جىننى قورقۇتقان مەنسۇر ئەللاجى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : جىننى قورقۇتقان مەنسۇر ئەللاجى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 748ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 جىننى قورقۇتقان مەنسۇر ئەللاجى


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-08-21)
قەدىقى زاماندا مەنسۇر ئەللاجى دېگەن بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن، ئۇ دائىم >مىنەلمۇ ھەق، مەنمۇ ھەق< دېگەننى تەرغىب قىلىپ، جىندىن قورقۇشنىڭ نېمە كارامىتى بار، دەپ سۆزلەپ يۈرىدىكەن.
  كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنسۇر ئەللاجى سەپەرگە چىقىپ، يول ئۈستىدە بىر ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپتۇ. كۈن ئىسسىق بولغاچقا ئاغىنىسى مەنسۇر ئەللاجىنى بېغىنىڭ شىپڭىدا مېھمان قىپتۇ. كەچ كىرگەندە، ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىدە ئورۇن - كۆرپە سېلىشقا تەمشىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مەنسۇر ئەللاجى دەپتۇ:
  - ئاۋارە بولما، ئاغىنە، ئېغىر كۆرمەي، بىر كۆرپە بىلەن بىر ياستۇق ئەپچىقىپ بەر، مۇشۇ شىپاڭدا ئۇخلاپ قالاي.
  - ياق، ياق دوستۇم، شىپاڭدا ئۇخلاشقا بولمايدۇ، بۇ يەردە جىن بار، - دەپتۇ ئاغىنىسى.
  - جىندىنمۇ قورقامدىكەن، - دەپتۇ مەنسۇر ئەللاجى ۋە ئاغىنىسىنىڭ دەۋىتىگە ئۇنىماي شىپاڭدا ئۇخلاپتۇ.
  يېرىم كېچىدە ئەللاجى ئويغىنىپ كېتىپتۇ. قارىسا، ئالدىدا قىپ - قىزىل چاچلىرىنى تاشلاپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ بىر مەخلۇق تۇرغىدەك، كىرپىك قاققىچە ئۇ مەخلۇق ساھىپجامال قىزغا ئايلىنىپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەنسۇر ئەللاجى:
  - سەتلىكتىن ئۆزگىرىپ سەتەڭ بولدۇڭ، ئەمدى سەندىن نېمىگە قورقاي، - دەپتۇ ۋە مىيىغىدا كۈلۈپتۇ. قىز بۇ ئىنساننىڭ ئۆزىدىن قورقمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بېشىنى بىرلا سىلكىپ، چاچلىرىنى چۇۋۇپ يۈزىگە چۈشۈرۈپ، تىلىنى بىر غېرىچ ساڭگىلىتىپتۇ.
  - چاچ يەنىلا چاچقۇ، - دەپتۇ مەنسۇر ئەللاجى تەمكىنلىك بىلەن، - چۇۋۇلغان چاچنى ئۆيدە خوتۇنۇمدىمۇ كۆرگەنمەن، بۇنداق ساڭگىلىغان تىلنى بولسا، ئىتلاردىمۇ كۆپ كۆرگەنمەن. بۇنىڭ نېمە قورققۇچىلىكى بار.
  - جىن مەنسۇرنىڭ ئۆزىدىن قورقمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر چىقىراپتۇ - دە، بېشىنى يۇلۇۋېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلاپتۇ، باشسىز گەۋدە ئۆرە تۇرغۇدەك.
  - ھەببەللى، مانا، بۇمۇ بىر ئىش بولدى، شۇ كۆرۈمسىز، سەت بېشىڭنىڭ بارىدا قورقمىدىمۇ، ئەمدى ئۇنى يۇلۇۋەتسەڭ قورقامدىم؟ - دەپتۇ مەنسۇر ئەللاجى.
  ھېلىقى قىز سىياقىدىكى مەخلۇق بۇ ئىنساننىڭ ئۆزىدىن قورقمىغانلىقىدىن ئۆزى قورقۇپتۇ. باشقا ھىيلە - مىكىرلىرىنى قىلىشقا پېتىنالماي غايىپ بوپتۇ. مەنسۇر ئەللاجى خاتىرجەم ئۇخلاپ تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ.
  ئەتىسى ئاغىنىسى مەنسۇر ئەللاجىدىن سوراپتۇ:
  - ئاغىنە، ئاخشام قانداقراق ئۇخلىدىڭ؟ 
  - قانداق بولاتتى، - دەپتۇ مەنسۇر ئەللاجى، - ھوزۇرلىنىپ ئۇخلىدىم، قورققانغا قوش كۆرۈنەر، قورقمىساڭ نېمە كۆرۈنەر؟! 
  >قورققانغا قوش كۆرۈنەر< دېگەن شۇ مەنسۇر ئەللاجىدىن قالغان ئىكەن.
Posted: 2008-08-21 11:58 | [ئاپتور]
tumurkala

دەرىجىسى : تۈتۈن بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 52
شۆھرىتى: 58 نومۇر
پۇلى: 285 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-20
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-17

 


بۇنى بۇرۇن بىرقىتم ئاڭلىغان
Posted: 2008-08-22 12:49 | 1 -قەۋەت
ubul

دەرىجىسى : ئەتىۋارلىق ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 821
شۆھرىتى: 821 نومۇر
پۇلى: 30 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


رەخمەت بەك ياخشىكەن .
Posted: 2008-09-15 09:16 | 2 -قەۋەت
riwayat0998

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 2
يوللىغان تېما : 332
شۆھرىتى: 347 نومۇر
پۇلى: 740 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-04
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


awazlik
بىلمىگەننى سوراپ بىل
Posted: 2008-09-23 10:33 | 3 -قەۋەت
abdukeyum

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 5
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-11

 


يەنە يوللاپ تۇرارسىز .
Posted: 2008-10-11 23:58 | 4 -قەۋەت
konamiltik

دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-20

 


بۇ ۋەقەنى پۈتۈنلەي رىۋايەت تۈسىگە كىرگۈزۈپ قويۇپسىز.
بۇرۇنقى زاماندا دەپ باشلاپلا  مەنسۇر ھەللاجىنى چۆچەكلاردىكى پېرسۇناژغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپسىز. ئەمەلىيەتتە ئۇ دېگەن رېئال شەخىس.
Posted: 2008-10-17 17:02 | 5 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » چۆچەكلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.074142(s) query 4, Time now is:10-23 02:55, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation