ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 143ـ كۆرۈرمىنى
ajimks

دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 75
شۆھرىتى: 93 نومۇر
تەڭگىسى : 615 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-14

 ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى


ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى

ئاچچىقلىنىپ، تېز غەزەبلىنىش ۋە ئۆزىنى تۇتالماسلىق كىشىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بەختسىزلىكلەرنى ۋە بالايى - ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. خۇسۇسەن، رامىزان كۈندۈزلىرىدە  كۆپلىگەن كىشىلەر  ئاددىغىنا ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئۆزلىرىنى تۇتىۋالالماستىن، گاھىدا روزىسىنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىپ سالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسۇسەن رامىزاندا ئاچچىقلىماسلىق توغرىسىدا قايتا - قايتا ئېيتقان تەۋسىيەلىرىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئەسلىرىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «سېنى بىراۋ تىللىسا ”مەن روزىدارمەن“دېگىن» دېگەن سۆزىدىكى تەربىيە  غەزەبنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرىدىن بىرى بولغاننىڭ سىرتىدا، ئىنساننى ھەمىشە شۇنداق كەڭ قورساق بولۇشقا يېتەكلەيدىغان ئەمەلىي تەربىيەدۇر. رامىزاندا”مەن روزىدارمەن“دېيىش بىلەن كىشىلەرنىڭ يامانلىقىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ شۇنداق قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى رامىزان ئېيىى تەربىيىلىنىش، مەنىۋىياتنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە ياخشى ئەخلاقلارغا ئۆزىنى كۆندۈرۈش ئېيىدۇ. رامىزاندا شۇنداق كەڭ قورساق بولغان ئادەم باشقا ئايلاردىمۇ ھەمىشە شۇنداق بولۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا رامىزاننىڭ پايدىسىنى كۆرگەن بولىدۇ ۋە رامىزاننىڭ شاراپىتى بىلەن شاراپەتلەنگەن بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ چارىسى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:« غەزەب شەيتاندىن بولغان بىر پالاكەت بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن كۆپلىگەن مۇسىبەتلەر ۋە بالالار يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ئىسلام شەرىئىتىدە بۇ يامان خۇلۇق توغرۇلۇق تەپسىلى بايانلار كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە غەزەبتىن ئىبارەت بۇ ئاغرىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى بايان قىلىنغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1- ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەش. سۇلەيمان ئىبنى سەردتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم. ئىككى ئادەم جېدەللىشىپ يۈزلىرى غەزەبتىن قىزىرىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« مەن بىر سۆزنى بىلىمەنكى، ئەگەر شۇ سۆزنى دېسە ئۇنىڭدىكى غەزەب يوقىلىدۇ. ئەگەر ئۇ،”ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن”دېسە، ئۇنىڭ ئاچچىقى پەسىيىدۇ»دېدى.

2- سۇكۇت قىلىش.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«سىلەرنىڭ بىرىڭلار غەزەبلەنگەندە سۇكۇت قىلسۇن»دېگەن. چۈنكى قاتتىق غەزەبلەنگەن ئادەم ئۆزىنى تۇتۇپ، ئېغىزىنى يۇمۇپ تۇرالىسا، سوزلىرى سەۋەبلىك كېيىن كېلىدىغان كۆپلىگەن پۇشايمانلاردىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.

3- جىم تۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« سىلەرنىڭ بىرىڭلار غەزەبلەنگەن چېغىدا ئۆرە تۇرغان بولسا، ئولتۇرىۋالسۇن، ئولتۇرغان بولسا يېتىۋالسۇن»دەپ كۆرسەتكەن. بۇ غەزەبلەنگەن كىشىنى كېيىن پۇشايمان ئىلىپ كېلىدىغان  كۆپلىگەن خاتالىقلاردىن ساقلاش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى غەزىبىنى باسالمىغان ئادەم ئۆرە تۇرغىنىدا قارشىسىدىكى كىشىگە تاياق ئېتىشى مۇمكىن. بەلكى ئۆلتۈرىۋېتىش ۋەقەسىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئولتۇرىۋالغىنىدا بۇ خىل خاتالىققا چۈشۈشتىن نىسبەتەن ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇ يېتىۋالغىنىدا پۈتۈنلەي ساقلىنىپ قالالايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق ئۆگەتكەن .

4 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە نەسىھەت قىلىشىنى سورىغان بىر ئادەمگە:« غەزەبلەنمە»دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم قايتىلىغان.

5 -پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە:« غەزەبلەنمە، جەننەتكە كىرىسەن»دېگەن.

6 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە:« كىمكى ئىنتىقام ئېلىشقا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ، غەزىبىنى يۇتىدىكەن، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ قەلبىنى رازىمەنلىك بىلەن تولدۇرىدۇ» دېگەن.

7- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە:« كۈچلۈكلۈك پەھلىۋانلىقتا ئەمەس، بەلكى غەزىبىنى بېسىۋېلىپ ئۆزىنى تۇتىۋېلىشتا»دەپ كۆرسەتكەن.

8 - غەزەبنى يېڭىش تەقۋادارلارغا خاس گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:« تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ»(ئال ئىمران سۈرىسى 134- ئايەت).

9 - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىش. غەزەب ئىنسان تەبىئىتىدە بولغان نەرسە. غەزەبلەنمەسلىك ئىنساننىڭ قولىدا ئەمەس. ئەمما غەزەبنى يېڭىش ئىنساننىڭ قولىدا. ئۇنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي مۇئەللىمى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى تەۋسىيەلىرىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى بەندىلىرى غەزەبلەنگىنىدە، ئاللاھ ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى زىكىر قىلىنسا، دەرھال ئاچچىقىدىن يانىدۇ. بۇ ساھابىلارنىڭ ۋە سالىھلارنىڭ ھاياتىدا، ھەتتا ھازىرقى زاماندىمۇ  كۆپ قېتىم تەجرىبىدىن ئۆتكەن مەسىلە. شۇڭا قاتتىق غەزەبلەنگەن كىشىگە:« پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭ»دەيدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. چۈنكى بۇنىڭ پايدىسى بار.

10- غەزەپلىنىشنىڭ ئاقىۋىتىنى نەقەدەر يامان ئېكەنلىكىنى بېلىش.

11-غەزەپلەنگۈچى، غەزەپلەنگەن ۋاقتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش.

12-ئاللاھدىن داۋاملىق سەۋىرچان غەزىپىنى كۆنتۇرۇل قىلالايدىغان بۈيۈك ئەخلاقنى ئاتا قىلىشىنى تىلەش.

قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىنداش! سىز بىلەن مەن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تەۋسىيەلىرىنى ھاياتىمىزدا تەجرىبە قىلىپ كۆرەيلى. چوقۇم پايدىسىنى كۆرىدىغانلىقىمىزغا ئىمانىم كامىل. جانابى ئاللاھ تائالا سىزنى ۋە مېنى گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا نەسىپ ئەتكەي. ئامىين.
ulinix.com
Easy come Easy go
Posted: 2008-08-26 20:50 | [ئاپتور]
ikram

دەرىجىسى : ئەتىۋارلىق ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 358
شۆھرىتى: 368 نومۇر
تەڭگىسى : 1834 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-14

 


بەك ياخشى يېزىپسىز، اللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
راست ئادەم ئاچچىقلىنىش ياكى غەزەپلىنىشتىن چۇقۇم زىيان تارتسا تارتىدۇكى ھەرگىز پايدا ئالالمايدۇ، تېمىڭىزنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ ئاخشامقى ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى، 160GB لىق بىر يۆتكىمە قاتتىق دىسكام بار ئىدى، شۇنى ئاخشام كومپيۇتېرىمغا چاتسام بىر تۇنۇپ بىر يۇقاپ كىتىپ بەك جىلە قىلىۋەتتى، شۇتەرىقىدە يېرىم سائەتچە ئۆتتى ئاچچىقىمدا دىسكىنى يەردە قۇيۇپ قولۇمغا بولقىنى ئېلىپ تازا بىر يانچىي دەپ تۇرۇشۇمغا كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدىن "بۇنى يانچىپ نېمە پايدا ئالارسەن ..." دېگەندەك بىر مۇنچە سادالار كەلدى شۇنىڭ بىلەن مەيلى دەپ تاشلاپ قويۇپ، ئەتتىگەندە چىقىپ چاتسام بىر ئۇبدان ئىشلەۋاتىدۇ، ئاندىن ئەتتىگەن مائۇسنىڭ ئوتتۇرا كۇنۇپكىسى ئىشلىگىلى ئۇنىماي، ئۇنىمۇ تامغا بىرنى ئېرىپ قويۇپ، بىردەم سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرىپ چاتسام ئۇمۇ نورمال، چۈشتىن كېيىن قاتتىق ئويلىنىپ كېتىپتىمەن، ئادەم دېگەن ئالدىراقسانلىق قىلسا، ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرسە، غەزىپىنى بېسىۋالالمىسا بولمايدىكەن، ھەرئىشتا چۇقۇم پەيغەمبىرىرىمىز كۆرسەتكەن بويىچە قىلىش كېرەك ئىكەن.
awazlik
Posted: 2008-08-26 21:05 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ئىسلام دىنىدىن ساۋاتلار


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !

   
Total 0.105005(s) query 4, Time now is:09-14 22:06, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation