ئۇيغۇرلاردا يۈز ئاچقۇ مۇراسىمى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئۇيغۇرلاردا يۈز ئاچقۇ مۇراسىمى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 394ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئۇيغۇرلاردا يۈز ئاچقۇ مۇراسىمى


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-08-16)
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزلار بالاغەتكە يەتكەندە ياتلىق قىلىش، بىر - ئىككى تۇغۇتلۇق بولغاندىن كېيىن يۈزىنى ئېچىپ قويۇش ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى دەپ قارىلىپ كەلگەن. شۇڭا، ئۇيغۇرلار قىزلار ياتلىق قىلىنىپ بىر - ئىككى تۇغۇتلۇق بولغاندىن كېيىن قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ ئۇنىڭ رەسمىي ئاياللار قاتارىغا ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئادەتلەنگەن. بۇنىڭغا پېشقەدەملەر ھېلىھەم ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. 
1) مۇراسىم تەييارلىقى: ① قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى قىزى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا ياكى بىر ئۈزۈك، بىر يېڭى ئۈستىباش، سويىدىغانغا بىرەر مال ھازىرلايدۇ. كۈيۆسىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ تەييارلىق كۆرىدۇ. ②مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئىككى نەپەر ئايال يۈزى ئېچىلغۇچىنىڭ باش - كۆزىنى يۇيۇپ - تاراپ، ماڭىلاي ۋە سېكىلەك چېچىنى قايرىپ، چېچىنى ئىككى تال ئۆرۈيدۇ. يۈزىنى ئېلىپ، قاش - قاپاقلىرىنى تېرىپ، ئۇپا - ئەڭلىكڭ سۈرۈپ، چىرايلىق كىيىندۈرىدۇ. مۇراسىمغا ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنا ۋە قويۇق ئۆتىدىغان ئاياللارلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. مۇراسىم مىھمانلار كىلىپ بولغاندىن كېيىن داستىخان سېلىنىش بىلەن باشلىنىدۇ. ئالدى بىلەن قىزنىڭ ئانىسى: <ھەر قايسىڭلارنى جۇۋالغۇغا سېلىشىمىز بالىمىزنىڭ يۈزىنى ئاچماقچى، داستىخنىمىز غورىگۈل، كۆپ ئورنىدا كۆرگەيسىلەر، بالىمىز گۈدەك، ئالدىڭلاردىن توغرى ئۆتۈپ قويغان يەرلىرى بولسا ئەپۇ قىلغايسىلەر!> دەپ مېھمانلارنى چايغا تەكلىپ قىلىدۇ. زىياپەت ئاخىرلىشىپ داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن يۈزى ئېچىلغۇچى بىر - ئىككى ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا مىھمانلار ئالدىغا كىرىپ تەزىم بەجا كەلتۈرىدۇ. مىھمانلار ئورنىدىن تۇرۇپ ھەممەيلەن تەڭ <مۇبارەك بولسۇن!> دېيىشىپ ئورۇنلىرىدا ئولتۇرىدۇ. ئاندىن قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە كۈيۆسى تەييارلىغان سوۋغاتلار قىزنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىدىنلا مىھمانلارمۇ ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىنى بىر - بىرلەپ جوز ئۈستىگە قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىپ مىھمانلار رەھمەت ئېيتىشىپ خوشلىشىپ قايتىشىدۇ. مۇراسىمدىن كېيىن قىز جەمئىيەتتە ئاياللار ئىچىدە ھەر قانداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. ئىختىيارى پەرداز قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ  رەسمىيەت <يۈز ئاچقۇ> دەپ ئاتالغان.
Posted: 2008-08-15 12:10 | [ئاپتور]
ΑταΒεg

دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-03

 


ئەسەر يوللىغان  قولىڭىزغا  باركاللا......................
awazlik
Posted: 2008-10-03 10:42 | 1 -قەۋەت
lonely324

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 5
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-15

 


  بىلىۋالدىم ! لېكىن ....
awazlik
   
Posted: 2008-10-07 16:35 | 2 -قەۋەت
sawda608

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 16
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 159 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-08
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-20

 


بىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن،مەنمۇ بىلىۋالدىم.ھى ھى ھى ھى
Posted: 2008-10-08 15:22 | 3 -قەۋەت
nida~24

دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-10

 


بۇ ئۇيغۇرلاردا قاچانلاردىن قۇللۇنۇپ كىلىۋاتقان ئۇرۇپ ئادەت بۇ يىقىندىن بۇيان پەيدابولغان ئادەتمۇقانداق  
Posted: 2008-10-10 15:44 | 4 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » يوسۇنلىرىمىز


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.074330(s) query 4, Time now is:10-23 02:54, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation