قۇلۇلە ئەپەندىنىڭ ئاۋارىچىلىقى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 قۇلۇلە ئەپەندىنىڭ ئاۋارىچىلىقى

سەھەردە تاشپاقا ماشىنىسىنى ھەيدەپ قۇلۇلىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەپتۇ. تۈنۈگۈن ئاخشام تاشپاقا بىلەن قۇلۇلە بۈگۈن كىرپىنىڭ تويىغا بېرىشنى مەسلىھەتلەشكەنىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، توي تۈگىگەندىن كېيىن كاتتا زىياپەت بېرىلىدىكەن، زىياپەتتە نۇرغۇن ئېسىل يېمەكلىكلەر بولىدۇ، ئەلۋەتتە!
تاشپاقىنىڭ قورسىقى ئاللىبۇرۇن ئېچىپ كەتكەنىكەن، ئۇ توختىماي گۈدۈك بېرىپتۇ ھەمدە جېنىنىڭ بارىچە:
- قۇلۇلە ئەپەندى، چاپسانراق بولۇڭ كېچىكىپ قالىدىغان بولدۇق! - دەپ توۋلاپتۇ.
بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن، قۇلۇلە دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ، ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن:
- تاشپاقا بۇرادەر، نېمىگە ئالدىرايسەن؟ كىيىمىمنى كىيىپ بولاي! - دەپتۇ.
تاشپاقا سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈپتۇ. بىر دەم كۈتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە تاقەتسىزلىنىپتۇ ۋە جېنىنىڭ بارىچە يەنە توۋلاپتۇ:
- قۇلۇلە ئەپەندى، سىزگە نېمە بولدى، ماڭامسىز، ماڭمامسىز؟
قۇلۇلە يەنە بېشىنى چىقىرىپ:
- يەنە بىر  دەم ساقلاپ تۇر، يۈزۈمنى يۇيۇۋالاي! - دەپتۇ.
تاشپاقا ئۇھ تارتقان ھالدا سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشكە  مەجبۇر بوپتۇ.
ھەش - پەش دېگۈچە يېرىم سائەت ئۆتۈپتۇ، قولۇلىدىن يەنىلا سادا چىقماپتۇ، تاشپاقا يەنە گۈدۈك بېرىپتۇ ۋە:
- قۇلۇلە،يەنە ئەزمىلىك قىلساڭ، مەن راستتىنلا كېتىۋېرىمەن جۇمۇ! - دەپ توۋلاپتۇ.
شۇ چاغدىلا قۇلۇلە دېرىزىدىن بېشىنى ئىتتىك چىقىرىپتۇ. ئۇ قولىدا بىر چوڭ چىش چوتكىسىنى تۇتقان ھالدا ئىنتايىن خىجىللىق بىلەن:
- يەنە بىر دەم كۈتۈپ تۇر، چىشىمنى پاكىز چوتكىلاپ بولۇپ، ئاندىن ماڭايلى، ئەتىگەندە چىشنى چوتكىلىمىسا بەك سەت بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ.
تاشپاقا تاقەتسىزلەنگەن ھالدا:
- بولىدۇ، ئۇنداقتا تېزرەك بولغىن، بولمىسا مەن راستتىنلا كېتىمەن! - دەپتۇ.
ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتۈپتۇ، قولۇلىدىن يەنىلا سادا چىقماپتۇ. تاشپاقا بۇ نۆۋەت قۇلۇلىنى ساقلىماسلىق قارارىغا كېلىپ، ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇرۇپتۇ.
قۇلۇلە ماشىنا ماتورىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئالدىراپ - سالدىراپ دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ:
- تاشپاقا بۇرادەر، كەتمىگىن! مەن چىشىمنىڭ يېرىمىنى چوتكىلاپ بولدۇم، يەنە يېرىمىنى چوتكىلاپ بولۇپلا ماڭايلى! - دەپتۇ.
تاشپاقا ھاڭ - تاڭ بولۇپ قاپتۇ. ئۇ:«چىشىنى يېرىمىدىن - يېرىمىدىن چوتكىلايدىغان ئىشمۇ بولامدۇ؟ » دەپ ئويلاپتۇ. لېكىن تاشپاقا قۇلۇلىنىڭ قالغان يېرىم چىشىنى چوتكىلاپ بولغۇچە بىر دەم ساقلاشقا مەجبۇر بوپتۇ.
بىراق ۋاقىت ئۆتۈۋېرىپتۇ، قولۇلىدىن يەنىلا سادا چىقماپتۇ. بۇ قېتىم تاشپاقا راستتىنلا ئالدىراپتۇ. ئۇ ماشىنىسىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئاچچىقلانغان ھالدا قۇلۇلىنىڭ ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ:
- قۇلۇلە ئەپەندى، چىشىڭنى چوتكىلاپ بولدۇڭمۇ، بولمىدىڭمۇ؟ ۋاقىتنىڭ ھەممىسىنى سەن ئىسراپ قىلىۋەتتىڭ! - دەپتۇ.
قۇلۇلە كۈلۈپ قويۇپ:
- ھازىرلا تۈگەيدۇ، يەنە ئەڭ ئاخىرقى 200 تال چىشىمنى چوتكىلىۋېتەي! - دەپتۇ.
تاشپاقا چۆچۈپ كېتىپتۇ ۋە:
- قۇلۇلە ئەپەندى، يەنە بىر قېتىم دېگىنە، سەن يەنە قانچە تال چىشىڭنى چوتكىلىمىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- 200 تالنى، - دەپتۇ قۇلۇلە ئەستايىدىللىق بىلەن.
تاشپاقا ئەجەبلەنگەن ھالدا:
- ئۇنداقتا سېنىڭ جەمئىي قانچە تال چىشىڭ بار؟ - دەپ سوراپتۇ.
ئېھتىمال ھايۋانلار دۇنياسىدا مېنىڭ چىشىم ئەڭ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، مېنىڭ چىشىم باشقا ھايۋانلارنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇ تىلىمنىڭ ئۈستىدە بولغاچقا، تىل چىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، - دەپتۇ قۇلۇلە.
- سېنىڭ جەمئىي قانچە تال چىشىڭ بار؟ - دەپ سوراپتۇ تاشپاقا.
قۇلۇلە:
- جەمئىي 153 قۇر، ھەر بىر قۇردا 105 تالدىن جەمئىي 14 مىڭ 175 تال چىشىم بار، شۇڭا چىشىمنى چوتكىلاش سەل تەسرەك، - دەپتۇ.
- توۋا، پەقەتلا ئويلىماپتىمەن، قۇلۇلە بۇرادەر، سېنىڭ قالتىس چىشىڭ بارىكەن ئەمەسمۇ! - دەپتۇ تاشپاقا.
- لېكىن بۇ ماڭا ناھايىتى كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ قۇلۇلە.
تاشپاقا بىلەن قۇلۇلە پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ، كىرپىنىڭ تويىغا بارىدىغان ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. شۇڭا ئۇلار زىياپەتكە ئۈلگۈرەلمەي، بولكا ئۇۋاقلىرىنى يېيىشكە مەجبۇر بوپتۇ. 
Posted: 2008-01-17 18:50 | [ئاپتور]
uyghur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 21
شۆھرىتى: 21 نومۇر
تەڭگىسى : 210 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-07

 

بەك  قىزىقارلىقكەن !
Posted: 2008-02-03 21:15 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » بالىلار ھېكايىسى

Total 0.058274(s) query 4, Time now is:03-17 17:57, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation