سورۇنداق ئولتۇرۇش ۋە سورۇننىڭ ئەدەپ قائىدىسى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : سورۇنداق ئولتۇرۇش ۋە سورۇننىڭ ئەدەپ قائىدىسى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 68ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 25
يوللىغان تېما : 5239
شۆھرىتى: 5630 نومۇر
تەڭگىسى : 5641 تەڭگە
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-14

 سورۇنداق ئولتۇرۇش ۋە سورۇننىڭ ئەدەپ قائىدىسى


مۇسۇلماننىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئولتۇرۇش ۋە سورۇن ئەدەپ - ئەخلاقلىرىغىچە پۈتكۈل ھاياتلىق ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام كۆرسەتمىسىگە بويسۇنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئولتۇرۇش ۋە سورۇن ئىشلىرىدا ئەدەپ - قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ.
1 - ئولتۇرماقچى بولسا ئاۋۋال سورۇن ئەھلىگە سالام قىلىدۇ. ئاندىن سورۇننىڭ ئاخرىسىغا بېرىپ ئولتۇرىدۇ. ئولتۇرۇش ئۈچۈن بىرەرسىنى قوپۇرمايدۇ. رۇخسەتسىز ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر ئادەمنى قوپۇرىۋېتىپ ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمىسۇن. لېكىن ئورۇن بوشىتىپ بېرىڭلار. ياكى كېڭەيتىپ بېرىڭلار.<(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر بىرەرسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورنىدىن قوپۇپ بەرسە، ئۇ يەردە ئولتۇرمايتتى. جابىر ئىبنى سۇمرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلسەك بىزنىڭ ئولتۇرغان جايىمىز سورۇننىڭ ئەڭ ئاخىرسى بولاتتى.<(ئەبۇ داۋۇد. تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >رۇخسەتسىز ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىۋېتىش توغرا ئەمەس.<(ئەبۇ داۋۇد تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ) 
2 - بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ قايتىپ كەلگەن بولسا شۇ يەردە ئولتۇرۇشقا ئەڭ لايىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:  >سىلەردىن بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ قايتىپ كەلسە، ئۇ ئاشۇ يەردە ئولتۇرۇشقا ھەقلىق.<(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ) 
3 - سورۇننىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرىۋالماسلىق. ھۇزەيفە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سورۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان ئادەمگە لەنەت قىلغان، دېگەن.(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ) 
4 - سورۇندا ئولتۇرغاندا تۆۋەندىكى ئەدەپ - قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك، سورۇندا سالاپەتلىك، تەمكىن ئولتۇرۇش، بارماقلىرىنى كىرىشتۈرمەسلىك، ساقال ياكى ئۈزۈگىنى ئوينىماسلىق، چىشىنى كولىماسلىق، قولىنى بۇرنىغا تىقماسلىق، تۈكۈرۈش، سىماق قېقىش، چۈشكۈرۈش، ئەسنەشنى كۆپ قىلماسلىق كېرەك، سورۇنداق ھەرىكەت ئاز، تىنچ، سۆزلەر رەتلىك بولۇشى، سۆزلىسە دۇرۇس سۆزلىشى، جىق گەپ قىلماسلىقى، ئۆزىنى كۆرسىتىش، ھەزىلكەشلىكتىن ساقلىنىش، ئائىلىسى، بالىلىرى ياكى زاۋۇتى ياكى ماددىي مەنىۋى نەتىجىلىرىگە قىزىقىپ سۆزلىمەسلىكى، ئەگەر باشقىلار سۆزلىسە ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ئاڭلاش، سۆزىنى بۆلىۋەتمەسلىك ياكى قايتا سۆزلەشنى تەلەپ قىلماسلىق، بۇ سۆزلىگۈچىنى ئوسال قىلىپ قويىدۇ. مۇسۇلمان بۇلارغا ئىككى ئىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدۇ. بىرى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئەخلاقى ياكى ئىش - ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن قىلىدۇ. مۇسۇلمانغا ئەزىيەت بېرىش ھارام. >مۇسۇلمانلار تىلى ۋە قولىدىن سالامەت قىلغان كىشى مۇسۇلماندۇر.< 
ئىككىنچى، دوستلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ئارىلىشىپ ئۆتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىدۇ. قانۇننى يولغا قويغۇچى ئاللاھ مۇسۇلمانلار ئارا دوست بولۇش، بىرگە ئۆتۈشكە بۇيرۇغان ۋە قىزىقتۇرغان.
5 - مۇسۇلمان كىشى يوللاردا ئولتۇرماقچى بولسا تۆۋەندىكى ئەدەپ - قائىدىلەرگە رىئايە قىلىدۇ.
1( يولدىن ئۆتكەن ياكى .ئىشىگىدە ياكى بالكوندا تۇرغان ياكى بىرەر ئىش ئۈچۈن دېرىزىسىنى ئېچىۋالغان ئاياللارغا قارىمايدۇ. شۇنىڭدەك بىرەر ئادەمگە ھەسەت قىلىپ يامان كۆز بىلەن قارىمايدۇ.
2( تىلى ئارقىلىق تىللاپ ياكى ئەيىبلەپ، قولى ئارقىلىق ئۇرۇپ ياكى نەرسە كېرەك ئوغۇرىلاپ ۋە ياكى يول توسۇش ۋە ياكى نەرسە كېرەك بۇلاپ بىرەرسىگە زىيان سالمايدۇ.
3( يولدىن ئۆتكەنلەردىن سالام قىلغان ھەربىر كىشىگە سالام قايتۇرۇش لازىم. چۈنكى سالام قايتۇرۇش ۋاجىپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئەگەر بىرى سالام قىلسا ئۇنىڭدىن چىرايلىق قىلىڭلار ياكى قايتۇرۇڭلار<.
4( بىرەر ياخىش ئىش تەرك ئېتىلسە ياكى سەل قارالسا ئۇنى قىلىشقا بۇيرۇش لازىم. چۈنكى ياخشىلىقنىڭ تەرك ئېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرغان بۇنداق كىشىنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇش جاۋابكارلىقى بار. ياخشىلىققا بۇيرۇش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز. مەسىلەن: نامازغا ئەزان ئوقۇلغان بولسا سورۇن ئەھلىدىن تۇرمىغانلار بولسا ئۇلارنى نامازغا بېرىشقا بۇيرۇش كېرەك، يەنە بىر مىسال ئاچ ياكى يالىڭاچ ئۆتكەن بولسا ئۇنىڭدىن چامىنىڭ يېتىشىچە تاماق ياكى كىيىم بېرىشى، ئەگەر ئۆزى قىلالمىسا باشقىلارنى بۇيرۇشى كېرەك.
5( كۆز ئالدىدىدا يامان ئىش سادىر بولسا توسۇشى لازىم. خاتالىقنى ئۆزگەرتىش ياخشى ئىشقا بۇيرۇشقا ئوخشاشلا مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سىلەردىن كىم بىر مۇنكەرنى كۆرسە ئۆزگەرتسۇن< مىسال: كۆز ئالدىدا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئۇرغان ياكى ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلىۋالغان بولسا، بۇنداق ھالنى چامىسىنىڭ يېتىشىچە ئۆزگەرتىپ زۇلۇم ۋە دۈشمەنلىككە قارشى تۇرۇش لازىم.
6( يول سورىغانغا يول كۆرسىتىپ قويۇش ياكى ئىزدىگەن ئادىمىنى ياكى ئۆينى ئېيتىپ بېرىش لازىم، بۇنىڭ ھەممىسى ئۆينىڭ، دۇكاننىڭ ياكى باغچىلارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشنىڭ ئەدەپ - قائىدىسى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >يولدا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئۇلار: بىزگە باشقا ئامال يوق. ئۇ يەر بىزنىڭ ئولتۇرۇپ سۆزلىشىدىغان جايىمىز، دەيتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئولتۇرىدىغان ئىشىڭلار بولسا يولنىڭ ھەققىنى بېرىڭلار، دېدى. ئۇ: يولنىڭ ھەققى نېمە؟ دەيتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كۆزنى يىغىش، ئەزىيەتنى توسۇش، سالام قايتۇرۇش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش، بىر قىسىم رىۋايەتلەردە - يولدىن ئازغانلارغا يول كۆرسۈتۈش<
(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)   
ئولتۇرۇشنىڭ ئەخلاقلىرىدىن بىرى سورۇندىن قوپقاندا ئۆتكۈزۈپ سالغانى كەمچىلىكلەرگە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەش، بەلكىم ئۇ سورۇندا بىرەرسىگە ئەزىيەت يەتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرماقچى بولغاندا مۇنداق دەيتتى. >ئى ئاللاھ سېنى مەدھىيلەش بىلەن بىرگە سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن. ساڭا تۆۋبە قىلىمەن. بۇ توغرۇلۇق سورالغاندا: سورۇندا ئۆتكەن ئىشلارغا كاپالەت، دېدى.<(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. )
 
Posted: 2008-08-26 13:17 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ئىسلام دىنىدىن ساۋاتلار


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !

   
Total 0.071168(s) query 3, Time now is:09-14 22:04, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation