ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تىگىشلىك ئۈچ مەسىلە بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تىگىشلىك ئۈچ مەسىلە تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 48ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 25
يوللىغان تېما : 5239
شۆھرىتى: 5630 نومۇر
تەڭگىسى : 5641 تەڭگە
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-14

 ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تىگىشلىك ئۈچ مەسىلە


نىجات كېرەم
(ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

  ماتېماتىكا دەرسلىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا  يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدىغان ئاساسلىق پەن. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى ماتېماتىكىلىق نەزەرىيەلەرنى  ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلەشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ تەبىئىي پەن ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلاردا ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈپ، ماتېماتىكا دەرسلىكى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھازىرقى زامان ماتېماتىكا كۆزقارىشىنى تۇرغۇزۇشقا ۋە ماتېماتىكىنىڭ ھەرقايسى پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇشقا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەشتىن ئىبارەت. ئۇنداق بولسا قانداق قىلغاندا بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ؟
  بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
  1. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، دەرسنىڭ جانلىق، جەلپ قىلارلىق بۆلۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ماتېماتىكا ئابستراكتلىقى كۈچلۈك پەن. بۇ دەرستە سۆزلىنىدىغىنى ئۇقۇم ۋە ئابستراكت نەرسىلەرنى ھېسابلاش ۋە ئۆلچەش مەۋھۇم نەرسىلەرنى قەغەز ۋە دوسكىغا  سىزىپ چىقىش بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلاردا ناھايىتى ئاسانلا >چۈشەنگىلى بولمايدىغان< دەك تەسىراتلارنى پەيدا قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىيىۋى دەرسلەرگە قىزىقماسلىق پىسخىكىسى قوشۇلۇپ، ماتېماتىكا دەرسىدە ھەدېگەندىلا بىرخىل قاتماللىق، بۇرۇقتۇرمىلىق شەكىللىنىپ قالىدۇ. ناۋادا دەرس ئوقۇتقۇچىسىمۇ >بۇ دەرسنى ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان باشقا دەرسلەرگە ئوخشىمايدىغان ئابستراكت دەرس< دەپ قاراپ دەرسخانىدا سۇس كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ قويماسلىققا تىرىشماستىن، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئىزدەنمەستىن >ھازىر چۈشەنمىسە، كېيىن چۈشىنىۋالار< دەپ پەرۋاسىز ئۆلۈك،  مېخانىك ھالدا دەرس سۆزلەۋەرسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىلا ئانچە يۇقىرى بولمىغان قىزىقىشى تۆۋەنلەپ دەرس ئۆنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى دەرسنى ئۈلۈك ھالدا ئۆتمەستىن ئەمەلىيەتچىل بولۇش كېرەك. مەسىلەن. >نۇقتىدىن تۈز سىزىققىچە بولغان ئارىلىق< تەكشىلىكنى ئانالىتىك گېئومېتىرىيىدىكى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىش تەس بولغان ئوقۇملارنىڭ بىرى. بۇ مەزمۇننى سۆزلىگەندە تەنتەربىيە دەرسىدىكى يىراققا سەكرەش نەتىجىنى ھېسابلاشنى  مىسال قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىۋېلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.
  2. ماتېماتىكا ئىدىيىسىنى ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى تەبىئىي پەن ساپاسىغا ئىگە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەشنى نىشانلاش. تولۇقسىز 1 - يىللىقتىكى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مەقسىتى ئېنىق ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەۋرىشىمچانلىقى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، داۋاملىق ئىجابىي تەربىيە بېرىش، ماتېماتىكىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قوللىنىشنى ھە قانداق بىر پەننىڭ ماتېماتىكىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش لازىم.
  ماتېماتىكىدىن ئىدىيە ۋە ئۇسۇل ماتېماتىكا ئىلىمنىڭ ئاساسى  تەركىبىي قىسمى ھەم جېنى. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىش بىلەن بىللە، يەنە ماتېماتىكىلىق ئىدىيە ۋە ئۇسۇل تەربىيىسى بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭدا داۋاملىق قوللىنىلىدىغان، ئەمما دەرسلىكتە ئايرىم پاراگراف قىلىپ مەخسۇس سۆزلەنمەيدىغان ئىسپاتلانغان يەكۈنلەرنى ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئىدىيە ۋە ئۇسۇللىرىنى دەل ۋاقتىدا  مۇۋاپىق سۆزلەپ بېرىش كېرەك. بۇنداق قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقا، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە پايدىلىق.
  3. بىلىم بېرىش ۋە بىلىمنىڭ ئىچكى باغلىنىشى ئارقىلىق ئىزدىنىشكە يېتەكلەش. يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ماتېماتىكا دەرس ئوقۇغۇچىلار بىلىم بېرىشنىڭ مەقسەت قىلغان دەرس بولماستىن بەلكى بىلىمنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان بازا. دەرسلىكتىكى كونا - يېڭى بىلىملەرنىڭ زىچ باغلىنىشى بار. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى ئويلىنىشقا، قىياس قىلىشقا ۋە  ئىزلىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. مەسىلەن،  >تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تەپمۇ تەڭلىكىگە ھۆكۈم قىلىش< نى ئوقۇتقاندا، >يانتۇ تەرەپ تىك بۇلۇڭنىڭ قارىشىدىكى تەرەپ< ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تېئورېمنى  بىرىشتىن بۇرۇن. ئالدى بىلەن خالىغان ئۈچبۇلۇڭنىڭ تەپمۇ تەڭلىكىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلىنى تەكرارلاش لازىم. ئاندىن ئوقۇغۇچىلاردىن >ئىككى ئۈچبۇلۇڭدا ئىككى تەرىپى ۋە ئۇلار ئىچىدىكى بىر تەرەپنىڭ قارشىدىكى ماس بۇلۇڭلىرى ئۆز ئارا تەڭ ئىكەنلىكى بىرىلگەن بولسا، بۇ ئىككى ئۈچبۇلۇڭنىڭ تەپمۇ  تەڭ بولۇشنىڭ ناتايىن< ئىكەنلىكىنى مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا >تەرەپ - تەرەپ بۇلۇڭ< نىڭ تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭدا قانداق بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلىشقا يېتەكلەش لازىم. مۇشۇنداق ئىلھام بەرگەندە ئوقۇغۇچىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزلىنىپ >يانتۇ تەرەپ تىك تەرەپ< تېئورېمىغا  ئىرىشەلەيدۇ.
awazlik
Posted: 2008-08-26 13:40 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ماقالىلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !

   
Total 0.069012(s) query 3, Time now is:09-14 22:05, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation