تۇغ كەنتى ھەققىدە رېۋايەت BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : تۇغ كەنتى ھەققىدە رېۋايەت تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 316ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 تۇغ كەنتى ھەققىدە رېۋايەت


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-08-16)
  قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ سەمەن يېزىسىغا  قاراشلىق «تۇغ»دېگەن بىر كەنت بولۇپ، تارىخىي خاتىرىلەردە «تۇغ» دېگەن ئىسىمنىڭ قويۇلۇشى ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت بار.
  مانجۇلار زامانىسىدا پەرغانە ئوشتىن سورۇنچى بەگ بىلەن  قۇربانجان دادىخان قىرغىز - قىپچاق تالىپلاردىن ئۈچ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن تەشىكللەپ قەشقەرگە كەپتۇ. بۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان مانجۇ قوشۇنلىرى ئاقتامغا چىقىپ مۇداپىئەلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي ئىككى ئوتتۇرىدا قاتتىق سوقۇش بولۇپ، ئاخىرىدا مانجۇ ئەسكەرلىرى تاشلاپ قاچقان قۇرال - ياراغ، ئات - قېچىر، ئۇزۇق - تۈلۈكنى تالىشىپ جەڭگى - جېدەل قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆزبىك، مەن قىرغىز، سەن قىپچاق، مەن شەھەرلىك، سەن تاغلىق دېگەنگە ئوخشاش  مىللىي ئايرىمىچىلىق، يۇرتۋازلىق خاھىشى باش كۆتۈرۈپ ئىتتىپاقسىزلىق كەيپىياتى يۈز بېرىپتۇ.  بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مانجۇ ئەسكەرلىرى سورۇنچى بەگ قوشۇنلىرىغا ئۇشتۇمتۇت  ھۇجۇم قىپتۇ. ئەقىل - ھوشىنى يوقاتقان سورۇنچى بەگ قوشۇنلىرى مانجۇ ئەسكەرلىرىگە تەڭ كېلەلمەي تۇغ - ئەلەملىرىنى تاشلاپ قېچىپتۇ. مۇشۇ ۋەقەگە ئاساسەن، بۇ جايغا «تۇغ كەنت» دېگەن ئىسىم قويۇلغانىكەن.
Posted: 2008-08-16 11:36 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » رېۋايەتلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070655(s) query 3, Time now is:10-23 02:54, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation