ئىلى گېزىتى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 ئىلى گېزىتى


<ئىلى - گېزىتى> - ئىلى قازاق ئاپتونوم رايونلۇق ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى. <ئېلى گېزىتى> نىڭ ئاساسىنى 1910 - يىللاردا نەشر قىلىنغان <ئىلى ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى> گە باغلاشقان بولىدۇ. ئىلىدا گېزىتچىلىك ئىشلىرى بالدۇر مەيدانغا كەلگەن. 1912 - يىلى <ئىلى گېزىتى>، 9191 - يىلى <ھۆر سۆز گېزىتى>، 1930 - يىلى <ئىلى دەرياسى> گېزىتى، 1933 - يىلى <ئىلى - شىنجاڭ گېزىتى> قاتارلىق گېزىتلەر نەشر قىلىنغان، 1950 - يىلى گېزىت نامى <يېڭى يول گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلەن. 1951 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى <يېڭى يول گېزىتى> نىڭ نامى <ئىلى گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە بۇ گېزىت كېيىنچە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتىگە ئايلانغان. 1955 - يىلى گېزىت نامى <ئىلى دېھقانلىرى> غا ئۆزگەرتىلگەن، 1957 - يىل 10 - ئايدا نامى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ھازىرغىچە شۇ نامدا چىقىۋاتىدۇ. 
ئازادلىقتىن بۇرۇن ھەر خىل نامدا چىقىرىلىدىغان <ئىلى گېزىتى> نىڭ ئەدەبىيات بېتى (ئىستونى) بار ئىدى. <ئىلى گېزىتى> 1951 - يىلدىن كېيىنمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلشقا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن، 1960 - يىلى <ئىلى دەرياسى> نامىدىكى مەخسۇس ئەدەبىيات بېتى چىقىرىلغان، بۇ بەت ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ گېزىتتە 1980 - يىلدىن تارتىپ <گۈلشەن> بېتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ بەتتە <بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز>، <مىراس>، <مۇھاكىمە> قاتارلىق ئىستونلار ئېچىلغان. بۇ بەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلار تونۇشتۇرۇلىدۇ، ئەدەبىي ئوبزورلار، مۇھاكىمە ماقالىلىرى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى بېرىلىدۇ.
Posted: 2008-01-19 12:14 | [ئاپتور]
bilqut_A
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 19
شۆھرىتى: 21 نومۇر
تەڭگىسى : 210 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 

Posted: 2008-02-03 20:47 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » گېزىتلەر

Total 0.058786(s) query 4, Time now is:03-17 17:48, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation