مۇھەممەتجان راشىدىن BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : مۇھەممەتجان راشىدىن تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 398ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 مۇھەممەتجان راشىدىن


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-09-07)
شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940 - يىل 6 - ئايدا غۇلجا ناھىيسىنىڭ ئۇنيار يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1956 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان، 1960 - يىلدىن 1968 - يىغلىچە مەمۇرىي خادىم، تېخنىك، كاتىپ، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1968 - يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ناھەق جازالانغان، 1982 - يىلى ئاقلىنىپ، غۇلجا ناھىيلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، 1989 - يىلدىن بېرى غۇلجا ناھىيسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. 
مۇھەممەت راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئىلى دەرياسى> ناملىق شېئىرى بىلەن  باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن، بولۇپمۇ 80 - يىللاردىن كېيىن بۇ ساھەدە تېز ئىلگىرلەپ، خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى داڭلىق شائىرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. مۇھەممەتجان راشىدىن ھازىرغىچە <كۆكلەم كۈيلىرى>، <سۆي>، <كاككۇكۇم>، <كاككۇل گۈلى>، <مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس>، <كۈت>، <بۇ دۇنيا>، <بىھۇدە ئۆتمىگەي يىللار>، <يىللار ئىزى>، <سەن يوق> قاتارلىق نەچچە يۈز پارچە شېئىر ئىجاد قىلىپ، كىتابخانلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھايات ھەققىدىكى چوڭقۇر، پەلسەپىۋى پىكىرلەر، ھېكمەت، دالالەتلەر، ئىپادىلەنگەن. 
مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا پرزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بىر قىسىم ھېكايىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <220 - مەھبۇس>، <چەت ئەل ئەدىب - سەنئەتكارلىرى ھەققىدە تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلار> قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان.
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <كاككۇك گۈلى> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <يىللار ئىزى> (1989 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار. بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
مۇھەممەتجان راشىدىن ھازىر ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
Posted: 2008-09-07 13:01 | [ئاپتور]
ubul

دەرىجىسى : ئەتىۋارلىق ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 821
شۆھرىتى: 821 نومۇر
پۇلى: 30 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


تەپسىلى كەن ، رەخمەت سىزگە .
awazlik
Posted: 2008-09-15 09:20 | 1 -قەۋەت
holy5

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 55 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-23

 


بېىلۋدلدىم رەخمەت
ئوزنى سويگەن خار بولماس،
Posted: 2008-09-23 11:24 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » شەخسلىرىمىز


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071841(s) query 4, Time now is:10-23 02:57, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation