سا بىلەن قارچىغا بالىسىنىڭ ھېكايىسى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 سا بىلەن قارچىغا بالىسىنىڭ ھېكايىسى


- بىر زامانلاردا ئىككى قارچىغا بار بولۇپ، بۇلار بىر - بىرىگە يېقىنلىقتا، مېھىرىبانلىقتا ۋە جۈپلۈكتە ئۆز زامانىسىنىڭ يەككە - يېگانىسى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇۋىسى بىر تاغنىڭ چوققىسىدا بولۇپ، ئاسمان بۈركۈتى ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ ماكانىغا يېتىپ بارالمايدىكەن.
تاغ ئەمەس ئۇ، ئۈستىدە تۇغان،
ئاسمان ئۈستىدە يەنە بىر ئاسمان.
ئۇلار ئۆز ئۇۋىسىدا خاتىرجەم ۋە خۇشال  - خۇراملىق بىلەن بىر - بىرىنىڭ دىدارىدىن كۆڭلى شاد بولۇپ ياشايدىكەن.
تاپتىڭ ئەي بۇلبۇل چىمەن سەھنىسىدە گۈل بىرلە ۋىسال،
بىل غەنىيمەت بۇ ھاياتنى خەندان ئەيلەپ بول خۇشال.
بىر نەچچە ۋاقىتتىن كېيىن ھەقتائالا ئۇلارغا پەرزەنت ئاتا قىپتۇ. ئۇلار پەرزەنتلىرىگە چەكسىز ئامراق بولغانلىقتىن بالىلىرىغا ئوزۇق تېپىش ئۈچۈن ئىككىسى بىرلىكتە تەرەپ - تەرەپتىن بالىلىرىغا غىزا تېپىپ كېلىدىكەن، ئەكەلگەن غىزاسى بىر نەچچە كۈنلا يېتىدىكەن. بىر كۈنى ئۇلار بالىسىنى يالغۇز قويۇپ، شىكار قىلىش ئۈچۈن كېتىپتۇ. لېكىن ئوۋلىغۇدەك بىر نەرسە ئۇچرىماي كېچىكىپ قاپتۇ. قارچىغا بالىسىنىڭ قورسىقى ئېچىپ ھەر تەرەپكە تەلمۈرۈپ يۈرۈپ، ئۇۋىسىدىن يىقىلىپ تاغنىڭ تۈۋىگە چۈشۈپ كېتىپ بارسا، بالىلىرىغا ئوزۇق ئىزدەپ چىقىپ تاغنىڭ قاپتىلىدا ئولتۇرغان بىر سا تاسادىپىي ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە «ئۇ تۆۋەنگە دومىلاپ كەتكەن چاشقان ئوخشايدۇ، ئەمدى يېگۈدەك بىر نەرسە تېپىپتىمەن» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنى چاڭگاللىغنىچە، ئۆز ئۇۋىسىغا ئەكېلىپ سىنچىلاپ قاراپتۇ. تۇمشۇقى ۋە ئايغىنىڭ نىشانىسىدىن ئۇنىڭ ئۆز جىنسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ كۆڭلىگە مېھىر پەيدا بوپتۇ. «مۇشۇ ئىشتىن ئاللاتائالانىڭ قۇدرىتىنى بىلگىلى بولىدۇ، - دەپ ئويلاپتۇ سا، - مېنى ئۇنىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى قىلدى، ئەگەر مەن دەل شۇ پەيتتە ھازىر بولمىغان بولسام، بۇ جانىۋار تاغ بېشىدىن يەرگە چۈشسە، تاشلار ئۇنىڭ ئەزالىرىنى پارە - پارە قىلغان، ئۇستىخانلىرى توپا بولۇپ شامالغا سورۇلغان بولاتتى. خۇدانىڭ تەقدىرى مېنى ئۇنىڭ ھايات قېلىشىغا ۋاستە قىپتۇ. دېمەك، مەنمۇ ئۇنى بالا قىلىۋېلىپ، پەرزەنتلىرىم قاتارىدا بىللە تەربىيە قىلىشم كېرەك». بۇ خىيال بىلەن سا ئۇنىڭغا مېھىر - شەپقەت قىلىپ، ئۇنى ئۆز تەربىيىسىگە ئاپتۇ ۋە ئۆز بالىلىرىغا قانداق قارىغان بولسا، ئۇنىمۇ چوڭ بولغۇچە شۇنداق پەرۋىش قىپتۇ. شۇ يوسۇندا قارچىغا بالىسى چوڭ بوپتۇ. «ھەر مەخلۇق ئۆز خۇيىنى قىلىدۇ» دېگەندەك، قارچىغا بالىسىمۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئادىتى بويىچە  چىرقىراشقا ۋە ھەرىكەتلىنىشكە باشلاپتۇ. قارچىغا  بالىسى ئۆزىنى «سانىڭ بالىسىمەن» دەپ ھېسابلايدىكەنيۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ كۆرۈنۈشى، سالاپىتى ۋە ھىممىتىنىڭ سانىڭ باشقا بالىلىرىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى سېزىپ ئەجەبلىنىدىكەن، ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ھەيران بولغان قارچىغا بالىسى ئاخىر:«مەن بۇلاردىن بولغان بولسام، نېمە ئۈچۈن كۆرۈنۈشۈم ۋە مىجەز - خۇلقۇم بۇلارغا ئوخشىمايدۇ؟ بۇلاردىن بولمىغان بولسام، نېمە ئۈچۈن بۇلار بىلەن بىر ئۇۋىدا ياشايمەن؟» دەپ ئويلاپتۇ.
بۇ ئاراغا بولۇپ قالدىم قايدىن داخىل،
بولماس كۆڭلۈم بۇ ماكانغا زادى قايىل.
ياخشى ئىدى بۇ شۈبھىدىن بىر قۇتۇلۇپ،
بولسا ئاخىر پادىشاھلىق تەختكە ۋاسىل.
بىر كۈنى سا قارچىغىدىن سوراپتۇ:
- يۈرىكىمنىڭ پارىسى، بالام، ناھايىتى مالال كۆرۈنىسەنغۇ؟ بۇنداق مالال بولۇپ قېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟ كۆڭلۈڭدە بىرەر ئارزۇيۇڭ بولسا، ماڭا دېگىن. مەن ئۇنى پەيدا قىلىشنىڭ پېيىدا بولاي، قانداق مۇراد - مەقسىتىڭ بولسا ئىزھار قىلغىن، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئامالىنى قىلاي.
- مەنمۇ ئۆزۈمدە مالاللىقنىڭ ئەسىرىنى كۆرۈۋاتىمەن، - دەپتۇ قارچىغا بالىسى، - لېكىن سەۋەبىنى  ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،بىلسەممۇ ئېيتالمايمەن.
بۇ ئەجەب گۈلنى كۆرۈڭ، مەندە ئېچىلدى بۇ زامان،
نە قىلارمەن رەڭگىنى ئىزھار ۋە بۇيىنى نىھان.
مېنىڭ مەسلىھىتىم شۇكى،ماڭا رۇخسەت بەرگىن،ئىككى - ئۈچ كۈن  ھەرىكىتىم بەرىكىتىدىن غەمنىڭ غۇبارى كۆڭلۈم سەھپىسىدىن ئېرسە ئەجەب  ئەمەس. كۆڭلۈم ئالەمنىڭ ئاجايىپ - غارايىپلىرىغا مەشغۇل بولسا،تەلەتىمنىڭ ئەينىكىدە خۇشاللىقىنىڭ سۈرىتى كۆرۈنۈشى ئېھتىمال.
سا ئۇنىڭ «كېتىمەن» دېگىنىنى ئاڭلاپ، مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپتۇ - دە، پەرياد بىلەن شۇنداق دەپتۇ:
ئەي، بالام! سەن پىراقتىن تولا سۆزلەپ بۇنچە كۆيدۈرمە مېنى،
ھەرنە قىلساڭ مەيلى، لېكىن ھېچقاچان قىلما ئۇنى.
سەن شۇنداق ئەندىشىلىك خىياللارنىمۇ ئويلىدىڭمۇ،بالام، سەپەر دېگەن سۆزنى ئىككىنچى ئاغزىڭغا ئالغۇچى بولما. سەپەر دېگەن بىر ئادەمغۇر دەريا ياكى بىر قانخور ئەجدىھا!
بۇ جاھاننىڭ سەقەرىدۇر  ھەر بىر سەپەر،
چۈنكى سەپەر سۈرىتىدە كەلدى سەقەر.
خالايىقلار تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ياكى بىرەر ئوزۇق - تۈلۈك تېپىش ئۈچۈن، ياكى بولمىسا ئۆز يۇرتىدا ياشاش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن سەپەرنى ئىختىيار قىلىدۇ. ساڭا بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھېچقايسىسى سەۋەب بولالمايدۇ. خۇداغا شۈكۈر، كۈن كەچۈرگۈدەك ئوزۇق - ئوقەت كەم ئەمەس، راھەت - پاراغەت بىلەن ياشىغۇدەك ماكانىمىز بار. مەنمۇ بالىلىرىمدىن سېنى ئارتۇق بىلىمەن، بالىلىرىممۇ سېنى چوڭ دەپ ھۆرمەتلىشىدۇ ھەم بويسۇنۇشىدۇ. بۇنچە راھەتتىن كېچىپ سەپەر مۇشەققىتىنى ئىختىيار قىلىشىڭ ئەقىلدىن يىراق ئەمەسمۇ؟ «ياخشى كۈندىن ۋاز كېچىش ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس» دېگەن گەپ بارغۇ؟
- ماڭا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىق يۈزىسىدىن بۇنداق چىرايلىق گەپ قىلىۋاتقانلىقىڭنى چۈشىنىمەن،  - دەپتۇ قارچىغا بالىسى، - ئەمما ھەر قانچە ئويلاپ باقساممۇ، بۇ ماكان ۋە بۇنداق تائام مېنىڭ ھالىمغا لايىق ئەمەس ئىكەن. مېنىڭ كۆڭلۈمدە شۇنداق ئوي - پىكىرلەر تۇغۇلدىكى، ئۇنى ئىزھار قىلىشقا سۆز تاپالمايمەن.
سا «ھەر قانداق شەيئىي ئۆز ئەسلىگە قايتىدۇ» دېگەن سۆزنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ - دە، قارچىغا بالىسىنىڭمۇ قارچىغىلىق مىجەزىنىڭ قوزغالغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئۇنى توسۇشتىن توختاپ شۇنداق دەپتۇ:
- ھەي بالام! مېنىڭ ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى قانائەت قىلىش توغرىسىدىكى گەپلەر ئىدى. سەن بولساڭ پەقەتلا ھېرىس توغرىسىدىكى گەپنى قىلىۋاتىسەن. ھېرىس مەھرۇملۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قانائەت قىلمىغان ئادەم راھەت كۆرەلمەيدۇ. سەن قانائەت نېمىتىگە شۈكۈر قىلمايۋاتىسەن ھەم پاراغەت دۆلىتىنىڭ قەدرىنى بىلمەيۋاتىسەن، ھېرىسمەن مۈشۈككە كەلگەندەك بالا - قازا ساڭىمۇ كەلمىگىيدى دەپ قورقىمەن.
- ئۇ قانداق ئىش ئىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ قارچىغا بالىسى.
- قەدىم زاماندا بىر كەمپىر بار ئىكەن، - دەپ ھېكايىسىنى باشلاپتۇ سا.
Posted: 2008-01-17 16:08 | [ئاپتور]
bilqut_A
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 19
شۆھرىتى: 21 نومۇر
تەڭگىسى : 210 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 

Posted: 2008-02-03 20:56 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » كەلىلە ۋە دېمىنە

Total 0.062837(s) query 4, Time now is:03-17 17:57, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation