مايمۇن قىز BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : مايمۇن قىز تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 635ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 مايمۇن قىز


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-09-05)
  ئۈچ ئوغلى بار بىر پادىشاھنىڭ شەھىرىدە بىر باينىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ چوڭ ئوغلى باينىڭ شۇ قىزىنى كۆرۈپ قېلىپ دادىسىغا «شۇ باينىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرسىكەن» دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرانچى ئوغلى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىچىك ئوغلىمۇ «شۇ قىزنى ئېلىپ بەرسىكەن» دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. بۇ بىر تال قىزنى قايسى بىرسىگە ئېلىپ بېرىشنى بىلىمەي، پادىشاھنىڭ بېشى قېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ بالىلىرىنى چاقىرىپ:
  سىلەر مۇنۇ ئۈچ ئوقىيادىن بىردىن ئوق ئۈزۈڭلار، ئوقۇڭلار كىمنىڭ ئۆيگە چۈشسە، شۇنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ. بالىلار قاتار تۇرۇپ ئوقيا ئېتىپتۇ. ئۈچىلىسى ھېلىقى قىزنىڭ قورۇسىنى كۆزلەپ ئېتىپتۇ. چوڭ ئوغلىنىڭ ھېلىقى قىزنىڭ قوروسىغا بېرىپ، ئىشىگىنىڭ بېشىغا سانچىلىپت. ئوتتۇرانچىنىڭ ئوقى ۋەزىرنىڭ دەرۋازىسىغا سانجىلىپتۇ. كەنجى ئوغلىنىڭ ئوقى ئاسماندا لەيلەپ،چولگە قاراپ ئۇچۇپ باياۋاندا يوقاپ كېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن پادىشاھ ئىككى ئوغلىنىڭ ئوقى چۈشكەن قورا ئىگىلىرى بىلەن چوڭ توي قىلىپ قۇدىلىشىپتۇ. كەنجى ئوغلىغا:
  - سەن ئاتقان ئوقنى تېپىپ كەل، - دەپ يولغا ساپتۇ. كىچىك ئوغلى ھارماي ئىزلەپتۇ. ئاخىرى ئۇ ئوقنى خاراپلىققا ئايلانغان چولدىكى كونا شەھەر ئىچىدىن تېپىتۇ. «بۇ يەردە نېمە باردۇ؟» دەپ قارىسا، ئوق سانچىلىپ قالغان جاينىڭ ئارقىسىدا بىر مايمۇن ئولتۇرغۇدەك.
  - بوپتۇ، بۇمۇ مېنىڭ تەلىيىم، - دەپ مايمۇننى ئاپتۇ. ئەمما دادىسىدىن، ئەل - يۇرتتىن، ئاكىلىرىدىن ئىزا تارتىپ. ئاتا - ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتماپتۇ. مايمۇن بىلەن شۇ يەردە ياشاپتۇ. ئوۋچىلىق قىپتۇ. ئۇ ئېتىپ كەلگەن جان - جانىۋارنىڭ گۆشىدىن مايمۇن خوتۇنى تازىمۇ تەملىك تاماق ئېتىپ قويىدىكەن. يىگىت دادىسىنىڭ ئوردىسدا شاھزادە بولۇپ ياشىغان چاغلىرىدىمۇ  مۇنداق تەملىك تاماقنى يەپ كۆرمىگەن ئىكەن. شۇنىڭغا قاراپ ئۇ: «بۇنىڭدا بىر گەپ بار، بۇنى بىلىشىم كېرەك» دېگەن ئويغا كەپتۇ. ئۇ بىر كۈنى ئوۋغا ماڭغان بولۇپ خوتۇنى بىلەن خوشلىشىپتۇ. بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، ئەسكى تامغا قايتىپ كېلىپ، پەنجىردىن ماراپتۇ. قارىسا ھېلىقى ئەسكى ئۆينىڭ ئىچىدە پەرىزاتتەك ئىككى قىز يۈرگىدەك. يىگىت تىڭشاپ تۇرسا، بىرىنچى قىز ئىككىنچىسىدىن سوراپتۇ.
  - ئېرىڭ قانداق، كۆڭلۈڭ خوشمۇ؟
  - خوش، - دەپ مىيىقىدا كۈلۈپتۇ. ئىككىنچى قىز.
  - نېمىدىن خوشسە؟ - دەپ سوراپتۇ بىرىنچىسى.
  - ئەقىللىق ئىكەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئىككىنچىسى.
  - ئەقىللىقلىقىنى نەدىن بىلدىڭ؟
  - نىمىشقا بىلمەي؟ مەن بىر سەت مايمۇن بولۇپ كۆرۈنسەممۇ، ئۇ ماڭا ئۆيلەندى ۋە ئوبدان تۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر ئەقلى بولمىسا، ئۇ تۇرماس ئىدى. - دەپتۇ ئىككىنچى قىز.
  بۇ، ئەسلىدە يىگىتنىڭ ئايالى مايمۇن قىز ئىكەن. يىگىت خوشاللىغىدىن ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇشتۇمتۇت چۈشمەك بولۇپ تەمشىلىپتۇ. شۇ چاغدا ھېلىقى قىز يەنە مايمۇن قىزدىن:
  - ئېرىڭنىڭ كۆڭلى خوشمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
  - نىمشقىدۇر تۇتۇلۇپ، خىيال سۇرۈپ يۈرىدۇ. - دەپتۇ. مايمۇن قىز
  - سوراپ باقساڭ بولمامدۇ؟ - دەپتۇ بىرىنچى قىز.
  شۇ چاغدا يىگىت تاقەت قىلالماي، ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپتىكەن. بىر قىز غايىپ بولۇپ، بىر قىز يەنە ئاۋالقىدەك مايمۇنغا ئايلىنىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ يىگىتمۇ گەپ قىلماي، كۆڭلى توق ئولتۇرۇپتۇ. ئايالى:
  - ئوۋغا بارماپسىزغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىت:
  - بۈگۈن نىمىشقىدۇر ئاتا - ئانام، ئاكىلىرىمنى كۆرگۈم كېلىپ، ئوۋدىن قايتىپ كەلدىم، - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، ئاتا - ئانىڭىزنى كۆرۈپ كېلىڭ، - دەپ يولغا ساپتۇ قىز. يىگىت مېڭىش ئالدىدا: مايمۇن قىز ئۇنىڭغا:
  - ئاتا - ئانىڭىزغا مېنىڭدىن مۇنۇ بىر خالتا توقاچنى ئېلىپ بېرىڭ! ئۆيلەندىم دېسىڭىز، كېلىنىمنىڭ ئادەمگەرچىلىكى يوق ئوخشايدۇ، دەپ قالمىسۇن، - دەپتۇ.
  يىگىت كىچىككىنە بىر خالتا توقاچنى ئېلىپ كېتپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ «نېمە دەپمۇ مۇشتۇمدەك خالتىنى بېرىمەن، خوتۇنۇڭنى كۆرسەت دىسە، نىمە دەيمەن؟» دەپ خىجالەت تارتىپ قاپتۇ.
  پادىشاھ دادىسى بىلەن شاھزادە ئاكىلىرى ئۇنى كۆرۈپ خوشال بوپتۇ ۋە يوقىتىپ قويدۇق ۋەپ قايغۇ  - ھەسرەت تارتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
  - خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن ساق - سالامەت، ئاتقان ئوقۇمنى تېپىپ ئۆيلەندىم، - دەپتۇ كىچىك ئوغلى.
  - كېلىننى نېمشقا ئەكەلمىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. دادىسى. يىگىت يەرگە قاراپتۇ.
  - يالغان، - دەپتۇ ئاكىلىرى. پادىشاھ ئويلاپ تۇرۇپ:
  - يالغان بولسا كېرەك، راست بولسا كېلىن بالا سوغا  - سالام يوللىغان بولاتتى، - دەپتۇ.
  - يوللىدى، - دەپتۇ كىچىك ئوغلى ئۆزىنى ئاقلىماق بولۇپ.
  - قېنى، كۆرسەت، - دەپتىكەن، خىجالەتچىلىك ئىچىدە، ھېلىقى كىچىككىنە خالتىنى سۇنۇپتۇ. پادىشاھ خالتىنى قولىغا ئالغاندا، ئاكىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھ خالتىنىڭ ئاغزىنى سوكۇپ، ئۇششاق توقاچتىن بىرىنى ئاغزىغا ساپتىكەن، ئومرىدە مۇنداق مەززىلىك توقاچتىن يىمىگىنىنى ئەسلەپتۇ. شۇندىن كېيىن دادىسى:
  - قېنى، يەپ كۆرۈڭلار، - دەپ قالغانلارغا بىردىن تارقىتىپ بېرىپتۇ. ئۇلارمۇ توقاچنىڭ مەززىلىكلىكىدىن كالپۇللىىرنى تامشىپ كېتىپتۇ. خالتىغا قارىسا، توغاچ زادى يېرىملىمىغۇدەك. پادىشاھ بۇ ۋەقەگە ھەيران قاپتۇ. ئىچىدە: «بۇنىڭدا بىر سىر بار» دەپ ئويلاپتۇ.
  - رەھمەت ئوغلۇم، - دەپتۇ ئۇ  كىچىك ئوغلىغا، - قېنى چوڭ ئوغۇللىم ۋە كېلىنلىرىم، سىلەرمۇ شۇنداق توقاچ يېقىپ كېلىڭلار، ئاندىن زاڭلىق قىلغىنڭلارنى كورەي، - دەپتۇ.
  ھەش - پەش دىگىچە ئۇلارمۇ توقاچ يېقىپ كەپتۇ. پادىشاھ چوڭىنىڭ توقىچىنى چاكا - چۇلاقلرغا بېرىپ، ئوتتۇرانچىنىڭ توقىچىنى ساراي ئىتلىرىغا تاشلاپ بېرىپتۇ. كىچىك ئوغلى ئەكەلگەن توقاچنى ئۆزى ئاياپ يەيدىغانغا ساقلاپ قويۇپتۇ. ئىككى چوڭ ئوغلىنىڭ روھى چۈشۈپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا پادىشاھ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ:
  قېنى كېلىنلىرىمنى بىر سىناپ كۆرەي، قايسىسىنىڭ ھۈنىرى ئارتۇقكىن، سىلەرنىڭ خوتۇنلىرىڭلار ماڭا بىر كۆينەك تىكسۇن، - دەپتۇ. ئىككى ئوغلى خوشال بولۇپ كېتىپتۇ. چۈنكى، بىرى باينىڭ، بىرى ۋەزىرنىڭ قىزى تۇرسا، ئاجايىپ كۆينەك تىكىپ بېرىدۇ. دەپ ئويلىشىپتۇ. كىچىك ئوغلى بولسا، مايمۇن خوتۇنىدىن خىجالەت بولۇپ، «ئەمدى رەسۋا بولىدىغان بولدۇم!»دەپ خاپا قايتىپتۇ. ئېرىنىڭ خاپا قايتقىنىنى كۆرگەن مايمۇن قىز:
  - نېمە بولدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
  - توقىچىڭدىن دادام رازى بولدى، ھەتتا ساڭا رەھمەت ئېيتتى، ئەمما كېلىنلىرىم ماڭا بىردىن كۆينەك تىكىپ ئەۋەتسۇن دىدى. مانا شۇنىڭغا خاپىمەن، قانداق قىلارمىز؟ - دەپتۇ.
  - شۇنىڭغىمۇ خاپا بولامدىكەن، يېتىپ ھاردۇق ئېلىڭ، مەن كۆينەك تىكىپ بېرىمەن، - دەپتۇ خوتۇنى.
  - ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا، مايمۇن قىزنىڭ قېشىغا يەنە ھېلىقى قىز پەيدا بوپتۇ؛ بۇ قىزنى مايمۇن قىز ھەدە، دەپ ئاتاپتۇ؛ شۇندىن كېيىن بۇ ئىگىچە - سىڭىل خوتەن ئىپىگىدىن توقۇلغان شاھى كۆينەك، بەرقۇتتىن كىمخاپ تون تەييارلاپتۇ. ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئالقانچىلىك قۇتىغا ساپتۇ. مايمۇن قىز ئېرىنى ئويغىتىپ، يولغا ساپتۇ.
  چوڭ - كىچىك ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ دېگەن قەرەلىدە يېتىپ كەپتۇ. لېكىن چوڭ ئوغلى ئەكەلگەن كۆينەك يېڭى چالا قاپتۇ. ھەم سەت تىكىلىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرىگە:
  - يېڭىنى تىكتۇرۇپ سىز كېيىڭ، - دەپتكەن، ۋەزىر:
  - ھەشقاللا، - دەپ ئاپتۇ.
  ئوتتۇرانچى ئوغۇلنىڭ ئەكەلگەن كۆينىكى كەڭ تىكىلىپ قالغان بولىشىغا قارىماي، ياقىسىغا تۈگمە قادالماي قاپتۇ. پادىشاھ ئۇنى پادىچىغا تاشلاپ بېرىپتۇ. پادىچى مىڭ تازىم قىلىپ، ئىڭىشىپ چىقىپ كېتىپتۇ.
  - سېنىڭ قولۇڭدا ھېچنىمەڭ يوققۇ، ئۈلگۈرتەلمىدىڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ كىچىك ئوغلىدىن.
  - مانا، دادا، - دەپ قۇتىنى سۇنۇپتۇ. كىچىك ئوغلى. بىر قولياغلىق پاتقىدەك كىچىك قۇتىدىن بىر ئىپەك كۆينەك، بىر كىمخاپ تون چىقىپتۇ. ئاكىلىرىنىڭ كۆزلىرى ئالاقزادە بولۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھ كېيىپ باقسا، لايىق كەپتۇ. ئەينەككە قاراپ باقسا، ھەقىقىي پادىشاھغا ئوخشاپتۇ.
  - بۇنى ئۆزەم كېيىمەن، كېلىنىمگە رەھمەت، سالام ئېيتقىن! - دەپ پادىشاھ كۆينەكنى ئۆزىگە ئېلىپ قاپتۇ.
  - ئەمدى، - دەپتۇ. پادىشاھ، - كېلىنلىرىمنىڭ تاماققا ئۇستىلىغىنى كۆرۈپ باقىمەن ھەم تۇتقان ئۆيلىرىڭلارنى كۆرىمەن.
  ئىككى چوڭ ئوغلى خوشال بولۇپ كېتىپتۇ. كىچىك ئوغلى يەنە مايمۇن خۇتۇنىنىڭ قېشىغا خاپا ھالدا كەپتۇ.
  - يەنە نېمىگە خاپىسىز؟ - دەپتۇ مايمۇن قىز.
  - دادام سەندىن رازى بولدى ۋە ساڭا سالام ئېيتتى، - دەپتۇ يىگىت.
  مايمۇن قىز «سالىمى نېمىسىدۇ» دەپ ئويلاپ:
  - باشقا گەپ قىلمىدىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
  - ئۆيۈڭلەرگە بېرىپ، كېلىنلىرىمنىڭ تۇتقان ئۆيلىرىنى، ئۇلارنىڭ تاماققا ئۇستىلىغىنى كۆرىمەن دىدى، - دەپتۇ. ئېرى.
  - بۇ، خاپا بولىدىغان ئىش ئىكەن، - دەپتۇ. مايمۇن قىز.
  - نېمشقا؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت.
  - تىلىم بارمايدۇ ئېيتىشقا، - دەپتۇ مايمۇن قىز.
  - ئېيت، ئېيىتمىساڭ رازى ئەمەسمەن؟ - دەپتۇ يىگىت.
  خەيرى ئېيتاي، بىز ئۇلارنى بۇ ئەسكى تامدا مېھمان قىلمايمىز، ياخشى جايدا مېھمان قىلىشىمىز مۇمكىن، ئۇلار مېنى بۇ قىياپەتتە ئەمەس، باشقا بىر قىياپەتتە كۆرۈشى مومكىن، ئۇ چاغدا مېھمانلارنىڭ نىيىتى بۇزۇلمايدۇ، دەپ ئېيتالمايمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن خاپا بولغىدەك ئىش ئىكەن دەۋاتىمەن. - دەپتۇ مايمۇن قىز.
  - بۇ نېمە دىگىنىڭ؟ كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ بىرى دادام، ئىككىسى ئاكام، قالغانلىرى ۋەزىر - ۋۇزرالار، ئۇلاردا قارا نىيەت بولۇشى مۇمكىن، ئەمەس، مېنىڭ خاپا بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى باشقا.
  - ئېيتىڭ، باشقا نېمىگە خاپا بولىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ مايمۇن قىز.
  - بۇ ئەسكى تامدا، يە قاچا - قۇمۇش، يە ئۆي جابدۇق يوق، يە ئوزۇق - تۈلۈك يوق، قانداق قىلغۇلۇق، دەپ خىجالەت بولىمەن.
  - سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ، بىراق مەن ئاچ دىمىگىچە ئاچسىڭىز يامان بولىدۇ؛ - دەپتۇ مايمۇن قىز. شۇندىن كېيىن يىگىت قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمرىنى كۈتۈپتۇ. بىر ۋاقىتتا:
  كۆزىڭىزنى ئېچىڭ، - دەپتۇ مايمۇن قىز.
  كۆزىنى شۇنداق ئېچىپ، - قارىسا، جەننەتتەك چىرايلىق بىر باغلىق قورانىڭ ئىچىدە ئولتۇرغىدەك. پادىشاھنىڭ سارىيىدىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق ۋە چوڭ ئىمارەت؛ ئەتراپى باغۇ - بوستان؛ تۇمەن - تۈرلۈك گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان، بارلىق ئىسىل قۇشلار سايرىشىۋاتقان؛ ئۆستەڭ ۋە ئېرىقلاردا كۈمۈش رەڭ سۇلار ئېقىۋاتقان، باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا، چورىسىدە قۇمۇش گۈللەر ئۆسۈپ كەتكەن كۆل؛ كۆلنىڭ ئىچىدە رەڭمۇ - رەڭ بېلىقلار ئوينىشىۋاتقان. ئۇلارنى سەيلە قىلىپ، توپ - توپ كىنىزەكلەر كۈلۈشۈپ، گۈلەڭگۈچ ئۇچۇشۇپ يۈرگەن. بىر توپ قىز نەغمە - ناۋا قىلىۋاتقان؛ يەنە بىر توپ قىز بوستانلىققا زىلچە - گىلەم سېلىپ، زىياپەت تەييارلاۋاتقان؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، ئىپەك - دۇردۇنلاردىن ئېسىل كېيگەن؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېلىقى ئەسكى تامدا ئۆزى كۆرگەن ئىككى قىزنىڭ ئالاھىدە سۆلەت بىلەن يۈرگىنىنى كۆرۈپتۇ. يىگىت «نېمە ئالامەت بۇ؟» دەپ ئويلىشىغا، ئۇنىڭ ئالدىغا ھېلىقى ئىككى گۈزەل پەرىزات كەپتۇ. ئۇلاردىن بىرى:
  - مەن سىزنىڭ خوتۇنىڭىز، بۇ بىزنىڭ ھەدىمىز، - دەپ تونۇشلۇق بېرىپتۇ.
  - مۇرادىم ھاسىل! - دەپتۇ. يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدى بىلەن ھەدىسىگە سالام بېرىپتۇ. ئاندىن ئايالىنىڭ قولىدىن سىلاپ تۇرۇپ، ئامراقلىق بىلەن كۆزىگە قاراپتۇ.
  شۇ چاغدا پادىشاھ ھەممە مېھمانلارنى باشلاپ يېتىپ كەپتۇ. ئولتۇرۇش باشلىنىپتۇ. تاماق تارتىلىپتۇ، كېيىن بەزمە قىزىپتۇ. كېنىزەكلەر ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ. پادىشاھ ھەممە مېھمانلار بىلەن ياخشى قارشى ئېلىپ، ئېھتىرام بىلدۈشۈپتۇ. مېھمانلار باغلارنى سەيلە قىلىپ يۈرگەندە، چوڭ ئاكىسىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ، ئۇ ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئۆزى ئالماق بوپتۇ. قېناكىسىنىڭ بۇ ئويىنى مايمۇن قىز سېزىپ قاپتۇ. ئۇ دەررۇ ئېرىگە:
  - چوڭ ئاكىڭىزنىڭ نىيىتى بۇزۇلدى، ئۆزىڭىزگىمۇ، ماڭىمۇ قىلدىڭىز، ئەمدى بىز ئايرىلىپ كېتىمىز، ئەگەر مېنىڭ بىلەن ياشاشنى خالىسىڭىز تۆمۈردىن كەشە كېيىپ، تۆمۈردىن ھاسا تۇتىسىز، كەشىڭىز  تېشىلىپ، ھاسسىڭىز ئېگىلگىچە ئىزلىسىڭىز مېنى تاپالايسىز. - دەپتۇ -دە، قىزلار بىلەن بىللە بىر توپ كەپتەر بولۇپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ھاڭ - تاڭ بولۇپ كېتىشىپ قاپتۇ. يىگىت چوڭ ئاكىسىغا ئالىيىپ قاراپ قويۇپ، تۆمۈر كەش كېيىپ، تۆمۈر ھاسا تايىنىپ، مەشۇقىنى ئىزلەپ جاھاننى كېزىشكە راۋان بوپتۇ. مېڭىپتۇ - مېڭىپتۇ، چوللەرنى كېزىپتۇ، كۈن ئۆتۈپتۇ، ئاي ئۆتۈپتۇ. يىل توشۇپتۇ. شۇنداق ئىزلەشتىن زىرىكىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېرىپ - ئېچىپ، بىر كۆلگە دۇچ كەپتۇ. سۇ ئىچىپ، ھاردۇق ئاپتۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ. قاراپ باقسا، ھاسىسى ئۇپۇراپ  تۈگەپتۇ. كەشى تېشىلىپ قاپتۇ، ھېسابلىسا مىڭ كۈن پىيادە توختىماي يول مېڭىپتۇ، شۇ چاغدا يىگىت:
  - يا رەببىم، ئەمدى ماھبۇبەمنى تاپىدىغان  ئوخشايمەن! - دىگەن ئۈمىد بىلەن يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
  شىرىن چۈشلەرنى كۆرۈپتۇ، بىرسى:
  - تۇر، - دېگەندەك قىلىپ، پىشانىسى سىلاپتۇ. شۇنداق ئويغىنىپ قارىسا، يېنىدا خوتۇنى تۇرغىدەك، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە  باشلاپتۇ.
Posted: 2008-09-05 10:05 | [ئاپتور]
228

دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 10 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-05

 


بۇ ھىكايە بەك ئوبدان يېېزىلىپتۇ.مۇشۇ ھىكايىنىڭ ۆخنو نوسىخىسى بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلىدىكەن.!!!!!!!!!!!!!      
سىزنى سۈيىمەن گۇلخۇمار
Posted: 2008-09-05 18:52 | 1 -قەۋەت
228

دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 10 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-05

 


بۇ ھىكايە بەك ئوبدان يېېزىلىپتۇ.مۇشۇ ھىكايىنىڭ كىنو نوسىخىسى بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلىدىكەن.!!!!!!!!!!!!!      
awazlik
سىزنى سۈيىمەن گۇلخۇمار
Posted: 2008-09-05 18:53 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » چۆچەكلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.072878(s) query 4, Time now is:10-23 02:57, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation