مەختۇمسۇلانىڭ  چېچىنى كەستۈرۈشى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : مەختۇمسۇلانىڭ  چېچىنى كەستۈرۈشى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 507ـ كۆرۈرمىنى
muzartocli

دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 59
شۆھرىتى: 87 نومۇر
پۇلى: 463 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 مەختۇمسۇلانىڭ  چېچىنى كەستۈرۈشى


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن چوققىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى (2008-08-25)
                       مەختۇمسۇلانىڭ  چېچىنى كەستۈرۈشى
                            «چىن  تۆمۈر باتۇر» داستانى ئىزىدىن
                                             (ھېكايە)
                                          جېلىل  ئاۋۇت
      ... مەختۇمسۇلانىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا،تازا،سۈزۈك سۇ ئاقىدىكەن.مەختۇمسۇلا سۇنىڭ ئېقىشىغا  قىزىقىپ،ئېرىق بويىدا ئولتۇرۇپ چېچىنى تاراپتۇ.ئۇنىڭ ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىدىن بىرنەچچە  تېلى سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ،بۇ چاچلار ئېقىپ بېرىپ سانجۇ پادىشاھىنىڭ  ئوردىسىدىكى كۆلگە  چۈشۈپتۇ.بۇ  ۋاقىتتا  سانجۇ  پادىشاھىنىڭ ئوغلى ئۇزمۇخ نۆكەرلىرى بىلەن كۆلنىڭ بۇيىدا ئولتۇرغان  ئىكەن. شاھزادە ئۇزمۇخ كۆل بويىغا كېلىپ باش- كۆزىنى يۇيىۋاتسا، قولىغا  سۇمبۇل چاچ  ئېلىنىپ چىقىپتۇ. بۇ چاچنىڭ ئۇزۇن ۋە سۇمباتلىقى شاھزادىنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. ئۇزمۇخ نۆكەرلـــــــىرىدىن:
ـ بۇ  نېمە  دېگەن  ئاجايىپ چاچ ؟ ـ  دەپ  سوراپتۇ.
نۆكەرلەر:
ـ ئەي شاھزادە،بۇ ئىلى ئىقلىمىنىڭ  گۈزىلى مەختۇمسۇلانىڭ چېچىغا ئوخشايدۇ،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن شاھزادە ئۇزمۇخ مەختۇمسۇلانى كۆرمەي تۇرۇپ ئىشق ۋەسۋەسسىسىگە چۈشـــۈپتۇ...
(«ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى 1- ئەمىر گۆر ئوغلى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2007-يىل 3-ئاي2-بېسىلىشى 325- بەت ) 
              ئەلقىسسە،سانجۇ پادىشاھىنىڭ شاھزادىسى ئۇزمۇخ نۇرغۇن نۆكەر بىلەن كېلىپ مەختۇمسۇلانى ئېلىپ قېچىپ  كەتكەندىن كېيىن،چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسىنى ئىزدەپ ئىلى دەرياسىنى كېچـــىپ ئۆتۈپ،تېكەس تېغىنىڭ« كۆك تۆپە» دېگەن يېرىگە كەپتۇ.ئۇ يەردە چارۋىچىلىق قىلىپ يۈرۈپ،پات ئارىدا  سانسىزلىغان چارۋىلارغا ئىگە بولۇپتۇ.شۇنداقتىمۇ بۇ مال- دۇنيا ئۇنىڭ  كۆزىگە  زادى كۆ-
رۈنمەپتۇ.ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى سىڭلىسى مەختۇمسۇلادا ئىكەن.شۇڭا چىن تۆمۈر باتۇرسىڭلىسى- نىڭ دەردىدە  تولا يىغلاپ يۈرۈپ،ئاخىرى ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قاپتۇ.(«ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى-1
ئەمىر گۆر ئوغلى»شىنجاڭخەلق نەشىرىياتى 2007-يىل 3-ئاي2-بېسىلىشى 331-،332-بەتلەر ).
      تېكەس تېغىنىڭ شەرقى تەرىپىدە ئۇزۇندىن بۇيان چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ يايلاقلىرى ۋە مال-
دۇنياسىنى قولغا كەلتۈرۈش كويىدا يۈرگەن بىربەگنىڭ قۇۋلۇق-شۇملۇق ۋە ناز-كەرەشمىدە شەيتانغا دەرس بېرەلەيدىغان،نە چېچى،نە كىرپىكى،نە قېشى يوق، بېشى تۇزلۇق قاپاققىلا ئوخشايدىغان بىر تاز قىزى بار ئىكەن.ئۇ چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشھال بولۇپتۇ. بەگ  تاز  قىزىنى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قورۇقىغا ماڭدۇرۇپتۇ. تاز قىز چىن تۆمۈر باتۇرنى يوقلاپ كېلىپ،ئۇنىڭغا ھەرخىل ياغلىما سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ ئاش-تامىقىنى ئېتىپ،كىر- قاتىنى يۇيۇپ بېرىپتۇ.چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كۆزى تاز قىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەي،پەقەت قولىقى ئۇنىڭ ناز-كۈلكىسىنىلا ئاڭلاپتۇ.شۇنداق قىلىپ تاز قىز چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ رەسمىي نىكاھىغا ئۆتۈپ قانۇنلۇق ئايالىغا  ئايلىنىپتۇ.
       ئەلقىسسە، مەختۇمسۇلا سانجۇ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن قېچىپ كېلىپ ئالمۇتيارنىڭ ئالمىسىنى سۈرۈپ ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كۆزىنى ئاچقاندىن كېيىن ئاكا-سىڭىل قۇچاقلىشىپ،يىغلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ.بىر چەتتە قاراپ تۇرغان تاز خوتۇن قېرىنداشلارنىڭ جەم بولغانلىقىغا ھەم ئۆزىنىڭ تازيا-
رىتىلىپ،ئەكسىچە مەختۇمسۇلانىڭ سۇمبۇل چاچلىق ئايال بولۇپ يارىتىلىپ قالغانلىقىغا ھەسەت قىلىپ ئىچى ئېچىشىپ چىداپ تۇرالماي قېلىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال شەھەردىكى بىر داڭلىق گىرىمخانىغا بېرىپ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئۆزىگە يالغان چاچ، يالغان قاش ۋە  يالغان كىرپىك سالدۇرۇپتۇ.ئۇ خوتۇن بۇ جەرياندا گىرىمخانىدا تۇشۇپ قالغان دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قورۇققا مېھماندار-
چىلىققا  چىللاپتۇ.چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قورۇقى مېھمانلار بىلەن ئاۋاتلىشىپ كېتىپتۇ.
     ھەش- پەش دېگۈچە ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ.چىن تۆمۈر باتۇر يايلاقلىرى ۋە مال-دۇنيا-سىنىڭ قانداق بولۇپ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېچبىر تۇيمايلا  قېلىپتۇ.چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ مال-دۇن-
ياسىلا ئەمەس،ھەتتا تاغ- داۋانلاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ ئازلاپ،ئوۋ قىلىش تولىمۇ تەسلىشىپ كې-
تىپتۇ.تاز خوتۇن ئۆزىگە گىرىم قىلدۇرۇپ خېلى سەتەڭلەردىن بولۇپ قالغان بولسىمۇ شۇ كۈنلەردە مەختۇمسۇلا يەنىلا يەڭگىسىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغان تىكەن بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ.تاز خوتۇن مەختۇم- سۇلانى،بوز ئات، ئالغۇر بۈركۈت،پۈش-پۈش مۈشۈك ۋە كاپ-كاپ كۈچۈكلەرنى يوق قىلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ.مىسران قېلىچ بىلەن ئوقيانى بولسا چىن تۆمۈرباتۇرنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغــــان چاغلاردىلا ئەۋرەزگە تاشلىۋەتكەن ئىكەن.
- يايلاق تارلىشىپ،مال-چارۋىلار ئۇرۇقلاپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ.ئۆيدىكى ئاش-ئۇزۇقلىرىمىزمۇ كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ.بۇندىن كېيىن قانداق قىلارمىز؟- دەپتۇ بىر كەچلىكى چىن تۆمۈر باتۇر تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ خوتۇنىغا.
- ئاۋۇ تىرىكتاپ بۇرادەرلىرىڭىزدىن ۋاز كەچسىڭىز بولمىدىمۇ !- دەپتۇ تاز خوتۇن چىن تۆمۈر باتۇر-
نىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ.
- قايسىدىن ۋاز كېچىمەن؟ - سوراپتۇ چىن تۆمۈر باتۇر ھەيران بولۇپ.
- توخىمىز تۇخۇم تۇغۇپ بېرىۋاتىدۇ،ئۇ قالسۇن.ئات، بۈركۈت،مۈشۈك ۋە ئىتنى دەرھال كۆزىمىزدىن
يوق قىلايلى. يەنە،سىڭلىڭىز مەختۇمسۇلامۇ بۇ ئۆيدە تەييارغاھەييار بولۇپ تۇرىۋەرسىمۇ بولماس!
   دەرۋەقە، چىن تۆمۈر باتۇر كۈن بويى تاز خوتۇنىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماي، نەغمە- ناۋاسىنى ئاڭ-لاپ،ئۇسسۇل-ساماسىنى كۆرۈپ،ھاراق-شاراپ ئىچىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش قاينىمىغا  شۇڭغۇپ
كىرىپ كەتكەن بولغاچقا،ئىلگىركى ئات مىنىپ ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئەلەمدارلىق ئىشلىرى ھازىــرئۇنىڭغا پەقەتلا خوش ياقماس بولۇپ قالغان ئىكەن.
         شۇنداق قىلىپ چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ بوزئات،ئالغۇر بۈركۈت، پۈش-پۈش مۈشۈك ۋە كاپ- كاپ كۈچۈك قاتارلىق قولىغا قول،پۇتىغا پۇت بولۇپ كېلىۋاتقان سادىق ھەمراھلىرى بىر- بىرلەپ  كۆزدىن نېرى قىلىنىپتۇ. نۆۋەت مەختۇمسۇلاغا  كەلگەندە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ خېلىلا بېشى  قېتىپتۇ.بۇ ئىشقا  يەنىلا  تاز خوتۇن ئامال تېپىپتۇ.
- مەختۇمسۇلا قانداقلا بولمىسۇن سانجۇ پادىشاھىغا ئىككى- ئۈچ يىل كېلىن بولدى. شۇڭا ئۇنى بۇ ئائىلىمىزنىڭ ئادىمى دەپ  كەتكىلىمۇ  بولمايدۇ.مەختۇمسۇلانى پادىچى تازغا ياتلىق قىلىۋەتســەكلا
ئىش پۈتمىدىمۇ.ئۇ تازنىڭ نەچچە يىل پادا بېقىپ تاپقان- تەرگەنلىرىمۇ ئاز ئەمەستۇ،-دەپتۇ ئۇ چىن تۆمۈر باتۇرغا .
  چىن تۆمۈر باتۇر دەرھال پادىچى تازغا تېلېفون قىلىپتۇ.
- مېنىڭغۇ جان دەپ ئالغۇم بار ئىدى،بىراق  شۇ...ئۆيۈم نامرات، مەختۇمسۇلا  خېنىم  ئاش-تاماق، كىيىم- كېچەكتە قىينىلىپ قالارمىكىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزمۇخ شاھزادە نۆكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ
قالسا ،ئۇ مېنى مەختۇمسۇلانى ئېلىۋاپسەن دەپ...

   مەختۇمسۇلا ئاكىسىنىڭ يەڭگىسى ۋە  پادىچى تاز بىلەن قىلىشقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ.
    - نېمىگە يىغلايسەن،- دەپتۇ چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسىغا ئاچچىقلاپ،- مەن سېنىڭ دەردىڭنى ئاز تارتتىممۇ!«خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن،ئەقلى قىسقا»دەپ بىكارغا ئېيتىلماپتۇ.ياتلىق قىلىپ قو -
يايلى دېسىمۇ يىغلىغىنىنى كۆرمەمدىغان، بىكاردىن  بىكار كۆزىنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ ....
           ئاكىسىنىڭ كېيىنكى سۆزلىرى مەختۇمسۇلانىڭ قۇلىقىغا كىرمەپتۇ.ئۇ شۇ كۈنى،شۇ سائەتتىلا ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ،يېنىدا بىر تىيىنمۇ پۇل يوق ھالدا شەھەرگە قاراپ راۋان بولۇپتۇ.چىن تۆمۈر باتۇر بىر باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇپ، كۆڭلى خاتىرخەم بولۇپتۇ.
       مەختۇمسۇلا شەھەرگە ناھايىتى تەسلىكتە يېتىپ كېلىپتۇ.ئاچلىق ۋە ھارغىنلىق ئۇنى تولىمۇ قىي-ناپتۇ.قۇياش ئاسمان-پەلەك ئېگىز بىنالارنىڭ غەرب تەرىپىگە ئۆتۈش بىلەن ئۇ تولىمۇ قورقۇنچ  ۋە
غەمگە پېتىپتۇ.ئۇ يول ياقىسىدىكى بىر ئۇزۇن ئورۇندۇقتا نېمە قىلىشنى بىلمەي خىيال سۈرۈپ ئولتۇر-سا،يولدىن ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتتا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر تۆمۈر- تەسەك يىغقۇچى ئېلىپ-ساتارمەن
شاراباراچىنىڭ كۆزى مەختۇمسۇلانىڭ ئېگىز ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىدىن ساڭگىلاپ چۈشۈپ يـــەردە قاپ-قارا يىلاندەك سونايلىنىپ ياتقان توم سۇمبۇل چاچلىرىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ ئىختىيار سىز ھالدا دەرھال موتسىكىلىتىنى توختىتىپ مەختۇمسىلانىڭ يېنىغا كېلىپتۇ.
-ئەي ياتو،- دەپتۇ ئۇ مەختۇمسۇلانىڭ چېچىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي،-چېچىڭنى ساتامسەن؟ كازاڭ
ئاساڭ كازاڭغا،چىنە ئاساڭ چىنىگە تېگىشسەك بولىدۇ. داس، لىگەنلەرمۇ بار تېخى...
-تېگىشمەيمەن! تاماق ئېتىدىغانغا ئاش بولمىسا، قازاننى نېمە قىلىمەن.‹‹جان بولسا جاھان،ئاش
بولسا قازان›› تېپىلىدۇ.
- ئەمىسە  نەق پۇلغا ساتقىن!
مەختۇمسۇلا ئويلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ.« بۇ چېچىم ماڭا  تولىمۇ كۆپ دىشۋارچىلىقلارنى سالدى. ئاكاممـۇ ئۆيدە‹خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن،ئەقلى قىسقا › دەۋاتاتتى.ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئىش بولسا مەنمۇ ئاستا چېچىمنى قىسقارتىپ،ئەقلىمنى ئۇزارتىدىغان ئىشنى قىلاي-چېچىمنى كەستۈرۈپ سېتىپ،قوسۇ-
غۇمنى تويغۇزاي. »
    ئۇ ھېلىقى شاراباراچى بىلەن بىرلىكتە بىر گىرىمخانىغا كىرىپتۇ. گىرىمخانىدىكىلەر مەختۇمسۇلانىڭ چېچىنى گەجگىسىدىن كېسىپ تاشلاپتۇ.ئۇزۇن ئىككى ئۆرۈم سۇمبۇل چاچ قىيادىن چۈشكەن يىلاندەك تولغىشىپ يەرگە چۈشۈش بىلەن تەڭ يەر- زېمىن لەرزىگە كېلىپ تىتىرەپ  كېتىپتۇ.لېكىن، مەختۇمسۇلا قورساقنىڭ ئاچلىقىدا  بولارنى ھېچ سەزمەپتۇ. گىرىمخانىدىكىلەر مەختۇمسۇلانىڭ بېشىدا قالغان ئاياق چوتكسىنىڭ مويىدەك كالتە چېچىنى قىزغۇچ رەڭدە بوياپ،  تاراپ چاچ قورۇتۇش ماشنىسىدا پۈۋلىتىپ-
كۆپتۈرۈپ ،مەدەك يۆگەپ، موسى سۈرتۈپ، يەنە تېخى ئۇنىڭ يۈزىنى ئېنگىلىزچە،خەنزۇچە ئالىقان-داق خەتلەر يېزىلغان ماي بىلەن زاماسكىلاپ،قاپاقلىرىنى كۆلرەڭ، لېۋىنى قىزىل بىر نېمىلەر بىلەن بو-
ياپتۇ.
     مەختۇمسۇلا ھېلىقى شاراباراچىغا ئىككى ئۆرۈم چېچىنى سېتىپ ئالغان پۇلنىڭ بىرقىسمىنى گىرىم-خانا خۇجايىنىغا تۆلەپ، قالغىنىنى يېنىغا سېلىپتۇ.
- بەك ساھىپجامال بولۇپ كەتتىڭ، ئەمدى ماۋۇ كۆڭلىكىڭنى تاشلىۋېتىپ، مودا كېيىمدىن بىر قۇر
ئېلىپ كىيىندىغان بولساڭ، رېستۇران-ئارامگاھلاردا ياكى دىبالاردا ئايدا نەچچە مىڭ كوي ئىش ھەققى ئېلىپ ئىشلىيەلىشىڭدە گەپ يوق،- دەپتۇ ھېلىقى شاراباراچى مەختۇمسۇلاغا قاراپ.
      دەرۋەقە، مەختۇمسۇلا  ئەتىسى بىر رېستۇرانغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپتۇ.ئارىدىن بىر يىلچە ۋاقىت
ئۆتۈپ كېتىپتۇ.مەختۇمسۇلا مۇلازىمەتچى خېنىم بولۇپ ئىشلەۋاتقان كۈنلەردە بۇ رېستۇراننىڭ  ۋى-
ۋىسكىدا نامى يېزىلغان ھەقىقىي خوجايىنى- ئۆ ۋاقتىدىكى سانجۇ پادىشاھىنىڭ  شاھزادىسى  باش لېدىر ئوزمۇخ رېستۇرانغا قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ.مەختۇمسۇلا باشقا مۇلازىملار بىلەن بىرگە قول قوشتۇرۇپ تۇرغاندا باش لېدىر ئوزمۇخنى كۆرۈپ،ئۇنى تونۇپ قورققىنىدىن يۈرىكى قاتتىق سېلىپ كېتىپتۇ.
بىراق،ئوزمۇخ مەختۇمسۇلا قاتارلىقلارغا باققالنىڭ ئالدىدىكى ئىلغىنىپ قېلىپ ئاپتاپتا كېرەكتىن چىققان موس-موس قوغۇنلارغا قارىغاندەك  مۇنداقلا  بىر قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
          ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،ئۆز ۋاقتىدىكى ‹‹كۆزلىرى چەشمە بۇلاقتەك،قاشلىرى زىرۇ-زىۋەر،قامىتى شەمشاد دەرەختەك،سۆزلىرى شېرىن- شېكەر،چاچلىرى گويا مەجنۇن،يۈزلىرى شەمسى قەمەر،لەۋلى- رى گويا  ياقۇت،قوللىرى ئىشقا چىۋەر،چىشلىرى دۇررى سەدەپتەك،پىكرى كەڭ ئالەم كېزەر ›› ئىلى ئىقلىمىنىڭ گۈزىلى   («ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى1- ئەمىر گۆر ئوغلى»  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2007 -يىل3 -ئاي
2-بېسىلىشى 324- بەت) مەختۇمسۇلانىڭ رەسىمىنى ئوزمۇخ لېدىر  ھازىرغىچە يۈرىكىنىڭ  ئۇدۇلىدىكى
يانچۇقىدا  ناھايىتى قەدىرلەپ ساقلاپ يۈرەر ئىمىش.
         مەختۇمسىلا ئۆزىنىڭ ئادەم تېپىلمىغاندەك ئەينى ۋاقتىدىكى دۈشمىنى ئۆزمۇخنىڭ  خىزمىتىنى قىلىپ قالغىنىدىن تولىمۇ خورلۇق ھىس قىلدى ۋە ئەتىسىلا رېستۇران خوجايىنىدىن شۇ ئايلىق ئىش ھەققىنى ئېلىپ بۇ يەردىن جىمجىتلا چىقىپ كەتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ  شەھەرگە كەلگەندىن بۇيانقى ئويلىغىنى بويىچە بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئۇيغۇر يېزىقىدا بىمالال خەت يازالايدىغان ۋە كىتاب،گېزىت- ژۇرنال ئوقۇيالايدىغان بولغان ئىدى. مانا ئەمدى رېستۇراندىن چىقىپ ئەتىسىلا شەھەردىكى سەيپۇڭلۇق كورسىغا تىزىملىتىپ  ھۈنەر ئۆگىنىشكە  ئوتتەك  قىزغىنلىق  بىلەن كىرشىپ كەتتى.
      «يېقىن بولسا چىشلىشەر،يىراق بولسا  كىشنىشەر» دېگەندەك مەختۇمسۇلا ئۆيدىن يامانلاپ چى-قىپ كەتكەن دەسلەپكى كۈنلەردە چىن تۆمۈرنىڭ سىڭلىسى بىلەن كارى بولمىغان بولسىمۇ،ئەمما ۋا-
قىت ئۇزارغانسىرى يەنە سىڭلىسىنى سېغىنىشقا،ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى.بىر كۈنى ئۇنىڭ مەھەللىدىكى ئايىقى چىقماس ئولتۇرۇش،ئىچىشۋازلىقلارغا  نېمىشقىدۇر كۆڭلى تارتماي ، مېھمانخانا ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز ھالدا كىرسىلوغا  يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ  VCD  فېلىمى كۆرىۋېتىپ، بىردىنلا خىيالى يەنە سىڭلىسى بىلەن ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرلىرىگە  ئۇچۇپ كەتتى.
     كىچىككىنە چىن تۆمۈر جاڭگالدا بۆرە ئانىسىدىن ئۆگىنىۋالغىنى بويىچە چاققانلىق بىلەن قوغلاپ تۇتۇۋالغان ئەركەك كىيىكنىڭ گۆشىنى ئىشتىھا  بىلەن يەۋاتاتتى.چوڭ كۆل بويىغا  ئوۋ  ئىزدەپ كەت-كەن بۆرە  ئانىسى بەدەن ئەتلىرى يۇمران،ئەمما  بۆرە ئانىسىنىڭكىگە ئەمەس ئۆزنىڭكىگە ئوخشاي-دىغان بىر بوۋاق بالىنى ئۆشنىسىگە ئارتقىنىچە ئەكېلىپ چىن تۆمۈرنىڭ ئالدىدىكى يەرگە قويدى.چىن تۆمۈر ئانىسىنىڭ بۇيرىقى بويىچە كىيىك گۆشىنىڭ ئەڭ يۇمشاق يېرىدىن تىتىپ ئېلىپ  قېرىندىشىنىڭ
ئېغىزىغا ئاز- ئازدىن سېلىشقا  باشلىدى...
      چىن تۆمۈر ئۆزىنىڭ   قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى تۇيمايلا قالدى.
    ئۆي ئىچى تۇلىمۇ قاراڭغۇ ۋە سۈرلۈك ئىدى.چىن تۆمۈر سىرتتىن ئاڭلىنىۋاتقان«ھۇۋ-ھۇۋ-ھۇۋ...
» دېگەن سۈرلۈك ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى.

فېلىمى ئاللىقاچان قويۇلۇپ تۈگەپ توختاپ قالغان ئىدى.ئۇ تېخى بايىلا يادىغا ئالغان كۆكVCD
تۈكلۈك،كۆك يايىلىق بۆرە  ئانا مانا ئەمدى تاپسىدا - چىن تۆمۈرنىڭ كۆز ئالدىدىلا  كۆزلىرىدىكى
نۇرلۇق شولا  ئۆيدىكى قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇتقان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ ھۇۋلاۋاتاتتى.چىن تۆمۈر قورققىنى-دىن«بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»دېيىشنىمۇ ئۇنتۇلغان ھالدا  قايسىدۇر بىر ئايەتنى دۇدۇقلىغىنىچە ئوقۇپ  كەتتى.
- قورقما چىن تۆمۈر،مەن بۆگۈن سېنى غەپلەتتىن ئويغاتقىلى كەلدىم.ساڭا نېمە بولدى ئوغلۇم ؟!سېنىڭ تومۇرۇڭدا  ئېقىۋاتقىنى مېنىڭ  قېنىممۇ ياكى ھا راقمۇ؟!سەن نېمىشقا بىر قوساقتىن چۈشكەن
قېرىندىشىڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماي،ئۇنى تاشلىۋېتىسەن؟ قېنى سەندىكى ۋەتەنگە، خەلققە ۋە ھەدە- سېڭىللىرىڭغا بولغان  مەسئۇلىيەتچانلىق؟!سەن پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەر تۇرۇپ ئۆزەڭنى چاققان پاشىنى قورىيالىساڭلا  ھېساپمۇ؟ سەن تېخى بەزىدە خىجىل بولماي«ھازىرقىز-ئاياللار يولدىن چىقىپ كەتتى›› دەيسەن؟....
       چىن تۆمۈر بۆرە ئانىنىڭ ئۆيگە قاچان،قانداق كىرگىنى تۇيمىغاندەك يەنە ئۇنىڭ قاچان،قانداق چىقىپ  كەتكىنىمۇ تۇيمايلا قالدى.ئۇ ئۆزىگە كەلگەندە بايا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ چۈشى ياكى ئوڭى ئىكەنلىكىنى پەقەتلا  ئايرىيالمىدى.
      ئەتىسى چىن تۆمۈر سەپەر تەييارلىقلىرىنى  پۈتكۈزۈپ  سىڭلىسىنى  ئىزدەشكە ئاتلاندى.ئۇ يېزا-سەھرا، شەھەر- بازارلارنى كېزىپ سىڭلىسىنىڭ دېرىكىنى قىلدى.لېكىن ھېچ  يەردىن ئۇنىڭ  دېرىكىنى ئالالماي بەكمۇ تىت- تىت بولدى.سىڭلىسىنى ئىزدەپ سەككىزىنچى قېتىم سىڭلىسى تۇرۇشلۇق شەھەر-گە كەلگەندە  بىر كەچلىكى كوچىدا ئۇنىڭغا  تۇنۇش چىراي بىر چوكان ئۇچرىدى.  چىن تۆمۈر شۇنچە سىنچىلاپ قاراپمۇ بۇ چوكاننى ھېچكىمگە  ئوخشىتالمىدى.ھېلىقى چوكانمۇ  ئۇنى بىرسىگە ئوخشاتقاندەك كەينىگە قايرىلىپ قاراپ ئۆتۈپ كەتتى.
     «ئەمەس،-دېدى چىن تۆمۈر ئۆز-ئۆزىگە،-بۇ ھەرگىزمۇ مەختۇمسۇلا ئەمەس. مەختۇمسۇلانىڭ
دېگەن چېچى ئۇشۇقىغا يىتىدۇ.بېشىدا چىمەن دوپپىسىى،ئۇچىسىدا ئەتلەس كۆڭلىكى بار.بۇ قىزنىڭ نەرى ئۇيغۇر قىزىغا-مېنىڭ سېڭلىمغا ئوخشىسۇن.بۇتۈن دىلبىرى ھەقاچان مېنى ئۆزىنى   ئوۋلاشقا
شەرەت  قىلىپ ماڭا قارىغاندۇ.بولمىسا،بۆگۈن كېچىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزسەممۇ بولۇپتىكەن.كېتىپ قالدى-دە، كاساپەت خېلى سەتەڭ نېمىكەندۇق.»
      ھېلىقى چوكان دەل مەختۇمسۇلا بولۇپ شۇ تاپتا ئۇ تىككۈچىلىلىك دوكىنىنى شاگىتلىرىغا  تاشلاپ قويۇپ ئۆزى كومپىيوتېردا كېيىم پىچىش ۋە رىشىلىيە ئىشلەش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىش كورسىغا ئالدىراش مېڭىشى ئىدى.ئۇ كىچىكىدىنلا چېچەن بولغاچقا  ھۈنەرنى ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىپ،ھازىر شەھەر-
دىكى خېلى داڭلىق ھۆنەرۋەن بولۇپ قالغان ئىدى.ئۇنىڭ تىجارتىمۇ كۈندىن- كۈنگە كېڭىيۋاتاتتى.
   «چىرايى چىن تۆمۈر ئاكامنىڭ مەن سانجۇ پادىشاھلىقىدىن قېچىپ كەلگەن ۋاق تىدىكى چىرايىغا  ئەجەپ ئوخشايدىغان ئادەمكىنا بۇ! لېكىن ئۇنىڭ ئاكام بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ھەم ئاكام-نىڭ مېنى ئىزدەپ يۈرىشىمۇ  مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ چىرايى ئازىراق ئوخشىغان بىلەن، نە گەۋدىسى،
نە  كېيىم- كېچەكلىرى،  نە مېڭىش- تۇرۇش، قاراشلىرى ئاكامغا  ئوخشىسۇن. بىرەر ساددا قىزنى كوملاشنى ئويلاپ يۈرگەن  بىر شوينا  بەلنى ئاكامغا  ئوخشىتىپ كەتكىنىمنى قارىمامدىغان... »
        مەختۇمسۇلا  ئۆز- ئۆزىنى ئەيىپلەپ مەنزىلىگە يۈرۈپ كەتتى. 
ھېلىقى كۆك شۇ كېچىسى چىن تۆمۈر شەھەردىكى مېھمانخانا ياتىقىدا تۈن تەڭدىن ئاشقاندا كۆك يايىلىق بۆرىنى يەنە كۆردى.
  - چىن تۆمۈر،-دېدى بۆرە ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ،-سەن ئاۋال ئۆزەڭنى،ئۆز روھىڭنى تاپ! ئۆزەڭنى ئىزدەپ تاپالىساڭ،ئاندىن مەختۇمسۇلانى  تاپالايسەن!
   چىن تۆمۈر چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ چوڭقۇر ئوي- خىيالغا پاتتى.بۇ چاغدا ئۇ يىراقتىكى  بۇغدا  چوققىلىرىدىن بۆرىنىڭ سوزۇپ-سوزۇپ ھوۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدى.
         ھازىر خۇددى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئىسمىنى«تۆمۈر»گە ئۆزگەرتىۋالغىنىغا ئوخشاش مەختۇم-سىلامۇ ئىسمىنى مەرىيەم دەمدۇ،مەۋجۇدەم دەمدۇ،يا مارۇشا دەمدۇ،ئەيتاۋۇر بىر يېڭى ئىسىمغا ئۆزگەر-
تىۋاپتىمىش.ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن  بولسىمۇ مەيلى. كەمىنە مۇئەللىپ ئاكا-سىڭىللارنىڭ ئارزۇسىنىڭ  تېزرەك رىئاللىققا ئايلىنشىغا- ئۇلارنىڭ قايتىدىن جەم بولۇشىغا  تىلەكداشمەن.


2008-يىل2-ئاينىڭ 22-كۈنى
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش خاتىرىسى :
  • شۆھرىتى:+20(بىلقۇت) ئىجادىي ئەسە ..
  • Posted: 2008-08-24 21:03 | [ئاپتور]
    sarang

    دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 24
    شۆھرىتى: 25 نومۇر
    پۇلى: 119 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-26
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-08-29

     


    قىززىقتە سىز ،،،،،،،،،،،،،،
    پىچاقنى ئاۋال ئوزىڭگە سال،ئاغرىمىسا خەققە ،        سىز مۇشۇنى دىمەكچىمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    ئارلاشما مەندىگەن مەن
    Posted: 2008-08-29 13:56 | 1 -قەۋەت
    mestana

    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 2
    شۆھرىتى: 3 نومۇر
    پۇلى: 20 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-30

     


    قەدىمى خارابىلقتىكى زامانىۋى ئەپسانە..........
    Posted: 2008-09-30 13:56 | 2 -قەۋەت
    يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
    BilqutBBS » ھېكايىلەر
    

    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
    كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

    ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

       
    Total 0.072121(s) query 4, Time now is:10-23 02:55, Gzip disabled


    Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation