كۆلچى يازمىسى:  جىگدە تۈۋىدە BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : كۆلچى يازمىسى:  جىگدە تۈۋىدە تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 891ـ كۆرۈرمىنى
kolqi

دەرىجىسى : سەركەردە


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 455
شۆھرىتى: 507 نومۇر
پۇلى: 2627 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 كۆلچى يازمىسى:  جىگدە تۈۋىدە


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-08-11)
جىگدە تۈۋىدە
‹‹ھېكايە››
ئەخمەتجان ئوسمان ــــــ كۆلچى

ـــــ توختات! ماشىناڭنى توختات!
قىزنىڭ ئاۋازى ماشىنىنىلا ئەمەس يىگىتنىڭ خىيالىنىمۇ شىپپىدە توختىتىپ قويغانىدى.
ـــــ مېنى كىمىڭگە ئوخشىتىپ قالدىڭ؟ ئۆيۈم كەينىمىزدە قالدى...
ـــــ بۆرىگە يولۇققاندەك قىلىپ كەتتىڭىزغۇ، ئۆتۈپ كەتكەن بولساق ئايلاندۇرۇپ كەلسەم بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
ـــــ مەشەدە چۈشۈپ قالىمەن. ياق، ئاۋۇ ياقتا  چۈشۈرۈپ قويۇڭ...
قىز ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىشقا تەمشەلگەن ئاشۇ دەقىقىدە ماشىنا ئەينىكىدىن ئەپكەچتە سۇ كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان بولغۇسى قېينانىسىنى كۆرۈپ قېلىپ جىددىلىشىپ قالغانىدى.
ــــ نەدە، ئۇدۇلىمىزدىكى كوچا ئېغىزىدا توختىسام بولامدۇ؟
ــــ ماقۇل، ئادەم يوقراق يەردە توختاپ بېرىڭ!.
قىزنىڭ كاللىسىغا قورقۇنچلۇق خىيال كىرىۋالدى. قېينانىسىنى كۆرۈش بىلەن تەڭ ھېلىنىڭ ياقى سۈرگەن شىرىن خىياللىرى، تاتلىق ئارزۇلىرىنىڭ ئورنىنى ئاچچىق پۇشايمان بىلەن زەھەردەك تىل ئاھانەتلەر ئىگىلىمەكتە ئىدى.
ماشىنا توختايدىغاندەك ئەمەس. ئۇدۇلدىكى كوچا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ يەنە بىر كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالغانىدى. قىز بولسا ھېلىغىچە شۇ خىيالدا، بىرلىرىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن، مەھەللىدىكى پىتنەخورلارنىڭ گەپ يورغۇلىتىشىدىن، شۇنداقلا پەيدا بولۇپ قالغان قىزىقىش سەۋەپلىك يىمىگەن مانتىغا پۇل تۆلەپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىدى.
قىز مۇنۇ ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان يىگىتنىڭ رەخت دۇكىنىغا بۈگۈن تۆت قېتىم كىرىپ چىقىپ كەتكەنىدى. قىز يىگىتنىڭ دۇكىنىغا بۇرۇنمۇ بىرقانچە قېتىم كىرگەن، لېكىن بۈگۈنكىدەك قايتا-قايتىلاپ كىرمىگەن، تېزلا كىرىپ تېزلا قايتىپ چىققانىدى. بۈگۈن ئۇنىڭغا جىن چاپلاشقاندەك دۇكان ئەتراپىدىن ئەگىپ كېتەلمىدى. دۇكانغا ھەر قېتىم كىرگىنىدە ئۇ كۆرۈپ قويغان رەخت ئازلاپ كېتىۋاتاتتى.
قىز ناھىيە بازىرىنى بىرقانچە قېتىم ئارىلىغان بولسىمۇ مۇشۇ دۇكاندىن باشقا دۇكانلاردا ئۇ خىلدىكى رەختنى تاپالمىغاچقا دۇكانغا بەشىنچى قېتىم كىرىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ ئۇدۇل ھېلىقى رەختنىڭ ئالدىغا كېلىپ شۇنداق قاراپلا كەينىگە ياندى. قىز ھەر يەكشەنبە كۈنى مۇشۇ دۇكانغا كىرىپ رەختكە قارايتتى. يانچۇقىنى تۇتاتتى. رەختنىڭ باھاسى بىلەن يانچۇقىدىكى پۇلنىڭ ئارىلىقى تولىمۇ يىراق بولغاچقا، لېۋىنى چىشلىگىنىچە كەينىگە ياناتتى.
ـــــ قايسى رەخىتكە  كۆزىڭىز چۈشىۋاتىدۇ؟
ـــــ ياق، مەن مۇنداقلا كىرىپ...
سودىگەر دۇكاننى تاقىغاچ قىزدىن سورىدى.
ـــــ سىز قايسى مەھەللىدىن؟
ـــــ تۈگمەنبېشىدىن.
ـــــ مەن دۆڭ مەھەللىدىن. يۈرۈڭ، ماشىنامغا سېلىۋالاي.
قىز دۇكاننىڭ يېنىدا توختۇتۇقلۇق پىكاپقا قاراپ ۋىللىدە قىزاردى. قىز ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرغان سودىگەرگە ‹‹رەھمەت›› دىگەندەك بىرخىل نەزەردە قاراپ، كەينىگە بۇرۇلىشىغا سودىگەر ئۇنى چاقىردى.
ـــــ بۇ ياققا كىلىڭ، ئەلدىن ئەلگە نەپ، يولىمىز بىرئىكەن، پىيادە ماڭغۇچە چىقىۋېلىڭ...
قىز ھارىۋىغا، تېرەكتۇرغا، تۆت توننىلىق ماشىنىنىڭ كۇزۇپىغا ئولتۇرۇپ باققان بولسىمۇ ھېلىغىچە بۇنداق كاتتا ماشىنىغا چىقىپ باقمىغان ئىدى.
قىز خىجىللىق، ئىككىلىنىش، ۋە يەنە بىرخىل قىزىقىش ئىلكىدە ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردى. ماشىنا تېرەكتۇردەك قوپال ئەمەس ئىدى. يۈك ماشىنىلىرىغا ئوخشاش سىلكىنمەيتتى. قىز سىرتقا قاراپ ئولتۇرۇپ مېڭىۋاتقىنى ماشىنىمۇ ياكى يول بويىدىكى دەل-دەرەخلەرمۇ پەرىق قىلالمايۋاتاتتى. قىز ماشىنا ئىچىدىكى يۇمشاق ئورۇندۇقتا-ئۆيىدە، ياق ئۆيىدىكى قېلىن كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ئولتۇراتتى. دەل-دەرەخلەر قىزنىڭ كەينىگە قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. ماشىنا ئىچىدىن قىز ئاڭلاپ باقمىغان، يۈرەكنىڭ تارىنى چېكىپ، كۆڭۈلنى لەرزىگە سالىدىغان يىنىك مۇزىكا ياڭرايتتى.
ـــــ ئىسمىڭىزنى  سورىۋالسام بولامدۇ؟
ـــــ ئىسمىم ئالىيە، سىزنىڭچۇ؟
ـــــ مۇستاپا...
قىز خىيال سۈرمەكتە ئىدى. ئەنە، قىز قىپقىزىل توي كىيىمىنى كىيىپ ئېرىنىڭ بىلىكىگە ئېسىلقپ بەخىت مەنزىلىگە قاراپ كېتىپ بارىدۇ. يېپيېڭى ئۆي، يېپيېڭى يوتقان-كۆرپە، يېپيېڭى قازان-چۆمۈچ....
قىز ئىشلىمەكتە، ئېرى كەتمەن چاپماقتا، ھويلىسىدا قوزىلار، ئوغلاقلار، توخۇ-كەپتەرلەر قىيغىتىپ ئوينىماقتا...
قىز كالىسىنى سېغىپ سۈتىنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزدى، توختاملىشىپ قويغانلارنىڭ نېسىۋىسىنى ئايرىپ قويۇپ قالغىنىنى قاينىتىپ قېتىق سالدى.  قېتىق پۇل، تۇخۇم پۇل، توخۇ پۇل، كەپتەر پۇل، باچكا پۇل....
ئېتىزدا ياپ-يېشىل كۆكتات، بۇغداي، قوناق، ئاۋۇ تەرەپتىكى كېۋەزلىرىمۇ ئوخشىدى....
ئەنە، ئەر-ئايال ئىككىسى جاپانىڭ راھىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ماشىنا سېتىۋالماقچى. ماشىنا سېتىۋالسا يول قىسقىرايدۇ. يول قىسقىرىسا ھويلىدىكىنى، ئۆگزىدىكىنى، ئېتىزدىكىنى، باغدىكىنى، تاغدىكىنى يىراق يېقىنغا ئاپپىرىپ ساتقىلى، تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ...
قىز ئېرىنىڭ بىلىكىگە ئېسىلغىنىچە ماشىنا بازىرىنى ئارىلىماقتا، ئەنە، قىزنىڭ مەھەللىسىدە ناگان-ناگاندا ئۆزىنى كۆرسۈتۈپ قويىدىغان، رەڭگا-رەڭ ئەتىۋارلىق ماشىنىلار خېرىدارنى كۈتۈپ تۇرۇشۇپتۇ...
قىز ئولتۇرغان ماشىنا يېزا يولىنى بىر ئايلىنىپ ناھىيە بازىرىغا قاراپ بۇرۇلدى. قىز بىئاراملىق ئىلكىدە ئەتراپقا قارايتتى. قىزنىڭ كۆزلىرى ماشىنىدىن غىپپىدە چۈشىۋېلىش ئۈچۈن خالىراق، ئادەم يوقراق يەرنى ئىزدەيتتى. ‹‹قورققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ›› دېگەندەك يولدا ئۇياندىن-بۇيانغا ئۆتۈشۈپ تۇرغان كىشىلەر كۆپ ئىدى.  ھارۋىلىقلا، پىيادىلىكلەر، ۋېلىسپىت-موتسىكلىت مىنىۋالغانلار، ئالىتاغىل ناخشا توۋلاپ، مايماق دەسسەپ كېتىۋاتقان مەستلەر ھېلىدىن ھېلىغا ئۇچراپ تۇراتتى.
‹‹قانداق قىلارمەن؟ ماشىندىن چۈشكىنىمنى بىرەرسى كۆرۈپ قالسا نېمە دەپ ئويلاپ قالار؟، ئۇ كىم، سېنىڭ نىمەڭ؟ دەپ سوراپ قالسا قانداق چۈشەندۈرەرمەن؟ خەق چوقۇم سۆز-چۆچەك قىلىدۇ. خەپ، ئەمدى قانداق قىلارمەن؟...››
قىز خىيال سۈرمەكتە، ماشىنا ئەينىكىدىن سىرتقا قارىغىنىچە يولدىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ بىردەملىككە بولسىمۇ قارىغۇ بولۇپ قېلىشىنى تىلىمەكتە، ماشىنا تېز سۈرئەتتە ئالدىغا قاراپ ماڭماقتا. مۇزىكا يېڭىلانماقتا، قىزنىڭ قورقۇنچىسى ھەسسىلەپ ئاشماقتا...
‹‹ خەپ، نىمىشقا چىققاندىمەن. يىمىگەن مانتىغا پۇل تۆلەپ يۈرەرمەنمۇ ئەمدى؟ ئىككى پۇتۇمغا تايىنىپ مېڭىپ كەتمەي نىمىشقىمۇ مۇنۇ قوتو ماشىنىغا چىقىپ بېقىشنى ئويلاپ قالغاندىمەن...››
ماشىنا ناھىيە بازىرىدىن كېسىپ ئۆتۈپ بازارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى جىگدىلىككە كېلىپ توختىدى.
ـــــ مۇشۇ يەردە بىردەم ئولتۇرايلى. ـــــ دىدى يىگىت ماشىنا ئىچىدە روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك خىيالى ئولتۇرغان قىزنىڭ كۆزىگە قاراپ. ـــــ قېنى چۈشۈڭ، بەش-ئون مىنۇت ئولتۇرۇپ ئاندىن قايتايلى، ئۇنىڭغۇچە ئۆتكەن-كەچكەنلەرمۇ ئازلاپ قالار.
ـــــ ياق مەن چۈشمەيمەن، خەق كۆرۈپ قالىدۇ.
ـــــ ئاۋۇ  جىگدىلىككە كىرىپ كەتسەك ھىچكىم كۆرمەيدۇ. بۇ يەردە ئىككىمىزدىن باشقا ھىچكىم يوق. بىرەرسى ئىزدەپ كەلگەن تەقدىردىمۇ تاپالمايدۇ...
ـــــ ئادەم كۆرمەيدىغان يەرگە تېخىمۇ كىرمەيمەن. كىرگۈڭىز بولسا ئۆزىڭىز كىرىپ چىقىڭ!. مەن ماشىنىڭىزدا ئولتۇرۇپ  تۇراي.
ـــــ نىمانداق قىلىدىغانسىز، سىزنى ئايىغاننىڭ نەرى يامان؟ بىردەم ھال-مۇڭ بولساق، كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى دىيىشكەنگە تىلىڭىز ئۇپراپ كېتەمدۇ-يا؟
ـــــ يامان بولىدۇ. يامان بولىدىغان تەرەپلىرىنى بىلمىدىڭىزمۇ؟  ماشىنىڭىزغا ئولتۇرۇپ قويغانلىقىمنىڭ دەردىنى تارتىپ بولالمايۋاتسام، يەنە نىمە قىلماقچى ئىدىڭىز؟ گېپىڭىز بولسا مۇشۇ يەردە دەۋېرىڭ، مېنىڭ ئۇ جىگدىلىككە كىرگۈم يوق.
ـــــ ئىچىگە كىرمەيمىز. ئاۋۇ  جىگدە تۈۋىدە ئولتۇرۇپ بىردەم بىردەم پاراڭلىشايلى. يول ئۈستىدە تۇرۋالساق... قاراڭ، ئاۋۇ  تەرەپتىن بىر ماشىنا ئادەم كېلىۋاتىدۇ.
قىز بىرلىرىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قېلىشتىن قورقتىمۇ قانداق، ماشىنىدىن چۈشۈپ يىگىتنىڭ ئالدىدا جىگدىلىككە قاراپ يۈگۈردى.
ــــــ بۇ ياققىراق كەلسىڭىزچۇ؟ ــ دېدى يىگىت ماشىنىسىدىن ئېلىۋالغان ئەدىيالنىڭ بۇرجىكىگە قۇشقاچتەك قونىۋالغان قىزنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ.
ــــ مىنى قويۇۋېتىڭ. يات ئەرلەر يات قىزلارنى تۇتسا نامەھرەم بولىدۇ.
ــــ كىم بىزنى يات ئادەم دەيدۇ؟ ھەر يەكشەنبە سىزنى ئويلاپ ئولتۇرسام خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋېلىپ مېنى كۆرۈۋالسۇن دېگەندەك، ئىشقىڭىزدا كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىۋاتقان باغرىمغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندەك دۇكىنىمغا كىرىسىز. بىراق دىۋانىگە سەدىقە بەرگەندەك قانداق تېزلىكتە كىرگەن بولسىڭىز يەنە شۇنداق تېزلىكتە چىقىپ كېتىسىز. مەن سىزگە كۆيۈپ قالدىم. ئوڭۇمدىمۇ، چۈشۈمدىمۇ سىزنى ئويلايمەن. ھەر قېتىم دۇكىنىمغا كىرگىنىڭىزدە ئۇزاقراق تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىزگە گەپ قىلىشنى، يېقىنچىلىق قىلىشنى ئويلىساممۇ خېرىدارلارنىڭ ئالدىدا چىشىمنى چىشلەشكە مەجبۇر بولىمەن. بۈگۈن پۇرسەت كەپتۇ. مانا بۇ تەغدىر، مانا بۇ تەڭرىنىڭ بۇيرۇقى. بۈىلەمسىز، شۇ تاپتا مەن تەقدىرىمنىڭ سىزنى كىچىكتۇرۇپ ئۇچراشتۇرغىنىغا ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن.
ــــــ مىنى مۇشۇ گەپلەرنى دىيىش ئۈچۈن ماشىنىغا چىقارغانمۇ؟ مۇشۇنداق گەپلەرگە گۆل بولىدۇ دەپ ئويلىغان بولسىڭىز خاتالىشىپسىز. مىنىڭ يىگىتىم بار. يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن توي قىلىمىز. بايا كاللام قىزىپ ماشىنىڭىزغا چىقىپ ساپتىمەن. بۇ مېنىڭ باشقىچە نىيەتتە بولغانلىقىمدىن ئەمەس، يولدا قېينانامنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم. ماشىنىڭىزغا چىقىشتىن بۇرۇن مەھەللىگە بارغاندا قانداق چۈشەرمەن دېگەننى ئويلىمىغاننىڭ جاجىسىنى يىدىم. مانا ھازىر ماشىنىڭىزغا چىققىنىمغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن. مەھەللىدىكىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن، بۇ ئىشلارنىڭ يىگىتىمنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ماشىنىڭىزدىن چۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىمنى كۆرۈپ ‹‹بۇ بىر ئەخمەق قىزئىكەن، نېمە دىسەم ماقۇل دەيدىغان چېغى›› دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ؟ خاتالىشىپسىز، مەن سىز ئويلىغاندەك قىزلاردىن ئەمەس.
ـــــ توي قىلغانلارمۇ ئاجرىشىپ كېتىدىغۇ، چاي ئىچكۈزگەنگە نېمە بوپتۇ. مەن سىزنى ئالاي، بىز توي قىلايلى. ئەتىلا ئۆيىڭىزگە ئەلچى كىرگۈزەي...
ـــــ بۇنداق قىلماڭ. مېنى قويۇۋېتىڭ. خۇدا يولىدا مېنى قويۇپ بېرىڭ...
ـــــ بىر قېتىم، مۇشۇ بىرقېتىملا سۆيىۋالاي. پىشانىڭىزغا بولسىمۇ سۆيىۋالاي... ماقۇل دەڭ! بىز توي قىلايلى، مەن ۋەدەمدە تۇرىمەن، سىزنى ئالدىمايمەن، مۇشۇ بىرلا قېتىم... 
ــــ ياق، ئۇنداق قىلماڭ. مېنى قويۇۋېتىڭ. ھېلى بىكار ۋاقىرايمەن. نىمە كۆرسەم مەيلى، مەن ۋاقىرايمەن....
يىگىت قىزنىڭ چىرايىغا قارىدى. ئەلەمدىن قىزنىڭ توغاچتەك مەڭزى قارىداپ كەتكەن، ئالوچىدەك لېۋى نىلدەك كۆكىرىپ كەتكەن، كىيىكنىڭ كۆزىدەك شەھلا كۆزلىرى بولسا ئۆلۈكنىڭ كۆزىدەك قورقۇنۇچلۇق پارقىرايتتى.
ـــــ نىمىشقا رەت قىلىسىز، ماڭا ئىشەنمەيۋاتامسىز ياكى ماڭا پەقەتلا مەيلىڭىز يوقمۇ؟
ـــــ مەن دىگەن بېشى باغلانغان قىز. ئەتە ئىرىمگە نىمە دەيمەن؟ ئۇنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟ يەڭگەمگە، ئاپامغا نىمە دەپ چۈشەندۈرىمەن؟
يىگىت قىزنىڭ كۆزىگە قارىدى. قىزنىڭ چېھرىدىكى گۈزەللىك ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتقاندەك، قىزنىڭ كۆز قارچۇقىدا قەتئىيلىك، قورقۇنۇچ، يەنە ئاللا قانداق ئالامەتلەر ئۇچقۇنداۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئەتراپ جىمجىت. قۇياش قاپقارا تاغ بىلەن ئورالغان بۇ زېمىنغا قىزىق ھارارىتىنى سەپمەكتە. جىگدە دەرىخىنىڭ بوز رەڭ ياپراقلىرى شامال چىللاۋاتقاندەك يىنىك تەۋرەنمەكتە ئىدى.
يىگىت قىزىق ھارارەتتىن بولكىدەك كۆپۈپ چىققان، ئاپئاق شور ئۆرلەپ كەتكەن تۇپراققا ئۇۋا سالغان چۈمۈلىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپ قىزدىن سورىدى.
ــــ راستىنلا ماڭا تەگمەمسىز؟ ماڭا ئازراقمۇ مەيلىڭىز يوق ئادەم نېمىشقا ئۇنداق قىلىسىز؟ خەقنىڭ چېيىنى ئىچكەن، خەق بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان ئادەم نېمىشقا ھەر يەكشەنبە كۈنى دۇكىنىم ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرۈيسىز؟ نىمىشقا مەندىن يىراق تۇرمايسىز؟ ھەر يەكشەنبە كۈنى دۇكىنىمغا كىرىپ كۆڭلەمگە سايە تاشلاشتىكى مەخسىتىڭىز نىمە؟
ــــ مەن دۇكىنىڭىزدىكى ھېلىقى ئەتلەسنى ياقتۇرۇپ قالغانىدىم. بىر ئاغينەم شۇ رەختتىن كۆينەك كىيىپتىكەن، مېنىڭمۇ كىيگۈم كەلگەنىدى. شۇڭا، ھەر يەكشەنبە دۇكىنىڭىزغا ‹‹شۇ ئەتلەس يەنە بارمىدۇ، ھازىر قانچە پۇلدىن سېتىلىۋاتقاندۇ، تۈگەپ كەتكەنمىدۇ›› دەپ كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن باراتتىم. خەقنىڭ تالىشىپ ئېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ ‹‹تۈگەپ كېتەرمۇ، تۈگەپ كەتسە يەنە كېلەرمۇ؟›› دەپ غەم قىلىپ قايتىپ چىقاتتىم. سېتۋالاي دىسەم پۇلۇم كەملەيتتى. ئۆيدىن ئالاي دىسەم ئاتام دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقاچقا پۇل سوراشقا تىلىم بارمىدى.
ـــــ ھېلىقى يىگىتىڭىزدىن سورىسىڭىز بولمامدۇ؟ ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆزى ئالماقچى بولغان قىزغا بىر كىيىملىك رەختنى ئېلىپ بېرەلمەيدىغانلاردىن ئەمەس بولغىيدى؟
ـــــ تېخى توي قىلماي تۇرۇپ ئۇنىڭ نەرسىسىنى ئالسام قانداق بولىدۇ؟ دېمىدىم. تۆنۈگۈن ئاتام ياتاقتىن چىققانىدى. بۈگۈن شۇ رەخىت بولسا كېلەركى يەكشەنبە كۈنى ئاتامدىن پۇل سوراي دەپ ئويلاپ دۇكىنىڭىزغا كىرگەن...
ــــ ماڭا كۆڭۈل بەرسىڭىز ئاشۇ دۇكاندىكى ھەممە نەرسە سىزنىڭ بولىدۇ. ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا دۇكاننىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىسىز. ماقۇلمۇ؟ بىرلا ئېغىز گەپ قىلسىڭىزلا بولدى. ماقۇل دەڭ!
ــــ مېنىڭ خوجايىن بولغۇم يوق. ئاشۇ ئەتلەستىن كۆينەك كىيگۈم بار.
يىگىت يانچۇقىدىن چىرايلىق نەقىشلەنگەن موخوركا قۇتىسىنى چىقىرىپ بىر تال موخوركا ئورىدى. قولىدىكى موخوركىنى تۇتاشتۇرۇپ كۈچەپ ئىككى شورىۋالغاندىن كېيىن يېنىدىكى جىگدە دەرىخىنىڭ غولىغا تىركەپ ئۆچۈردى.
ــــــ مەن تېخى ‹‹ئۇمۇ ماڭا كۆيىدۇ ›› دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىكەنمەن. سىزنىڭ مېنىڭ ئەمەس بەلكى دۇكىنىمدىكى ئەتلەسنىڭ كويىدا يۈرگەنلىكىڭىزنى بىلگەن بولسام ئۈزەمنى قىيناپ، كېچە كۈندۈزلەپ سىزنى خىيال قىلىپ  يۈرمەسكەنمەن...
ــــــ ھېلىمۇ ئۇنتۇپ كىتىڭ. بۈگۈنكى بۇ ئىشلار كۆرۈپ بولۇپلا ئەتىسى ئەسلىيەلمەيدىغان چۈشكە ھېساپ بولسۇن.
ـــــ ياق، مەن ئەمدى سىزنى ئۇنتۇيالمايمەن. ئەمدى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغان بولدۇم. چۈنكى، سىز مېنى ئارماندا قويدىڭىز. تۇيغۇمنى ئالدىدىڭىز. ئەمما، مەن سىزنى كۆرگۈنۈم،  سىزنى سۆيگىنىم ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆكۈنمەيمەن. ھازىر مەن ئىنتايىن خوشال. چۈنكى، سىزنىڭ پاكلىقىڭىز، تېخى توي قىلمىغان يىگىتىڭىزگە بولغان ساداقىتىڭىز مېنى قايىل قىلدى.
مەن ئىرادىڭىز، ساداقىتىڭىز، مۇھەببىتىڭىزگە بولغان ئىخلاسىڭىز ئالدىدا ئاجىز كەلدىم...
يىگىت ئۆزى ئۇچراتقان نۇرغۇن قىزلارنى ئەسلىدى. ئۇلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇ قىزلار، ئاشۇ تەنلەر ئۇنىڭ قەلبىنى بۈگۈنكىدەك لەرزىگە سالالمىغان ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشنى، ئۇنىڭ دۇكىنىغا يېڭى كەلتۈرۈلگەن رەختلەرگە، ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلغا ئېرىشىشنى ئويلايتتى. يۈرىكىدە پۇل، مەنپەئەت، ئابرۇي، ھەشەمەتتىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالغان، خالىغان چاغدا، خالىغان يېرىگە بېرىپ ئۇنى رازى قىلىشقا تەييار  ئىدى.
بىراق بۇ قىزچۇ؟ كۆز ئالدىدا يەرگە قاراپ ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ قىزلىق ئىپپەت-نۇمۇسىنى ساقلىيالىغىنى ئۈچۈن بېشىنى تىككىدە تۇتۇپ ئولتۇرغان مۇنۇ قىزچۇ؟
ئۇنىڭغا ئۆزىگە نايناقلاۋاتقان، قاش-كۆزىنى ئوينىتىپ ئەركىلەۋاتقان، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى چىمداپ قوياۋاتقان ئاياللارنىڭ مەقسىتى ئېنىق ئىدى.
ئۇ ئۆزى بىلەن ھېلىقىدەك مۇناسىۋەتتە بولۇشۇپ يۈرگەن قىز-چوكانلارنى، ئەخلاق، ئىپپەت-نۇمۇس كىرزىسى ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشاۋاتقان مۇنۇ قىزغا سېلىشتۇرۇۋىدى، يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى.
ھەئە، شۇ تاپتا ئۇ قىزغا تاڭماقچى بولغان شەھۋانى ھىسياتىدىن نۇمۇس قىلماقتا ئىدى.
قىز ماشىنىغا چىققان چاغدا ئۇ قىزنى كاۋاپچىنىڭ ئالدىغا تاشلانغان بىر پارچە لوخ گۆش دەپ ئويلىغانىدى. بۇ گۆشنى قانداق يىيىشنى، ئالقىنىغا چۈشكەن قىزنى نەگە ئاپپىرىشنى، ئۇنىڭدىن قانداق ھوزۇرلىنىشنى ئويلاۋاتقاندا، قىز ئۇنىڭغا قاراپ قاتتىق ۋاقىرىغان ئىدى. ئۇ ماشىنىنى توختاتقاندا قىز ماشىنىدىن چۈشمىدى. بۇ چاغدا ئۇ قىزنى ‹‹نازلىنىۋاتىدۇ›› دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. كېيىن، قىزنىڭ يولغا قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى، چىرايىنىڭ گاھ قارىداپ، گاھ كۆكىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قىزنى ‹‹ تۇنجى قېتىملىقى بولسا قورقۇۋاتقان چېغى ››دەپ ئويلىغان ئىدى. مانا ئەمدى بولسا ئۇ تېخى بىر سائەت ئىلگىرى سۈرگەن ئەخمىقانە خىياللىرىدىن خىجىللىق ھېس قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىر كىيىملىك ئەتلەسكە قۇربى يەتمەيۋاتقان قىزنىڭ ئالدىدىكى ئاجىزلىقىنى ئېتراپ قىلغۇسى كەلمەيۋاتاتتى.
‹‹ پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا ›› دىگىنى قۇرۇپ كەتسۇن! جاھاندا مەندەك بىر باينىڭ قولى يەتمەيدىغان شاپتۇلمۇ بولىدىكەن دېسە؟
يىگىت موخوركىدىن يەنە بىرنى ئورىدى. تاماكا ئاچچىق ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى بىلمەيتتى. قاچانلاردىن باشلاپ موخوركا چېكىۋاتقانلىقىنى، نىمىشقا بۇنچە ئاچچىق ئىسنى بولۇشىچە شورايدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى. بەلكىم، تاماكا دىگەن مۇشۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا چېكىدىغان نەرسىدۇ.
ــــــ ئەمدى قايتايلى، ــــ دىدى قىز يىگىتنىڭ قولىدىكى تاماكىنى تارتىۋېلىپ، ــــ تېخى ھېلىلا چەكتىڭىز، پۇلىڭىز ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ جېنىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن...
قىزنىڭ كۆيۈنۈش تەلپپۇزدا دىگەن بۇ گېپى  ئۇنىڭ قۇلىقىغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى. شۇ تاپتا قىز ئۇنى قىيناۋاتقاندەك، ئۇنىڭ ئېچىشقان يېرىگە تۇز سېپىۋاتقاندەك، يۈرەك يارىسىنى تاتىلاۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى.
ـــــ مىنى ئىگىز ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋەتكەن تۇرۇقلۇق، نىمىشقا كۆيۈنگەن قىياپەتكە كىرۋالىسىز؟ ماڭا كۆڭلىڭىزنى بەرمىگەندىكىن، مىنىڭ نىمە قىلىشىم بىلەنمۇ چاتىقىڭىز بولمىسۇن. مىنىڭ تاماكا چەككۈم كەلدى. مەن تاماكا چېكىمەن...
يىگىت قىزنىڭ قولىدىكى موخوركىنى قوپاللىق بىلەن يۇلۇپ ئېلىپ تۇتاشتۇردى. تاماكا ئاچچىق ئىدى. تاماكا ئىسىدا قىزنى يۆتەل تۇتتى، كېيىن يىگىتمۇ قېقىلىپ يۆتىلىپ كەتتى.
يىگىتنىڭ كۆز جىيىكىدىن سىرغىپ چىققان بىر تامچە ياشتا يەنە بىر دۇنيا زاھىر بولماقتا ئىدى.
ـــــ ئەكىلىڭ، مەن تۇتاشتۇرۇپ بېرەي.
ئۇنىڭ بېقىندا ياتقان قىز، ئۇنىڭ لېۋىدىكى تاماكىنى ئېلىپ لېۋىگە قىستۇرۇپ ئوت ياقتى.
ـــــ مەن سىزگە ئاشىق. ــــ دەيتتى چوكان ئۇنىڭغا رومكىدىكى ھاراقنى تەڭلەپ، ــــ قېنى، كۆتۈرۋېتەيلى، بەختىمىز ئۈچۈن، خوشاللىقىمىز ئۈچۈن ئىچەيلى...
ـــــ ئېرىم  سۈرۈشتۈرۈپ قالسا‹‹ نىسىگە ئالغان ›› دەپ پۇلىنى ئېلىۋېرىڭ، ــــ دەيتتى ئۇنىڭ قوينىدا ياتقان يەنە بىر ئايال.
ـــــ ئېرىم بەكلا كۈنلەمچى. ئۆزۈم يالغۇز كوچىغا چىقىپ بىرەر نەرسە سېتىۋالسام كۆزلىرى پولتىيىپ كېتىدۇ...
ئۇ قىزغا قارىدى. قىزنىڭ شەھلا كۆزلىرىدىن سەمىمىلىك بالقىپ تۇراتتى. قاپ-قارا تىنىق كۆزلەردىن ھاكاۋۇرلۇق، مۇغەمبەرلىك، ساختىلىق ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولمايتتى. بۇ چىراي، بۇ كۆزلەر قارىغان كىشىگە بىرخىل ئىللىقلىق ۋە پاكلىق ئاتا قىلاتتى. 
ــــــ كېلەركى يەكشەنبە دۇكانغا بېرىپ خالىغان رەختىڭىزنى بىر كىيىملىك ئېلىۋېلىڭ، ــــ دىدى يىگىت بىردەمدىلا قاپىقىنى تۈرۈۋالغان ھاۋاغا قاراپ. نەلەردىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن قارلىغاچلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا يەر بېغىرلاپ ئۇچۇشقا باشلىدى. 
ــــــ رەھمەت، ماڭا ئۇ رەختىن بىر كىيىملىك ئېلىپ قويسىڭىزلا بولدى. كېلەر يەكشەنبە كۈنى ئاتامنى باشلاپ بېرىپ سېتىۋالىمەن...
يىگىت ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ قىزنى چىقارغاندىن كېيىن، ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى. سىرتتا سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. قارلىغاچلا ماشىنا بىلەن بەسلىشىۋاتقاندەك پەس ئۇچۇشۇپ ۋىچىرلايتتى. ئۈن ئالغۇدىن يۈرەكنىڭ تارىنى چېكىدىغان مۇزىكا ياڭرايتتى. يىگىت بىلەن قىز يۈرىكىنى تىڭشىماقتا، ئىچكى دۇنياسىدىن بالقىپ چىقىۋاتقان ئاۋازغا قۇلاق سالغاچ جىممىدە ئولتۇرۇپ تاتلىق خىياللىرىنى سۈرمەكتە ئىدى...
       
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش خاتىرىسى :
  • شۆھرىتى:+10(بىلقۇت) ئىجادىي ئەسە ..
  • شۆھرىتى:+10(Bilqut_L) نادىر ئەسەر!!!
  • awazlik
    سەن زادى كىم؟
    Posted: 2008-07-17 04:50 | [ئاپتور]
    riwayat0998

    دەرىجىسى : مىڭ بېشى


    نادىر يازمىلار : 2
    يوللىغان تېما : 332
    شۆھرىتى: 347 نومۇر
    پۇلى: 740 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-04
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

     


    ياخشى ھىكايە ئىكەن . قىزنىڭ ئۆزىنى قوغداش ، ئىززەت - ئابىرويىنى ، نۇمۇسىنى ساقلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۆزىنى باي بىر يىگىت كە تۇتقۇزمىغانلىقىغا ئاپىرىن . ھازىرقى جەمىئىتىمىزدە بۇنداق ۋىجدانلىق قىزلار ئاز . پۇلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ تىنەپ قالغان ناتىۋانلار كۆپۈيۈپ كەتتى . قىزلار سالاھىتىڭلارنى ئۇنتىماڭلار! مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يىتۈلدۈرۈڭلار !
    بىلمىگەننى سوراپ بىل
    Posted: 2008-07-17 10:45 | 1 -قەۋەت
    tarim_boy

    دەرىجىسى : مىڭ بېشى


    نادىر يازمىلار : 5
    يوللىغان تېما : 423
    شۆھرىتى: 459 نومۇر
    پۇلى: 997 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-16
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-19

     


    پاھ ناھايىتىمۇ ياخشى يېزىپسىز  سىزنىڭ تالانتىڭىز باركەن جۇممۇ؟!!!!
    كۆكلە تارىم
    Posted: 2008-07-17 11:18 | 2 -قەۋەت
    UyMuglaN

    دەرىجىسى : باش ۋەزىر


    نادىر يازمىلار : 52
    يوللىغان تېما : 4312
    شۆھرىتى: 4410 نومۇر
    پۇلى: 7713 RMB
    تۆھپە: 50 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

     


    كۆلچى ئەپەندىم سىزنىڭ يېزىقچىلىق تالانتىڭىز يۇقرىكەن جۇمۇ؟!!!!
    بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
    Posted: 2008-07-17 11:41 | 3 -قەۋەت
    bilqut_A

    دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


    نادىر يازمىلار : 8
    يوللىغان تېما : 9328
    شۆھرىتى: 2344 نومۇر
    پۇلى: 23155 RMB
    تۆھپە: 12 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

     


    رەھمەت سىزگە ! ناھايتى ياخشى ئەسەر ئىكەن .
    داۋاملىق يوللاپ تۇرشىڭىزنى قارشى ئالمىز !
    Posted: 2008-07-17 14:13 | 4 -قەۋەت
    abdusalam888

    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 1
    شۆھرىتى: 2 نومۇر
    پۇلى: 5 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-07-19

     


    ياخشى ئەسەر كەن.
    Posted: 2008-07-19 21:34 | 5 -قەۋەت
    burkut2005

    دەرىجىسى : مىڭ بېشى


    نادىر يازمىلار : 3
    يوللىغان تېما : 275
    شۆھرىتى: 289 نومۇر
    پۇلى: 39 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-04-03
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

     


    نىمە دىگەن ياخشى جەمىئىتىمىز دىكى بەزى بىرقىسىم كىشىلەرنڭ ۋە ئاياللارنڭ ئىدىيسى ناھايتى ياخشى ئېچىپ بېرىلىپ تۇ.
    awazlik
    ئۆگەت ۋە ئۆگەن
    Posted: 2008-07-25 18:08 | 6 -قەۋەت
    sakrauli

    دەرىجىسى : يۈز بېشى


    نادىر يازمىلار : 1
    يوللىغان تېما : 106
    شۆھرىتى: 139 نومۇر
    پۇلى: 575 RMB
    تۆھپە: 20 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-04-04
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-13

     


    ئۇ ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرماقچى.
    Posted: 2008-07-27 15:34 | 7 -قەۋەت
    يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
    BilqutBBS » ھېكايىلەر
    

    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
    كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

    ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

       
    Total 0.075344(s) query 4, Time now is:10-23 02:50, Gzip disabled


    Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation