ھاياتتا كۈچلۈكلەر ئۆزگىرىشنى قارشى ئالىدۇ بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ھاياتتا كۈچلۈكلەر ئۆزگىرىشنى قارشى ئالىدۇ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 55ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 25
يوللىغان تېما : 5239
شۆھرىتى: 5630 نومۇر
تەڭگىسى : 5641 تەڭگە
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-14

 ھاياتتا كۈچلۈكلەر ئۆزگىرىشنى قارشى ئالىدۇ


مېنىڭ قەدىناس ئاغىنەم جورجى. كىرام ئىشلەيدىغان شىركەت ئايرودرومنىڭ يەر ئاستىغا تۇرۇبا ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى كۆتۈرە ئالغان ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا:
  — تاغ جىنىسلىرىدەك قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا، بىز ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق ئىرادە بىلەن ئۇنى يېڭىشىمىز كېرەك،— دېدى.
  ئۇ ھەرقانداق چاغدا تەلتۆكۈس بىر ئاكتىپ تەپەككۇر قىلغۇچىلاردىن ئىدى.
  ئەگەر قەيسەر روھ بىلەن تەييارلىنىپ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، دېگەن بىر ئاكتىپ پوزىتسىيىدە قىيىن مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرغاندىلا، ئاددىي مەسىلىلەرگىمۇ ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بېغىشلىغىلى بولىدۇ.
  كالتەك توپ ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەردىن بىلانچ، لىچ بىلەن سىتەن. مىيوجيار مۇنداق دەيدۇ:
  مەن دائىم توپنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتىمەن، مەن ئەڭ ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە توپنى ياخشى كۆرىمەن، پەقەت توپنى ئۇرالىساملا كۆڭلۈم جايىغا چۈشىدۇ.
  ئوخشاشلا قىيىنچىلىق مۈشكۈللەر ئالدىدا باش ئەگمەي، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقاندىلا، مەسىلىلەرنىڭ ساپىقىدىن تۇتۇپ، ئېسىل نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.
  مەن دائىم رەھمەتلىك دوستۇم R. P رادىنجانى ئەسلەپ تۇرىمەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر مېنىڭ كىتابلىرىمنى تارقىتىپ بەرگەن ئىدى. بەزىلەر ئۇنى نيۇيورك بويىچە ئەڭ ئىقتىدارلىق كارخانىچىلارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈپتۇ. ئۇ راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى.
  بىر كۈنى، ئۇنىڭ خانىمى ماڭا تېلېفون بېرىپ:
  — دىك  سىز بىلەن پاراڭلاشسام دەيدۇ، ئۇ سىزنىڭ ئاكتىپ تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى دېگەن كىتابىڭىزنى تارقىتىپ بەرگەن، ئېسىڭىزدىمۇ؟ مۇمكىن بولسا ئۇنىڭغا ئىلھام بولىدىغان گەپلەرنى قىلىپ قويسىڭىز،— دېدى.
  مەن ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ مۇنداق دېدىم:
  — يا شىجا ئەپەندى، ياخشىمۇ سىز! مەن سىزنى ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىدىغان مەشھۇر شەخسلەر قاتارىغا تىزدىم، ئەڭ مۇھىمى، سىزنى ئىلاھ ياخشى كۆرىدۇ، ئىلاھ سىزنىڭ تەۋرەنمەس ئىشەنچ بىلەن قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان ئادەم ئىكەنلىگىڭىزنى چۈشىنىدۇ. ئىلگىرى سىز سانسىز قىيىنچىلىقلار ئىچىدىن ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، بۇ قېتىممۇ چوقۇم شۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز،— دېدىم.
  بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئۇ ماڭا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئىلھام بېرىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى، بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئالدىدا تولىمۇ پەس، ئەمما ئېنىق ئاۋازدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان سۆزلەرنى  قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. مانا بۇ يەردە مەن ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىنىڭ چوقۇم بۈيۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىم.
  جورجى. ھارس چىكاكو شتاتى بەياس پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى، بۇ كوماندىنىڭ يەڭگەن قېتىم سانى رىۋايەتلەردىكى ياروڭسۇ، سىتاگوب پۇتبول كوماندىسىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن، بۇ كوماندىنىڭ تىرېنېرى جورجى ھارىس  مەغلۇبىيەتنى تەن ئالمايدىغان كىشىلەرلا  ھۇزۇرلىنىپ ئۇخلايدۇ دېگەن ھېكىمەتلىك سۆزنى  ئەينەك رامكىغا ئېلىپ ئىشخانىسىغا ئېسىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگىمۇ مۇشۇنداق ھېكمەتلىك سۆزلەر ئېسىپ قويۇلغان ئىدى.
  بۇ قالتىس ياخشى ئۇسۇل. غالىبىيەتچىلەر ھەمىشە سەگەك تۇرۇشى كېرەك دېگەن سۆزدە  ھەر خىل يوللار بىلەن ھەر خىل نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دېگەن ھېكمەت چاقناپ تۇرىدۇ. ھەرقانداق ئادەم بۇ ئىككى ھېكمەت بويىچە ئاكتىپ تەپەككۇر قىلسىلا چوقۇم ئوڭۇشسىزلىقنى ئوڭۇشلۇققا ئايلاندۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
  ئەكسىچە، پاسسىپ ئىدىيىدىكى كىشىلەر دائىم خەتەرلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئۇلار  ئىدىيىدە پاسسىپ بولغاچقا،  مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىشلار ۋە  ئەتراپىدىكى دۇنيامۇ پاسسىپ تۇيۇلىدۇ. خۇددى ياخشى نىيەت نۇرلۇق بىر سەھەرگە ئوخشايدۇ دېگەندەك.
  ئوخشاش ئىدىيە ئۆزئارا قوبۇل قىلىنىدۇ. پاسسىپ خىيال پاسسىپ نەتىجىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇ پسىخولوگىيىنىڭ،  شۇنداقلا سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى.
Posted: 2008-08-26 15:44 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ياشلار سەمىگە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !

   
Total 0.070968(s) query 3, Time now is:09-14 22:05, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation