گرۇزىنلار بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 گرۇزىنلار

گرۇزىنلار گرۇزىيە جۇمھۇرىيتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى <كارتۋىللار> دەپمۇ ئاتايدۇ؛ گروزىنلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليون 800 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇنىڭ 3 مىليون 548 مىڭى گرۇزىيە جۇمھۇرىيتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 70 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، ئەزەربەيجان، ئەرمەنىستان، ئىران، تۈركىيە قاتالىق ئەللەردە مىليوندىن كۆپرەك گرۇزىن تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
گروزىنلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ كاۋكاز تىپىغا كىرىدۇ؛ ئېبر - كاۋكاز تىللىرى سىستېمىسى كارتۋىل تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گرۇزىن تلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، Ⅴ - Ⅹ[KG-*2]Ⅱ ئەسىردە ئەرەمى يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان. ئىسلاھ قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار.
گرۇزىنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قلىدۇ، يەنە بىر قىسمى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلىرىمۇ بار.
گرۇزىنلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، شال، قىزىلچا، تاماكا، چاي قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ؛ باغۋەنچىلىكمۇ بىر قەدەم تەرەققىي قىلغان، باغۋەنچىلىكى ئۈزۈم، سىتروس تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر قىلغان، باغۋەنچىلىكى ئۈزۈم، سىتروس تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر (ماندارىن، لىمون، ئاپلىسىن) نى ئاساس قىلىدۇ؛ ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى مېتالچىلىق، ماشىنسازلىق، تېرە - خۇرۇم ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىدا ئىشلەيدۇ.
گرۇزىنلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى قەدىمدىن تارتىپ كاۋكاز تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ياشاپ كەلگەن كارت، سىۋان ۋە مىنگرېل قاتارلىق قەبىلىلەر بولۇپ، ئۇلار مىلادى Ⅵ - Ⅹ ئەسىرلەردە ئۆزئارا بىرلىشىپ گرۇزىن قوۋمىنى ھاسىل قىلغان.
گرۇزىنلارنىڭ ئەرلىرى كەڭ پەشلىك چاپان، ئېغى كەڭ شالۋۇر، بېشىغا كىگىز قالپاق ياكى تۇماق كېيىدۇ؛ ئاياللىرى كۆڭلەك ياكى كەشتىلەنگەن كوپتا كېيىپ، بېشىغا ئۈچ بۇرجەكلىك ياغلىق سالىدۇ، شەھەردە ئولتۇراقلاشقان گرۇزىنلارنىڭ ئەرلىرى كاستىيۇم - بۇرۇلكا، ئاياللىرى كاستىيۇم - يوپكا كېيىدۇ، ئاياللىرى ئالتۇن - كۈمۈشتىن سوقۇلغان ھالقا، ئۈزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
گرۇزىنلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا باي مىللەت. <يولۋاس تېرىسىغا ئورىۋالغان ئەزىمەت> ۋە <سالامنامە>، <ئامىرانى> قاتارلىق قەھرىمانلىق ئېپوسلىرى خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان.
گرۇزىنلارنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرىمۇ يېقىملىق، كۈچلۈك مىللىي پۇراققا ئىگە، بولۇپمۇ Ⅳ ئەسىردىكى دىنىي قەسىدە كۈيلىرى بىلەن Ⅶ ئەسىرلەردىكى ناخشا - قوشاقلىرى خېلى زور تەسىرگە ئىگە. يېقىنقى زامان تارىخىدا گرۇزىنلار ئىچىدىن بىر تۈركۈم سىياسىئونلار، ھەربىي ئالىملار ۋە ئاتاقلىق ئەربابلار يېتىشىپ چىققان، مەسىلەن: جۇگاشوۋلى (سىتالىن) شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
گرۇزىنلارنىڭ ھېيت - بايرام ۋە باشقا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، يېمەك - ئىچمەك تۇرمۇش ئادەتلىرى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەزى مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
گرۇزىنلار بولكا، جۇۋاۋا، پىشلاق ۋە خىلمۇ خىل كونسېرۋا، كاۋاپ، سازىۋى قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، ئادەتتە، سوغۇق سەي ۋە ئاچچىق - چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى بولكىغا قىزىلمۇچ (لازا) سۈركەپ يەيدۇ.
گرۇزىنلارنىڭ ئۆزگىچە بايرىمى - <تېبلس ئوبا> بايرىمى بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە گرۇزىنلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان تەنتەنە بايرىمى ھېسابلىنىدۇ.
Posted: 2008-01-18 13:54 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » مىللەتلەر

Total 0.057402(s) query 3, Time now is:03-17 17:48, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation