بىلىك - ئىنتىل ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى(مۇناسىۋەتلىك قائىدە) BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : بىلىك - ئىنتىل ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى(مۇناسىۋەتلىك قائىدە) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 467ـ كۆرۈرمىنى
erdewil

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 95
شۆھرىتى: 106 نومۇر
پۇلى: 685 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-15

 بىلىك - ئىنتىل ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى(مۇناسىۋەتلىك قائىدە)


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-09-15)
 
تەرجىمانلار سەمىگە
 
(سىناق)
تەييارلىق

 

1. فىلىم مەسئۇلى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە يېزىق ھۆججىتىنى تەرجىمانغا تەمىنلەپ بېرىدۇ.

2. تەرجىمان تەرجىمە ئۈچۈن كۆرۈپ پايدىلىنىدىغان فىلىم ھۆججىتىنى ئۆزى تەييارلايدۇ. ئەگەر تاپالمىسا فىلىم مەسئۇلى ياردەم قىلىدۇ. تەرجىمە ئۈچۈن پايدىلىنىغان فىلىمغا ھېچقانداق چەك قويۇلمايدۇ.

 

تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى

 

1. ئالدى بىلەن خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە يېزىقنى ماس ھالدا بىرلەشتۈرىمىز. ئەگەر ئىنگلىزچىدىن قەتئىيلا خەۋەر بولمىسا، كۆرسىتىلگەن ۋاقىتنى ئاساس قىلىپ كىرگۈزسە بولىدۇ. رەسىمدىكىدەك.


 


 
2. ئاندىن مۇشۇ ئىككى قۇر خەتنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يازىمىز. رەسىمدىكىدەك.




 

تىنىش بەلگىلىرى باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

 

ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر تىلى تىنىش بەلگىلىرى قائىدىسىنى كۈزىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك بىرلىك تۈزۈپ چىقىلدى.

1. چېكىت «.»

قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېزىق ھۆججىتىدە چېكىت «.» قەتئي ئىشلەنمەيدۇ.

 

2. پەش «،»

قوشما جۈملىلەردە پەش «،» نىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. قويۇشقا تېگىشلىك يەرلەردە چوقۇم قويۇش كېرەك.

 

3. سوئال «؟»

خەۋەر جۈملىلەردە چېكىت قويۇلمىغىنى بىلەن سوئال جۈملىلەردە سوئال «؟» بەلگىسى چوقۇم قويۇلىدۇ.

 

4. يالاڭ تىرناق «()»

يالاڭ تىرناق پەقەت تېكىستتىكى ئەسكەرتىش كېرەك بولغان مەزمۇنلار ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. نېمىنى ئەسكەرتىش كېرەك؟ بۇنى تەرجىمان ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

مەسىلەن:

مەن قىزىل پايپاق (داڭلىق زەيتون توپ كوماندىسى) نى ياخشى كۆرىمەن

 

5. قوش تىرناق ««»»

قوش تىرناق ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر يېزىقىغا ماس كەلگەن قوش تىرناق ئىشلىتىلىدۇ. «»

 

6. دىئالوگ، جۈپ سۆز بەلگىسى. ئادەتتىكى ئىلىش بەلگىسى شۇ.  «-»

ئىككى ئادەمنىڭ سۆزى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلسە چوقۇم ئىشلىتىلىدۇ. جۈپ سۆز ۋە ئىملىق سۆزلەردە جايىدا ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

 

7. كۆپ چېكىت «...»

تولۇق ئاياغلاشمىغان جۈملىدىن كېيىن ۋە، تولۇق باشلانمىغان جۈملىدىن بۇرۇن قويۇلىدۇ. بەزىدە دۇدۇقلىغانغا ئوخشاش شارائىت ئۈچۈنمۇ قويۇلىدۇ. پەقەت ئۈچلا چېكىت كۇپايە.

 

8. بوش ئورۇن

يا ھەزرەت. ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىدىن ھېچ قانداق ئورۇن ھەم ئېنىقلىما بەرمىگەن، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بۇ بايقۇشقا بىز ئەڭ ئېغىر تەلەپنى قويىمىز. ھەرقايسى بەلگىلەردىن ئەڭ كۆپ قوللىنىدۇ ھەم رولى ئەڭ چوڭ.

(1) ئىككى سۆز ئارىسىدا بوش ئورۇن قويۇلىدۇ.

(2) پەشتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، پەشتىن كېيىن چوقۇم قويۇلىدۇ.

(3) ئېچىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلىدۇ، كېيىن قويۇلمايدۇ. يېپىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.

(4) سوئال بەلگىسىدىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.

(5) دىئالوگدىن كېيىن قويۇلىدۇ. 2 – دىئالوگدىن بۇرۇن بوش ئورۇندىن بەشنى قويىمىز.

(6) ساندىن كېيىنكى ـىنچى، ـنىنچى بەلگىسىنىڭ ئالدىدا قويۇلمايدۇ، كەينىدە قويۇلىدۇ.

(7) كۆپ چېكىتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قويۇلىدۇ.

 

قوش خەتلىك فىلىم ھۆججىتىدىن ئۆرنەك. يۇقىرىدا ئېيتىلغان بارلىق قائىدىلەرنى تۆۋەندىكى ئۆرنەكتىن تاپالايسىز.

 


 

باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

(1) قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاشنىڭ بەلگىلىك قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن، قوش خەتلىك قىلىش قىلماسلىقنى فىلىم مەسئۇلى بىلەن تەرجىمان كېڭىشىپ بەلگىلەيمىز. شۇڭا ئەگەر قوش خەتلىك قىلىش توغرا كەلسە بارلىق يەر جاي ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرى تەرجىمە قىلىدۇ. بۇ خىل تەرجىمىدە ھازىرغىچە ئېنىق بىر قائىدە بولمىغانلىقتىن تەرجىمان ئۆزى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئالسا بولىدۇ. لېكىن كۆپ ئۇچرايدىغان، ش  ئۇ ئا ر تىل-يېزىق كومىتېتى قىلىپلاشتۇرۇپ بولغان يەنى بىرلىككە كېلىپ بولغان سۆزلەرگە ھېسسىياتىنى ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر شۇ سۆزگە قارىتا پىكرى بولسا كۆپچىلىك بىلەن كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىمىز(شۇ ئاتالغۇنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئالغانلىقىڭىزغا چوقۇم قايىل قىلارلىق ئىلمىي پاكىتىڭىزنى كۆرسىتەلىشىڭىز شەرت!). قىزىقسىڭىز يېقىندا ئەردەۋىل ئەپەندى ئېلان قىلغان ھىتلېر(ئۇزۇندىن بېرى گىتلېر دەپ ئېلىنىۋاتقان) ۋە ماداگاسكار(ئۇزۇندىن بېرى ماداغاسقار دەپ ئېلىنىۋاتقان) سۆزلىرىگە بولغان چۈشەنچىسىگە نەزەر سېلىڭ.

تەۋسىيە:

فىلىمدە ئۇچرىغان ئىسىملارنى بىر باشتىن خاتىرىلەپ ماڭساق، كۆپ ئىشلاردا ئاسان بولىدۇ ھەم بىردەكلىك ساقلىنىدۇ.





(2) قوش خەتلىك قىلىنمىسا، ئەسلى يېزىقى بىلەن ئېلىنسا بولىدۇ.

(3) خاتىرە دەپتەرنىڭ ئوڭدىن سولغا تەڭشىكىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ھەم تىنىش بەلگىلىرى، سانلار ۋە سولدىن ئوڭغا قاراپ يېزىلىدىغان ھەرپ - بەلگىلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

 

 تۈزۈپ چىققۇچى: ياۋۇز

پىكىر بېرىڭلار خالايىق !
بۇ يەرنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ
[ بۇ يازما erdewil تەرىپىدىن 2008-09-15 12:38 دە قاي ]
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
Posted: 2008-09-15 12:11 | [ئاپتور]
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-20

 


ياخشى تېما بولاپتۇ، تەرجىمە فىلىملەرنىڭ سۈپەتلىك، ئۆلچەملىك چىقىشى ئۈچۈن زور پايدىسى بولغۇدەك.
Posted: 2008-09-15 23:53 | 1 -قەۋەت
Bilqut_K

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 77
يوللىغان تېما : 2680
شۆھرىتى: 2840 نومۇر
پۇلى: 894 RMB
تۆھپە: 21 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-14

 


بۇيەردە تەرجىمانلار بولمىسا     
پەقەت ئىخلاسمەن كۆرۈرمەنلەرلار بار غوجام     
Posted: 2008-09-20 03:50 | 2 -قەۋەت
bahader

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 6
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 60 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-20

 


Quote:
2 - قەۋەتتىكى Bilqut_K 2008-09-20 03:50 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
بۇيەردە تەرجىمانلار بولمىسا     
پەقەت ئىخلاسمەن كۆرۈرمەنلەرلار بار غوجام     

بۇ نىىمە دىگىنىڭىز ئەمدى ، بىلقۇتتتا خېلى تەرجىمانلار تۇرسا
www.bahadirbbs.cn
Posted: 2008-10-21 00:01 | 3 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » كومپيۇتېر ئۇنىۋېرسال بىلىملىرى


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !

   
Total 0.075920(s) query 4, Time now is:10-22 17:49, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation