ئۇيغۇرلاردا كۆك رەڭ قارىشى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئۇيغۇرلاردا كۆك رەڭ قارىشى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 533ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئۇيغۇرلاردا كۆك رەڭ قارىشى


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_K تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-08-28)
كۆك رەڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادى بىلەن باغلانغان ھالدا ياخشىلىق ۋە ئامەتنىڭ شۇنداقلا ئىلاھىي تۈسىنىڭ سىموۋللۇق بېشارىتى سۈپىتىدە گەودىلەنگەن.
كۆك سۆزىنىڭ بىر نەچچە تۈرلۈك مەنىسى بار: مەسىلەن، كۆك - تەڭرى، ئاسمان، كۆك رەڭ، ئەسلى (كۆكۈڭ قايسى)، كۆكلە (ياشا، ياشارماق)، كۆك (كۆكتات، ئوت - چۆپ) قاتارلىقلار. بىزنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىمىز، كۆك سۆزىنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بولۇپ، بىرى، تەڭرى، يەنى خۇدا مەنىسى؛ يەنە بىرى، رەڭ پەرقىدىكى كۆك مەنىسى. تېخىمۇ كونكرېت ئېيتقاندا، كۆك رەڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدا مۇقەددەس رەڭ چۈشەنچىسىگە كۆتۈرۈلۈشى، ئۇنىڭ خەلق ئېڭىدىكى تەسىرى قاتارلىقلار.
قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىدىسىدە كۆك رەڭنىڭ بۈيۈكلۈك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ سۈپىتى ياكى ئىسمى ئورنىدا قوللىنىلىشىنىڭ مەلۇم ئىجتىمائىي ئاساسى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرى ئۈچۈن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغانىدى. چارۋىچىلىق ھايات ئاساسەن يېشىللىقنى مەركەز قىلغان. يايلاقنى ماكان قىلاتتى. يايلاق مەدەنىيىتىدە يېشىللىق ھاياتىنىڭ ئاساسى، دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسمەنلىك كۈچەيگەنىدى. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى «تىلى قوشىقى » نى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يېشىللىققا باغلانغان ھاياتلىق پائالىيىتى ناھايىتى ئويرازلىق ھالىدا بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا «ئوغۇزنامە» داستانىدا كۆك رەڭگە ئائىت بايانلار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئوغۇرخاننىڭ ئۆڭ - چىرايىنىڭ كۆك بولۇشى، ئۇنىڭ تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك نۇرنىڭ چۈشۈشى، ئۇنىڭ ئىچىدىن كۆزلىرى كۆك، گۈزەل بىر قىزنىڭ پەيدا بولۇشى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرىنىڭ ئوغۇزخانغا يول باشلىشى... قاتارلىق بايانلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆك رەڭنىڭ ئېتىقاد ئاساسى بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.
شامانىزم ئېتىقادى دەۋرىدە تەبىئەت ئىلاھىچىلىقنى مەركەز قىلغان ئاسمان، قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، شامال، يامغۇر، چاقماق قاتارلىق ھادىساتلارنىڭ يۈزبېرىشىدە كۆك سۆزى تەڭرىگە تەققاسلىنىپ بۈيۈكلۈك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن.
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن كۆك (ئىلاھ) چۈشەنچىسىدىن ئالەمنى بىنا قىلغۇچى «ئاللاھ» ئۇقۇمى پەيدا بولۇپ، ئۇ، كۆك تەڭرى چۈشەنچىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىدى. لېكىن كۆكنىڭ خەلق ئېڭىدىكى سمۋوللۇق مەنىسى (ئېستېتىك مەنىسى) ئۆزگەرمىدى، بەلكى ئادەت سۈپىتىدە خەلق ئارىسىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن،قايغۇ - ھەسرەتكە دۇچار بولغاندا كۆككە قاراپ ئىلتىجا قىلىش، يېشىللىقنى قەدىرلەش،تەبىئەتنىڭ تۇنجى مېۋىسى (كۆكى) گە بولغان ھېرىسمەنلىك، بېدە كۆكىدە كۆك چۆچۈرىسى ئېتىپ، ئۇرۇق - تۇغقان ياكى قولۇم - قوشنىلارغا يېڭىلىق تۇتۇش ئۇدۇمى، كۆك مەشرىپى قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. (ئا)
Posted: 2008-08-28 09:52 | [ئاپتور]
ubul

دەرىجىسى : ئەتىۋارلىق ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 821
شۆھرىتى: 821 نومۇر
پۇلى: 30 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


رەخمەت .
Posted: 2008-08-28 13:13 | 1 -قەۋەت
nawruzguli

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 259
شۆھرىتى: 260 نومۇر
پۇلى: 1655 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


خەلق ئىچىدىكى بەزىبىر ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇنلارنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەلۇم تارىخى سەۋەبلەر بەلگىلىگەن.
 
Posted: 2008-09-01 17:37 | 2 -قەۋەت
kaysar11

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 204
شۆھرىتى: 205 نومۇر
پۇلى: 1560 RMB
تۆھپە: 3 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


تارىخمىز ئۇزۇن،مەدىنىيەت مىراسلىرىمىز مول لىكىن ھازىرىمىز ھەم كەلگۈسىمىز زە!!!!!!!!!
Posted: 2008-10-14 17:51 | 3 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » يوسۇنلىرىمىز


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.072092(s) query 4, Time now is:10-23 02:56, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation