ئۈچ ئۆچكە بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 ئۈچ ئۆچكە

بۇرۇنقى زاماندا، بىر ئورمانلىقتا ئۈچ ئۆچكە بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ بىر مۈڭگۈزى بار ئىكەن، بىرىنىڭ ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىكەن، بىرىنىڭ ئۈچ مۈڭگۈزى بار ئىكەن.
  بىر كۈنى ئۇلار بىرلىكتە ئوتلىغىلى چىقىپتۇ. بىر مۈڭگۈزلۈك ئۆچكە ئاۋۋال ئوتلاپ بولۇپ، ئۆيگە قايتىپتۇ. ئۇ ئازراق مېڭىشىغا بىر بۆرە ئۇچراپ قاپتۇ. ئۆچكە ئۇنىڭغا:
  - مېنى قويۇۋەتكىن، مېنىڭ ئىككى مۈڭگۈزلۈك بىر ئىنىم بار، ئۇ ھېلى كېلىدۇ، ئۇنىڭ گۆشى مېنىڭكىدىن سېمىز ھەم مەززىلىك،- دەپتۇ.
  بۆرە بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بىر مۈڭگۈزلۈك ئۆچكىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، تېخىمۇ سېمىز، گۆشى تېخىمۇ مەززىلىك ئۆچكىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
  بىر دەمدىن كېيىن ئىككى مۈڭگۈزلۈك ئۆچكە كەپتۇ. ئۇ بۆرىنىڭ ئۆزىنى يېمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئۇنىڭغا ۋارقىراپتۇ:
  - مېنى يېمە، مېنىڭ ئۈچ مۈڭگۈزلۈك  بىر ئىنىم بار. ئۇ ھېلى مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ، ئۇ مەندىن سېمىز، گۆشى مەززىلىك.
  بۆرە بۇنى ئاڭلاپ، ئىككى مۈڭگۈزلۈك ئۆچكىنىمۇ ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ.
  بىر دەمدىن كېيىن ئۈچ مۈڭگۈزلۈك ئۆچكە كەپتۇ، بىراق ھېلىقى بۆرە ئۇنىڭ ئۈچ تال ئۇچلۇق مۇڭگۈزىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھالدا سەل قورقۇپتۇ. ئۆچكە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۆرىنى بىر ئۈسۈپلا گۇپ قىلىپ يەرگە يىقىتىپتۇ. بۆرە ئۈچ مۈڭگۈزلۈك ئۆچكىنىڭ كېتىۋاتقانلىقىغا كۆزىنى پارقىرىتىپ  قاراپلا قاپتۇ. ئۇ ئىچىدە: مەن بۇنداق ئاچكۆزلۈك قىلمىسام بوپتىكەن، بىرىنچى ئۆچكىنىلا يېسەم بوپتىكەن دەپ قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ.
Posted: 2008-01-17 18:49 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » بالىلار چۆچەكلىرى

Total 0.089438(s) query 3, Time now is:03-17 17:48, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation