ئۇيغۇر خەلق - ماقال تەمسىللىرى (8-26) بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئۇيغۇر خەلق - ماقال تەمسىللىرى (8-26) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 72ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 25
يوللىغان تېما : 5239
شۆھرىتى: 5630 نومۇر
تەڭگىسى : 5641 تەڭگە
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-14

 ئۇيغۇر خەلق - ماقال تەمسىللىرى (8-26)


تاماق بېرىپ تامىقىدىن ئېلىپتۇ.

تاش ئاتقانغا قاش ئات.

تويغا بارساڭ تويۇپ بار،
تاۋار - دۇردۇن كىيىپ بار.

تويغان يەرگە توققۇز تازىم.

تۆگە كۆردىڭىزمۇ؟ ياق.

چاقىرغان مېھمان بالايى مېھمان.
چاقىرمىغان مېمان، خۇدايى مېھمان.

چىللىغاننىڭ ئېتى ئۇلۇغ،

چىللىغان يەردىن قالما،
چىللىمىغان يەرگە بارما.

چىراي كۆرۈپ ھال سورا.

سالامچى بولساڭ تۆرگە ئۆت.

سوراپ بەرگىچە ئۇرۇپ بەر.

سەن كەلسەڭ نېمە ئېلىپ كېلىسەن؟
مەن بارسام نېمە ئېتىپ بېرىسەن؟

سەللىسى چوڭ ئىمان يوق،
داستىخىنى چوڭ بىر نان (يوق).

سېرىق تالدا كەلگەن مېھمان،
توغرى كىرگەندىنمۇ يامان.

قولى ئوچۇقنىڭ يۈزى ئوچۇق.

قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرەر.

غېرىبنىڭ ھالىغا غېرىب يېتەر،
بېخىل كىشى قارىماي كېتەر.

كۆرپە سېلىشى - ھۆرمەت،
داستىخان سېلىشى ھىممەت.

>كەل< — دېمەك بار، >كەت< — دېمەك يوق.

كەڭ بولساڭ كەم بولمايسەن.

كېلىشى مېھماننىڭ ئۆزىدىن،
كېتىشى — ئۆي ئىگىسىدىن.

كىشىنىڭ ئۆيىگە كىشى كېلەر،
تەڭ كۆرمىسەڭ كىم كېلەر.

كىيىمىڭگە قاراپ قارشى ئالىدۇ.
ئەقلىڭگە قاراپ ئۇزىتىدۇ.

مېھماننى باققىچە، ئۇلىقىنى[ZW)]ئۇلاق — ئات، ئېشەك[ZW(]باق.

مېھماننىڭ كېتىشىنى سورىماي، كېلىشىنى سورا.

مېھمان ئاتاڭدىن ئۇلۇغ.

مېھمان بار چاغدا مۈشۈكۈڭنى >پەش< دېمە.

مېھمان كەلسە بەخت كېلىدۇ.

مېھماننىڭ مەستلىكى كەيىپ،
ساھىبخاننىڭ مەستلىكى ئەيىب.

مىلاپ يېگەندىن قۇرق.

مېھماننىڭ ئىززىتى قىلدىن ئىنچىكە.

مېھمان ئۆز رىسقى بىلەن كېلىدۇ.

مېھمان سوراپ يېمەيدۇ.

مېنىڭ مەرتلىكىمنى، خەقنىڭ داستىخىنىدا كۆر.

ھەشقىپېچەكنى تېرىمىسىمۇ ئۈنىدۇ،
كۆڭلى يېقىن دوستلارنى چىللىسىمۇ كېلىدۇ.

ئۇياتلىق مېھمان كەلگەندە ئۆيدە نان تۈگەپتۇ.

ئۆز نەپسىدىن كەچمىگىچە، كىشىنى خوش قىلغىلى بولماس.

ئۆينىڭ تۆرىگە قارىماي،
ساھىبخاننىڭ چىرايىغا قارا.

ئۆيۈڭدە نېمە بولسا، مېھمىنىڭغا شۇنى قوي.

ئۆيۈڭ تار بولسىمۇ،
كۆڭلۈڭ كەڭ بولسۇن.

ئۆزى كەلسە كەلسۇن،
بۆز خالتا كەلمىسۇن.
ulinix.com
Posted: 2008-08-26 13:20 | [ئاپتور]
ubul

دەرىجىسى : ئەتىۋارلىق ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 432
شۆھرىتى: 432 نومۇر
تەڭگىسى : 110 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-14

 


رەخمەت سىزگە ، ياخشى يوللانمىكەن .
awazlik
Posted: 2008-08-26 14:36 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ماقال-تەمسىل


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !

   
Total 0.072468(s) query 4, Time now is:09-14 22:04, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation