ئۇيغۇر خەلق ئويۇنلىرى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئۇيغۇر خەلق ئويۇنلىرى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 445ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئۇيغۇر خەلق ئويۇنلىرى


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن چوققىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى (2008-09-06)
ئويغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنى چوڭلار ئويۇنى، كىچىكلەر ئويۇنى، دەپ ئىككى خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ قايسى بىر خىلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭدا كۆڭۈل ئېچىش بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، غەيرەتلىك، شىجائەتلىك، چىداملىق روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈش، پەم - پاراسەتنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. 
1( چوڭلار ئويۇنى تۆۋەندىكى تۈرلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ: 
① چېلىشىش: چېلىشىش ھەممە مىللەتكە ئورتاق بىر خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى بولسىمۇ، شەكىل جەھەتتىن ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. چېلىشىش ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن بولۇپ، ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. كەڭ يېزا - قىشلاقلاردا يۇرت - مەھەللىلەر ئارا دائىم دېگۈدەك كوللېكتىپ چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. چېلىشىش ھەتتا ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئەمگەك ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئايلىنىپ قالغان، ئاتا - ئانىلار بالىلارنى چېلىشىشقا سېلىپ قويۇپ كۆڭۈل ئاچىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار كىچىكىدىنلار چېلىشىپ ئويناشنى ئادەت قىلغان. 
ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە تارىخىي ھۈججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، چېلىشىشمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن بولۇپ، ئەسىرلەردىن ھالقىپ بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن. 1957 - يىلى شىئەننىڭ يېنىدىكى شاڭلىڭفەن دېگەن جايدىكى قەدىمكى بىر قەبرىدىن چىققان مىس تاختىغا چۈشۈرۈلگەن ئىككى چېلىشچىنىڭ سۈرىتى بىلەن 1983 - يىلى بارچۇق يەنى ھازىرقى مارالبېشىنىڭ چوڭ تىم خارابىلىقىدىن تېپىلغان ئىككى چېلىشچىنىڭ كىچىك ساپال ھەيكىلىنى شۇنىڭغا مىسال قىلىشقا بولىدۇ، ئۇ مىس تاختايدىكى چېلىشچىنىڭ بەل، پاقالچاقلىرىدىن تۇتۇشۇپ ئېلىشىۋاتقان چېلىشىش شەكلى شەرقىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھازىرقى چېلىشىش شەكلىگە تامامەن ئوخشىسا، چوڭ تىم خارابىسىدىن تېپىلغان ساپال ھەيكەلدىكى بىرىنىڭ قارشى تەرەپنى يانپاشقا ئالغان، قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىڭ بىر تېقىمىغا گىرە سېلىپ ئېلىشىۋاتقان شەكىل بولسا، جەنۇبىي شىنجاڭ، بولۇپمۇ قەشقەر، ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېقىنقى دەۋرلەرگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن چېلىشىش شەكلىگە ئوخشايدۇ، <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا بېرىلگەن <قىز بىلەن چېلىشما، تۇغمىغان بايتال بىلەن چېپىشما> دېگەن ماقالىدىنمۇ چېلىشىشنى ئويغۇرلارنىڭ قەدىمكى كۆڭۈل ئېچىش ئادەت ئەنئەنىسى دېسەك مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. 
② دارۋازلىق: دارۋازلىقمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن بولۇپ، پەم - پاراسەت، چىۋەرلىك، باتۇرلۇق، تەمكىنلىك ۋە يۈكسەك ماھارەت تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئارغامچا ياكى سىم ئۈستىدە ئالدى - كەينىگە )كۆزى تېڭىقلىق ھالەتتىمۇ( مېڭىش، ھەتتا پۇتىغا تۈنىكە تەخسە تېڭىپ مېڭىش، مۇئەللەق چىغرىقتا ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر كۆرسىتلىدۇ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان ۋاڭ يەندىنىڭ <غەربىي دىيارغا سەپەر> دېگەن كىتابىدا دارۋازچىلىق ئارغامچا ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىلىدىغان ئويۇن دەپ ئېلىنغان. <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا دارۋازلىق <يىپلادى ئادەم دارۋازلىق قىلدى، يەنى ئارغامچا ئۈستىدە ماڭدى> دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ مەلۇماتلار دارۋازلىقنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دارۋازلىق گەرچە چېلىشىشقا ئوخشاش كەڭ ئومۇملاشمىغان بولسىمۇ، بىر خىل ئىجتىمائىي كەسىپ سۈپىتىدە خەلقىمىزنىڭ بىلەن دەۋرىمىزگە قەدەر ياشاپ كەلدى. ئۆتمۈش جەمئىيەتتە بۇ كەسىپمۇ زاۋاللىققا يۈزلىنىشتىن خالىي بولالمىغانىدى. ئازادلىقتىن كېيىن قايتىدىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرى قاتارىدا ۋارىسلىق قىلىنىپ داۋاملاشتۇرۇلماقتا. 
③ ئوغلاق تارتىش: ئوغلاق تارتىش ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىن قالغان ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن. ئۇ، ئادەم - ئاتنىڭ كۈچ - قۇۋۋەت، چىۋەرلىكى، ئات مىنىش تېخنىكىسى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىلىدىغان جىددىي مۇسابىقە تۈسىنى ئالغان ئويۇن. ئوغلاق تارتىش قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك، قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەردىمۇ ئومۇملاشقان ئادەت. بۇ ئويۇن ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمى، توي - تۆكۈن ۋە كۆزگى مول ھوسۇل تەنتەنىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوينىلىپ كەلگەن. ئويۇن جەريانى مۇنداق: نورۇز بايرىمىنىڭ شەرىپى ۋە كۈزگى مول ھوسۇل تەنتەنىسى ئۈچۈن ئامما ئىچىدىن ھامان بىرەر ئادەم چىقىپ بىر ئوغلاق ئاتايدۇ. توي ئىگىسى توي شەرىپى ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئوغلاق ئاتايدۇ. ئوغلاق تارتىش ئويۇنى شۇنىڭ بىلەن باشلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئوغلاق ئۆلتۈرۈلۈپ، باش - پاقالچاقلىرى كېسىپ تاشلىنىش بىلەن قىزىلئۆڭگىچى مەھكەم باغلاپ تاشلىنىدۇ. ئاندىن كەڭتاشا تۈزلەڭلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا تاشلىنىدۇ، بۇنىڭچە يۇرت - مەھەللىلەردىن كەلگەن چەۋەندازلار ئۆز كوماندىسى بويىچە كىم ئوغلاقنى ئېلىپ قېچىش، كىملەر ئۇنى قوغداپ باشقىلارغا دەخلى - كاشىلا قىلىش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ، خىزمەت تەقسىم قىلىشىپ تەييار بولۇپ تۇرىدۇ، ئوغلاق تاشلانغان ھامان چەۋەندازلار ئوغلاققا قاراپ ئات سالىدۇ، كىم ئالدىدا يېتىپ كەلسە، شۇ ئېڭىشىپ يەردىن ئوغلاقنى ئالىدۇ، ئېگەرنىڭ ئالدىغا ياكى تېقىمىغا باستۇرۇپ ئېلىپ قاچىدۇ. ئۇ يەردىن ئالغۇچە ياكى ئېلىپ قاچقۇچە باشقا چەۋەندازلار يېتىپ كەلسە ياكى ئارقىدىن قوغلاپ يېتىشىۋالسا، بىر مەيدان جىددىي كەسكىن تارتىشىش باشلىنىپ تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالىدۇ. شۇنداق جىددىي كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىر ئوغلاقنى توپ ئىچىدىن كىم ئېلىپ قاچالىسا، مەھەللىگە قاراپ ئات سالىدۇ - دە، ئوغلاقنى ئاپرىپ توي ئىگىسىنىڭ ئىشىكەى ئالدىغا ياكى يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ۋە ياكى ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تاشلايدۇ، باشقىلارمۇ ئارقىدىن ئات سېلىپ يېتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئويۇن ئاخىرلىشىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىققان چەۋەندازغا تون يېپىلىدۇ. ئېتىنىڭ بېشىغا بىرەر مېتىر قىزىل تاۋار باغلىنىدۇ. چوڭلارنىڭ بۇ ئويۇنىغا تەقلىد قىلىپ بالىلارمۇ ئېشەك ئۈستىدە ئوغلاق تېرىسى ياكى كونا قۇلاقچا ۋە ياكى تۇماقنى تارتىشىپ ئويناپ، كەلگۈسى ئوغلاق تارتىشىشقا چۈشۈش يۈزىسىدىن مەشىق قىلىدۇ. 
④ ئات بەيگىسى: ئات بەيگىسى مۇسابىقە شەكلىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن بولۇپ، شەكلى ئىككى خىل بولىدۇ: بىرىنچى، ئۇزۇن مۇساپىگە ئات چاپتۇرۇش، بۇ ئادەتتە كۈزگى يىغىمدىن كېيىن، يىغىم ھاردۇقى چىقىرىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلۈپ قاۋۇل، يۈگۈرۈك ئاتلار باھالىنىدۇ. ئىككىنچى، يورغا ئات مۇسابىقىسى، بۇ مۇسابىقە ئادەتتە قىش كۈنلىرى مۇز ئۈستىدە ياكى تۈز يولدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدا ئاتنىڭ يورغىلاش تېزلىكى، سىلىقلىقى بويىچە مۇسابىقىلىشىش ئاساس قىلىنىدۇ. مۇسابىقىگە چۈشكۈچىلەر ئاتنىڭ يۈگەن، ئېگەر، يوپۇق، قوشقۇن، ئېيىل، ئۈلەڭلىرىنى چىرايلىق بېزەپ، بوينىغا 20 - 30 دانە كىچىك سېرىق تۇچ قۇڭغۇراق ئاسىدۇ. مۇسابىقە باشلانغاندا ئاتنىڭ يورغىلىشىدىن ھاسىل بولغان رېتىملىك سىلكىنىشتىن رېتىملىك قۇڭغۇراق ساداسى چىقىپ، ئاتلارغا جۇشقۇنلۇق، تاماشىبىنلارغا ئالاھىدە شادلىق تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ. 
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتلىق ئوينىلىدىغان ئويۇنلاردىن باشقا، <چەۋگەن ئويۇنى> مۇ بولغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىدىن بولۇپ، Ⅶ Ⅹ - ⅧⅩ ئەسىرلەردىن كېيىن تەدىرىجىي ئۇنتۇلغان. 
چەۋگەن ئويناش <قۇتادغۇبىلىك> دە ئەلچىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەر قاتارىدا: <5263 - ئۇ بىلسۇن چەۋگەننى ئاتار بولسۇن ئوق، يەنە قۇشچى ۋە ئوۋدا تەڭدىشى يوق> دەپ تىلغا ئېلىنغان. <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا چەۋگەن ئوينايدىغان تاياقنىڭمۇ <چەۋگەن> دېيىلىدىغانلىقى ئىزاھلانغان. تۇرپان ئاستانىدىكى Ⅵ ئەسىرگە مەنسۇپ قەدىمكى بىر قەبرىدىن تۇرقى - سىياقى، كېيىنىشى ئۇيغۇرلارنى ئەسلىتىدىغان ئاتلىق چەۋگەن توپ ئويناۋاتقان رەڭدار ساپال ھەيكەل تېپىلغان؛ ئىبىن سىنا، ئۆمەر ھەييام، ناۋايى، لۇتفى قاتارلىق ئالىم، ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ چەۋگەن ئويۇنى توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلگەن، بولۇپمۇ <قابۇسنامە> دە چەۋگەننىڭ قانداق ئوينايدىغانلىقى، نەچچە ئادەم ئوينايدىغانلىقى تەپسىلىي يېزىلغان. ئارخېئولوگىيلىك مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە يازما يادىكارلىقلاردىكى بايانلار چەۋگەننىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئويۇنلاردىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ باياناتلار <چەۋگەن ئويۇنى> نى تەتقىق قىلىپ زامانىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىگە تەتبىقلاشتا قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. 
⑤ چاقپەلەك: چاقپەلەكمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت - ئايەم، نورۇز بايرىمىدا ئوينىلىدىغان ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن، كىشىلەر تولىمۇ قىزىقىپ ئوينايدۇ. بۇ ئويۇن تەخمىنەن 15 - 20 مېتىر ئېگىز <پەلەك> كە كۆتۈرۈلگەن موما ئۈستىگە بېكىتىلگەن ھارۋا چاقىغا سېلىنغان ئىلەڭگۈچتە ئۇچۇپ ئوينىلىدىغانلىقى ئۈچۈن <چاقپەلەك> دەپ ئاتالغان. ئىلەڭگۈچ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى پەستە تاماشا كۆرۈپ تۇرغۇچىلار ئۇچقۇچىلارنى <سارغايدى - پىشتى> دەپ ۋارقىرىشىپ، قىزىقچىلىق قىلىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن <سارغايدى - پىشتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چاقپەلەك مۇنداق ياسىلىدۇ: 15 - 20 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر چىڭ ياغاچنىڭ چوڭ بېشى يەرگە مىدىر قىلىپ كۆمۈلىدۇ، ئۇچىغا ھارۋا ئوق بېشىغا چوم بېكىتكتەندەك چاق شۇنىڭغا كىيدۈرۈلىدۇ. چاقنىڭ چىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن چاقنىڭ ئۈستىگە جۈپلەشتۈرۈپ ئىككى تال بادار چىڭ باغلاپ تاشلىنىدۇ. ئىلەڭگۈچ ئەنە شۇ بادارنىڭ ئىككى بېشىغا سېلىنىدۇ. بەزى جايلاردا چاق ئۈستىگە تېڭىلىدىغان بادار <+> شەكلىدە تېڭىلىپ، تۆت ئىلەڭگۈچ سېلىنىدۇ، موما ئۆرە قىلىنىپ كۆمۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، مومىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئادەم مەيدىسى ئېگىزلىكىدە بىر تال ياغاچ تېڭىلىدۇ، بۇنىڭغا چاق گۇڭگىسىنىڭ تۆۋەنىدىنرەك باغلاپ ساڭگىلىتىلغان ئارغامچا چىڭ باغلىنىلىدۇ. بۇ ياغاچنىڭ بىر ئۇچىنى تۆتتىن جەمئىي سەككىز ئادەم قاراپ بىر خىل تېزلىكتە ئىتتىرىپ چۆگىلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىلەڭگۈچتىكى ئىككى ياكى تۆت ئۇچقۇچىمۇ ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ ۋە چاق ئايلىنىشنىڭ تېزلىكتە ئەگىشىپ، ئۇچقۇچىلارمۇ شۇنىڭغا ماس تېزلىكتە بارغانسىرى ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلىدۇ. بارا - بارا ئىلەڭگۈچ چاقىنىڭ تەكشىلىكىگە تەڭلىشىشىگە ئاز قالىدۇ. ئۇچۇش ئېگىزلىكى شۇ يەرگە يەتكەندە چاقپەلەك ئاستا كەينىگە ياندۇرۇلىدۇ. توختىغاندىن كېيىن يەنە باشقىلار ئۇچىدۇ، بۇ ئويۇن مەخسۇس ئادەمنىڭ باشقۇرۇشىدا ئوينىلىدۇ. 
⑥ چۇكچۇك: بۇ ئويۇن پەم - پاراسەتنى ئاشۇرۇش بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن ئويۇن بولۇپ، ياشلارناھايىتى قىزىقىپ ئوينايدۇ، بۇ ئويۇن 70 - 80 سانتېمىترئۇزۇن كەكە سېپى توملۇقىدىكى كەلتەك بىلەن )بۇ ئۇرغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ( توققۇز - ئون سانتېمىتىر ئۇزۇن، بەش بارماق توملۇقىدىكى ياغاچ )بۇ <بالىچۇق> دەپ ئاتىلىدۇ( نى ئۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇن بولۇپ، ئۇرغۇچ بالىچۇققا تەككەندە <چۇك - چۇك> ئاۋاز چىققاچقا بۇ ئويۇن <چۇكچۇك>، شۇنىڭدەك ئويۇننىڭ ئاخىرى ئۇتتۇرغۇچىلارنىڭ ۋاللەي توۋلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئۈچۈن <ۋاللەي> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئويۇن مۇنداق ئوينىلىدۇ: ئويۇن ئىككى تەرەپ بولۇپ، مۇسابىقە شەكلىدە ئوينىلىدۇ. ئادەتتە بىر تەرەپتە بەش - ئالتىدىن ئادەم بولىدۇ، ئوينىغۇچىلار توپلانغاندىن كېيىن قانداق ئويناش، توشقۇزۇلىدىغان چام ياكى <مېتىر> سانى ئۈستىدە شەرتلىنىدۇ، ئاندىن كەڭتاشا مەيداننىڭ بىر چېتىگە ئايلانمىسى 50 - 60 سانتېمىتىر كېلىدىغان چەمبەر سىزىلىپ، ئىككى تەرەپتىن بىر ئادەم ئوتتۇرىغا چىقىپ ئويۇن باشلاش ھوقۇقى تالىشىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككىسى ئۇرغۇچنى سىقىمدىشىدۇ. ئۇرغۇچىنىڭ ئۇچى قايسى تەرەپنىڭ سىقىمىدا تۈگىسە شۇ ئويۇن باشلايدۇ. ئەگەر بالىچۇقنى ئېلىپ ئۇرۇپ ئويناش بەلگىلەنگەن بولسا، چەمبەر سىزىقىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا توققۇز - ئون سانتىېمىتر ئۇزۇنلۇقتا ئۇرغۇچىنىڭ بېشى پاتقۇدەك كەڭلىكتە كىچىك ئۆرەك قېزىلىدۇ. ئەگەر قاڭقىتىپ ئۇزۇپ ئويناش بەلگىلەنگەن بولسا، چەمبەرنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا <+> شەكلىدە سىزىق سىزىلىدۇ. ئاندىن ئويۇن باشلش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تەرەپ چەمبەر سىزىق ئىچىگە كىرىپ نۆۋەت بىلەن بالىچۇق ئۇرىدۇ، قارشى تەرەپ ئەزالىرى سىزىقنىڭ سىرتىدا تارىلىپ تۇرىدۇ. بىرىنچى بولۇپ ئۇرغۇچى بالىچۇقنى ئۇرۇپ بولۇپ ئۇرغۇچىنى ئۆردەككە ياكى <+> سىزىق ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇپ قويىدۇ، قارشى تەرەپ ئەزالىرى )كىمگە توغرا كەلسە شۇ( بالىچۇقنىڭ چۈشكەن يېرىدە تۇرۇپ سىزىق ئىچىدىكى ئۇرغۇچنى نىشانلاپ ئاتىدۇ. ئەگەر بالىچۇق سىزىق ئىچىگە چۈشسە ياكى ئۇرغۇچقا تېگىپ سىزىقتىن چىقىپ كەتسە، ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى تۈگەپ، نۆۋەت ئىككىنچىسىگە ئۆتىدۇ. ئەگەر چۈشمىسە، ئۇرغۇچى بالىچۇق چۈشكەن يەردىن بالىچۇقنى قاڭقىتىپ تۇرۇپ، داۋمالىق ئۇلاپ ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرى چۈشكەن داۋمالىق ئويناپ بەلگىلەنگەن مېتر سانى تۇشۇشقا ئاز قالغان ئەھۋالدا ئۇرۇلغان بالىچۇقنى قارشى تەرەپ ھاۋادىن چۈشۈرمەي تۇتۇۋالسا ئۇرغۇچى تەرەپنىڭ چام سانى ۋە ئۇرۇش ھوقۇقى <كۆيگەن> )تۈگىگەن( ھېسابلىنىپ، ئۇرۇش ھوقۇقى قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ، ئويۇن داۋاملىشىدۇ. ئويۇن شۇ تەخلىتتە داۋاملىشىپ بەلگىلەنگەن چام سانىنى قايسى تەرەپ بۇرۇن توشقازسا شۇ ئۇتقان بولۇپ، شۇ تەرەپنىڭ ھەر بىر ئەزاسى چەمبەردىن باشلاپ ئالدىغا قارىتىپ بالىچۇقنى ئۈچ قېتىمدىن ئۇرىدۇ. يېڭىلگەن تەرەپ ئەزالىرى بالىچۇق چۈشكەن يەردىن چەمبەرگە قاراپ تىنماي <ۋاللەي> توۋلاپ يۈگۈرۈپ كېلىدۇ. ئەگەر تىنۋالغىنى سېزىلسە، بالىچۇق شۇ يەردىن كەينىگە قاراپ يەنە ئۇرۇلۇپ ئۇ قايتىدىن <ۋاللەي> توۋلاشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئويۇنمۇ ئاخىرلىشىدۇ. 
⑦ جانبازلىق: بۇ بىر خىل يۈكسەك ماھارەت، غەيرەت - ئىرادە، چىداملىق، چىۋەرلىك، پەم - پاراسەت تەلەپ قىلىدىغان، ئۇنىۋېرسال بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ئويۇن، ھەر قانداق خەتەرلىك ئەھۋالدا جان قوغداش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغاچقا، بۇ ئويۇن <جانبازلىق> دەپ ئاتالغان. جانلىق تىلدا <چامباشلىق> دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇ ئويۇنمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۇنتۇلغان. 
ئۇيغۇرلاردا خۇددى جانبازلىققا ئوخشاش كۈچ - قۇۋۋەت، پەم - پاراسەت ۋە چىداملىقتا سىنىشىدىغان <گۇمپا كۆرسىتىش> پائالىيىتىمۇ ئويۇن بولۇپ، كېيىنچە زوراۋان، مۇشتۇمزورلاردىن ئۆچ - ئىنتىقام ئېلىش ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالغان، بۇنداق <گۇمپا كۆرسەتكۈچى>لەر جەمئىيەتتىكى ناھاقچىلىك، ئادالەتسىزلىكلەرگە تەن بەرمەيدىغانلاردىن ستخىيلىك ھالدا ئۇيۇشقان گۇرۇھ بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ - تۆت كىشىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن بىرى <نوچى> بولاتتى. ئۇلار نەدە ناھەقچىلىك يۈز بەرسە، شۇ يەرگە بېرىپ، ئارىلىشىپ بوزەك قىلىنغۇچىغا يانتاياق بولۇپ بېرەتتى. شۇڭا ئۇلار بۇ قىلمىشىغا مۇناسىپ يۇرت ئىچىدە تەدرىجىي شۆھرەت قازىنىپ <نوچى> دەپ ئاتالغان. ئۆتمۈشتە داڭقى چىققان< سېيىت نوچى> قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق ناھەقچىلىككە قارشى گۇمپا كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى ئىدى. ئەمما ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران سىنىپلار ئۇلارنىڭ بۇ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم ئادەمنى تەربىيلەپ بېقىپ ئۇلارغا قارشى قويىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن قارىغۇلارچە نوچىلىق تالىشىدىغان مەھەللىۋى گوروھلار شەكىللىنىپ، بىھۇدە جودا - ماجرالار تۇغۇلىدىغان كەيپىيات كېلىپ چىقتى. ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران سىنپلار بۇ كەيپىياتتىن خەلقنى نادانلىقتا تۇتۇش قورالى سۈپىتىدە پايدىلاندى. بۇ كەيپىيات كېيىنچە جەمئىيەتتە ھەر خىل لۈكچەكلىك ھادىسسىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. 
⑧ ئودىكام )ئوردىكام(ئويۇنى: بۇ ئويۇن كالا ھوشۇقىنى توپ قىلىپ، چوماق باشلىق كالتەك بىلەن ئۇنى ھەيدە، ئورەككە سولاپ ئوينىلىدىغان ئويۇن بولۇپ، تولاراق ياشلار، ياش قۇرامىغا يەتكەنلەر ئوينايدۇ. ئوينايدىغان ئادەم سانى مەيداننىڭ كەڭ - تارلىقىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. مەيدان كەڭ بولسا، ئون نەچچە كىشى، تار بولسا، ئالتە - يەتتە كىشى ئوينايدۇ. ئويناش شەكلى مۇنداق: تۈز بىر مەيدان تاللىنىپ مەلۇم چوڭلۇقتا يۇمىلاق سىزىق سىزىلىدۇ، شۇ سىزىق بويىچە مەلۇم ئارىلىق قويۇپ ئورەك كولىنىدۇ، بۇ ئورەكلەر ئوينىغۇچى ئادەم سانىدىن بىرى كەم كولىنىدۇ، بۇ ئورەكلەرنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا يەنە بىر يوغانراق ئورەك كولىنىدۇ، بۇ <ئوردا> دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئويۇم <ئو)ر(دىكام> دەپ ئاتالغان. توپنى ئوردىغا ھەيدەشتە <كۆچ> دەپ ئۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن <كۆچ - كۆچ> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرى بىر مېتىر ئەتراپتىكى ئۇزۇن كەتمەن سېپى توملۇقىدا بىردىن توپ ھەيدىگۈچ ھازىرلايدۇ، ئويۇن تەييارلىقى پۈتكەندىن كېيىن، ئوينىغۇچىلار ئورەك ئېلىش ھوقۇقىنى تالىشىپ، ھەيدىگۈچنى سىقىمدىشىدۇ، كىم ئېشىپ قالسا، شۇ <مالاي> بولۇپ، سىزىق تېشىدا قېلىپ توپنى ئوردىغا شولاشقا ھەيدەيدۇ. ئورەككە ئۇرغۇچىنى سولاپ تۇرغانلار ئوردىنى توسۇپ ئوردىغا كىرگۈزمەيدۇ، مۇشۇنداق ئېلىشىش جەريانىدا توپ ھەيدىگۈچى چاققانلىق قىلىپ توپ توسىمەن دەپ ئورىكىدىن ھەيدىگۈچىنى چىقارغانلارنىڭ ئورىكىگە ئۆزىنىڭ ھەيدىگۈچىنى كىرگۈزۈۋالسا، ئۇ ئۇرىكىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ - دە، <مالاي> بولىدۇ. ئويۇن شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ. 
⑨ مالاي توپ: بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىقارلىق تەنتەربىيە ئويۇنلىرىدىن بولۇپ <ھويلا توپ، سېسىق توپ>، <قاچ - قاچ> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ توپ ئويۇنى چىۋەرلىك، يۈگۈرۈش بويىچە مۇسابىقىلىشىش شەكلىدە ئوينىلىدۇ. ئوينىغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ باشلامچىسى <ئاتامان> دەپ ئاتىلىدۇ. ئويۇن مەيدانىنىڭ ئىككى بېشىغا ئاي شەكلىدە <ھويلا> سىزىلىدۇ. ئىككى ئاتامان ئالدى بىلەن <ھويلا> غا ئىگە بولۇش ھوقۇقى تالىشىپ توپ ئۇرغۇچىنى سىقىمدىشىدۇ. قايسى تەرەپ ئاتامانى قېلىپ قالسا، شۇ تەرەپ <ھويلا> سىرتىدا تۇرۇپ <ھويلا> ئىچىدە تۇرۇپ توپ ئۇرغۇچىلارغا توپ تاشلاپ بېرىش، ئۇرۇلغان توپنى تۇتۇش، تېرىش قاتارلىق ئىشلارنى ئورۇندايدۇ، شۇڭا <مالاي توپ> دەپ؛ ئۇرۇلغان توپ مەيداننىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتسە ياكى قايتا ئۇرۇلۇپ كەتسە، توپ ئۇرۇش ھوقۇقى قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئاشۇنداق ئۇرۇلغان توپ <سېسىق توپ> دەپ ئاتالغاچقا، بۇ ئويۇن <سېسىق توپ> دەپ؛ ھويلا  ئىچىدە تۇرۇپ توپ ئۇرغۇچى توپنى ئۇرۇپ بولۇپلا ئۇ باشتىكى <ھويلا> غا قېچىشى ۋە ئىككىنچى بىرى ئۇرۇپ بولۇپ قاچقاندا، ئۇنىڭ يېنىپ قېچىپ كېلىدىغانلىقىغا قاراپ <قاچ - قاچ> دەپمۇ ئاتالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئويۇن ئۈچ خىل ئاتىلىدۇ. 
بۇ توپ ئويۇننىڭ قورالى توپ ۋە ئۇرغۇچ بولۇپ، توپ ئۇرغۇچ 70 - 80 سانتېمىتر ئۇزۇنلۇقتىكى، كەتمەن سېپى توملۇقىدىكى ياغاچتا بىر بېشى پالاق شەكلىدە خىيالى ياپىلاق ياسىلىدۇ. بۇ بەزى جايلاردا <ۋاسا> دەپمۇ ئاتىدۇ. ۋاسا ئىشلەتمەي ئالىقاندا ئۇرسىمۇ بولىدۇ. توپ شاپتۇل ئۇرۇقچىسىغا خام پاختا يىپ ئورۇلۇپ چاڭگالغا سىققۇدەك چوڭلۇقتا، يۇپيۇمىلاق قىلىپ ياسىلىدۇ. يومىلاق قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن تولانغان رەڭدار پاختا ياكى مەشۇت يىپتا تالا - تالا ياكى بىر نەچچە كۆزلۈك قىلىپ پىششىق بىجىلىپ چۇۋۇلماس، تىتىلماس ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ توپ گەرچە قىزلارنىڭ قولىدىن چىققان بولسىمۇ، زامانىۋى توپلارغا ئوخشاش يەرگە ئۇرۇلسا بىر مېتردىن ئېگىز قاڭقىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ۋە جىرىڭلىغان سادا چىقىرىپ تۇرىدۇ. ئويۇن جەريانى: <ھويلا> غا ئىگە بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كوماندا ئالدى بىلەن <ھويلا> غا كىرىپ ئاتاماننىڭ كەينىدە رەت بولۇپ تىزىلىپ تۇرىدۇ. قارشى تەرەپ ئاتامانى <ھويلا> ئالدىدا، ئەزالىرى مەيدانغا تارقىلىپ تۇرىدۇ. ئاندىن <ھويلا> نىڭ ئوڭ تەرىپىدىن قاچىدىغان، قېچىپ يانىدىغان يول دائىرىسى بەلگىلىنىدۇ. ئاتاماندا ئىككى قېتىمدىن، ئەزالاردا بىر قېتىمدىن توپ ئۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ، ھەممە ئۆز ئورۇنلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئويۇن رەسمىي باشلىنىدۇ: ھويلا ئىچىدىكى كوماندا ئەزالىرى توپنى ئۇرۇپ بولۇپلا قېچىش ھويلىسىغا قېچىشى، ئىككىنچى بىرى ئۇرۇپ بولۇپ قاچقاندا، ئۇ قېچىپ يېنىپ كېلىشى شەرت. ئەگەر قاچالمىسا )قېچىپ كېلەلمىسە(  ئۈچىنچى، تۆتىنچى نۆۋەتتە قاچسىمۇ )قېچىپ كەلسىمۇ( بولىدۇ، مەيلى قانداق قاچسۇن ئۆزىگە توپ تەگكۈزمەسلىكى شەرت. قارشى تەرەپ ئەزالىرى ئۇرۇلغان توپنى ھاۋادىن يەرگە چۈشۈرمەي تۇتۇۋېلىپ ياكى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردە چاقماق تېزلىكىدە تىرىۋېلىپ قاچقۇچىغا قارىتىپ ئېتىپ، تەگكۈزۈشى شەرت. ئەگەر تەگكۈزۈشكە كۆزى )چامىسى( يەتمىسە ئەپچىل پەيت كۈتۈش ئۈچۈن ئۆز ئارا پاس بېرىشىپ تۇرۇپ ئاندىن ئاتسىمۇ بولىدۇ. قاچقۇچى مەيلى قانداق قاچسۇن، قاچقۇچىغا توپ قانداق ئېتىلسۇن ئۇنىڭدىن قەتئىينەزەر، توپ تەگكەن ھامان مەيدان سىرتىدىكىلەر <ھويلا> غا يۈگۈرۈپ كىرىۋېلىشى شەرت. چۈنكى قاچقۇچىغا توپ تەگسىلا توپ ئۇرۇش ھوقۇقى قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ - دە، ئىككى تەرەپ ئورۇن ئالمىشىدۇ، ئەگەر توپ تەگكەن ئەزا چاققانلىق بىلەن توپنى ئېلىپ قارشى تەرەپنىڭ <ھويلا>غا قاراپ يۈگۈرۈۋاتقانلىرىدىن بىرەرىگە ئېتىپ تەگكۈزۈۋېلىپ ھويلىغا قېچىپ كىرىۋالسا، توپ ئۇرۇش ھوقۇقى يەنە داۋاملىق شۇلاردا بولىدۇ. ئويۇن مۇشۇ تەرىقىدە مەلۇم ۋاقىت داۋاملاشقاندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ. 
10) ياڭاق ئويۇنى: بۇ ئويۇن ياڭاق پىشىقى مەزگىلىدە ۋە ھېيىت - ئايەم كۈنلىرىدە ياش يىگىت - قىزلار ئارا ئوينىلىدىغان ئويۇن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان. بۇ ئويۇن ياڭاقنى ئورەككە تاشلاپ ۋە ئاسمانغا ئېتىپ قولدا چەنلەپ ئىككى خىل ئوينىلىدۇ. ئورەككە تاشلاپ ئويناشتا، ئالدى بىلەن تام تۈۋىگە ئون - يىگىرمە ياڭاق پاتقۇدەك ئورەك كولىنىدۇ، ئاندىن ياڭاق تاشلاش ئارىلىقى بەلگىلىنىدۇ. بىرنچى بولۇپ تاشلىغۇچىغا ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار (ئادەتتە يەتتە - سەككىز ئادەم) نىڭ ھەر بىرى ئىككى ياكى ئۈچتىن ياڭاق بېرىدۇ، ئۆزىمۇ شۇنچىلىك ياڭاق قوشىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن يىراقلىقتا تۇرۇپ تاق ياكى جۈپ دەپ ئورەككە ئاتىدۇ. جۈپ دەپ ئېتىپ ئورەككە چۈشكىنى تاق بولسا ئۇتتۇرىدۇ، جۈپ دەپ جۈپ چۈشسە ئۇتقان بولىدۇ. ئۇتقۇچى ئۇتتۇرغىچە ئارقا - ئارقىدىن ئېتىۋېرىدۇ. 
ئاسمانغا ئېتىپ چەنلەپ ئويناش ئىككىلا ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىدۇ. بىرى بىر تال ياڭاقنى ئاسمانغا ئاتىدۇ، بىرى قولىدا بىر ياڭاقنى تۇتقان ھالدا چۈشىدىغان يەردە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ قولىدىكى ياڭاقنى شۇنىڭغا چەنلەپ ئۆتۈپ تۇرۇپ تەگكۈزۈشى شەرت. تەگكۈزەلىسە ئۇتقان، تەگكۈزەلمىسە ئۇتتۇرغان بولىدۇ.
11( ئىلەگكۈچ: ئىلەڭگۈچ، ياش قىزلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلىرىنىڭ بىرى، ئىلەڭگۈچ يالغۇز كىشلىك ۋە ئىككى كىشلىك بولىدۇ، يالغۇز كىشلىكى سېلىنغان ئىلەڭگۈچكە دەسسەپ تۇرپ ئۇچۇلىدۇ. ئىككى كىشلىكى ئىككى تەرەپكە ئىككى ئىلەڭگۈچ سېلىنىپ، ئوتتۇرىسىغا توغرىسىغا بىر تاختاي قويۇلىدۇ، تاختاينىڭ ئىككى بېشى ئىلەڭگۈچكە مەھكەم چېگىلىدۇ، ئۇچقۇچىنىڭ بىرى بۇ بېشىغا يەنە بىرى ئۇ بېشىغا دەسسەپ تۇرۇپ ئۇچىدۇ، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇشتا، ئاساسەن ئېگىز ئۇچۇش بويىچە مۇسابىقىلىشىش بولىدۇ. مۇسابىقىلەشكەندە، سۆز ئويۇنى شەكلىدىكى مۇنۇ قوشاقنى ئېيتىپ تۇرۇپ ئۇچىدۇ، قوشاق بىردىن ئونغىچىلىك بولغان ساناق ساننىڭ ئېتى بىلەن باشلىنىپ، ھەر بىرىگە شۇ سان ئېتىنىڭ باش ھەرپى بىلەن كېلىدىغان يەر - جاي، شەيئى نامى قوشۇپ ئېيتىلىدۇ: 
بىر بېدىلىك 
ئىككى ئىكساق
ئۈچ ئۈزۈملۈك
تۆت تۆرى باغ
بەش بەشكېرەم
ئالتە ئاۋات
يەتتە يەكەن
سەككىز سەمەن 
توققۇز تۇققۇزاق
ئون ئويماق.
ئۇچۇش <بەشكېرەم> دېگەن مېسراغا كەلگەندە پەللىسىگە چىقىپ، ئاندىن ئاستا ئاستىلاپ، <ئويماق> دېگەن تۈگۈنچىگە كەلگەندە توختايدۇ. ئاندىن يەنە بىرى ئۇچىدۇ. 
12) تەپكۈچ: تەپكۈچ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشقان ئويۇن تۈرلىرىدىن. بۇ ئويۇن پۇت بىلەن تېپىپ ئوينىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇنلا <تەپكۈچ> دەپ ئاتالغان. 
تەپكۈچ ئۈچ - تۆت داچەننى چۈپلەپ ياكى ئۈچ - تۆت داچەن قېلىنىلىقىدا ئوتتۇرىسى تۆشۈك يۇمىلاق قويۇلغان قوغۇشۇندا ياسىلىدۇ، داچەن ياكى قوغۇشۇن تۆشۈكىگە ئۆچكە چۇپۇرى ياكى خوراز ۋە ياكى قىرغاۋۇلنىڭ بويۇن پېيى ئۆتكۈزۈلۈپ ئەتراپىغا قايرىپ ئېغىر نەرسىگە باستۇرۇپ قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چۇپۇر ياكى پەر يانغا تاشلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ تەپكەندە تەكشى كۆتۈرۈلۈپ تەكشى چۈشىدىغان بولىدۇ. 
تەپكۈچ تولاراق قىزلار ئىچىدە ئوينىلىدۇ، ئادەتتە ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا موسابىقىلىشىش شەكلىدە ئوينىلىدۇ. تېپىش شەكلىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئويۇن باشلاشتىن بۇرۇن قايسى شەكىلدە تېپىش، نەچچە مىڭنى تېپىش بەلگىلىنىدۇ. تەپكۈچ تېپىش شەكلى پۇت ئۇچىدا تېپىش، پۇت دۈمبىسىدە، پۇت ئۆزەڭگىلىكىدە تېپىش، پاقالچاق ئۈستىدە ۋە بىر قېتىم ئوڭ پۇتتا، بىر قېتىم سول پۇتتا تېپىش؛ پۇتنىڭ سۇكىنىڭ تاشقى يېنىدا تېپىش، كاللەك چىقىرىپ (ئوڭ پۇتىنىڭ ئۆزەڭگىلىكىدە تېپىپ، سەكرەپ تۇرۇپ سول پۇتىنى ئارقىسىغا چىقىرىپ) تېپىش قاتارلىق شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئويۇن شۇ تەرتىپ بويىچە داۋاملىشىپ، بەلگىلەنگەن ساننى كىم بۇرۇن تۇشقۇزسا شۇ ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر بىرى تېپىش جەريانىدا تەپكۈچنى يەرگە چۈشۈرۋەتسە نۆۋەت باشقىسىغا ئۆتۈپ كېتىپ قايتا نۆۋەت كۈتىدۇ. ئۇتقۇچى پۇتىنىڭ ئۇچىدا تەپكۈچنى يىراققا قارىتىپ تېپىدۇ، ئۇتتۇرغۇچى ئۇنى تۇتۇۋېلىشى شەرت. تۇتۇۋالسا، ئۇرۇنداشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى تۈگەيدۇ، بولمىسا داۋاملىق تەپكۈچنى تېرىپ ئەكىلىپ بېرىدۇ. 
13( قوشماق ئاداش: بۇ ئويۇنمۇ <توپۇق ئويۇنى> غا ئوخشاش ھۇشيارلىق، مەرتىلىك تەلەپقىلدىغان ئويۇنلاردىن بولۇپ، ئادەتتە ئۆرۈك پىشىقى مەزگىلىدە تولاراق بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇن ئۆرۈك، قاق)گۈلە( ئورۇقچىسى ۋە بادامدىن چىقىدىغان قوش مېغىز ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا تارتۇقلىشىش شەرتى بىلەن يېيىشىپ ئوينىلىدىغانلىقى ۋە <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قوشماق ئاداش> دېيىشنى ئويۇننىڭ ئۇتۇق بەلگىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن <قوشماق ئاداش> دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرلار ئۆرۈك ۋە قاق )گۈلە( يېگەندە ئۇرۇقچىسىنى ئۇدۇللۇق چېقىپ مېغىزىنىمۇ قوشۇپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن. ئورۇقچا چېقىپ يېيىلگەندە بەزىدە ئورۇقچىلار ئىچىدىن قوش مېغىز چىقىپ قالىدۇ. ئەنە شۇنداق قوش مېغىز نېسىپ بولغۇچى <تەلەيلىك> ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئويۇن شۇنداق <تەلەيلىك> بولغانلىق شەرىپىگە كۆڭۈل ئېچىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئويۇن جەريانى مۇنداق: قوش مېغىز نېسىپ بولغۇچى كۆڭلى خالىغان بىرىنى قوشماق ئويناشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ئەگەر ئۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلسا، قوشماقنىڭ بىرىنى قولىغا ئالىدۇ - دە، قوشماق يېيىش شەرتى توغرىسىدا كېڭىشىپ، ئاندىن ئىككىسى تەڭ ئاغزىغا سېلىپ يەيدۇ، قوشماق يېيىش شەرتى چوڭلار ئارا بولسا، ئۇتتۇرغۇچى بىرەر كىيىملىك رەخت قويۇش ياكى بىر قېتىم مەشرەپ بېرىش، بالىلار ئارا بولسا، دوپپا ياكى قولياغلىق قاتارلىق نەرسىلەر تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
قۇشماق يېگۈچىلەر ناھايىتى ھوشيار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. سەللا بىخۇتلۇق قىلسا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا ئىككى تەرەپ مۇمكىنقەدەر ھەر خىل چارىلەرنى قوللىنىپ قارشى تەرەپنى بىخۇتلاشتۇرۇپ ئۇتىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن، بىر تەرەپ قوشماققا مۇناسىۋەتسىز بىرەر ئىش بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا، گەپ ئارىلاپ قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى چاقىرىدۇ)ئاتايدۇ(، شۇنىڭدەك ھەر خىل باھانە بىلەن ياكى بىر نەرسە يەۋېتىپ قارشى تەرەپكە بىر نەرسە )يەۋاتقان نەرسىدىن( سۇنىدۇ. قارشى تەرەپ ھوشيار بولسا <ئېسىمدە> دەيدۇ، ئەگەر بىخوتلۇق قىلىپ <ھە> دېسە ياكى سۇنغان نەرسىنى قول سۇنۇپ ئېلىپ قويسا، يەنە بىر تەرەپ شۇئان <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قوشماق ئاداش> دەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن <ھە> دېگۈچى )ئالغۇچى( ئوتتۇرغان بولىدۇ. قوشماق ئوينىغۇچىلار بىر ئائىلىدىكىلەردىن بولسا، كىم ئەتىگەن تۇرۇپ <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قوشماق ئاداش> داۋالسا، شۇ ئۇتقان بولىدۇ. مەھەللە ئىچىدىكىلەر بولسا، بىر - بىرىنىڭ ئۆتەر يولىدا ياكى ئۆينىڭ ئىشىك يېنىدا مۆكۈنۈپ تۇرۇپ، قارشى تەرەپ ئۇدۇلىغا كېلىش ياكى ئۆيىدىن چىقىشىغا <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قوشماق ئاداش> دەپ ئۇتۇۋالىدۇ. ئەگەر ئۇتتۇرغۇچى كېلىشكەن شەرتنى ئورۇندىمىسا <چىدىماس> دەپ ئەيبلىنىپ تەڭتۈشلەر ئىچىدە يېتىم ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ھەتتا <چىدىماس> دېگەن لەقەممۇ سىڭىپ قالىدۇ. 
14) قاتار ئويۇنى: بۇ ئويۇن كىشىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ۋە پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، توققۇز قاتار دەپ ئاتىلدۇ. ئوينىلىش ئۇسۇلى مۇنداق: تۈز يەرگە بىردىن بىرى چوڭ چاقماق شەكىللىك سىزىق سىزىلىدۇ. ۋە بۇ ئۈچ چاقماق ھەر ياننىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىن تىك بىر سىزىق سىزىلىش بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چاقماقنىڭ ھەر بىر سىزىقىدا توغرىسىغا قاتارى ئۈچ ئۇرۇق بېسىش توچكىسى بەلگىلىنىدۇ، دېمەك، ئۈچ چاقماقنىڭ ھەر ياندىكى ئۈچ سىزىقىغا ئۈچتىن توققۇز ئۇرۇق بېسىلىپ ئوينىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئويۇن <توققۇز قاتار> دەپ ئاتالغان. 
توققۇز قاتار ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىدۇ، ھەر بىر ئادەم ئون سەككىزدىن ئۇرۇق ئالىدۇ، ئۇرۇق رەڭگىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئويۇن باشلانغاندا ئىككى تەرەپ بىر - بىر قاتار قىلىپ ئۇرۇق بېسىۋېلىشىغا قارشى ئۇرۇق باسىدۇ، شۇنداق قارشىلىق ئىچىدە بىر تەرەپ ئىلاجى قىلىپ قاتار قىلىۋېلىش پۇرسىتىنى تاپىدۇ - دە، قاتار قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ قاتار قىلىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇقلىرىدىن بىرنى <يەي>دۇ. قارشى تەرەپمۇ شۇنىڭغا تاقابىل چارە - تەدبىر قوللىنىدۇ، كىم قاتارنى كۆپ قىلسا، شۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇقىنى كۆپ چىقىمغا ئۇچرىتىدۇ - دە، ئۇنى ماڭالغۇسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ ئۇتۇۋالىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ ئۇيغۇرلاردىكى مۇقەددەس سان <توققۇز> بىلەن ئاتىلىشى، ئۇنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئۇيۇنلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كېيىنچە ئۇيغۇرلاردا شاھمات، دامكا قاتارلىق ئويۇنلارمۇ ئومۇملاشتى. 
15(مۇز تېيىلىش ئويۇنى: مۇز تېيىلىش يۇرت - مەھەللە يېنىدا دەريا - كۆل بار جايلاردا بىر قەدەر ئومۇملاشقان. مۇز مەخسۇس سايمان ياردىمىدە ئەمەس، ئۆتۈك ناھالى بىلەن تېيىلىپ ئوينىلىدۇ. ئۆتۈك ناھالى بىلەن گەرچە ئۇزۇنغا تېيىلغىلى بولمىسىمۇ ئون - يىگىرمە مېتر يەرگە تېيلىغىلى ۋە ھەر خىل شەكىل چىقىرىپ تېيلىقىلى بولىدۇ، بەزىلەر خۇددى كانكىدا تېيىلغاندەك يۇمىلاق دائىرە شەكىللەندۈرۈپ، سىڭا پۇت بىلەن يىتلىپ ماھارەت كۆرسىتەلەيدۇ. 
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، بۇقا سوقۇشتۇرۇش، كەكلىك سوقۇشتۇرۇش، ئىت، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، كەپتەر ئويناش قاتارلىق ئويۇنلارنىمۇ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ ئويۇنلار قىسمەن قىمار شەكلىنىمۇ ئالغان. چۈنكى ئويۇن كۆرگۈچىلەر ئىچىدە بەزىلەر ئىككى تەرەپ بولۇپ پۇلمۇ تىكىشىدۇ.
awazlik
Posted: 2008-09-06 12:11 | [ئاپتور]
qologhli

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 6
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 30 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-06

 


رەھمەت! مۇشۇنداق مەزمۇنى مول تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرغايسىز. بەزىلىرىنى ئۇنتۇپ كېتەي دەپ قاپتىكەنمەن.ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم ھەم ھۆججەت ساقلىغۇچىمدا ساقلىۋالدىم.
izdinix,umit,kalgusiga nazar selix
Posted: 2008-09-06 18:41 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » يوسۇنلىرىمىز


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.072674(s) query 4, Time now is:10-23 02:57, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation