مىڭ بىر كېچە (  113-كېچە) بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : مىڭ بىر كېچە (  113-كېچە) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 83ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 25
يوللىغان تېما : 5239
شۆھرىتى: 5630 نومۇر
تەڭگىسى : 5641 تەڭگە
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-14

 مىڭ بىر كېچە (  113-كېچە)



- ئەي بەختلىك شاھ، - دەپ داۋام قىپتۇ شەھرىزاد ھېكايىسىنى، - «قولياغلىقنىڭ قەيەردىن چۈشكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن يۇقىرىغا قارىدىم. كۆزۈم كېيىكنىڭ ئىگىسىنىڭ - رەسىمنى سىزغۇچىنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ قىز پەرەنجە بىلەن دېرىزىدىن قاراپ تۇراتتى. كۆزۈم ئۇنىڭدىن چىرايلىق ۋە گۈزەلرەك ئايالنى تېخى كۆرمىگەنىدى. قىسقىسى ئۇ، شۇنداق كۆركەم ئىدىكى، ئۇنى ماختاشقا، تەرىپلەشكە تىلىم ئاجىز، مېنىڭ قارىغىنىمنى كۆرۈپ، بارمىقىنى ئاغزىغا ئېلىپ، لېۋىگە تەگكۈزدى. كېيىن ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى بىر - بىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆكرىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويدى. بېشىنى دېرىزىدىن ئىچىكىرى ئېلىپ، دېرىزىنى يۈزۈمگە ياپتى. ئۆزى غايىب بولدى. نەزەرىمدە ئۇنىڭ ئايدەك جامالى قالدى. دىلىم كۆيۈۋاتقاندەك بولدى. ئۇ، شۇ بىر قاراشتا ئەقلىمنى ئوغرىلاپ، ئۆزۈمنى گاڭگىرىتىپ قويدى. نېمە قىلىشىمنى بىلمەيتتىم. قىلغان ئىشارەتلىرىنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ چۈشىنەلمەيتتىم ئىككىنچى قېتىم دېرىزىگە قارىدىم. ئۇ، يېپىقلىق ئىدى. كۈن پاتقۇچە شۇ يەردە كۈتۈپ تۇردۇم. ئۇنى يەنە بىر كۆرۈشكە تەشنا ئىدىم. ئەمما ئادەم ئەمەس، شىرىققىدە قىلغان ئاۋازمۇ بولمىدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىدىم. ھېچ نەرسە كۆرۈنمىگەندىن كېيىن، قولياغلىقنى ئېچىپ قارىدىم. ئۇنىڭدىن ئەتىر پۇرىقى گۈپۈلدەپ چىقىپ تۇراتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى شادلىق قاپلاپ، ئۆزۈمنى جەننەتتىكى ھۆرلەردىن بىرى بىلەن ئۇچراشقاندەك ھېس قىلدىم. كېيىن قولياغلىقنى ياپتىم. ئارىسىدىن ناھايىتى نېپىز بىر قەغەز يەرگە چۈشتى. قەغەزنى ئاچقانىدىم، ئۇنىڭدىن كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلىغۇچى ئاللىقاندقتۇر بىر يېقىملىق چۇراق چېچىلدى، ئۇنىڭغا قارىسام، تۆۋەندىكى شېئىرلار يېزىلغانىكەن:
چاچلىرىڭغا ئېسىلغان يۈزلەرچە دىلرىبالىق،
ئەقىلىمنى ئورىدى يۈزمىڭچە مۇپتىلالىق.
مەن ئىستىمەيمەن ساڭا دىلدىن غۇلام بولۇشنى،
يەتكۈزمىسۇن خۇدايىم بىزلەرگە ھېچ جۇدالىق.

جانىمغا خەت يېزىپ ئىشقىمنى بايان قىلدىم،
كۆڭلۈمدە نازۇك بۇ خەتنى ئەرمۇغان قىلدىم.
بۇ خەتنىڭ ئېلىپىنى نازۇك دېمىگىن ياردىم،
نازۇك جەسەت ئەھدىنى مەن ئۇندا ناھان قىلدىم.
ئاشىق كىشىنىڭ قەددى ئاجىز _  نازۇك بولۇر دەپ،
كۆپ ئاڭلىغان بۇ خەتتە مەن شۇنى نىشان قىلدىم.
شېئىرنى ئوقۇپ بولۇپ قولياغلىقنى قىزىقىپ كۆرۈدۈم. ئۇنىڭ يەنە بىر چېتىگە شۇ شېئىرلار يېزىلغانىكە:
يۈزىڭ قىبلە مەن ئۇچۈن دىلىم ساڭا مۇشتاقتۇر،
سەن بولمىساڭ بۇ جاھان مېنىڭ ئۈچۈن دوزاختۇر.
مېھرىم بىلەن جېنىمنى بېرەي ساڭا ئەي دىلدار،
ئىشەنمسەڭ يېرىپ كۆر، يۈرۈكۈم ئېرىپ ئاقار.

ئۇ كاتىپ يېزىپتۇ ئاجايىپ بىر خەت،
كاتىپلار ئارا نەقەدەر خۇشخەت.
رەيھان سۈيى بىلەن يازغان يۈزىگە،
ئىككى مىسرانى نازۇك تەبىئەت.
كۈن كۆرسە ھۆسنىنى ئۇيۇتۇپ قالار،
شەكلى ئوخشايدۇ سەرۋىگە پەقەت.
ياغلىقنىڭ ئىككىنچى يۈزىگە مانا بۇ شېئىرلار يېزىلغانىكە:
ئىشقى ئوتى يۈرەككە ياقتى بىر گۈلخان،
دىلدارىڭغا قانمىسام چىقمايدۇ بۇ جان.
خۇشبۇي ئەتىر بىلەن يازغان شېئىردا مۇنداق دەپتۇ:
بۇندا مەن كۆردۈممەن ئاجايىپ ئەھۋال،
ئالمىنىڭ كىنىدىكىدەك ياراشقان ئاڭا.
يۈزىگە ئورناشقان ئۇنىڭ زىنىقى،
مەڭزىگە تېرىقتەك قونغان ئىككى خالى.

مېنى ئۆلتۈرمەكچى مەستانە كۆزى،
كېيىكتەك يىراقتىن قىيا بىر قاراپ.
مەيمۇ مېنى بۇنداق مەست قىلمىغان،
زاڭىقىدىن مەستمەن، ئىچمەستىن شاراب.
قولياغلىققا يېزىلغان شېئىرلارنى ئوقۇپ، دىلىمدا يالقۇندەك چوغ پەيدا بولدى. مېھرىم ئاشتى، ھېرىسلىقىم كۈچەيدى. قولياغلىق بىلەن خەتنى ئېلىپ ئۆيۈمگە ياندىم. ئۇنى كۆردۈم. لېكىن ئۇنىڭغا يېتىشىش ئۈچۈن قانداق چارە - ئاماللارنى قىلىشنى بىلمەيتتىم. شۇ ئوي بىلەن يېرىم كېچىدە ئاران ئۆيگە كىردىم. تاغامنىڭ قىزى يىغلاپ ئولتۇرغانىكەن. مېنى كۆرۈپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، سالام بەردى. كىيىممىنى يېشىۋېتىپ، كېچىكىپ كېلىشىمنىڭ سەۋەبىنى سورىدى. «ساراي كىشىلىرى، سودىگەرلەر ۋە باشقىلار يىغىلدى. قازى ۋە گۇۋاھلار كەلدى، تاماق يېدى. ئۇزاق سۆزلىشىپ نىكاھ قىلىش ئۈچۈن سېنى كۈتۈپ ئولتۇردى. سېنىڭ كېلىشىڭدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەندىن كېيىن تارقالدى. ئاتاڭ بۇ ئىشقا ناھايىتى ئۆكۈندى. يەنە بىر يىل ئۆتمىگۈچە نىكاھ قىلدۇرمايمەن دەپ قەسەم ئىچتى. ئويلاپ كۆر! ئاتاڭ بۇ توينىڭ زىياپىتى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ دۇنياسىنى چىقىم قىلغان ئەمەسمىدى؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭ؟ شۇ ۋاقىتقىچە نېمىشقا يېتىپ كەلمىدىڭ؟ نەلەردە يۈردۈڭ؟ نېمىشقا كېچىكتىڭ؟ _ دېدى. مەندىن ئۆتكەن ئىشنى سەن سورىما؟ ئەي تاغامنىڭ قىزى ئەزىزە! دېدىم. كېيىن ئۇنىڭغا قالياغلىق ۋەقەسىنى ئېيتىپ بەردىم. ئەزىزە قولياغلىق بىلەن خەتنى ئېلىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغان شېئىرىي پارچىلارنى ئوقۇپ كۆردى، كۆزىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مۇنچاقتەك توختىماي ياش ئاقتى. ئۆزىنى ئۇنتۇپ بۇ شېئىرنى ئوقۇدى:
سەنەملەرگە سالساڭ مۇبادا نەزەر،
سېنى يىغلىتىپ ئۇ يۈرەر بىخەۋەر.
ئاۋۋال ناز بىلەن ئەسىر قىلىدۇ،
كېيىن جاپا سېلىپ پېقىر قىلىدۇ.

كىم دېسە ئىشقى ئاۋۋالدا ئىختىيار ساڭا،
ئېيتقىن: «ئىختىيارلىق يوق ئىشقىدا» دەپ ئاڭا.
ھەممە زولۇق ئىشقىدا، ئەمما يوق شەرمەندىلىك،
بۇ ھەقىقەتتۇر ئۇنى تەستىقلىغان ئالەم يانا.

ئىشقىدىن جاپا يەتسە تىنىڭغا سەنمۇ ئويلىغىن،
ئېيتىسەن قىيناق ئەمەس بۇ زۇلۇم ئارام ماڭا.
بۇ يۈرەك دەردىمۇ ياكى يارىمنىڭ ئۇرغىنىمۇ؟
يا قىساسمۇ، ياكى بەختىم، نەپىسى قوزغالغانمۇ يا؟

نە بالادۇر بېشىمغا، نە داۋادۇر دىلىمغا؟
مەن بۇلارنى ئويلىماي بولدى ئەقلىممۇ غۇۋا.
بىل مۇھەببەت دەۋرى، بايرام بولۇر ھەر كىشىگە،
گۈزەل يۈزلەر ياشناپ كۈلۈپ دېيىشەر كۆرگىن مانا.
ھەممە پەسكەشلىك كىردىن ئىشقا بىزنى پاكلىدى،
بەس كىشىلەر قەلبىدىن سۆيگىنى قىلدى ئادا.
ئۇ شېئىرنى ئوقۇپ بولۇپ ماڭا: «ئۇ، ساڭا قانداق ئىشارىلەرنى قىلدى؟»دەپ سورىدى تاغامنىڭ قىزى ئەزىزە. «ئۇ ماڭا سۆز قىلمىدى. پەقەت بارماقلىرىنى لېۋىگە تەگكۈزدى. كېيىن ئوتتۇرا بارمىقىنى، كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا جۈپلەشتۈردى. يەرگە ئىشارەت قىلىپ، بارماقلىرىنى كۆكسىگە باستى. بېشىنى ئىچكىرى ئېلىپ دېرىزىنى ياپتى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنى كۆرمىدىم. لېكىن ئۇ ئۆزى بىلەن مېنىڭ يۈرىكىمنى بىللە ئېلىپ كەتتى. كۈن پاتقۇچە مەن شۇ يەردىن قىمىرلىماي، ئۇنى يەنە بىر قېتىم دېرىزىدىن كۆرۈشنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم. كۈن پاتقاندا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى. مانا مېنىڭ كۆرگىنىم. ۋاقىتىدا كېلەلمەسلكىمنىڭ سەۋەبى. مەن سەندىن بۇ ئىشىمغا كۆمەك سورايمەن» دېدىم. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا تەلمۈرۈپ قارىدى. «ئەي تاغامنىڭ ئوغلى، - دېدى ئۇ، _ ئەگەر سەن ماڭا كۆزۈڭنى ئويۇپ بەر دېسەڭمۇ، مەن سېنىڭ دېگىنىڭنى قىلىپ بېرىمەن. ھەر قانداق ئىشىڭغا كومەكلىشىمەن. ئۇنىڭمۇ مەقسىتىگە يېتىشى ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرىمەن. ئەمما شەرتىم شۇكى، سەن مېنى تالىمايسەن» دېدى. مەن رازى بولدۇم. ئۇ يەنە: «ئۇمۇ ساڭا كۆيۈپ قاپتۇ. سەنمۇ ئۆزۈڭنى بېرىپ قويۇپسەن» دېدى ئەزىزە. «ئۇنىڭ ئىشارەتلىرىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟» دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ. «بارماقلىرىنى لېۋىگە تەگكۈزگىنى _ سېنى مەن سۆيدۈم ۋە ياخشى كۆرۈپ كۆيۈپ قالدىم دېگىنى، ساڭا يېتىشىشنى ئىشارەت قىلغىنى. قولياغلىق ئاشىقلارنىڭ مەشۇقلارغا، شۇنداقلا، مەشۇقلارنىڭمۇ ئۆز ئاشىقلىرىغا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەۋەتىدىغان تىلى ئەلچىسى ۋ يۈرەك سالىمىنى بەلگىسى. قەغەز ئۇنىڭ جېنى تەرىپىدىن ساڭا بېغىشلانغان ئىشارەت. ئىككى بارمىقىنى كۆكسىگە قويغىنى _ ئىككى كۈندىن كېيىن شۇ يەرگە كەل! سېنىڭ كېلىشىڭ بىلەن دىلىمدىن غەم كۆتۈرۈلسۇن دېگىنى. ئەي تاغامنىڭ ئوغلى بىلىپ قوي! ئۇ، ساڭا تامامەن كۆيۈپ قالغان. سېنىڭ ئىشقى _ ئوتۇڭ ئۇنى كۆيدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىشارەتلىرى توغرىسىدا مېنىڭ پىكرىم شۇ. مېنىڭ ئۆيدىن سىرتقا چىقىشىم مۇمكىن بولسىدى، سىزلەرنى ناھايىتى تېزلا بىر - بىرڭىزلارغا قوشۇپ قوياتتىم...» دېدى ئەزىزە. تاغامنىڭ قىزىنىڭ ئىشارەتلەرگە بەرگەن تەبىرىنى ئاڭلاپ، سۆزلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈردۈم. ئۆزۈمگە - ئۆزۈم: «ئىككى كۈن كۈتىمەن» دېدىم. تاغامنىڭ قىزى ئەزىزەنىڭ قېشىدا گاھ ئۇنىڭ تىزىغا، گاھى ياستۇققا بېشىمنى قويۇپ، ئىككى كۈننى ئويغاق، تەسلىكتە ئۆتكۈزدۈم. كۆڭلۈم تاماققىمۇ تارتمىدى. شىرنىلىكلەردىن قىلىنغان ئىچىملىكلەرمۇ تىلىمغا تېتىمىدى. ئۇ مېنى روھلاندۇرۇپ: «ئۆزۈڭنى دادىل تۇت! غەيرەتلىك بول! ئەقلىڭنى چاشما! ھوشىڭنى يىغ، بوشاشما!» دەيتتى.
قىسسە شۇ يەرگە يەتكەندە تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى.
Posted: 2008-08-26 13:19 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » مىڭ بىر كېچە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !

   
Total 0.075329(s) query 3, Time now is:09-14 22:04, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation