تۆگە بىلەن ئات BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : تۆگە بىلەن ئات تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 375ـ كۆرۈرمىنى
burkut2005

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 275
شۆھرىتى: 289 نومۇر
پۇلى: 39 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 تۆگە بىلەن ئات


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن چوققىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى (2008-08-25)
تۆگە بىلەن ئات
(مەسەل)
      بۇرۇن ھەرتۈرلۈك ھايۋانلار ئىجىل ئىناق ياشايدىكەن، بىرسىنڭ ئىشىغا بىرسى ئارلاشمايدىكەن.بارنى تەڭ يەيدىكەن،تالاشمايدىكەن،بىرسىنڭ ئەيىپىنى بىرسى ئاشمايدىكەن.ھېچبىر ھايۋان ياقا يۇرتقا قاچمايدىكەن.ئايلار ئۆتۇپتۇ يىلارئۆتۇپتۇ.ئات بىلەن تۆگە يوقىلاڭ ئىشلار تۈپەيلى مۇنازىرلىشىپ قاپتۇ.گەپنى ئاۋال تۆگە باشلاپتۇ.
سەن ئۆزەڭدىن مەغرۇرلىنىپ دەيدىكەنسەن ئات،
بۇئالەمدەھەممىمىزدىن سۆلەتلىك بىرزات،
لىكىن نەپسىڭ بېسىلمايدۇ،قىلىقلىرىڭ يات
تارقىتىسەن بەدبۇي پۇراق ئەتراپقا پات-پات،

بۇقىلىقىڭ جامائەتكەن زادىياقمايدۇ.
شۇڭاسىنى يوقلاپ ھېچكىم كېلىپ باقمايدۇ.
يەنە تېخى جاڭگالنى سورايمەن دەيسەن.
بىلىپ قويغىن بۇئارزۇيىڭ ھەرگىز ئاقمايدۇ.

خۇدا بىزنى بۇئالەمگە تەكشى تاراتقان،
ئەتىۋارلاپ نەسلىمىزنى ئازراق ياراتقان.
لەرزان قەدەم تاشلاپ ماڭساق جىمى ئادەملەر،
زوقمەنلىكتە كۆزلىرىنى بىزگە قاراتقان.

نەقىشلەنگەن تاسمىلارنى تېڭىپ مەيدەمگە.
چۇچىلىق كىمخاپ توننى يېپيپ گەۋدەمگە.
شاھزادە ھەم مەلىكىنى ئېلىپ دۇمبەمگە.
ئاتلىنىمەن سەپەر تۇتۇپ ئۇزاق مەن زىلگە.

تەئەللۇق مەن ئەزەلدىنلائوردىغا بايغا.
سەن يارالغان ئىشلەش ئۇچۇن نامرات گادايغا،
مەن ماڭمەن گۈللەر ئۇيۇپ قوم باسقان جايغا
سەن يۈرۈيسەن مىلىنىپلا پاتقاقا -لايغا.
تۆگىنڭ سۆزىگە ئاتنڭ قورسىقى تازا كۆپۈپتۇ. شۇڭا كۆڭلىگە كەلگەننى 
ئايىمايلا ئوتتۇرغا تۆكۈپتۇ.
گەپ قىلمىسام ئەزۋەيلەيسەن ھەدەپ گاس ماڭلاي.
قىلە يىنە گىپىڭ بولسا ،قىنى مەن ئاڭلاي،

بىلىپ قويغىن مىنىڭ يىمىم بېدە ۋە قوناق،
سىنىڭ يىمىڭ ئاچچىق يانتاق ،تىكەنلىك قامغاق،
[
قۇرسىقىڭغا قاچىلانغان نەچچە زەمبىل پوق ،
ھەر پۇتۇڭغا ئېسلغاندۇر بىر چارەك چۇرۇق ،

ئۇتۇن چىلار نىقتاپ تۇرۇپ ئۇتۇن ئارتىدۇ.
قىرچىقىرپ قورسىقىڭدىن تانا تارتىدۇ.

ماڭمىساڭ تىز بادىرا بىلەن سالار يوتاڭغا،
دەم ئالدۇرماي ئاپارغانچە سولار قوتانغا

يىتىلەيدۇ،تۇمشۇقىڭدىن چۇلۈك ئۆتكۈزۇپ
چىرقىرايسەن چىدالماستىن سۈزۈپ ۋە ئۈزۈپ

مۇنداق چاغدا يەيسەن يەنە ئېگەڭدىن تاياق
شۇئەلەمدە ھەممەيەرگە چىتلايسەن ماياق

بېخىللىقىڭ،كاجلىقىڭدىن سىيىپ ئارقاڭغا،
قىلچىە مىراس قالدۇرمىدىڭ بالا-چاقاڭغا.
بۇسېسىق گەپلەرنى ئاڭلاپ چىدالمىغان تۆگە ‹‹باپ››پۇرقۇنغۇنچە ئاتنى قوغلاپ كېتىپتۇ.شۇندىن بويان ئۆزى تەنھا قۇملۇقنى ماكان ئېتىپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى:ئەبەيدۇللا ھۆسەيىن.


ئۆگەت ۋە ئۆگەن
Posted: 2008-08-25 16:03 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » شېئىر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070379(s) query 3, Time now is:10-23 02:56, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation