روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 2591ـ كۆرۈرمىنى
ajimks

دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 153
شۆھرىتى: 171 نومۇر
پۇلى: 270 RMB
تۆھپە: 8 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-20

 روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_K تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-08-25)
روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار



1- بەلكى ئاي كۆرۈش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

2- رامىزان روزىسىغا تاڭ يۇرۇشتىن ئاۋۋال نىيەت قىلىش شەرتتۇر.

3- نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش شەرت ئەمەس، بەلكى دىلدا نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر.

4- نەپلى روزا ئۈچۈن شۇ كۈننىڭ پېشىن ۋاقتىگىچىلىك نىيەت قىلسىمۇ يېتەرلىكتۇر.

5- ئاز مىقداردا بىرنەرسە يېيىش بىلەنمۇ، ھەتتا بىرەر دانە نۇقۇت ياكى بىرتامچە يامغۇرنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنمۇ روزا بۇزۇلىدۇ.

6- روزا تۇتقىنى ئېسىدە يوق ھالدا بىرنەرسە يەپ، ئىچىپ قويغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

7- روزا تۇتقان كىشىنىڭ گېلىغا چىۋىن  ياكى چاڭ- توزان كىرىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

8- ئۆزىگە ئەتىر چېچىش ياكى گۈللەرنى پۇراش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

9- ئۇششاق تاش ياكى كىچىك چالما چاغلىق نەرسىلەرنى يۇتۇپ سالغان كىشىنىڭمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر كۈنلۈك قازا لازىم كېلىدۇ.

10- ھامىلدار  ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ئەگەر روزا تۇتسا ئۆزلىرىنىڭ ياكى بالىلىرىنىڭ ساقلىقىغا زىيانلىق بولۇشىدىن قورقسا روزا تۇتمايدۇ ۋە كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

11- رامىزان كۈندۈزىدە ئېھتىلام بولۇپ قالغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئۇنىڭغا غۇسۇل قىلىش پەرز بولىدۇ. شۇھامان غۇسۇل قىلسىمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

12- روزا تۇتۇش كۈنىنىڭ دۆلەت تەرەپتىن بەلگىلىنىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئاينى كۆرگەن كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى پەرزدۇر.

13- شەك كۈنىدە (يەنى كىشىلەر شەبانغا تەۋەمۇ ياكى رامىزانغىمۇ دەپ شەك قىلىپ قالىدىغان كۈن- شەباننىڭ 30- كۈنىدە) روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.

14- دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىنىڭ روزا تۇتىدىغان كۈنى شەك كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغان بولسا، بۇ كۈندە روزا تۇتۇشى مەكرۇھ سانالمايدۇ.

15- رامىزان كۈندۈزىدە ئىختىيارسىز قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئەمما قەستەن قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ.

16- رامىزان كۈندۈزىدە قان ئالدۇرغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

17- رامىزان كۈندۈزىدە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە تۆت مەزھەبنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە بۇنداق كىشىگە قازا بىلەن كاپارەت لازىم كېلىدۇ.

18- كاپارەت- بىر قۇل ئازات قىلىش، ئەگەر تاپالمىسا ئىككى ئاي ئۈزمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئاتمىش مىسكىنگە بىرۋاخ تاماق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

19- رامىزان كۈندۈزىدە يېيىش ياكى ئىچىش ئارقىلىق روزىسىنى بۇزغان كىشىگە ھەنەپىي مەزھىبى بويىچە قازا بىلەن كاپارەت لازىم كېلىدۇ.

20- ھەيز ياكى تۇغۇت سەۋەبى بىلەن رامىزان روزىسىنى تۇتالمىغان ئاياللار كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. بىراق ئوقۇيالمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدۇ.

21- ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى جائىز ئەمەس. تۇتقان تەقدىردىمۇ ھېسابلانمايدۇ.

22- رامىزان كۈندۈزىدە ھەيز كۆرگەن ياكى تۇغقان ئاياللارنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. ئۇلار كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

23- سۇھۇرلۇق يەۋاتقان ۋاقىتتا بامداتقا ئەزان ئوقۇلغان بولسا ھامان يېيشنى توختىتىپ نىيەت قىلىش كېرەك. تۇتقان روزا دۇرۇستۇر.

24- جىنابەتتىن پاك بولۇش ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شەرتتۇر. ئەمما جىنابەت بىلەن روزا تۇتۇش دۇرۇستۇر.

25- مۇساپىرلارنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت باردۇر. ئەمما تۇتقىنى ئەۋزەلدۇر.

26- روزا تۇتماسلىق ئۈچۈن سەپەر مۇساپىسىنىڭ90 كىلومېتىردىن كۆپ بولۇشى شەرتتۇر.

27- روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىنغان كېسەلنىڭ ئادەتتىكى باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى ۋە كۆز ئاغرىقىغا ئوخشىغان يېنىك كېسەللەردىن بولماستىن، بەلكى روزا تۇتسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ئېغىر كېسەللەردىن بولۇشى شەرتتۇر.

28- زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان سەپەرلەردە بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى مەكرۇھتۇر.

29- رامىزان كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغان كىشى ئەگەر بۇ ئىشنى ئايالىنىڭ رازىلىقى بىلەن قىلغان بولسا، ئەر- ئايال ھەر ئىككىسىگە كاپارەت كېلىدۇ. ئەگەر ئايالىنىڭ ئىختىيارى بولماستىن مەجبۇرى قىلغان بولسا، ئەر كىشىگىلا كاپارەت لازىم كېلىدۇ.

30- رامىزاننىڭ قازاسىنى تۇتۇشتا ئارقا - ئارقىدىن ئۈزمەي تۇتۇش شەرت ئەمەس. بەلكى پارچە- پارچە تۇتسىمۇ بولىدۇ.

31- كاپارەت پەقەت رامىزاننىڭ روزىسىنى قەستەن بۇزغانلىق ئۈچۈنلا لازىم كېلىدۇ.  ئەمما كاپارەت روزىسى قازا روزا ۋە نەپلى روزىلارنى بۇزغانغا كاپارەت لازىم كەلمەيدۇ.

32- نەپلى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۇنى بۇزغان كىشى ئۈچۈن ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، قازا لازىم كېلىدۇ. ئەمما باشقا ئۈچ مەزھەبكە كۆرە، بۇ روزا ئىختىيارى روزا بولغانلىقتىن قازا لازىم كەلمەيدۇ.

33- روزا ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ۋە قۇربان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تۆتىنجى كۈنىگىچىلىك روزا تۇتۇش ھارامدۇر.

34- يالغۇز جۈمە كۈنىدە ۋە يالغۇز شەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.

35- ئىپتار قىلماستىن ئۇلاپ روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.

36- روزىدار كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئايالىنى سۈيۈشى روزىنى بۇزمايدۇ. ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىنىڭ ئايالىنى قۇچاقلىشى مەكرۇھتۇر.

37- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئۆز تۈكرۈكىنى يۇتۇشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

38- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە كۆزىگە سۈرمە تارتىشى ۋە دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك داۋالىنىش مەقسىتى بىلەن بەدىنىگە ئۇكۇل سالدۇرۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

39- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئېغىزىغا، بۇرنىغا ۋە قۇلىقىغا دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ، شۇنىڭدەك ئالدى ۋە كەينىدىن ئىبارەت ئىككى ئەۋرەت ئەزاسىغا دورا قويۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ.

40- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە قايسى بىر سەۋەب بىلەن  يۇيۇنۇشى بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش خاتىرىسى :
  • شۆھرىتى:+10(بىلقۇت)
  • شۆھرىتى:+5(Bilqut_K) بەك ياخشى يې ..
  • Easy come Easy go
    Posted: 2008-08-25 14:43 | [ئاپتور]
    nawruzguli

    دەرىجىسى : مىڭ بېشى


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 259
    شۆھرىتى: 260 نومۇر
    پۇلى: 1655 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-23
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

     


    رەخمەت سىزگە! بەكمۇ ياخشى تېما يوللاپ بېرىپسىز. روزا تۇتۇش ھەققىدە كۆپ ساۋاتلارغا ئېرىشتۇق. مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز.
    awazlik
     
    Posted: 2008-08-25 17:36 | 1 -قەۋەت
    ajimks

    دەرىجىسى : يۈز بېشى


    نادىر يازمىلار : 1
    يوللىغان تېما : 153
    شۆھرىتى: 171 نومۇر
    پۇلى: 270 RMB
    تۆھپە: 8 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-20

     


    رەخمەت
    awazlik
    Easy come Easy go
    Posted: 2008-08-28 20:49 | 2 -قەۋەت
    aminammar

    دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 7
    شۆھرىتى: 8 نومۇر
    پۇلى: 35 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-28
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-08

     


    رەخمەت سىزگە ناھايىتى ياخشى تىـــــــــــــــــــــــــــــما يوللاپسىـــــــــــــــــــــــــز ~~!
    awazlik
    Posted: 2008-09-04 15:11 | 3 -قەۋەت
    aminammar

    دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 7
    شۆھرىتى: 8 نومۇر
    پۇلى: 35 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-28
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-08

     


    رەخمەت سىزگە ناھايىتى ياخشى تىـــــــــــــــــــــــــــــما يوللاپسىـــــــــــــــــــــــــز ~~!
    Posted: 2008-09-04 15:11 | 4 -قەۋەت
    aminammar

    دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 7
    شۆھرىتى: 8 نومۇر
    پۇلى: 35 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-28
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-08

     


    رەخمەت سىزگە ناھايىتى ياخشى تىـــــــــــــــــــــــــــــما يوللاپسىـــــــــــــــــــــــــز ~~!
    Posted: 2008-09-04 15:12 | 5 -قەۋەت
    uygur

    دەرىجىسى : تۈتۈن بېشى


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 41
    شۆھرىتى: 42 نومۇر
    پۇلى: 205 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-27
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-19

     


    رەخمەت  سىزگە؟
    Posted: 2008-09-07 12:22 | 6 -قەۋەت
    botakoz11

    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 2
    شۆھرىتى: 3 نومۇر
    پۇلى: 10 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-09-20
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-20

     


    رەھمەت بىلىۋالدىم.
    Posted: 2008-09-20 15:23 | 7 -قەۋەت
    يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
    BilqutBBS » ئىسلام دىنىدىن ساۋاتلار
    

    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
    كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

    ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

       
    Total 0.074295(s) query 4, Time now is:10-23 02:55, Gzip disabled


    Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation