 23:02 | 3 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » نەسىھەت


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.072663(s) query 4, Time now is:10-23 02:58, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation