ئۇيغۇر خەلق - ماقال تەمسىللىرى (8-15) BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئۇيغۇر خەلق - ماقال تەمسىللىرى (8-15) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 478ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئۇيغۇر خەلق - ماقال تەمسىللىرى (8-15)


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-08-16)

سەن پىلىشىڭ،
سېنىڭ ئۆلۈشۈڭ بىلەن مېنىڭ نېمە ئىشىم.

بىر بىكار ئوننى بىكار قىلىپتۇ.

بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا يېتىپتۇ.

بىر سېسىق ئامۇت مىڭنى بۇزار.

بىر شاتىراق ئىنەك پادىنى بۇلغاپتۇ.

بىر چاشقان بىر قازان ئاشنى بۇلغاپتۇ.

نەسلىك ھەرگىز بىر ئادەمدە تۇرماس.

بىرى قىر ئاشقۇچە كۆپى داۋان ئېشىپتۇ.

ئىمام ئاخۇنۇم يۆتەلسە، جامائەت زۇكامداپ قاپتۇ.

بىرى باشلىسا مىڭى ئەگىشىپتۇ.

بىرى ھايت دېسە ھىڭى لەببەي دەپتۇ.

بىر ئىت شەپىگە قاۋىسا، ئون ئىت قاۋىغانغا قاۋاپتۇ.

بىرى ئىشلەر، ئون بىرى چىشلەر.

بىرى ياققان ئوت مىڭ كىشىنى ئىسسىتىپتۇ.

بىر تاغدا ئىككى يولۋاس ياشىيالماپتۇ.

ئەلدە ئابرويۇڭ بولسا، چۆلدە يۈكۈڭ قالماس.

ئەلگە قوشۇلساڭ ئەر بولىسەن،
ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر (بولىسەن).

ئەل بار يەردە ئەر خار بولماس.

ئەل بالىسى خان بالىسى.

قوينۇڭدىن تۆكۈلگىنى قونجۇڭغا،
ئەلدىن يۈز ئۆرىگەننى يەر يۇتىدۇ.

ئىمام كەتسە مەسچىت قالىدۇ،
شەيىخ كەتسە مازار (قالىدۇ).

ئەل ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار،
ئەر داڭقىنى ئەل (ساقلار).

ئەلگە ياققان ئەرگە ياقار.

ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە،
سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.

ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك.

ئەلنىڭ ئەقلى شەكسىز، كۈچى چەكسىز.

ئەل قاياققا باقسا سەن شۇ ياققا باق.

سۆيگىن ئامما ئىشىنى،
مەھكەم تۇتقىن پېشىنى.

گۈلنىڭ تاجىسى گۈل ئارىسىدا،
يىگىتنىڭ تاجىسى ئەل ئارىسىدا.

چىت بۇزۇلسا ئىت كىرىدۇ.

مۇڭۇمنى تۆككىلى قېرىندىشىم ياخشى.

تۈۋلۈكنىڭ سىردىشى قازان.

يولغا چىقساڭ يولداش تاپ.

قولۇڭ ماي بولسا قونجۇڭغا سۇۋا.

ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەپتۇ.

قاتاردىن قالغۇچە، خاتادىن قا.

بوراننىڭ ئەلچىسى قۇيۇن،
ئۇرۇشنىڭ ئەلچىسى ئويۇن.

چىرا، گۇلاخما، دامىكۇ، پۇناقا،
ئاياق - قوشۇقلار تاراقۇ - تۇراقا.

يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس،
چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.

بىرلىك بولماي تىرىكلىك بولماس.

قۇم يىغىلسا تاغ بولۇر،
ئەل يىغىلسا باغ (بولۇر).

يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس،
ئىتتىپاقلاشقان ۋەيران بولماس.

كۆپنىڭ كۈچى كۆپ. 

دۆۋە - دۆۋىگە قوشۇلار.

مىللەتلەر بولسا ئىتتىپاق،
دۆلەت تاپقۇسى روناق.

كۈچ بىرلىكتە، 
ھايات كۈرەشتىن.

قول تۇتۇشقان ئاجىز ئەمەس.

ئىككى ئايال پاتمىغان يەرگە،
ئىككى يۈز ئەر سىغار.
awazlik
Posted: 2008-08-15 11:57 | [ئاپتور]
ubul

دەرىجىسى : ئەتىۋارلىق ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 821
شۆھرىتى: 821 نومۇر
پۇلى: 30 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


ياخشىكەن ساقلاپ قۇياي .
awazlik
Posted: 2008-08-30 23:50 | 1 -قەۋەت
qogluk

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 22
شۆھرىتى: 23 نومۇر
پۇلى: 110 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-09-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-04

 


مەنبە كۆرۇنمەيدىيا؟!
Posted: 2008-09-23 17:31 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ماقال-تەمسىل


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071331(s) query 4, Time now is:10-23 02:54, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation