ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى ئۇ - بۇ دېمەيلى!!! BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

نۆۋەتتىكى تېما : ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى ئۇ - بۇ دېمەيلى!!! تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1114ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى ئۇ - بۇ دېمەيلى!!!


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن يورۇتۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى (2008-08-29)
ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى ئۇ - بۇ دېمەيلى!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!

بۈگۈن مەن تور ئارىلاۋىتىپ سەلكىن تورىدىكى
<<ئوقۇش پۇتۇرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار،نىمىشقا ئۇيغۇر كارخانلارغا ئاز بارىدۇ؟>> دېگەن بىر تېمىغا كۆزۈم چۈشۈپ ئۇنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم، ئاندىن پەخىركام دېگەن بىر تورداشنىڭ <<ۋەتەن پەرۋەر كارخانىچىلار يوق دىيەرلىك... پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا... كىشىلەرنىڭ مىللى ھېسىياتىنى ئالداش بەدىلىگە پۇل تاپىدىغان... نەپسانىيەتچى كارخانىچىلار بەك كۆپ ...>> دېگەن ئىنكاسىنى كۆرۈپ بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ بىر تەرەپلمە قاراشلىرىغا بۇ تېمىنى سۇندۇم.

ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر دېگەندەك پاساھەتلىك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەر، كارخانىلاردىن مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تاما قىلماي ئۆزىدىن باشلاپ ۋەتەننى، مىللەتنى سۆيۈپ باقسىكەن دەيمەن، ئۇلار 100 سوم مائاشنى كەم بەرگەن ئۇيغۇر كارخانىسىدا خىزمەت قىلىپ بېقىپتىمۇ، بىرەر كارخانا ئۈچۈن 2~3 يىل قان - تەر تۆكۈپ بېقىپتىمۇ.
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا دۇنيادا ياپونىيە بىلەن گېرمانىيىدىلا ئىختىساس ئىگىلىرى ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن، چۈنكى ئۇلار ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىدىكى پايدىلىق پۇرسەتلەرنى تاشلاپ، كۆپ مائاش ياكى كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتلەرگە بۇزۇلماي ئۆز كارخانىلىرىدىكى ئاز مائاش، ئايدىڭ بولمىغان خىزمەت تەقسىماتى قاتارلىق نۇرغۇن جاپالىق مۇھىتلاردا خىزمەت قىلىپ ئۆز كارخانىلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزغان، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شۇ كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنىڭ كارخانىلىرىدا يۇقىرى مائاش، ئالاھىدە مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ناۋادا ئىلگىرىكىلەر ئۆز دۆلىتى ۋە مىللىي كارخانىلىرىنى كەمسىتىپ، باشقا كارخانىلار پۇلنى جىق بېرىدۇ، ئاز ئىشقا سالىدۇ دەپ قارىغان بولسا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بۈگۈنى بولۇرمىدى.
بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇر كارخانلىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى تولىمۇ مۈشكۈل، بىزگە تېلېۋىزورلاردىكى مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش، نامراتلاردىن ھال سوراش دېگەندەك تەشۋىقاتلار بەك تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ ئېيتاۋۇر تولىمۇ تەمەخور بولۇپ كېتىۋاتىمىز، كارخانىلاردىن بەك كۆپ نەرسە تەلەپ قىلىمىز، كارخانىلارنىڭ ھالى بىلەن كارىمىز يوق، تېلېۋىزوردا تۆت كۈن ئېلانى چىققان كارخانىنى خەلققە نېمە ئىش قىلىپ بەردى دەپلا سۈرۈشتە قىلىمىز، كارخانىسىغا نېمە ئىش قىلىپ بەردى، كارخانىسى تەرەققىي قىلىۋاتامدۇ، ئەللىك سىنتلىق نەرسىسىنى ئېلىپ قويالىدۇقمۇ دەيدىغانلىرىمىز قانچىلىك، شۇ كارخانىلارنى قۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلار خەلق ئەمەسمۇ؟
ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى يەنە بىر سەۋەب بىزنىڭ مىللىي ھېسىياتىمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى بىز بىردە باشقا ئالىمىز ئارقىدىنلا يەرگە ئۇرىمىز.
ئىلگىرى بىر يەھۇدى بولغانىكەن، ئۇ يەھۇدى ئەزەلدىن يەھۇدىيلارغا پايدا يەتكۈزمىگەن، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا بەزى قېرىنداشلىرىنىمۇ سېتىۋېتىپ نامى سېسىپ كەتكەن ئىكەن، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ يەھۇدىيلارغا قىلچە پايدىسى يوق، ئەمما ئۆزىگە پايدىلىقلا ئىشلارنى قىلىپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ، ئۇ كالفورنىيە شىتاتىدا باشقا مىللەتلەرنىڭ دۇكىنى بولغان بىر رايوندا بىر مىلىچ ماللار دۇكىنى ئېچىپتۇ، بۇ دۇكان ئېچىلىشى بىلەنلا ئەتراپتىكى يەھۇدىيلار شۇ دۇكاندىنلا نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ سودىسىنى قاينىتىۋېتىپتۇ، بۇنىڭغا ھەيران بولغان بىر دۇكان خوشنىسى بۇ دۇكانغا دائىم كېلىدىغان بىر يەھۇدىدىن سوراپتۇ:
- سىلەر بۇ دۇكاندارنى ئاسىي، خائىن دەپ تىللايدىكەنسىلەريۇ يەنە نېمىشقا ئۇنىڭلا دۇكىنىدىن نەرسە - كېرەك سېتىۋالىسىلەر؟
يەھۇدى:
- بۇ دۇكاندار ئۆزى مىللەتكە زىيانلىق كىشى ئەمما ئۇ ھامان يەھۇدى، ئۇ ھەرقانچە ئىپلاس بولسىمۇ بايلىق توپلاشقا ماھىر، شۇنداقلا شۇ بايلىقلىرىنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەيدۇ، كېيىنكى ئەۋلادقا بارغاندا بۇ كىشىنىڭ بايلىقى ئارقىلىق ياخشى تەربىيىلەنگەن بالا مىللەتكە ئالەمچە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ، بىز بۇ كىشىنى ئەمەس، بۇ كىشىنىڭ ئەۋلادى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن مۇشۇ دۇكاندىن نەرسە - كېرەك سېتىۋالىمىز، مۇشۇنداق قىلغاندىلا قولىمىزدىكى بايلىق باشقىلارغا ئېقىپ كەتمەيدۇ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزگە مىراس بولۇپ قالىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
بىزمۇ ئەمدىلا كۆزىنى ئاچقان كارخانىچىلىرىمىزدىن توختىماي نەرسە تەلەپ قىلماي ئۇلارنىڭ راۋاج تېپىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ باقايلى، نۆۋەتتىكى كارخانىچىلار ئۈچۈن ئەمەس ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن قوللاپ - قۇۋەتلەيلى، شۇ كارخانىچىلار ھەرقانچە ئىپلاس بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بايلىقىنى قوغداش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى، يېقىنلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇشى، ياخشى تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن، ئەنە شۇلار كەلگۈسىدە مىللەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى ۋە قىلالىشى مۇمكىن، تارىخنى ۋاراقلاپ باقىدىغان بولساق، خەلققە زور ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بايلارنىڭ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاۋام ئارىسىدىن چىققانلار تولىمۇ ئاز.
باشقىلارنىڭ كارخانىلىرىدا خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىرىمىز شۇ يەردە خىزمەت قىلىۋەرسەك، ئۆزىمىزنىڭ ئازغىنە مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا خالىغانچە باھا بەرمىسەك.

___ كارخانا سۆيگۈچى
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش خاتىرىسى :
  • شۆھرىتى:+10(Bilqut_L) ئالقىشلانغا ..
  • تەڭگىسى :+10(Bilqut_K) قانۇنسىز تېم ..
  • Posted: 2008-08-29 00:19 | [ئاپتور]
    Bilqut_K

    دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


    نادىر يازمىلار : 77
    يوللىغان تېما : 2683
    شۆھرىتى: 2843 نومۇر
    پۇلى: 924 RMB
    تۆھپە: 21 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

     


    تولىمۇ ئەھمىيەتك چوڭقۇر مەنىلىك يازما بولاپتۇ ماۋۇ 
    Posted: 2008-08-29 00:38 | 1 -قەۋەت
    Bilqut_K

    دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


    نادىر يازمىلار : 77
    يوللىغان تېما : 2683
    شۆھرىتى: 2843 نومۇر
    پۇلى: 924 RMB
    تۆھپە: 21 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

     


    بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىغۇچىلارغا 50 مۇنبەر پۇلى قوشۇپ بىرىلىدۇ (پۇلنى مۇنبەر بانكىسىغا كىرىپ ئىلىۋالساڭلاربولىدۇ)
    يوللىغۇچى ئۆزى يوللىغان توربەتنىڭ تېما ئادىرىسىنى مۇشۇيەدە ئىنكاس قالدۇرساڭلار.مەن مۇكاپاتنى ئەمىلىيلەشتۈرىمەن
    مەزمۇننى تۆۋەندىكى قوشۇمچە ھۆججەتتىن چۈشۈرۈڭ

    Uyghur_karxanilirini_u_bu_dimeyli.rar
    Posted: 2008-08-29 00:41 | 2 -قەۋەت
    kolqi

    دەرىجىسى : سەركەردە


    نادىر يازمىلار : 1
    يوللىغان تېما : 455
    شۆھرىتى: 507 نومۇر
    پۇلى: 2627 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-13
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

     


    مىللى ھېسيات ئىككى ئادەمنىڭ ئالدىدا دارتمىلاپ سۆزلەپ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان نەرسە ئەمەس. سىز ئويلىغان ھەم بايان قىلغان تەپسىلاتلارنى ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ھەمەيلەن ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك. مەنپەئەت ئالدىنقى شەرت بولاۋاتقان بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە بىز ھەقىقى مەنپەئەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك! ئالدىمىزنى، بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنى، قولىمىزغا يامىشىۋاتقان تۆت تەڭگە پۇلنى كۆرۈپ ئۆزىمىزنى، ئەتىمىزنى، پەرزەنت-ئەۋلادىمىزنىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىن بولغان قىسمەتلەرنى ئويلىمىغاندا دوۋزىخى بولۇپ كېتىمىز.
          كونىلا << قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا >> دېگەننى بىزنى ئەمەل قىلارمىكىن، بىر-بىرسىگە يېقىن تۇرۇپ ئۆزئارا ئىجىل-ئىناق ياشامدىكىن، ئازراق نەپ ئۈچۈن بىر-بىرسىنى پۇتلاپ خەقنىڭ ئالدىدا ساغىرىپ يۈرمەسمىكىن دەپ قالدۇرغان. بىز نېمىشقا شۇنداق ياخشى ئەمەللەرنى ھىمايە قىلمايمىز؟ ئۆز - ئارا ئىناق-ئىجىل بولۇپ بىر بىرىمىزنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرمەيمىز؟؟؟
        چىۋىن قونسا غىڭشىپ كالتەك تەگسە جىممىدە تۈرىدىغان ھاماقەتلىك تۈگىمەيدىكەن تەرەققىيات ۋە باياشاتلىق بىزدىن يىراقلاپ كېتىدۇكى بىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ.
    سەن زادى كىم؟
    Posted: 2008-08-29 00:51 | 3 -قەۋەت
    erdewil

    دەرىجىسى : باش ۋەزىر


    نادىر يازمىلار : 3
    يوللىغان تېما : 95
    شۆھرىتى: 106 نومۇر
    پۇلى: 685 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-15

     


    ئوبدان مۇلاھىزە يۈرگىزىلىپتۇ،ئاپرىن!
    ئاتالمىش مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا ئەڭ كۆپ سۆز ئاچىدىغانلارنىڭ قىلغان ئەمەلىي ئىشى ئۆزىگە ئايان...
    ئۇنچىۋالا بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولۇپ قالساق......
    سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
    Posted: 2008-08-29 09:34 | 4 -قەۋەت
    burkut2005

    دەرىجىسى : مىڭ بېشى


    نادىر يازمىلار : 3
    يوللىغان تېما : 275
    شۆھرىتى: 289 نومۇر
    پۇلى: 39 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-04-03
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

     


    ياخشى بۇپتۇدوسلار مەنمۇ ئاۋازقوشاي
    http://www.uguzhan.com/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=2156
    [ بۇ يازما burkut2005 تەرىپىدىن 2008-08-29 11:15 دە ]
    ئۆگەت ۋە ئۆگەن
    Posted: 2008-08-29 11:00 | 5 -قەۋەت
    Bilqut_K

    دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


    نادىر يازمىلار : 77
    يوللىغان تېما : 2683
    شۆھرىتى: 2843 نومۇر
    پۇلى: 924 RMB
    تۆھپە: 21 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

     


    Quote:
    5 - قەۋەتتىكى burkut2005 2008-08-29 11:00 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
    ياخشى بۇپتۇدوسلار مەنمۇ ئاۋازقوشاي
    http://www.uguzhan.com/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=2156

    50 تەڭگە قوشۇلدى
    Posted: 2008-08-29 11:36 | 6 -قەۋەت
    nawruzguli

    دەرىجىسى : مىڭ بېشى


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 259
    شۆھرىتى: 260 نومۇر
    پۇلى: 1655 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-23
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

     


    بەكمۇ ئوبدان تېما يوللاپسىز. مەن بۇ پىكرىڭىزنى يۈزدە يۈز قوللايمەن.
    شۇ ئۆزىنى "ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر"  دەپ ئاتىۋالغان كىشىلىرىمىز  ھېچ بولمىغاندا ئالدى بىلەن  ئازراق بولسىمۇ ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ باقسا، ئادەتتە كۆپ سورۇنلاردا داۋاملىق " ئۇيغۇرلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بەك جا، ئىشلەتكىلى بولمايدۇ."،" لەۋ سۇرۇخ چىش پاستىلىرىنى مۇسۇلمانچە دىگىنى يالغان ."،" مەن ھەرگىز ئۇيغۇرلار ئىشلەپ چىقارغان نەسىلەرنى ھەرگىز ئىشلەتمەيمەن"،" ئىخلاسنىڭ، ئارماننىڭ زاۋۇتۇنى بەك مەينەت دەيدۇ، كاررىفوردا قىزلار ئاپپاق كىيىملەرنى كىيىپ ئىشلەيدۇ  شۇڭا مەن يىمەكلىكلەرنى  كاررىفوردىن ئالىمەن." دىگەندەك تېتىقسىز گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. شۇلار ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچە ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىزنىڭ قۇرۇلىۋاتقىغا قانچىلىك بولدى؟ قانچىلىك تەرەققىياتقا ئىگە؟ بىز قانچىلىق قوللىدۇق؟ مۇسۇلمانچە دىگىنى يالغان بولسا، مۇسۇلمانچە دىمىگىنى  زادى قانداق........؟ يىمەكلىكنى ئاق كىيىم بىلەن ساتقاننىڭ ئىشلىگەن زاۋۇتى پاكىزمۇ ؟ دىگەنلەرنى ئوبدانراق ئويلاپ باقسا بولىدۇ .
    http://www.xjarcha.com/bbs/
    awazlik
     
    Posted: 2008-08-29 12:27 | 7 -قەۋەت
    nurana

    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 1
    شۆھرىتى: 2 نومۇر
    پۇلى: 55 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-29
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-08-29

     


    بۇ تىما بەك ياخشى يوللىنىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت  كەلمىسۇن،مەن بۇ تىمىنى باشقا مۇنبەرگە يوللاي دەيمەن
    hislat.com/bbs
    ماڭا پۇل قوشىۋىتىڭ ماقىما
    awazlik
    Posted: 2008-08-29 12:38 | 8 -قەۋەت
    Bilqut_K

    دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


    نادىر يازمىلار : 77
    يوللىغان تېما : 2683
    شۆھرىتى: 2843 نومۇر
    پۇلى: 924 RMB
    تۆھپە: 21 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

     


    Quote:
    8 - قەۋەتتىكى nurana 2008-08-29 12:38 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
    بۇ تىما بەك ياخشى يوللىنىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت  كەلمىسۇن،مەن بۇ تىمىنى باشقا مۇنبەرگە يوللاي دەيمەن
    hislat.com/bbs
    ماڭا پۇل قوشىۋىتىڭ ماقىما

    ماقا  50 تەڭگە قوشۇۋىتىلدى سىزگىمۇ ئاياپ ئولتامايمىزغۇ پۇل مۇل دىگەننى
    Posted: 2008-08-29 13:43 | 9 -قەۋەت
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
    BilqutBBS » ئۇنىۋېرسال سەھىپە
    

    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
    كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

    ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

       
    Total 0.081991(s) query 4, Time now is:10-23 02:56, Gzip disabled


    Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation